قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2828|ئىنكاس: 28

قەيسەر مىجىت: شۇڭقار كەبى چاغلار -(11)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

71

تېما

16

دوست

9771

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 45
مۇنبەر پۇلى: 807
تۆھپە : 3325
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 13:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

شۇڭقار كەبى چاغلار -(11)

قەيسەر مىجىت



   (بۇ ئەسىرىمنى ۋەتەندىن ئايرىلىپ چىقىپ كىتىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشىسىمۇ، خەلقىنى ۋە تۇغۇلغان ۋەتىنىنى ھەر دائىم سېغىنىپ تۇرىدىغان تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق -سوغۇقلىرىنى كۆرۈپ تاۋلانغان، چىداملىق، ئىشچان، غۇرۇرلۇق قېرىنداشلىرىمغا-ئەپەندىلەرگە، خانىملارغا، چوڭلارغا ۋە ياشلارغا بىغىشلايمەن!)


         شۇنداق قىلىپ مەن بىر خىل مۇرەككەپ روھى ھالەت ئىچىدە - دەككە-دۈككە، ياتسىراش، ھەم قىزىقىش ئىچىدە - 1997-19-ئۆكتەبىردە ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مەرگىزى بولغان ۋاشىنگتون د. س خەلقئارا ئايرۇدۇرىمىدىن چىقىپ كەلدىم.
      مەن بارىدىغان بوستوندا ئۇ چاغلاردا بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىغانلىقتىن بىلەتنى مۇشۇ يەرگە ئالغان ئىدىم، چۇنكى ماريلاند ئىشتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق رىشات ئاكا  ئالدىمغا چىقماقچى بولغان ئىدى.
ھەر كىشى يات يەرگە بارسا، ئۆزىگە يىقىن كىشىنى ئىزدەيدۇ-ئەلۋەتتە.
مەن ئايرۇدۇرۇمدىن چىقسام ئۈچ كىشى - رىشات ئاكا، يەنە بىر ئاق پىسماق، گەۋدىلىك كەلگەن بىر كىشى ۋە مەن دىمەتلىك قەيسەر سىيىت مىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىزغىن. ئۇلار مىنى بىر ئۆيگە ئىلىپ بىرىشتى.
ئۇ چاغلاردا بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ساناقلىقلا ئىكەن.
ئاۋۇ پالۋان سۈپەت ئاكىمىزنىڭ ئىسمى - پەرھات ئىكەن. قەيسەر سىيت ئۇنىۋىرسىتىتتا مەندىن بىر قارار تۆۋەن ئوقۇغان بولۇپ  ماتىماتىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئۆزى ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىدى. پەرھات ئاكا بىلەن قەيسەر بىر يەردە تۇرىدىكەن.
ئۆز-ئارا تېنچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن ۋەتەننىڭ گىپىنى قىلىشتۇق، ئۇلار كەچتە تاماق ئەتتى.
ئەتىسى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى - ئىشقا كەتتى. ئۇ چاغدا نەدە قول تىلىفۇن، ۋېچەت ۋە ياكى فەيسبۇك، سىكايپى؟.
ۋەتەندىكى ئاتا-ئانام ۋە كۆڭلۈمدىكى كىشىلەرگە تېنچ ئامان يىتىپ كەلگىنىمنى ئۇقتۇرۇپ قويىمەن، جىق بولسا 50 دوللار كىتەر دەپ تۇرۇۋاتقان ئۆيۈمدىكى تىلىفۇندىن  بىر نەچچە قىتىم تىلىفۇن ئۇرۇپ ساپتىمەن دە. خەلقئارالىق تىلىپفۇن قىلىشنى ئۇقمىغاندىن كىيىن ئوپىراتورنىڭ ياردىمىنى سوراپ ئۇرۇپتىمەن. بۇنىڭ ئىش ھەققى بەك قىممەت بولىدىكەن. كەچتە پەرھات ئاكام دىدى:
- ئۇكا، سەۋرچان بولساڭ بولمامدۇ، بىز كەلگۇچە ساقلاپ بىزدىن خەلقاارالىق تىلىفوننى قانداق ئۇرۇشنى سوراپ ئۇرۇشۇڭ كىرەكتى. ئەمدى كۆپ پۈل تولەپ كىتىدىغان بولدۇڭ....
تەنتەكلىكنىڭ تەننەرقى يۇقۇرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بىر ئايدىن كىيىن بوستونغا ئەۋەتىپ بىرىلگەن تىلىفۇن تالۇنىدىن پەرھاتكامنىڭ دىگىنىنىڭ راستلىغىنى بىلدىم.
پەرھاتكام ئۆزى مەرت، گىپى ئوچۇق، غۇرۇرلۇق، تىپىك ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەن.
ئۇ كۇنى ئۇلار مىنى ياخشى يەردە ياتقۇزدى، ئەتىسى كەچتە تاماق يىيىلىپ بولغاندا، پەرھاتكام دىدى:
- ھە ئۇكا يۇيە ماۋۇ قاچىنى، ئوغۇل بالا دىگەن ئىشنى تەڭ قىلىشىدىغان.
ئۇنىڭ دىگىنى توغرا.
قاچىنى يۇدۇم. ئۆگۈنى ئۇ دىدى:
-ھە ئۇكا، ئىيتە ماۋۇ پولنى، پاكىز ئولتۇرغانغا نىمە يىتىدۇ.
ئۇنىڭ گىپى توغرا، مەن پولنى ئىيتتىم.
- ھە ئۇكا، سەنمۇ ئۇيغۇر، قىلە ماۋۇنى، ياردەملەش ماڭا...
ئىشقىلىپ بۇ ئادەمنىڭ ھەممە گىپى توغرا بىلىندى. ئادەم دىگەن ئاشۇنداق ئوچۇق-سوزلۇك بولۇش كىرەك.
مەن ئىككى كۈن ئۆيدە يالغۇز قالغاندىن كىيىن ئىچىم پۇشتى. ئارىلىقتا مىڭىپ پايتەختىڭ ئەتراپىغا بىرىپ باقتىم.  كوچىلار شۇنداق پاكىز كۆرۈندى. بىر يەردە قارىسام 17-18 ياشلار چامىسىدا قىزىل ئىشتان كىيىۋالغان قارا تەنلىك بالا بىر ئورۇندا تۇرۇۋىلىپ مۇڭ بوپ كىتىپتۇ، ئالدىغا ئىڭىشىدۇ، كەينىگە سىلكىنىدۇ، دىققەت قىلسام قۇلىغىدا قۇلاق تېڭشىغۇچ...
