- تىزىملاتقان
- 2014-5-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2884
- نادىر
- 0
- يازما
- 353
ئۆسۈش
29.47%
|
مېنىڭ سىڭلىمنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق فاجىئەلەرگە تەقلىد قىلىنغاندەكلا بىر ئۆتمۈشلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن قىزلارنىڭ تۇرمۇش قىسمەتلىرىنى بايان قىلىپسىز ، بىچارە سىڭلىمنى مېنىڭ ئاتا - ئاناممۇ باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنلا تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتماي ئارىۋىلىپ ھوقۇقى چوڭ ئەمەلدار نەۋرە ئاكىمىزنىڭ قىزلىرىنى بىقىپ بىرىشكە ئاپىرىپ بەرگەن ئىدى ، مەقسەت مېنى ئالىي مەكتەپتىن قايتىپ كەلسە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ دەپ، ۋاقتى كەلگەندە نىمىش بولدى ، مىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇش ئاياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىنچە يىراق چەت يېزىدىكى تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە تەكىلىپلىك ئوقۇتقۇچىلىققا تۇنۇشتۇرۇپ قۇيۇپ مەكتەپتە بولسا ئىشنىڭ ئەڭ ئېغىرلىرىنى ماڭا ئارتىپ قويغان، مائاش چۇ تىخى ۋاقتىدا يوق ، قىنى مىنىڭ مائاشىمنى بارمامسىلەر دىگەن گەپنى مەكتەپ مالىيەسىنى باشقۇرىدىغان خادىمغا دىسەم ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئاكىڭىز مائاشىنى بەرمەي ئىشلىتىۋىرىڭلار دىگەن ئىدى ،مائاشىڭىزنى ئاكىڭىز رۇخسەت قىلسا بىرىمىز شۇڭلاشقا ئاكىڭىزدىن رۇخسەت ئېلىپ كىلىڭ دەپ مائاشنى بەرمىگەندىن كىيىن شۇ ئاچچىقىمدا بولدى قاچانغىچە باشقىلارنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ياشايمەن ، ئۆز ئالدىمغا ئىگىللىك تىكلەي دىگەن خىيال بىلەن ئىككى بىلىكىم، ئالىي مەكتەپتە ئىگەللىگەن بىلىمىم بىلەن 4 يىل تىرىشىپ مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خەلقىمىز بىردىنبىر ئېھتىياجىلىق بولغان جاپاغىلا چىدىسام تەرەققىي قىلغىلى بولىدىغان كەسىپتىن بىرنى تۇتۇپ ماركىلىرىمنى ئەنگە ئالدۇرۇپ تەقلەپ تەييار قىلىپ ئىشلىرىمنى باشلاپ بولدۇم ، بۇ تېمىلارنى ئوقۇپ ئولتۇرغان ئۇشبۇ دەملەردە بىچارە جاپاكەش ، مەن ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان سىڭلىمنىڭ سىماسى ، ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلنىپ باشقىلارغا ئىشلىتەلمىگەن ھوقۇقىنى ئوز قىرىنداشلىرى تۇققانلىرىغا ئىشلىتىپ يۇقۇرىغا يامىشىۋاتقان پۇلى جىق باي ئاكىمىزنىڭ سىماسى قاتارلىقلار خىيالىمغا كىىلىپ دەل شۇ چاغلاردا سىڭلىمغا تېلفۇن ئۇرۇپ كەچۈرۈم سوراپ كەتتىم، چۇقۇم سىڭلىمغا مەن ئۈچۈن تارتقان رىيازەتلىرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ۋەدە بىرىپ كەتتىم .. |
|