قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kademeorman

13-ئەسىردە ئامىرىكىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 18:11:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-8 18:19  

بۇ گەرچە ئىشەنچىسز تارىختەك قىلىسمۇ لىكىن يەنە مۇنداق بىر ماقالىنى ئۇقۇپ قالغان ئىدىم .بۇنىڭدا ئىنسانىيەت تىل تەرەققىياتىنىڭ بېشىنى مۇلۇقلار،مايالار ۋە ئۇيغۇرلار دەپ ئالغان ئىكەن.تۆۋەندە بۇنىڭدىن بىرقانچە ئۆرنەك كۆرسىتەي  كۈرۈپ بېقىڭلار:
مانا شۇ « مۇ قۇرۇقلۇقى» غا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتى ئۈچۈن 50 نەچچە يىللىق ھاياتىنى سەرپ قىلىپ پۇلاتتەك دېلىللارنى توپلىغان ئىنگىلىز تارىخشۇناسى،ئارخېئولوگ جەيمز چېچۋورد (JamesChurchward)نىڭ «مۇ قۇرۇغلۇقى» ناملىق كىتاۋىدا ، ئىنسانىيەت تەخمىنەن بۇنىڭدىن 200 مىڭ يىلبۇرۇن« مۇ قۇرۇغلۇقى » دا پەيدا بولغانلىغى سۆزلىنىدۇ. ئاپتور  بۇكىتاۋىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇستەھكەم ئاساسلارنى سالغان  يادرولۇق مىللەت ئىكەنلىگىنى، دېمەك پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى دەل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ، ئۇيغۇرلار «بۇيۇك ئۇيغۇرئىمپېرىيىسى» نى قۇرۇپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىگىنى ۋە ئىلىم – پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىگىنى ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ  ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تېرىتۇرىيىسى ، قۇدرىتى ، تەسىرى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆپلىگەن تارىخىي ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ،ئاسترونومىيە ، مېتاللورگىيە ، توقۇمىچىلىق سانائىتى ، بىناكارلىق ، ماتېماتىكا ،زىرائەت يېتىشتۈرۈش ، مائارىپ ، دوختۇرلۇق ــ تىبابەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىلىملىك خەلق ئىدى ، يىپەك ، تاختا ۋە مېتال ئۈستىگە خىلمۇ ـ خىل گۈل – نەقشلەرنى چىقىرىشنىڭ ئۇستىلىرى ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش، برونزا ( تۇچ ) ۋە سېغىز توپىلاردىن ھەيكەل ياسىيالايتتى. بۇ ، مىسىر تارىخىنىڭ باشلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللار ئىدى» دەپ كۆرسىتىدۇ .  ئاپتور « مۇنىڭ قۇتسال سىمۋوللىرى » ناملىق كىتاۋىدا يەنە : « پۈتكۈل مۇ مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى ئىنسانلار ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئاساسلىق ھالدا تاللىغان . ....... ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقات ، بىلىم، ئىجتىمائىي ھايات ، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ، ئىنسان بىلەن كائىنات ئارىسىدىكى قۇرۇلمىلار جەھەتتىن قالدۇرۇپ كەتكەن ئاساسلار ناھايىتى توغرا »، دەپ يازىدۇ .   مەلۇمكى ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدابولۇش تارىخى ۋە تۇنجى ماكانى توغرۇلۇق ياۋرۇپا تارىخچىلىرى قەدىمقى مىسىر ،بابىلون ، گرىتسىيە ۋە رىم ئېمپىرىيىسى ، ئاندىن قالسا جۇڭگۇ ۋە ھىندىستاننى تىلغائېلىشىدۇ .
     ئەمما جەيمز چېچۋود 50 يىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ سەمەرىلىك مېۋىسى بولغان « ئۇلۇق ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى » ناملىق كىتاۋىدا بۇنى رەت قىلىپ  مۇنداق دەيدۇ : « ئۇيغۇرلار مۇندىن 20000 يىل بۇرۇنلا مەدەنىيەتنىڭ يۇقېرى پەللىسىگە چىققان . ئۇلار ئاسترونومىيە ، كانچىلىق ، توقۇمىچىلىق، ئارخېولوگىيە ، ماتېماتىكا ، يېزا ئېگىلىگى ، يېزىق ، تىبابەتچىلىك ۋە باشقا پەنلەرنى بىلەتتى . ئۇلار يىپەك ، مېتال ۋە ياغاچتىن ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى تەييارلاشقا ماھىر ئىدى .