"قىزىقكەن -ھە بۇلار" دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
شۇ كۈنى كەچتە قەيسەرگە دىدىم:
-مىنى ئۆزۈڭ ئىشلەيدىغان يەرگە ئىلىپ بارساڭ، كۆرۈپ باقسام.
قەيسەر ئىنتايىن چىداملىق ھەم تېرىشچان ئىكەن. ئۇ ئەتىسى سەھەر 5.30 -6 بىلەن مىنى ئىلىپ يۈگەرتىپ ئۆزى ئىشلەيدىغان يەرگە ئىلىپ باردى، يوغان بىر يۈك چۈشۈرۈش ماشىنىسىنى ھەيدەپ خىزمەت قىلىدىكەن.
ئۇ ئىشنى قىلىشقا كاللا ۋە غەيرەت بولمىسا ئادەتتىكى بوشاڭ ئادەملەر ئالدىراپ قىلالمايتى.
ئارىدىن بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندە مەن بوستوندىكى مەكتەپ بىلەن ئالاقە قىلسام، بوستونغا كەلسەڭ بولىدۇ دىدى.
شۇنىڭ بىلەن رىشات ئاكا، پەرھات ئاكا ۋە قەيسەر بىلەن خوشلاشتىم.
قەيسەر مىنى ئەتىسى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوز شىركىتى - گرەيخوۇندنىڭ بوستونغا بارىدىغان بىرسىگە سىلىپ قويدى.
بىلەت ئۇ چاغدا $88 دوللار ئىكەن.
پاھ بۇ يوللارنىڭ گۈزەللىگىنى...
كۈز پەسلىدە ئامېرىكىنىڭ شەرق قىرغىغىدىكى يول بويلىرىدىكى دەرەخلەر ھەر خىل رەڭگە كىرىپ تەبىئەتنى باشقىچىلا چىرايلىق قىلىۋىتىدىكەن.
بۇ گۈزەللىكنى كۆرۈپ ئاپتوبوز تاكى نېۋ يوركقا كەلگۇچە خوشال ئولتۇردۇم. نېۋ يوركقا كەلگەندە بىرەر سائەتتەك ساقلاپ ئاندىن بوستونغا ماڭىدىغان ئاپتوبوسقا ئولتۇرۇپ بوستونغا قاراپ يولغا چىقتىم.
مىنىڭ يىنىمدا ئولتۇرغىنى ئوچۇق-يورۇق گۇزەل بىر خانىم ئىدى، ئاپتوبوز قوزغىلىپ بىر ھازا ماڭغاندىن كىيىن بۇ خانىم گەپ باشلىدى. گەپ، ئاۋال كۈز پەسلى تەبىئەتكە بەخش ئەتكەن  گۈزەللىكنى مەدھىيلەش بىلەن باشلاندى.
ماڭا بولۇپ بىرىدۇ دە بۇنداق تېمىلار...
بىر ھازا ئوچۇق يورۇق سۆزلەشكەندىن كىيىن خانىم نەدىن كەلگىنىمنى، نىمە مىللەت ئىكەنلىگىمنى سورىدى.
ئۇيغۇر، ۋاي مەن ئۇيغۇر دىسەم ھىچ چۇشىنىدىغاندەك ئەمەس. "ماۋۇ دۆتنى بىزدەك ئۇلۇغ مىللەتنى ئۇقمايۋاتقىنىنى" دەپ ئويلاۋىتىپ، دىگۇم كەپ قالدى:
-ۋاي بىز تۇركى خەلق، تۈرككە يىقىن.
ئايالنىڭ چىرايىدا شۇ ھامان بىر خىل سوغۇق ئىپادە ئەكس ئەتتى-دە، ئىككىنجى ماڭا گەپ قىلمىدى. ئاللا، نىمە ئىشتۇ بۇ،
ئاغزىم پۇراپ قالغانمىدۇ ياكى قولتۇغۇممىدۇ؟ كۆڭلۈمگە كەلمىگەن خىياللا كىلىپ كەتتى.
ئاياللارنىڭ ئەڭ سەسكىنىدىغىنى - ياكى ئاغزى ياكى تېنى سىسىق پۇرايدىغان ئەرلەر-دە.
ئالاھىزەل بىرەر-ئىككى سائەت ماڭغاندىن كىيىن ئاپتوبوز بوستونغا يىتىپ كەلدى.
ئاپتوبوزدىن چۈشۈپ چامدانلىرىمىزنى ئىلىۋاتقۇچە ئۇ ئايال ماڭا بىر قارىدى-دە بىر خىل ئۆچمەنلىك بىلەن ئىيتتى:
بىلىپ قوي، مەن ئەرمەن.
    مەن ئۇنىڭ گىپىنى قانداقمۇ چۈشۈنەي؟ ئەرمەن بولساڭ نىمە كارىم، ماڭا نىمە مۇناسىۋىتى بار دىدىم ئىچىمدە.
كىيىن بوستوندا بىر مەزگىل ياشىغاندىن كىيىن ئەينى چاغدا ھىلىقى ئەرمەن خانىمنىڭ ماڭا قاتتىق تەككىنىنىڭ سەۋىۋىنى چۈشەندىم.
تارختا تۈركلەر بىلەن ئەرمەنلەرنىڭ سوقۇشى بولۇپ ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ئىكەن. ئامىرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن ئەرمەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان بايلىرى ۋە سىياسونلىرى توختىماي ئامىرىكا پارلامىنتىنى تۈركىيەنى ئەينى چاغدا ئەرمەنلەرنى ئىرقى قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىپلەشكە قىستايدىكەن.
ھەتتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا تۇركىيەنىڭ بوستوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى ئەرمەن ئاشقۇن كۈچلىرى بومبا قويۇپ پارتىلىتىپ ئۆلتۇرگەن ئىكەن.
مىنىڭ تۈركلەرنىڭ زادى ئەرمەنلەرگە قارىتا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئىلىپ بارغان بارمىغانلىغىنى بىلگۈم يوق، ئۇنىڭ پەقەت تۆھمەت بولۇپ قىلىشىنى ئۇمىت قىلىمەن خالاس.
تارخ-بۈگۈنگە ئەينەك دەيدۇ كونىلار.
        دىمەك سەن كۈچۈم بار دەپ ئاجىزنى بوزەك قىلىپ، قوراللىق كۈچۈڭگە ھاكىمىيىتىڭگە تايىنىپ دۇشمەن دەپ قارىغان كىشىلەرنى، خەلقنى قىرغىن قىلساڭ، تارخ ئۇنى خاتىرلەپ قويىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەۋلادلىرى كۆڭلىدە ئىنتىقام ئىلىشنى ئويلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۇشمەنلىك كۈچۈيۈپ، تېنچلىق يەر شارىدىن يامانلاپ بوقچىسىنى كۆتۈرۈپ باشقا پلانىتقا كۆچۈپ كىتىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ئىنساپسىزلىغى، ئەسكىلىگى ۋە ۋەھشىلىگىدىن بىز ياشاۋاتقان يەر شارى ئۆزىنى ۋەيران قىلىدىغان زەھەرلىك ئوتنىڭ ئۇرۇقلىرىنى ئۆزىگە چاچماقتا.

