- تىزىملاتقان
- 2011-2-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6080
- نادىر
- 0
- يازما
- 233
ئۆسۈش
21.6%
|
يېقىندىن بېرى ئۈندىداردا ئۇيغۇرلارنىڭ شەھۋانى مەزمۇندىكى قىسقا فىلىملىرى ،ئاللىقانداق دۇتتاچى چوكاننىڭ رەڭلىك ئولتۇرۇشتىكى نومۇسسىز ناخشىلىرى ،ئەرلىك غۇرۇرىنى چوشقىغا تاشلاپ بەرگەن زەيپانىلەرنىڭ غىلجىڭلاپ ئۇسۇل ئوينىشى قاتارلىقلار كۆپىيىپ قالدى، پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى نامىدا باشلانغان بۇ رەسۋايە كۆرۈنۈشلەر تەرەققىي قىلىپ چوڭ ياشلىق خوتۇنلارنىڭ پاھىشىسىمان قىلىقلىرى بىلەن ھەتتاكى پاھىشىدىن ئۆتەر قىلىقلىرى بار كۆرۈنۈشلەر تارقىلىشقا باشلىدى.
ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەت، ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتە نۇرغۇن شانلىق تارىخقا ئىگە پارلاق بىر مىللەت ئىدى. زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مودىغا ئاسانلا ئەگىشىدىغان ئۇيغۇر مىللىتى ناچار ئۆرپ ئادەتنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالىدىغان بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر مىللەتتە ياخشى ناچار ئادەملەر بولىدۇ. قايسى بىر يىلى زەكىيە خانىمنىڭ داچىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئولتۇرۇش ئۇيغۇر جەمىيىتىدە زور تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ ئولتۇرۇش ھازىر ئۈندىداردا تارقالغان مەزمۇنلاردىن خېلى ئىلمىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۈندىداردىكى بۇ مەزمۇنلارنىڭ بەزىلىرىنى شۇ كىشىلەر ئۆزى تېلىفوندا ئوغرىلىقچە ياكى ئاشكارا ھالدا سۈرەتكە ئالغان، ياكى بەزىلىرى يوشۇرۇنچە سۈرەتكە ئېلىنغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈن ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلالمىسمۇ، لېكىن ھازىر دەۋىردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قانچىلىك ساپا ،قانچىلىك ئېتىقاد بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالايمىز، ئاشۇ كۆرۈنۈشلەرنى سىنغا ئالغان، تارقاتقان چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ ئاچا سىڭىللىرىڭىزنىڭ ئاكا ئىنىلىرىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانمۇ ياكى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
نورمال جىنسىي تۇرمۇش ئىنساننىڭ ئەڭ تۈپكى فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى. مېدىتسىنا ،پەن تېخنىكا يۈكسەك تەرەققىي قىلغان ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر چېغىدا جىنسىي ئەركىنلىكنى چەكلىمىگەن بىلەن بۇزۇقچىلىقنى قاتتىق چەكلەيدۇ. شىنجاڭ بولسائەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر رايون، داۋالاش تېخنىكىسىدىن سۆز ئاچماي تۇرايلى، ئالدىنى ئېلىشمۇ تەسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۈندىداردا تارقىلىۋاتقان بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي بۇزۇقچىلىقتىن ئىبارەت، ئەجىبا بىر نورمال كىشى ئۆزىنىڭ مەخپىي ئىشلىرىنى توردا تارقىتىپ يۈرەرمۇ؟
شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى كىم بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىڭ سىزنى ھېچكىم چەكلىيەلمەيدۇ. ئاغزىڭىزنى بۇزۇپ جىنسىڭىزغا ماس كەلمىگەن تەلەپپۇزدا گەندىدىن مەينەت گەپلەر بىلەن ئادەم تىللاپ توردا تارقاتسىڭىزمۇ سىز مەڭگۈ مايكىل جېكسون بولالمايسىز، مۇشۇ بۇزۇقچىلقىنى قىلغانمۇ شۇ ئۇيغۇر، كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقانمۇ شۇ ئۇيغۇر، ئۇيغۇر تۇرۇپ بىر بىررىمىزنى سېسىتمايلى، بىر بىرىمىزنىڭ ئۇلىنى كولىمايلى. |
|