- تىزىملاتقان
- 2013-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2722
- نادىر
- 1
- يازما
- 137
ئۆسۈش
24.07%
|
تۇخۇمنىڭ ھىكايىسى
1. تۇخۇم ئاجىز،تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇش ئەخمەقلىق.
ئەگەر تۇخۇم 25-قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتسە،نۇرغۇن كىشىلەر بەرىبىر تۇخۇمغۇ دىيىشىپ بەك ئىرەن قىلماسلىغى مۇمكىن .
ھىچنىمە بولمىغاندەك بېشىنى تۇتۇپ بەرسە قانداق بولا؟
پاڭ قىلغان بىلەن تەڭ ،سوقۇلغىنى ئەلۋەتتە تۇخۇم ،لىكىن يېرىلغىنى تۇتۇپ بەرگەن بېشىڭىز بولىدۇ.
بىرىسى بۇنى ئۆلچەپ بېقىپتۇ،30گىرام كىلىدىغان تۇخۇم 4-قەۋەتتىن چۈشسە ،باشنى ئېششىتىپ قويىدۇ؛8-قەۋەتتىن چۈشسە باش يېرىلىدۇ ؛18-قەۋەتتىن چۈشسە باش سوڭىگى يېرىلىدۇ؛25-قەۋەتتىن چۈشسە نەق مەيداندا جان بىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاجىز تۇخۇم مەلۇم سۈرئەت ۋە ئىگىزلىككە ئىگە بولغاندا ،ئۇنىڭ كۈچى تەسەۋۋۇردىن ھالقىم كىتىشى مۇمكىن.
شۇڭا تۇخۇمنى ھەرگىز سەل چاغلىماڭ،شۇنداقلا تۇخۇممۇ ئۆزىنى كىچىك كۆرمىسۇن.بىر تۇخۇم بەلگۈلىك شەرت-شارائىتقا ئىگە بولسا،ئۇ تاشنىمۇ قورقۇتىپ غال-غال تىترىتىشى مۇمكىن.
2. پىرافىسور دەپتۇ،بىر تۇخۇمنى چاقىدىغان ئىككى ئۇسۇل بار،بىرى سىرتقى كۈچ،يەنە بىرى تۇخۇم ئۆزىنى ئۆزى چېقىش.
تۇخۇم قانداق ئۆزىنى چاقالايدۇ؟
سىرتقى كۈچ سەۋەبىدىن چېقىلسا تۇخۇم نابۇت بولىدۇ،لىكىن تۇخۇم ئۆزىنى ئۆزى چاققىنى قانداق گەپتۇ؟
ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن شۇنداق دەپتۇ،ئۇ بولسىمۇ تۇخۇم ئاستا-ئاستا جۈجىگە ئايلىنىپ،چوڭ بولۇپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە جۈجە شاكالنى تۇمشىغى بىلەن چوقۇپ،ئەسلىدە ئۆزى بولغان تۇخۇمنى چېقىپ تاشلايدۇ.
سىرتقى كۈچ ئۆزىمىزنى چېقىۋەتمىسۇن دىسەك، تۇخۇمدەك ئىچكى كۈچ توپلاپ،ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز چېقىشىمىز كىرەك؛ئۆزىمىزنى چېقىش جەريانىدا، ئۆزىمىزدىن ھالقىپ ۋەئۆزىمىزنى بۆسۈپ تاشلاپ يېڭى پۇرسەت 、 ئۈمىت يارىتىشىمىز كىرەك.