        شۇ كۈنى ئېسىمدە قىلىشىچە ئۆكتەبىرنىڭ 26-كۈنى ئىدىغۇ دەيمەن، مەن كۈن ئولتۇرۇپ قاش قارايغان چاغدا بوستوندىكى چوڭ قاتناش بىكىتى بولغان - جەنۇبى بىكەتكە يىتىپ كەلدىم. ئۈرۈمچىدىن ئالغان چامدانامنى سۆرەپ بىكەتتىن چىقتىم، ياخشىمۇ ئىچىدە كوپ نەرسە يوق ئىدى، چۇنكى مەن ئەينى چاغدا "ناۋادا ۋىزا ئالالماي قالسامچۇ" دىگەن ئھختىماللىق بىلەن چامداننى يېرىم ياتا تولدۇرغان ئىدىم.
ئۇ چاغدا بوستوندا بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئولۇپ مىنىڭ ئالدىمغا چىقىۋىلىپ كۈتۈۋىلىدىغان بىر ئادىمىزات بولامدىغان؟!.
           نەگە بىرىپ نەدە تۇرۇشۇڭنى بىلمىگەندىن كىيىنلا مۇساپىرچىلىق تۇتىدىكەن. دىمىسىمۇ مەن نەگە بىرىشىمنى بىلمەيمەن-دە! بىشىم قىتىپ چامدانىمنى سۆرەپ بىكەتنىڭ ئالدىغا چىقسام قولىدا بىر ھارۋا تۇتۇپ تۇرغان كىلىشكەن ئۇزۇن بويلۇق 19-20 ياشلار چامىسىدىكى (ئىسپان بولسا كىرەك) بىر قىز ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتىدۇ. خاتا ئىشارەت قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئالدى كەينىمگە قارىسام، ئۇ ماڭا قاراپ ئىشارەت قىلىۋىتىپتۇ. خوللىۋۇدنىڭ كىنولىرىدا كۆرگەن ئامىرىكا ئىسىمدە بولغانلىقتىن بۇ قىزنىڭ تەبەسسۇمىنى مىنى "دوست  بولايلى" دەۋاتقان ئوخشىمامدۇ دىگەن شەيتان خىيال كاللامدىن ئۇچقۇر شامالدەك "غۇر" رىدە سىپاپ ئوتۇپ كەتتىم. "ئىشەك ئۆلىمەن دەۋاتسا قۇيرۇقى غىجەك تارتىپتۇ" دىگەن مۇشۇ-دە!
ئۇنىڭ نىيىتىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن گەپ باشلىدىم.
- ياخشىمۇسەن؟
          ئۇنىڭ كۆزى چامدىنىمغا چۇشتى، ماڭا قاراپ قويامدىغان. جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دىگەن دەل شۇ .
ئەسلىدە ئۇ مىنىڭ چامدانامنى ھارۋىسىغا بىسىپ تاكسىنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ قويىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا ھەق بىرىدىكەنمەن.
ھەق بىرىشنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا بىشىمنى بۇراپ چامدانامنى سۆرەپ باشقا يۆلۈنۇشكە ماڭدىم.
           "ھۇ پىخسىق ئاتۇشلۇق" دىمەڭلا ھە ئوقۇرمەنلەر، بەلكى دەڭلا "ئىدرەكلىق ئۇيغۇر". بىسمىللاسىدىلا بىر گۈزەلنىڭ جىلۋىسىگە پۇل خەجلەپ تۇرسام ئۇزۇنغا قالماي كاكا-سالتاڭ بولۇپ كوچىدا ئەخلەت تېرىشقا قالمەمدىمەن؟. مەن تېخى نەگە بىرىشىمنى بىلمەيمەن. بىلمىگەن يەرنىڭ دۆڭى راست چوڭقۇر ئىكەن. مەن بىر خىل ناتۇنۇش مۇھىتنىڭ ئىچىدە بەئەينى بىر ئەماغا ئوخشاپ قالدىم. بىر كوچىدا غالتەكلىك چامدانامنى سۆرەپ كىتىۋاتسام
يامغۇر يىغىشقا باشلىدى. يا كۈنلۈك يوق، ياكى پاناھلانغۇدەك بىر كەپە. ئۆلمەكنىڭ ئۇستىگە تەپمەك دىگەندەك ھىلىقى غالتەكلىك چامدانىمنىڭ بىر چاقى بۇزۇلۇپ كەتسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يىراققا بىرىشقا كۆزۈم يەتمىدى-دە، كىچىك چېغىمدا كۆرگەن ئاتۇشتا بىر تويدا تويى بولغان قىزنى
         ئاتتىن يۇلۇپ ئىلىپ كۆتەرگەن يىگىتتەك بۇ چامداننى كۆتۇرۇپ كەلگەن يولۇم بويىچە بىكەتكە قايتىپ كەلدىم .بىر چاغدا كۆزۈم "ئۇچۇر ئۇستىلى" دىگەن يەردە ئولتۇرغان قارا تەنلىك ئايالغا چۈشتى. مەن ئايالغا ئەھۋالىمنى ئىيتىپ، ئەرزانراق ياتاق تىپىپ بىرىشنى ئۆتۈندۈم.
          بۇ ئايال مىنىڭ تەققى تۇرقۇمغا بىر قاراپ چىقىپ، كۆزۈمدىن چىقىپ تۇرغان تەشۋىشنى ھىس قىلدى بولغاي ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇ  بىر نەچچە يەرگە تىلىفۇن قىلىش ئارقىلىق "بوستون ياشلار ياتاقخانىسى" دىگەن يەردە بىر كۈنىگە 15 دوللارلىق ياتاقنىڭ بارلىغىنى تىپىپ چىقتى ۋە مىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى. 150 دوللار بىلەن 15 دوللارنىڭ پەرقىنى ھىساپلاپ بىقىڭلا ئوقۇرمەنلەر؟
قارا تەنلىك ئايال مىنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىمگە، نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرۇپ كىتىشلىرىمگە قاراپ ئىچى يەنە ئاغرىغان بولسا كىرەك، ھىلىقى مىھمانخانىغا قانداق بارىدىغانلىغىم، قايسى پويىزغا چىقىپ قايسى بىكەتتە ئالمىشىدىغانلىغىمنى تەپسىلى ئىزىپ چۈشەندۇردى.
ئۇ چاغدا بوستون شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان پويىزنىڭ بىلىتى 80 سېنت ئىكەن. يەنى 80 سېنتقا بىر سېرىق تەڭگە بىرىدىكەن -دە يولۇچى تەڭگىنى        پويىزنىڭ ئىچىگە تاشلايدىكەن. ھازىر بۇ باھا 2 دوللار 50 سېنتقا چىقتى.
        پويىزغا ئولتۇرۇپ شۇنداق بىر تەستە ياتىدىغان يېرىمنى تىپىپ كەلدىم، قارىسام بۇ شۇ چەتئەللىك قىسقا مۇددەتلىك ساياھەتچىلەر
2-3 ئاخشام تۇرۇپ كىتىدىغان يەر ئىكەن. ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەدىن كەلگەن 7 كىشى ۋە مەن قوشۇلۇپ 8 ئادەم ياتىدىغان ياتاقتا بىر كىچە تۈنەيدىغان بولدۇم. قارىسام بۇ ھەر ھەر يەردىن كەلگەنلەرنىڭ ئېنگلىزچە ئاھاڭلىرى ئاجايىپكەن.
بىر مىنىڭلا ھەمراھىم يوق. ئۇلار بوستوندا كۆرگەن بىلگەنلىرىنى سۆزلىشىشكە چۇشكەندە مىنى غەم بىسىشقا باشلىدى،
-ئەمدى ئەتە قانداق قىلارمەن؟ نەدە تۇرارمەن، بۇندىن كىيىنكى قەدەمنى قانداق باسارمەن؟ ياندىكى پۇلۇمنى قانداق يەتكۇزەرمەن؟
يات ئەلدە، تەنھا ياش بالىغا بۇ غەملەر -بىر ئالەمنىڭ غېمى ئىدى.
       تۇيۇقسىز خىيالىمغا ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋىرسىتىتى نورسىرىج شوبىسىدە خىزمەت قىلغان ئانتروپولوگىيە پروفىسسور نەنسى ۋالتېر خانىم كەلدى.
         مەن ۋەتەندىكى چاغدا مەكتەپ گىزىتىدىن نەنسى خانىم ھەققىدىكى بىر ماقالىنى ئوقۇغان ئىدىم، ماقالىدا بۇ خانىمنىڭ تەڭرىتاغ ۋادىسىدىن ئامىرىكىغا كەلگەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم قىلىپ كىلىۋاتقانلىغىنى ئوقۇغان ھەم كىيىن تونۇشقان ئىدىم يەنى مەن نەنسى خانىمنى تۇنجى قىتىم ئۈرۈمچىدە ئۇنىۋىرستىتىنىڭ ئالدىدىكى پوچتىخانىدا خەت چەك سىلىۋاتقاندا تونۇشۇپ ئىزدىشىپ ئۆتكەن ئىدىم، خانىم ھەم كىيىن ماڭا خەت يىزىپ ئىلھام بەرگەن ئىدى. مەن ئامىرىكىغا كىلىشتىن بۇرۇن  ئۆزۈمنىڭ بوستونغا كىلىدىغانلىغى ھەققىدە خانىمغا ئۇچۇر بەرگەن ئىدىم. شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ تىلىىفۇن نومۇرى بار ئىدى.
        شۇنىڭ بىلەن نەنسى خانىمگە تىلىفۇن قىلىش نىيىتى كىلىپ قالدى.  خانىم پىنسىيەگە چىقىپ لوس ئانجلىس شەھرىدىكى ئۆيىنى سىتىپ ئامىرىكىنىڭ گۈزەل تاغلىق رايونى بولغان مامموس كۆلى رايونىغا ماكانلاشقان ئىكەن.
تىلىفۇن ئۇلىنىشى بىلەن قارشى تەرەپتىن خانىمنىڭ ئالدىرىماي  سۆزلىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
كونىلارنىڭ "كەچ قويغان خۇدايىم، ئاچ قويماپتۇ" دىگىنى بەرھەق راست ئىكەن.
-قارا قەيسەر، مەن سىنىڭ بوستونغا بارىدىغىنىڭنى بىلىپ بوستوندا ئۇيغۇر بار يوقلىغىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئۇيغۇر يوقلىغىنى بىلگەندىن كىيىن دوستۇم ستىۋنىڭ خارۋاردتا ئوقۇغان سىڭلىسى بلەنداغا تىلىفۇن قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن يىتىپ تۇرساڭ بولىدىغانلىغى ھەققىدە گەپ ئالدىم. مانا ماۋۇ بلەندا نىڭ نومۇرى، ھازىرلا تىلىفۇن قىلغىن.
مەن نۇرغۇن تەشەككۇرلار بىلەن نەنسى خانىم بىلەن سۆزلۈشۈپ بولغاندىن كىيىن بلەنداغا تىلىفۇن قىلدىم.
قارشى تەرەپتىن ياڭراق ئاۋاز كەلدى.
-ھە شۇنداق نەنسى ماڭا تاپىلىغان ئىدى. ئەتە چۇشتە خارۋارد مەيدانىغا تاكسى توسۇپ كەل، مەن سىنى ئىلىۋالىمەن.

         بۇ سۆزلىشىشلەردىن كىيىن كۆڭلۈم ئازراق ئارام تاپقاندەك بولدى. كۆڭلۈمدىكى تەشۋىش بىسىققاندىن كىيىنلا شۇ كۈنى پۇتۇن كۈن دىگۇدەك  ئاغزىمغا بىر گىيا سالمىغانلىغىم  ئىسىمگە كەلدى. قوسىغىم قاتتىق ئاچقان ئىدى.
يا ئاللا مۇساپىرچىلىق، يا ئاللا تەشۋىش، يا ئاللا غەم، يا ئاللا مۇھتاجلىق!

         شۇ ئەسنادا بىر ياپونلۇق بالا يىنىمغا كىلىپ قالدى ۋە تازا راۋان بولمىغان ئېنگلىز تىلىدا دىدى.
-بۇ ياتاقخانا بىكارلىق كەچلىك تاماق بىرىدۇ ھازىر، بىللە چىقامدۇق.
ئابايا ياتاقتىكىلەرنى كۈزەتكىنىمدە مۇشۇ بالىلا ئارتۇق گەپ قىلماي ئولتۇرغان ئىدى.
مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھىلىقى بىكارلىق تاماق بىرىدغان يەرگە چىقتۇق، سالاد ۋە سەندۋىچنى بىكارغا بىرىدىكەن-يۇ ئىچىملىككە پۇل تۆلەيدىكەنمىز. بۇنى ماڭا كۈتكۈچى قىز چاي ئەكىلىپ بەرگەن چاغدىلا ئۇقتۇم.

قاتاردا تىزىلىپ تۇرۇپ تاماق ئىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە سەندۋىچنىڭ ئىچىدىكى نەرسىگە ھۆكۈم قىلالماي، سالادقا ئىسىلدىم.
ھۆ...تاماق بولامدۇ بۇ. بۇنى ئاۋۇ ئانام باققان كالىلارمۇ يىمەيدۇ. نىمە بۇ؟
ئۇ چاغدا مىنىڭ سالاد ۋە سەندۋىچنى تۇنجى قىتىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشۇم ئىدى. (ھازىرغۇ قاتتىق ئايرىيدىغان ۋە بىلىدىغان بولۇپ كەتتىم بۇلارنى. ئادەم نىمىگە كۆنمەيدۇ؟ 7-كۈندە دوزاققىمۇ كۆنۈپ قالىدۇ دىگەن شۇ بولسا كىرەك).