ئالتۇن ، كۈمۈش ، برۇنزا ۋە لايدىن ھەيكەللەرنى ياسىيالايتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر مەدەنىيىتى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن . قەدىمىي گرېك ، خالدېي ، ۋاۋىلونلار ، پارسلار ، مىسىرلىقلار ۋە ھىندىلارنىڭ مەدەنىيىتى قەدىمىي « مۇ »دەۋرىدە يارىتىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاساسىدا پەيدا بولغان .» (ئۇيغۇرچە نەشرى، 14 – بەت ) يەنە تۈركىيىنىڭ «ئەرگىنەقۇن» (ErgineQun) گېزىتىدە مۇھەررەم قىلىچ تەرىپىدىن«شىئەندە قۇرۇلغان ئۇيغۇرئەلئېھرامى » ناملىق بىر پارچە ناھايىتى قىممەتلىك ماقالەئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ماقالىدە « ئۇيغۇر رايۇنىدا بايقالغان ، ياسىلىش دەۋرى مىسىر ئەلئىھرامىدىن 100 نەچچە يىل بۇرۇن بولغان ، مىسىردىكى ئەلئېھرامدىن تېخىمۇ ئىگىز ھەم ھەيۋەتلىك بولغان ئەلئېھرامنى ياسىغۇچى خەلق ھەقىقىي ئۇيغۇر تۈركلىرىدۇر.   بۇ يەردە ئەمدى شۇنىمۇ ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەنكى ، 2005 ـ يىلى 2 - ئايدا ئەنگىلىيىدە «ئەنگىلىيە خان جەمەتى سەنئەت ئاكادېمىيىسى» تەرىپىدىن « تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىڭ يىللىق سەپىرى »تېما قىلىنغان كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ ، بۇ كۆرگەزمە 1930 – يىلىدىن بۇيان لوندوندا ئويۇشتۇرۇلغان ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە ھېساپلىنىدۇ . كۆرگەزمىگە كۆك تۈرك ،ئۇيغۇر ،سەلچۇق خانلىغى ۋە ئوسمانىيە ئېمپىرىيىسىگە ئائىت تارىخىي يادېگارلىقلار قويۇلغان ۋە تۈركىي خەلقلەرگە ئائىت 370 پارچە ئاسارە – ئەتىقە كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇلار نيۇيوركتىكى مىتروپولىتان مۇزىيى ، پېتېرسبورگدىكى ھېرمىتاگې مۇزىيى ،پارىژدىكى لۇر مۇزىيى ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ قولىدىكى ئەسەرلەردىن توپلانغان . كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىي يادىگارلىقلار ئەڭ كۆپ بولۇپ ، ئۇيغۇرلارغائائىت مىڭ ئۆي رەسىملىرى ، تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق يەرلەردىن تېپىلغان قەدىمقى ئۇيغۇرلارغا ئائىت تېكىستلەر ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان ئۆلۈكلەر كىتاۋى ، ئىرىقبىتىك ، ئوغۇزخان داستانىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ، ۋىيانا دۆلەتلىك مۇزىيخانىدىن ئېلىپ كېلىنگەن قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ، بېرىتانىيە مۇزىيخانىسىدىن تاللانغان ئۇيغۇرچە تېكىستلەر ۋە ھەرقايسى مۇزىيخانىلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدىكى نۇرغۇن مەدەنىي يادىگارلىقلار بار .
بۇنىڭغا قاراپ مىللىتىمدىن تېخىمۇ سۈيۈندۈم.لىكىن بۇ پەقەت بىر كىشنىڭ ئۆز تەتقىقاتى ئارقىلىق چىقارغان خۇلالىسى.ئۇمۇمىيۈزلۈك ئېتراپ قىلىشقا ئىرىشكەن تارىخ ئەمەس. يېقىندا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمنى گېن تۈزۈلىشى قازىقىستاندىكى بىر ئۇيغۇر دىن چىققانلىقىنى خەۋەردىن كۆرگىنىمدە بۇ تارىخنىڭ بۇلۇش ئېھتىماللىقىغا ئىشىنىپ قالدىم. ئىشقىلىپ بىز قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەت.يەنە بىر تارىختا خەنلەرنىڭ  2000يىل بۇرۇن يېزىپ قالدۇرغان تارىخىدا جۇڭگۇدا ئۆتكەن شىيا سۇلالىسىنى ئۇيغۇرلار قۇرغان (يەنى روۋرەن لەر -روۋرەنلەر كىيىن خۇيخۇ ئاندىن خۇيخې ،ئاندىن ئۇيغۇر بۇلۇپ ئاتالغان ئىكەن) دەپ خاتىرلەنگەن ئىكەن.بۇنىڭغا قاراپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قالتىسلىقىدىن پەخىرلەندىم.ھەمدە پۈتۈن زېھنىمنى بىلىم ئېگەللەشكە قارىتىپ بىلىم قۇرۇلمامنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ مەلۇم ساھەدە نەتىجە يارىشقا تىرىشىپ مىلىتىم ئۈچۈن تۆھپە يارىتىش ئىردەم ھەسسىلەپ ئاشتى.

0

تېما

0

دوست

494

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29049
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 23:00:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يلغان وباما پايېشېدېن ـۇغۇلغفن  ھاراملېق
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 12:26:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
allahUqun يوللىغان ۋاقتى  2014-7-8 23:00
يلغان وباما پايېشېدېن ـۇغۇلغفن  ھاراملېق

سىز نىمە دىدىڭىز ئۇقۇيالمىدىم .مىنى دىدىڭىزمۇ ياكى باشقىلارنىمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )