ئىگىلىك تىكلەش مېلودىيەسى(4)
قەيسەر مىجىت
كۆپچىلىككە ئايانكى، ئىگىلىك تىكلەشتە - ئۆزۈڭىز كەشپ قىلغان ئىجادىيىتىڭىز ياكى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىڭىز بولۇشى كىرەك، ياكى ئىلىپ سىتىش بىلەن شۇغۇللىنىشىڭىز ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان مۇلازىمىتىڭىز بولۇشى كىرەك.
مەن "ئىگىلىك تىكلەش مېلودىيەسى" ناملىق مەزكۇر چاتما ئەسەرنىڭ بىرىنجى قىسمىدا بۇ يىل ياز كەلگۇچە ھەم ئۆزگىگە ھەم ئۆزىمىزگە پايدىلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان شىركەت قۇرۇش ئويىغا كەلگىنىمنى جاكار قىلغان ئىدىم.
ئوغۇل بالا دىگەن گىپىدە تۇرۇشى كىرەك، ئەلۋەتتە. دەل شۇ خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ۋە ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستىگىدە پېقىر، بىر نەچچە قېرىنداشلار بىلەن بىرلىشىپ بايبول شىركىتىنى رەسمى قۇرۇپ چىقتۇق. شىركىتىمىز ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىنى باشلاپ كەتتى، يەنى خېرىدارلىرىمىزنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن تۇنجى قەدەمنى باستۇق.
شىركىتىمىز بىجىرىدىغان مۇلازىمەتلەرنىڭ بىرسى - مۇئارىپ مۇلازىمىتىدۇر.
سودا -تىجارەتتە ئاساسلىق ئىككى تەرەپ بولىدۇ؛ توۋار ياكى مۇلازىمەتنى سىتىۋالغۇچى تەرەپ بىلەن ئۇنى ساتقۇچى يەنى تەمىنلىگۇچى تەرەپ. سودىنىڭ ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ تۈپ پىرىنسىپى - ھەر ئىككى تەرەپ رازىمەنلىك ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئوز ئارا نەپ يەتكۈزۈشتۇر.
ئەركىن رىقابەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى - بايلىقلارنىڭ ئەلا تەقسىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى ئۇ بازارنى توۋار ھەم مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى سۇپەت جەھەتتە ئەلا، باھا جەھەتتە مۇۋاپىق بولۇشقا ئۈندىسە، توغرىسىنى ئىيتقاندا قىستىسا، ئىستىمالچىلارغا نىسبەتەن ئۇلارنى تاللاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ - دە ئىستىمالچىلار ئۆزىنىڭ ئىھتىياجى ۋە ئىمكانىيىتىگە قاراپ ئۆزى رازى بولغۇدەك مۇلازىمەتكە ئىرىشىپ خەجلىگەن پۇلغا رازى بولىدۇ.
بايبول شىركىتىمىزنىڭ مۇئارىپ مۇلازىمەت دائىرىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
دەسلەپكى قەدەمدە ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرگەن، ئامىرىكىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق مەكتەپلەرگە كىلىپ ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا ياردەم قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئامىرىكىدىكى سۈپىتى ياخشى ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ۋە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەمدە بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئامەرىكا ئالى مەكتەپلىرىدە ئىستىقباللىق كەسپنى تاللىشىغا مەسلىھەت بىرىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن خىزمەت تېپىشىدا زۆرۈر بولغان ماتېرياللارنى تەييارلاش ۋە خىزمەتكە ئالىدىغان ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئىشلىرىدا ياردەمدە بولىدۇ.
شىركىتىمىز - بىزگە ئۈمىت باغلىغان ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ چىھرىدىن كۈلكە، پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدىن خوشاللىقنىڭ ئۇرغۇشىنى ئىستەيدۇ ۋە ئۇلارغا چىن دىلى بىلەن مۇلازىمەت قىلىدۇ.
بۇ ئىشلارنىڭ جەريانى ئۇزۇن ۋە بەزىدە مۈشكۈل بولىدىغانلىقتىن - شىركىتىمىز ھەم تور ئارقىلىق لىكسىيە سۆزلەش ھەم نەق مەيداندا تەربىيلەش كۇرسلىرىنى ئىچىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا نىشانلىق تەربىيلەش ئىلىپ بارىدۇ.
ئەقىللىق ئاتا-ئانا كۈندىن كۈنگە ياشاش رىقابىتى كەسكىن بولۇپ كىتىۋاتقان بۇ دۇنيادا بالىلىرىنىڭ ئېسىل مۇئارىپ بىلەن تەربىيلىنىشىگە كۆڭۈل بولىدۇ ۋە مەبلەغ سالىدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇنۇ نۇقتىنى ياخشى چۈشۈنىدۇ:
مۇئارىپ- بىر ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسىنى راۋان بىسىشىدا، ئىلگىرلىشىدە، بىر خەلقنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدە، بىر جەمىيەتنىڭ يۈكسىلىشىدە ۋە بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. مۇئارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ئادەمنىڭ - ھاياتنىڭ ئەگرى-توقاي سەپەرلىرىدە مۈدۈرۈلۈپ كىتىشى، يىقىلىپ چۈشۈشى ۋە ياكى ھاڭغا چۇشۇپ كىتىشىنىڭ ئىھتىماللىغى - مۇئارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ئادەمگە قارىغاندا كۆپ تۆۋەن بولىدۇ. سىز، بىر مېھرىۋان ئانا، مەسئۇلىيەتچان ئاتا - ئۆز يۈرەك پارىڭىزنىڭ نادان، بىلىمسىز قىلىشىنى، ئۇنىڭ سىزدىن كىيىن قالسا جەمىيەتتە خارلىنىپ قىلىشىنى قەتئى خالىمايسىز. بارغانسىرى ماددىلىشىپ ۋە شۇنىڭ ئۇچۇن مۇرەككەپلىشىپ كىتىپ بارغان بۇ رىقابەتلىك دۇنيادا - سىز بالىڭىزنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن غالىپ كىلەلەيدىغان "ئۈنۈملۇك قورال" بىلەن قوراللىنىشىنى ئۈمىت قىلىسىز. بۇ قورال - مال دۇنيا ئەمەس، ۋە ياكى ئەمەلدارلىق ئەمەس. بۇ قورال - سۈپەتلىك مۇئارىپ!
بىز سۈپەتلىك مۇئارىپنى - پەرزەنتىڭىزلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئادىمىلىك خاراكتىر جەھەتتىن تاۋلاپ، ئۇلارنىڭ ھاياتتا ياشاش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈدۇ دەپ ئىشىنىمىز.
شۇ نەرسىنى تەكىتلەش لازىمكى، مەكتەپتە ئوقۇش بىلەنلا "سۈپەتلىك مۇئارىپ"قا ئىرىشكىلى بولمايدۇ، چۈنكى مەكتەپلەرنىڭ سۈپىتى ئوخشىمايدۇ شۇڭا ئۇلارنىڭ "مەھسۇلاتى"نىڭ سۈپىتىمۇ ھەم ئوخشىمايدۇ. بۇ خۇددى ئوخشىمىغان ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان ماشىنىلارنىڭ ئىقتىدارى، نامى ۋە شۇ ۋەجىدىن باھاسى ئوخشىمىغاندەك بىر ئىش. مۇئارىپنىڭ شەخسنىڭ تاكامۇللىشىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى بىراۋنىڭ ئالغان ئۇنۋانىنىڭ يۇقۇرى-توۋەنلىكى بىلەن ئۆلچەشكە قەتئى بولمايدۇ. چۇنكى ئوقۇپ يۇقۇرى ئۇنۋان ئىلىش بىلەنلا غۇرۇرلۇق، ياراملىق، قابىليەتلىك ئادەم بولۇپ كەتكىلى بولمايدۇ. بىراۋدا يۇقۇرى ئۇنۋان بولسۇن-يۇ ئەمما ئۇنىڭدا كىسەل ئانىسىغا قارىغۇدەك ۋاپادار يۈرەك بولمىسۇن، ئائىلىسىگە بەرگۈدەك مىھر بولمىسۇن، توغرا -خاتانى پەرق ئەتكۈدەك، ياخشى-ياماننى، ھالا-ھارامنى ئايرىغۇدەك ئاڭ ۋە تۇيغۇ بولمىسۇن، بۇنداق ئادەملەردىن ياخشىلىق كۈتۈش ئەخمەقلىقتۇر. دىمەك بىراۋ ھەم ئىلمىلىكتە ھەم ئادىمىلىكتە يىتىشەلىسە ئاندىن ئۇنى سۈپەتلىك مۇئارىپ كۆرگەن كىشى دەپ ئاتايمىز. لىكىن سۈپەتلىك مۇئارىپنىڭ باھاسى بار، ئۇ ھەقسىز ئەمەس. ئىستىمالچىلار بازاردا ئۆزلىرىنىڭ سىتىۋىلىش قابىلىيىتىگە يارىشا توۋار ۋە مۇلازىمەت سىتىۋالىدۇ. كىمنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلارنى سىتىۋىلىپ ئەلا مۇلازىمەتتىن ھوزۇرلانغۇسى يوق؟ ھەممە ئادەمنىڭ بار، بىراق كىم مەقسىدىگە يىتەلەيدۇ؟ بىزدىكى "چىدىغانغا چىقارغان" دىگەن سۆز، دەل بازاردا ئاشۇ توۋار ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى كۆتۈرەلىگەن ئادەملەرگە قارىتىلغان. يەنى بازار دەيدۇ: باھاسىغا چىدىساڭ، كۆتۈرەلىسەڭ، ھوزۇرلان"، بولمىسا "شورپىسى چىقمايدىغان ئەرزان گۆش" نى ئىلىپ يىگىن.\
بۇ يەردە جوڭگۇلوق ئاتا -ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئامىرىكىغا ئۆز پۇلى بىلەن ئوقۇشقا ئەۋەتىشى ھەققىدە كىچىككىنە توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ. يىقىندىن بۇيان ئامىرىكىغا ئوقۇشقا كىلىدىغانلارنىڭ سانى ئىشىپ بارماقتا. ئامىرىكا خەلقئارا مۇئارىپ ئىنستىتوتىنىڭ ئىستاتىستىكىسغا ئاساسلانغاندا 2012-2013 ئوقۇش يىلىدا ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەرگە كەلگەن چەتەللىكلەرىڭ سانى 819،644 بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە جوڭگۇدىن كەلگەنلەرنىڭ سانى 000 235 كىشى ئىكەن، بۇ ئوقۇغۇچىلار-شۇ يىللىق چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 28 پېرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.
بۇ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتتىن بىز جوڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مۇئارىپىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىغى شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ تىز سۇرئەتتە يۇقۇرى كۆتۈرۈلۇۋاتقانلىغىنى كۆرۇۋالالايمىز. 15 يىلنىڭ ئالدىدا ماڭا ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەن ئۇنىۋىرسىتىتتا جوڭگۇدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاندا-ساندا كۆرگىلى بولاتتى، ھازىر مەكتەپنىڭ يىنىدىكى پويىز بىكىتىدە پويىز ساقلاپ تۇرغان 19-20 ياشلاردىكى جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنى توپ-توپى بىلەن كۆرۈپ گويا ئۇرۇمچىنىڭ شىمالى قوۋۇقتىكى (بېيمىن) 1- يول ئاپتوبۇز بىكىتىدە ئاپتۇز ساقلاۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالىمەن ئۆزۈمنى.
بۇ بىر خىل يىڭىدىن مەيدانغا كىلىۋاتقان ھادىسە. بۇ ھەقتە، خەلقئارا مۇئارىپ ئىنستىتوتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئاللان ئې. گودمان ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:
"جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى يۇقۇرى سۈپەتلىك مۇئارىپ قوغلىشىدۇ چۈنكى ئۇلار خەلقئارا مۇئارىپنىڭ مۇھىملىغىنى ياخشى چۈشۈنۈدۇ ھەمدە ئامىرىكا مۇئارىپىنى بىرىنجى نىشان قىلىپ تاللايدۇ".
بۇ ئىنسىتىتوت يىقىنقى يىللاردىن بۇيان جوڭگۇدا مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادى كىرىمى ھاللىق ئاھالىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارىسىدىكى "ئامىرىكا ئالى مەكتەپلىرى دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ" دىگەن قاراشنىڭ ۋە ئامىرىكىدىكى 4000 غا يىقىن چوڭ كىچىك ئالى مەكتەپلەر ۋە ئۇلاردىكى ھەر خىل كەسپ تۈرلىرىنىڭ بولۇشىنى شۇنداقلا مۇۋاپىق ئوقۇش ھەققىنىڭ جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامىرىكا ئالى مەكتەپلىرىگە بولغان قىزغىنلىغىنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرگەنلىگىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تەتقىقاتتا دىيىلىشىچە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2012-2013 يىلى ئامىرىكا ئىقتىسادىغا قوشقان توھپىسى 24 مىليارت دوللار بولغان، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى نېۋ يورك تەۋەسى ۋە كالىفورنىيە ئىشتاتلىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان.
دىمەك - ئامىرىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇشمۇ باھاسى بار بولغان بىر خىل مۇلازىمەت. ئۇنى ھەم ئىھتىياجى بار ھەم سىتىۋىلىش ياكى پەۋقۇلاددە ئىقتىدارى (ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن) ياكى شارائىتى بار كىشىلەرلا ئىستىمال قىلالايدۇ (چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىيتىۋاتىمەن-ھە بۇ گەپنى)
مۇبادا، سىزدە بالىڭىزنى ئوقۇشقا چىقىرىدىغان ئىستەك ۋە ئىمكانىيەت بار بولۇپ سىز پەرزەنتىڭىزنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقارماقچى. لىكىن نىمە مەقسەدتە چىقارماقچى؟ كۆزىنى ئاچسۇن، دۇنيا كۆرسۈن، مۇستەقىل تۇرمۇش كۆۈرۈشنى ئۇگەنسۇن دىمەكچىمۇ؟ سىزنىڭ چەتئەلگە چىقارماقچى بولغان پەرزەنتىڭىز قانچە ياشتا، قىزمۇ-ئوغۇلمۇ؟ پەرزەنتىڭىز نىمە كەسپ ئوقۇماقچى؟
سىز بۇ ھەقتە ئويلاشتىڭىزمۇ؟ ئىستەك ۋە ئىمكانىيەت بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى سىزدىكى ئىمكانىيەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئارزۇيىڭىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان،سىزنىڭ پەرزەنتىڭىزگە كۆيىنىدىغان ئشەنچلىك ئۈچىنچى بىر تەرەپ بولمىسا بولمايدۇ.
باش ئورنى ئائۇسترالىيەگە جايلاشقان تېخى ئۆتكەن ھەپتە رەسمى تېزىمغا ئىلىنغان بايبول شىركىتىمىز سىزنىڭ قىيىنىڭىزنى ئاسان قىلىدىغان دەل ئاشۇ ئۈچىنچى بىر تەرەپتۇر!.
مەن ھازىرغا قەدەر چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ۋە ياشاش ھەققىدە 2-3 پارچە ئەسەر يىزىپ ئىلان قىلدىم. مەقسىدىم - كىشىلىرىمىزنىڭ "چەتئەل قىزغىنلىغى" غا سوغۇققان مۇئامىلىدە بولۇشى ئۈچۈن. مەنچە مەن رئىاللىقنى ئوبىكتىپ يوسۇندا كۈزۈتۈپ سەمىمى نىيەتتە پىكىر قىلدىم. ھىلىھەم ئۆز پىكرىمدە تۇرىمەن. بالىلىرىڭىزنى ئۇلار تېخى ئۆسمۇر چىغىدا چەتئەلگە چىقىرىشقا ئالدىرىماڭ، ئىقتىسادى كۈچىڭىز ئاجىز شارائىتتا ئەڭ ياخشىسى بالىڭىزنى چەتئەلگە چىقارماڭ.
خوش شۇنداق ئىكەن، مىنىڭ سىلەرنىڭ كىچىك پەرزەنتلىرىڭلارنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىشقا ئالدىرىماڭلار دىگىنىم - ئۆزىمىزنىڭ تىجارەت يولىنى توسقانلىق، يەنى بۇ بىر ئاشخانا خوجايىنىڭ "بۇ پولو بەك مايلىق، يېسىڭىز سىزگە زىيان قىلىدۇ" دىگىنىدەك ئىش ئەمەسمۇ؟
بايبول شىركىتىمىزنىڭ ئۆزىمىز ئەمەل قىلىدىغان تىجارەت مىزانىمىز بار. بىز ئالدى بىلەن -بىز بىلەن مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ پاراۋانلىغىنى ئويلاپ ئىش قىلىمىز. ئۇلارنىڭ رىيازەت چىكىشىنى خالىمايمىز. يەنى بىز پايدا قوغلىشىپ باشقىلارنىڭ پاراۋانلىغىنى پاي-پىتەك قىلمايمىز.
ئاتا-ئانىلار شۇنى بىلىشى كىرەككى، پەرزەنتلەرنى سۈپەتلىك مۇئارىپقا ئىگە قىلىشتا چەتئەلگە ئەۋەتىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. چەتئەل مۇئارىپىنىڭ ھەممىسىلا سۈپەتلىك ئەمەس. بالىڭىز نۇرغۇن ۋاقىت ۋە پۇل سەرپ قىلىپ ئۇنۋانلارنى ئالسۇن-يۇ ئەمما كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئىرىشەلمىسۇن، بۇنى سۈپەتلىك مۇئارىپ دىگىلى بولامدۇ؟
جەمىيەتتە بىراۋنىڭ ئۇنۋانى بولغىنى ئۈچۈنلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىشى ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس. ھەر بىر تىلنىڭ ئۆزىنى چۇشەندۇرىدىغان تېلماچى بولىدۇ. ئامىرىكىدا، مەكتەپلەر ھەرقانچە داڭلىق بولسىمۇ كەسپلەر بازارنىڭ ئىھتىياجىغا توغرا كەلمىسە، ياكى ئىشسىز قالىدىغان گەپ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇشىغا قاراپ قالىدىغان گەپ، بۇنىڭغا ئائىت مىساللار كۆپ. مەكتەپنىڭ داڭقى ئانچە بولمىسىمۇ، ئوقۇغان كەسپى ياخشى بولسا، بۇ ئوقۇغۇچى ياكى ئۆز تېرىشچانلىغى بىلەن ۋە ياكى بىزنىڭ شىركىتىمىزنىڭ تېلماچلىغى بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك پۇرسەتلەرگە ئىرىشەلەيدۇ.
بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بايبول شىركىتىمىز سىز ئۈچۈن سەمىمىلىك بىلەن خىزمەت قىلىپ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رازىمەنلىگى ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلايدۇ!
بايبول، بايبول - بايبول بىلەن ئالاقە قىلىڭ بەھۇزۇر، ئۇنىڭ بىلەن گۈللىسۇن، كۆڭلى ئارزۇغا تولغان قىز-ئوغۇل!
|