          شۇنىڭ بىلەن ياڭيۇدىن ياسالغان قاتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلغان ئۇششاق يىمەكلىكنى تىپىپ ھىلىقى ياپونلۇق بالا بىلەن بىر يەرنى تىپىپ ئولتۇردۇق.
شۇ ھامان بىر چىرايلىققىنا كەلگەن ئاق تەنلىك قىز نىمە ئىچىسىلەر دەپ ئالدىمىزغا كەلدى.
مەن چاي دىدىم.
قىز بىر دەمدىلا بىر ئىستاكان چاي كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەلدى ۋە ئۇنى بىرىپ بولۇپ قاراپ تۇرىدۇ. نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرسام ياپونلۇق بالا دىدى:
-مۇلازىمەت ھەققى تولەيسەن.
-قانچە پۇل بىرىمەن
-بىر دوللار بەرسەڭ بولا.
مەن بۇ قىزغا بىر دوللار تەڭلىدىم بىر خىل غودۇراش ئىچىدە. نەدە بىزنىڭ يۇرتتا ئىچكەن چايغا پۇل تۆلەيدىغان ئىش بار؟
مۇشۇ چايغىمۇ 8 كوي ئالامدۇ؟ 8 كويغا ئۇرۇمچىدە تونۇر كاۋىپى بىلەن تۇخۇم چاقتۇرۇپ ئۈگرە ئىچەتتىم ئەمەسمۇ؟
مەن ئۇرۇمچىدە دوللار تېگىشكەندە ھەر بىر دوللار ئۇچۇن 8.29 دىن خەلق پۇلى تۆلىگەن ئىدىم.
ماۋۇ ياپونلۇق بىچارە ئۆزىگە غەمنى پۇلغا سىتىۋالىدىغان رابانى ئىكەن.
نەچچە دۆلەتنى ئايلىنىپتۇ، ئەمدى بوستونغا كەپتۇ. ئېنگلىزچىسى ياخشى ئەمەسكەن شۇڭا دوست تۇتالماپتۇ، يالغۇزچىلىق ھىس قىپتۇ. ئۇ مىنىڭ ئالاقىشىش ئادرىسىمنى سورىدى. ئۇرۇمچىدىكى چىغىمدا چەتئەلدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىمەن دەپ مەكتەپنىڭ كومپۇتىر ھىساپلاش مەرگىزىدىن ھەر بىر ئىلخەت ئەۋەتكىنىم ئۈچۈن 5 يۇئەن تۆلەيدىغان بىر ئادرىسىم بار ئىدى. ئۇ چاغدا، فەيسبۇك، تىۋىتتىر دىگەنلەر نىمە قىلسۇن؟ yahoo, MSNدىگەنلەردىن خەت ساندۇقى ئىچىشنىمۇ ئۇقمايمەن-دە. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ھىلىقى ئاخىرى lynx دەپ ئاخىرلىشىدىغان خەت ساندۇقۇمنىڭ ئادرىسىنى بەردىم.
        مەن نىمە كويدا بۇ نىمە كويدا، توخۇ داڭگال، ئۆچكە جاڭگال چۇشەپتۇ دىگەن مانا شۇ.
ئەتىسى يەنى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرى بولغىنىغا قارىماي شاقىراپ يىغىۋاتقان يامغۇردا تاكسى توسۇپ بلەندا دىگەن يەرگە باردىم.
ئازراق ساقلاپ تۇرسام بلەندا ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەلدى. ئۆزى قىزغىن 35-36 ياشلاردا بار خارۋارد كەننەدي مەمۇرى باشقۇرۇش مەكتىۋىنى پۈتتۇرۇپ ئۆز ئالدىغا بىر كىشىلىك ئىش بىجىرىش ئورنى قۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ئايال ئىكەن.
ئۇ مىنى خارۋاردقا يىقىن يەردىكى بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىغا ئىلىپ باردى. ئېيىغا 850 دوللار تۆلەپ ھاجەتخانا، ئاشخانا ۋە بىر ئىغىز ئۇخلاش ئۆيى بار يەردە تۇرىدىكەن.
       بلەندا 1980-يىللىرىنىڭ ئوتتىرىدا قەشقەرگە بىرىپ قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئۆتكەن ئىكەن. شۇڭا ئاز-تولا پاراڭلىشىدىغان تىما چىقتى.
ئەمما مىنىڭ ئېسى يادىم بۇ بىر يالغۇز ئايالنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇش ئىدى.
ھممم، ئەمدى بۇنىڭ ئۆيىنىڭ نەرىدە ياتارمەن، مەن توي قىلمىغان يىگىت بۇ بىر ئايال بىلەن بىر ئۆيدىن چىقىپ كىرىپ يۇرسەم خەق نىمە دەيدۇ، ئۇرۇمچىدە مىنى ساقلاۋاتقان توي قىلىدىغان قىز بىلىپ قالسا نىمە دەپ كىتەر؟
كىيىن بىلدىمكى بۇ غەملەرنىڭ ھەممىسى ئورۇنسىز بولۇپ چىقتى، پەقەت مەن ئۈرۈمچىگە بىرىپ توي قىلغاندىن كىيىن ئۇرۇمچىدىن يىتىپ كەلگەن ئايالىم ئاز-تولا سوئال-سورىغىنى قىلغاندىن باشقا.:)

بلەندا مىنى ئۆيگە ئىلىپ كەلگەندىن كىيىن مەندىن نىمە يەيدىغانلىغىمنى سورىدى. تەييار چۆپ بىلەن تۇخۇم دىدىم.

        كەچتە ماڭا ئاشخانىنىڭ يىنىدىكى سافاغا ئورۇن سىلىپ بەردى ۋە مونچىغا چۈشۈۋىلىشىمنى ئىيتتى.
-ۋاي ئەمدى مەن بۇ بىر ئايال بار چاغدا قانداق مونچىغا چۈشۈمەن. ماۋۇ دۆتلىگىمنى قارىمامدىغان؟ ئىشىكنى تاقىۋىلىپ چۇشۈۋەرسەم بولىدىغۇ؟
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىگىنى، مىنىڭ ھىيىقىپ، تارتىنىپ تۇرۇپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ بلەندا كۈلۈپ كەتتى:
-قېرىندىشىم، ماۋۇ بوستون نەم، پات-پات مونچىغا چۇشۇپ تۇرمىساڭ، تېنىڭ پۇراپ قالىدۇ. مەن ئەمىسە ئۇخلىغىلى ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم،  سەن مەن مونچىغا چۇشۇۋال.
ئەتىسىدىن باشلاپ مەن ئۇ گىزىتكە بۇ گىزتكە قارايمەن، ئۆي ئىزدەپ، بلەنداغا كۆرسىتىمەن قىزىققان ئۆيلەرنى. جايلاشقان رايونى ۋە بىللە تۇرىدىغان ئادەمنىڭ سۇپەتلىرىگە قاراپ بلەندا بولمايدۇ دەيدۇ. بىر چاغدا بىر قىز بالا ئىجارىگە بىرىدىغان ئۆي بار دەيدۇ. ئۇ دىگەن يەرنى مىڭ تەستە تىپىپ بارسام ئۈچ ئىغىز ئوي بار ئىكەن، ئىسپان مىللىتىدىن بولغان بۇ قىز بىر ئىغىز ئۆينى ئىجارىگە بىرىپ بوپتۇ، يەنە بىر ئىغىز ئۆينى ماڭا 400 دوللارغا ئىجارىگە بەرمەكچى بولدى. قارىسام بۇ ماڭا بەرمەكچى بولغان ئۆينىڭ ئىشىكى يوقكەن.
بۇنداق يەردە قانداق خاتىرجەم ئۇخلىغۇلۇق. ئىشىكى يوقكەنغۇ دىسەم، ئورنىتىپ بەرگۇچە
ئەدىيال بىلەن توساق تارتىپ تۇرساڭ بولىدۇ دەيدۇ.
         توۋا دەپ تاس قالدى ياقامنى چىشلىگىلى، سادىغاڭ كىتەي، قەيسەر مىجىت ئامېرىكىغا كىلىپ ئىككى ياش قىز بالا بىلەن ياتاقداش بولۇپتۇ دەپ گەپ چىقىپ كەتسە، بۇ ئاھانەتنى نەدە كۆتۈرەي.
         راست گەپنى ئىيتسام خۇدۇكسىرىدىم، شۇڭا ئويلىشىپ باقاي دىدىم دە بلەندانىڭ يىنىغا قايتىپ كەتتىم.
ئۆي تاپالماي بلەندانىڭكىدە بىر ھەپتە تۇرۇپ كەتتىم،  ئىككىنجىى ھەپتە يەنە باشلانغىلى تۇردى. بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەكتەپ ئەتراپىدىن ئۆي تىپىش بەكلا تەس ئىكەن. ئەلۋەتتە باھانىڭ كۆزىگە قارىمىساڭ قىممەت باھالىق يەرلەر شۇ ھامانلا چىقىدىكەن. لىكىن مەن يوتقانغا قاراپ پۇت ئۇزاتمىسام بولمايتى. ئىككىنجە ھەپتىمۇ ئۆتەي دىگەندە بلەندانىڭمۇ رەڭگى ئۆزگىرىپ، گىپى قوپاللاشقىلى تۇردى.
ئادەم ئۆزىنى سورىمىسا شۇنداق بولىدىغىنىنى بىلەتتىم، ئۇنىڭمۇ توغرا ئىدى. لىكىن مەن يانچۇقۇمدىن سورىسام ئەھۋالىم ياخشى ئەمەس ئىدى.
-نەنسى سىنى بىر نەچچە كۈن تۇرىسەن دىگەن، سەن ئىككى ھەپتە تۇرۇپ كەتتىڭ، چوقۇم مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى چىقىپ كىتىسەن ئەمدى ئۆيدىكى تىلىفۇننى ئۇرمايسەن.
ئۇ شۇ ۋاقىتقىچە پۇل كەتمەيدىغان رايونلارغا تىلىفۇن ئۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلغان ئىدى.
       مىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلاپ، قاچىلىرىنى يۇيۇپ، ئىشخانىسىغا بىرىپ يەشىك يەشىك كىتاپلىرىنى ئۇ يەر بۇ يەرگە يوتكىشىپ بىرىشلىرىمنىڭ بارغانسىرى قىممىتى قالمايۋاتاتتى.

(بلەندا بىلەن كىيىن يىقىن بولۇپ كەتتۇق، ئۇ كىيىنچە كالىفرونىيەگە كۆچۈپ كەتتى، نەچچە يىلدا بىر بوستونغا كىلىپ تۇرىدۇ، ھەر كەلگىنىدە ماڭا تىلىفۇن قىلىدۇ، مەن بۇ پۇرسەتلەرنى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى قايتۇرۇشقا تېرىشىمەن، ئەينى چاغدا دىگەن گەپلىرىنى دوراپ قويىمەن. شۇنداق قىلغانمىدىم، ۋاي بولدى قىلغىنا نومۇس قىلغۇزماي مىنى دەپ كىتىدۇ ئۇ)