3. سىز بىر تۇخۇم تۇرۇپ ،نىمىشقا تاشقا چېقىلىسىز؟
سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىغىنى بىلىسىز،سىز قاتتىق تاشنى يېڭەلمەيدىغانىغىڭىزنى بىلىسىز،يەنە نىمىشقا تاشقا ئۆزىڭىزنى ئۇرىسىز؟سىز ئاجىز شاكىلىڭىز ئىچىدە شىرىن چۈشىڭىزنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىغى ،شاكال شۇ بىر ھاياتلىق چۈشىڭىزنى ئاسراۋاتقانلىغىنى بىلمەمسىز؟
شۇ چۈشىڭىز ئۈچۈن ،شۇ ھاياتلىق چۈشىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ ،بىراز سەۋر –تاقەت قىلىشنى ۋە ساقلاشنى ئۈگەنمەمسىز؟
ھاياتلىق چۈشىڭىز شاكالنى يېرىپ چېقىپ بىر قاۋۇل- بەردەم خوراز بولغاندا، تاشنىڭ كاللىسىغا چىقىپ تازا كىلىشتۈرۈپ、 ئاۋازىڭىزنى بولىشىغا يۇقۇرى كۆتۈرۈپ راۋۇرۇس بىر چىللىغان ۋاختىڭىزدا،ئاستىڭىزدىكى تاشنىڭ نەقەدەر بىچارە تۇرقىنى تاماشا قىلسىڭىز نىمىدىگەن پەيزى-ھە!
نۆۋەتتە ھەرقانچە ئاجىز بولسىڭىزمۇ،كۆڭلىڭىزدە شىرىن چۈشىڭىزلا بولىدىكەن،ساقلاش تۇخۇمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
4. تۇخۇمنى ئىختىيارىغا قويۇپ بەرسە ،تۇخۇم ئورنىدا تىك تۇرالمايدۇ.
قانداق قىلغاندا تىك تۇرغۇزغىلى بولىدۇ؟
تۇخۇمنى يىنىك چىكىپ زەخمىلەندۈرگەندىن كىيىنلا تىك تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.بۇنداق تۇرغۇزۇلغان تۇخۇم زەخمە يىگەن ،مېيىپ بولغان تۇخۇم بولىدۇ.ۋەھشىلەرچە زىيانكەشلىك تۇخۇمنى تىك تۇرغۇزالايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق تۇخۇم تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى باردۇ؟
تۇغۇمنى قېلىپىغا سېلىپ قويسا ،تۇخۇم تىك تۇرىدۇ.يەنى دەل جايىدا بولغان چەكلىمە قېلىپ تۇخۇمنى تىك تۇرغۇزالايدۇ.
يەنە قانداق تىك تۇرىدۇ؟ تىيەك قويۇپ قويسىڭىز تىك تۇرىدۇ.يەنى سىرتقى ياردەم بىلەن تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.
تۇخۇمنى تۇرغۇزۇش بىلەن كىشىلىك ھاياتىڭىزنى تىك تۇرغۇزۇش بىر بىرىگە ئوخشايدۇ.ئۇنداقتا قانداق ئۇسۇل بىلەن كىشىلىك ھاياتنى تىك تۇرغۇزۇش كىرەك ئىكەن؟
5. دوستۇم بىر دانە تۇخۇمنى ئالقىنىمغا تۇتقۇزۇپ قويغان ئىدى،كۈچۈمنىڭ بارىچە سېقساممۇ تۇخۇم مىجىلمىدى.
ئادەتتە تۇخۇمنى يىنىك ئۇرۇپ قويسىلا چېقىلىدۇ،ئالقىنىمدىكى تۇخۇم نىمىشقا شۇنچە كۈچىسەممۇ چېقىلمايدىغاندۇ؟
دوستۇم دىدى،ئادەتتە تۇخۇمنىڭ مەلۇم بىر ئورنىغا يىنىك ئۇرغاندا ،كۈچ مەركەزلەشكەن بولغاچقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ بولغان.ئالقاندىكى تۇخۇم ئالقان بىلەن قاپلانغان ،كۈچ تۇخۇمنىڭ ھەممە يېرىگە تەڭ چۈشكەن بولىدۇ؛ كۈچ ھەرقانچە چوڭ بولغان بىلەن تەسىر كۆرسىتىدىغان ئورنى مەركەزلىك بولماي چېچىلىپ كەتسە، تۇخۇمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۈچ بۆلىنىپ كىتىپ ئاجىزلاپ كىتىدۇ.شۇڭا ھەرقانچە كۈچىسەكمۇ نىپىز بىر قەۋەت تۇخۇم شاكىلىنى ھەرگىز چاقالمايمىز.
|
|