          خۇدايا شۇكرى، مەن ئاخىرى Malden دىگەن شەھەردىن ئايلىغىنى 320 دوللارغا بىر كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇستىدىكى بالىخانىنى ئىجارىگە ئالدىم. بويۇم تاملىرىغا تېگىشىپ قالىدۇ، دەرىزىسىنى ئىچىپ قويمىسام تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغۇدەكلا بىر كىچىككىنە يەر. كارۋات، ۋە بىر ئۇستەللا بار.
مەن مۇشۇنچىلىك بىر ئۇخلايدىغان يەرنىڭ يەنى ئەركىن-ئازادە ئارام ئالىدىغان يەرنىڭ بولغىنىغا خوش. ئۆي ئىگىسى -بىر ئايلىق ۋە كىيىنكى ئايلىق دەپ 640 دوللارنى پۇلنى ئالدى. ياخشى يىرى ئۇ مىنى ماشىنىسى بىلەن يوتقان كۆرپە، قازان قومۇچ ئىلىشقا ئىلىپ چىقتى ۋە كۆكتات ساتىدىغان تاللار بازىرىنى كۆرسۈتۈپ قويدى ھەمدە بانكىدىن ھىساۋات ئىچىشىپ بەردى.
مەن بىر قاتار ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن، ئازراق گۈرۈچ ئاش دۈملەپ يەي دىگەن نىيەتتە تاللا بازىرىغا چىقتىم.
-ماۋۇ كۆكتاتلارنىڭ قىممەتلىگىنى! ئىككى-توت تال پەمىدۇر ئالسام 23 كويغا (ئۇ چاغدا خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھىساپلايدىكەن ھەر قانداق يىڭى كەلگىنى) توختاپتۇ.
         مەن ئۆيگە كىلىپ يىڭى ئادرىسىمنى ئىشلىتىپ ئاتا-ئانامغا خەت يازغىنىمدا مۇشۇ جەرياننى قوشۇپ يېزىپ ساپتىمەن-دە،
بۇ خېتىم يىتىپ بارغاندىن كىيىن ئاتا-ئانامنىڭ ئۇيقۇسى ئۇيقۇ بولامدىغان. چۇنكى ئۇلار مىنىڭ قانچىلىك پۇل بىلەن چىقىپ كەتكىنىمنى بىلىدۇ. ئىككى تال پەمىدۇرنى 23 يۇئەنگە ئالسا، بۇ بالام قانداق جان باقىدۇ؟ ۋاي بىچارە بالام. ئۆزۈڭگىمۇ ئاز، نىمىش قىلىسەن خەقنىڭ يۇرتىغا چىقىپ. قايناق سۇ ئىچسەڭمۇ يىنىمىزدا تۇرساڭ بولمامتى.
         مەن كىيىن ئۆيۈمگە تىلىفۇن ئالغاندا خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئانامنىڭ بىر ھەپتە دىگۈدەك دۈم يىتىپ يىغلىغىنىنى، بالامدىن تىلىفۇن كىلىدۇ، ئاۋازىنى ئاڭلايمەن دەپ ئويتاغ ئورمان مەيدانىدىن 15 كىلومىتىر يىراقتىكى تىلىفۇنى  بار ئىدارە - سىمونت زاۋۇدىغا ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قىتىم سەھەردە بىرىۋالىدىغىنىنى، مىنىڭ 5 مىنۇتلۇق ئاۋازىم ئۈچۈن 5 سائەت ساقلاپ ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكلىرىنى ئااڭلاپ كۆزلىرىمدىن ياشلار ئىقىپ كەتتى، بولمىسا مەن ئالدىراپ كۆز يىشى قىلمايدىغان يىگىت ئىدىم.



25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   32.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7396
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 15:44:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئەپەندىم،«كەپتەرلەر»نىڭ ئاخىرى تۇگەپ كەتتمىمۇ؟؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22881
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 380
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 16:28:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالۋۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 15:44
قەيسەر ئەپەندىم،«كەپتەرلەر»نىڭ ئاخىرى تۇگەپ كەتتمىمۇ ...

مىنڭمۇ بەك ئوقۇغۇم كەپكەتتى

0

تېما

0

دوست

532

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16602
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 16:31:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئىنىم:بىز قىيىنچىلىققا يولىقىش ئارقىلىق ھەرخىل چارە تەدبىرلەرگە ماھىر بولۇپ قانداق قىلىپ توسالغۇلاردىن ئۆتۈشنىڭ يولىنى تاپالايدىغان  گىگانتلاردىن بولۇپ چىقىمىز.سىزنىڭ بۇ يازمىڭىز چەتئەل قىزغىنلىقى بار ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئوبدان بىر ساۋاق،كۆپلىگەن ياشلىرىمىزغا ياردەم قىۋاتىسىز،ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتىسىز،سىزگە ئاپىرىن!ئامەتلىك بولۇڭ،ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ راۋان بولسۇن!

-1

تېما

6

دوست

1381

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24506
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 16:54:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭزنى ئىز قوغلاپ ئوقۇۋاتىمەن ،شۇنداق چىن ۋە تەبئىي ، تېنىڭىز سالامەت بولسۇن قەيسەر ئاكا .

2

تېما

5

دوست

586

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28753
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 17:03:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىسسەندە قەيسەر،ئەسەرلىرىڭدە ھەم تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى ھەم قالتىس يۇمۇرلار بار

----كىتابخۇمار----

6

تېما

66

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1063
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1029
تۆھپە : 2886
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 17:13:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدەك چىدامچان،باتۇر ئەزىمەتلىرى بولغىنى ئۈچۈن بۇ خەلىق ئۈمىدۋار ...

1

تېما

1

دوست

2977

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 228
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-30 17:18:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئېسىل يازما. ئەدەبىياتنى تاشلىماي يازىۋەرگەن بولسىمۇ ھازىرغىچە كاتتا يازغۇچى بولۇپ كېتەتتى قەيسەرجان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )