قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2770|ئىنكاس: 60

ئەلسۆيەر: كىملىك چاقىرغاندا (ئۆزباش ھەققىدە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

12

دوست

2253

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 740
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-1 21:30:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
كىملىك چاقىرغاندا
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر



ــ «كۆز ئېچىپ ئالەمگە تۆرەلگەندە مەن، شۇ گۈزەل ھۆسنىڭگە باقتىم تار كوچا،
مەيلى پارىژ، مەيلى ئىستانبولدا مەن، سېغىنىش قەلبىمدە گۈلخان تار كوچا.
مېنى تۇغقان جان ئانامسەن تار كوچا، مېنى ئۆستۈرگەن ئانام سەن تار كوچا،
شۇنچە بەرنا قىز – يىگىتكە پاسىبان، بىر گۈزەل دىلبەر ماكانسەن تار كوچا.»

    ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا «تار كوچا» ناملىق ناخشىدا ئىپادىلەنگەن ئەنە شۇ ۋەتەن ئوتىدا پۇچۇلىنىش ھېسسىياتى ۋەتەنگە بولغان تەلپۈنۈش ھېسسىياتىم بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا: «بىر ئادەمنىڭ كىملىك ئېھتىياجى ئۆز توپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشلىنىدىكەن» دېگەن ھېسسىياتقا كېلىپ قالغانىدىم. دېمىسىمۇ بىز ئۆز يۇرتىمىزدا ياشاپ، ۋەتەن، ئانا يۇرت ئۇقۇملىرىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىرىغا يوشۇرۇنغان قىممەتلىك ئېلېمېنتلارنى بايقىيالماي قالىدىكەنمىز. ئەمەلىيەتتە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشلاردا بىز ئادەتلىنىپ كەتكەن ھەم سەل قارايدىغان قىممەتلىك تەرەپلەر بولىدىكەن. ۋەتەن، يۇرت ئۇقۇملىرىنىڭ ئەسلىي ۋەزنى كونكرېت نەرسىلەر ۋە كونكرېت ئادەملەردە ئىكەن. مەن ئامېرىكىدا تىل ياكى كەسىپ ئۆگىنىش جەھەتتە قىينالمىدىم، بىراق مېنى بىر خىل چەكسىز تەنھالىق قىينىدى، غېرىبلىق ئوتىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدا تەڭ كۆيدۈم. «مەن مۇشۇ پېتى تەنھا ئۆتەمدىم؟ مۇشۇ ئوتتا داۋاملىق كۆيەمدىم؟» دېگەن ئويلار كاللامدا قايتا – قايتىلاپ زاھىر بولدى. دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى پۈتكۈزۈشنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا گىراژدانلىقىغا ئۆتۈپ كېتىش ياكى ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش مەسىلىسىدە ئازابلىق تاللاشقا دۇچ كەلدىم، ئامېرىكىدا قېلىش مەندىن ئۇيغۇرچە تەپەككۇردىن ياتلىشىشنى، يازمىلىرىمنى پۈتۈنلەي ئىنگىلىزچە يېزىشىمنى، ئامېرىكىلىقلارغا خاس تەپەككۇر قىلىشىمنى تەلەپ قىلاتتى. ئۆزۈمنى ئۇزاق دەڭسەپ بېقىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەن ئۇنداق قىلالمايدىكەنمەن، ئاخىر ئانا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، قايغۇ ۋە خۇشاللىققا يۇرتداشلىرىم بىلەن بىللە جور بولۇش نىيىتىگە كەلدىم. ئەلۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاش ئىستىكىدىن ۋاز كېچىشىم بوشاڭلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ ماڭا تەنقىدىي كۆزىتىش نۇقتىسى تەمىن ئەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. ئامېرىكىدا ياشاش مەن ئۈچۈن ھەم ئۆزۈمگە جەڭ ئېلان قىلىش جەريانى ھەم  كىملىك، كوللېكتىپ رىشتە، ۋەتەن ئۇقۇملىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش جەريانى بولدى. ئالتە يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ۋۇجۇدۇمنى ئىلىم ئۆگىنىشكە ئاتىدىم،ـــ دېدى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ماڭا.
    ئامېرىكىدا ئانا تىلى ئىنگىلىزتىلى بولغان ئامېرىكىلىقلار بىلەن بەسلىشىپ ئوقۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، بىراق زۇلپىقار بارات بۇ قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى.ئۇ ھارماي ئۆگىنىش نەتىجىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «تەڭرىتاغ ئالىمى ئىختىساسلىق خادىملار پىلانى» غا كىرگۈزۈلگەن 69 ئالىمنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپەر ياش ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابى ماگىستېرلىق ئوقۇش جەريانىدىكى ھېس – تۇيغۇلىرىنىڭ مەھسۇلى بولسا، «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ» ناملىق كىتابى دوكتورلۇق ئوقۇشى داۋامىدا جۇغلىغان بىلىملىرىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.
ـــ چەت ئەللەردە ئۈنۈم قوغلىشىدىغان كىشىلەر ۋاقىت باشقۇرۇش كۇرسىغا قاتنىشىدۇ. مەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ۋە چەت ئەللەردە ئوقۇش داۋامىدا مەن ۋاقتىمنى بەش مىنۇت، 15 مىنۇت، يېرىم سائەت، 90 مىنۇتقا بۆلۈپ، ئىشلىرىمنى شۇ بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇم، ئاندىن قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى مۇھىملىق تەرتىپى بويىچە رەتكە تىزىۋالدىم. ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا قەھۋەخانا، كىتابخانا، كۇتۇپخانا، ئىشخانا ۋە باغچە ئارا يۆتكىلىپ يۈرۈپ خېلى كۆپ يازمىلارنى يازدىم، بۇنداق قىلىشىمدا بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن يېزىقچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش مۇددىئايىممۇ بار ئىدى. ئالتە يىللىق مۇساپىرەتتە يېزىقچىلىق مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەرمەك بولدى. بىز يېزىقچىلىق قىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنى بايقايمىز، يېزىقچىلىق سالماقلىق بىلەن كىملىكىمىز ھەققىدە ئويلىنىش جەريانى. جەمئىيەتشۇناسلىق بىزگە نەزەرىيەۋى تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىدىن پەيدا بولغان ياخشى نەرسىلىرى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغان ئەخلەتلىرىمۇ بولىدۇ. بىز بىر ئۆينى پاكىزلاپ زىننەتلەش ئۈچۈن ئۇ ئۆيدىكى ئەخلەتلەرنى يۆتكىۋېتىشىمىز كېرەك. ئۆيىمىزدە ئەخلەت پەيدا بولغىنىدەك تەپەككۇرىمىزدىمۇ ئەخلەت پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئەخلەتلەرنى تازىلاشتا بىز جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىگە مۇراجىئەت قىلىمىز. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، زامانىۋىيلىشىشنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىمىزدىن ياتلىشىۋاتىمىز، ئەنئەلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتىمۇ جەمئىيەتشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور،ـــ دېدى ئۇ.
   زۇلپىقار بارات مېنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزدىكى چەت ئەل خۇمارلىق خاھىشىغا قارىتا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
ـــ ۋەتەندە تۇرۇپ چەت ئەلگە ئىنتىلدىكەنمىز، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە ئىنتىلىدىكەن. چەت ئەلگە بېرىپ ئىككى - ئۈچ يىلدىن كېيىن چەت ئەلگىمۇ قانىدىكەنمىز، ئاندىن ھەممە ئشتا يېڭى تاسقاشلارغا دۇچ كېلىدىكەنمىز، شۇ چاغدىلا جامائەت ۋە يۇرتداشلارنىڭ قىممىتىنى قايتىدىن ھېس قىلىدىكەنمىز. چەت ئەل زېمىنىدىن ئۈرۈمچىگە چۈشكەن چېغىمىزدا ئۈرۈمچى كۆزىمىزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەر كۆرۈنىدىكەن. بىر قېتىم بوستوندىكى ساففولىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قەيسەر مىجىت ئاكىنىڭ ئۆيىگە بارغانىدىم، ئۇنىڭ ھاممىسى ماينىسا ھەدىمىز ئوخشىتىپ لەڭمەن ئەتتى، شۇ لەڭمەنلەرنى چاكىلدىتىپ  يېدۇق. ئۇ كۈنى قەيسەر مىجىتنىڭ ئۆيىگە يۇرتىمىزدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ كەلگەنىكەن. ئۇلار ئالدىغا كەلگەن لەڭمەننى كۆرۈپ: «ئاھ لەڭمەن» دەپ يىغلىشىپ كەتتى. دېمەك، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەننى سېغىنىدۇ، ۋەتەن ئىشتىياقى، ۋەتەن ئوتى ئۇلارنى قىينايدۇ. مەن ئامېرىكىدا قەشقەر توپىسىنى ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان تۇتىيا بىلىپ ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر بوۋاينى ئۇچراتتىم. نۇرغۇن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى چەت ئەللەردە ھامان بىر كۈنى ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش ئىستىكىدە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى چەت ئەلدە ئوقۇش جەريانىدا ئۆزگىلەر ئارقىلىق ۋەتەننىڭ قىممىتىنى قايتىدىن تونۇدى. چەت ئەلگە چىقسىڭىز، ئۇيغۇرغا خاس بەلگە، ئىماگ ۋە تاماقلارنى سېغىنىدىكەنسىز، مەنمۇ شۇنداق بولدۇم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كونسۇل كوچىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يولنى بەكلا سېغىندىم، ئېھتىمال مۇساپىرچىلىقتا ۋەتەننىڭ قەدرى تېخىمۇ ئۆتۈلىدىغانلىقىدىن شۇنداق بولسا كېرەك. قارايدىغان بولساق، ھازىر بىزدە ئىمپورت ماللار خۇراپاتلىقى ۋە چەت ئەل قىزغىنلىقى خېلىلا ئېغىر. دىيارىمىزدىكى قىسمەن سودىگەرلەر ئىمپورت قىلىنمىغان مەھسۇلاتلارنىمۇ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى قاتارىدا ساتماقتا، بۇ بىر خىل كاززاپلىق. ئۆتكەندە بۇرادەرلىرىم بىلەن كۇچاغا بارغانىدۇق، بىز بىرلىكتە بىر ئاشخانىدا غىزالانغىلى كىرىپ بېلىق بۇيرۇتتۇق، مۇلازىم بىزگە «تۈركىيە بېلىقى» دەپ ئادەتىك بېلىقنى ئەكىلىپ بېرىۋاتىدۇ، ھەيران قېلىپ، مۇلازىمدىن كوچىلاپ سورىسام، ئۇ ئاخىر بۇ بېلىقنىڭ «شايار بېلىقى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ يەردىكى چايلارنىڭ قېپىغا «تۈركىيە چېيى» دەپ يېزىۋاپتۇ، ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈشىگە قارىسام، ئۇ چايلار تۈركىيە چېيى ئەمەسكەن. ئەمەلىيەتتە ئىمپورت قىزغىنلىقى ئۆزىنى كەمسىندۇرۇشنىڭ ئەكس مەنىدە ئىپادىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش مەسلىسىگە كەلسەك، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇساق نەزەر دائىرىمىز كېڭىيىدۇ، ۋەتەندە تۇرۇپ بايقىمىغان، ھېس قىلمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقاپ، ئۆگىنىۋالىمىز، بۇ بىزنىڭ يېڭىچە تونۇشلارغا كېلىشىمىزگە پايدىلىق، ئەمما چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش باشقىلار بىلەن بەسلىشىش ئۈچۈن ياكى مودا قوغلىشىش ئۈچۈن بولسا توغرا بولمايدۇ. مەن ئامېرىكىدىكى چېغىمدا ئامېرىكىنىڭ بوستون ۋە باشقا شەھەرلىرىدە، 14-15 ياشلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇچراتتىم. ئۇ بالىلارنى ئاتا – ئانىلىرى پۈتۈنلەي پۇلغا زورلاپلا ئوقۇتۇۋېتىپتۇ. ئاتا – ئانىلىرى ئۇلارغا ئۆزلىرى يېمىسىمۇ،  ئىچمىسىمۇ، بىر ئامال قىلىپ پۇل ئەۋەتىپ بېرىدىكەن.  ئامېرىكىدا رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن، ۋەتەندە تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلالمىغانلار چەت ئەلگە چىقىپ تېخىمۇ قىلالمايدۇ. بۇ بىر خىل ۋاقىت ۋە پۇل ئىسراپچىلىقى بولۇپلا قالماستىن، بالىلارنىڭ تەقدىرىنى دوغا تىككەنلىكتۇر. نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى چەت ئەلدە ئۈچ - تۆت يىل ئوقۇتار-ئوقۇتمايلا ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم تۈپەيلىدىن ۋەيران بولماقتا. بالىلىرىنى ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا چەت ئەلدە ئوقۇتماقچى بولغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ: «بالام ئاتا – ئانا مېھرىگە تازا موھتاج بولۇۋاتقان مەزگىلدە بىزدىن ئايرىلسا، ئۇ يەردىكى تۇرمۇش بېسىمىغا پىسخىكا جەھەتتىن بەرداشلىق بېرەلەمدۇ – يوق؟ چەت ئەل تۇپرىقىغا ماسلىشالامدۇ – يوق؟» دېگەن مەسلىلەرنى ئوبدان ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
   ھايات ئۈمىدۋارلارنى مۇكاپاتلايدۇ. زۇلپىقار بارات بىزنى تىرىشچانلىققا ۋە ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەيدىغان ياش زىيالىيلارنىڭ بىرى، ئۇ سۆز ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
    ـــ بىز مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىمىز لازىم. ئەقىدە باغلاپ ئۇتۇق قازانماقچى بولغان ئىشنىڭ نۇرغۇن ئەگرى - توقايلىق جەريانلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭدا تېزلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىن ئەمەس. ئۆز نىشانى ۋە ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ نىشانىدىن ئاداشماستىن، ئۆزى قىزىققان كەسىپكە بولغان مېھرىدىن يانماي، ئىزچىل ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
     شۇنداق، «تىرىشقاننىڭ تېغى ئالتۇن». تىرىشقانلار داۋان ئېشىپ، ئەل – ۋەتەن ئالدىدا يۈزىنى يورۇق قىلىدۇ، ئۆزگىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ، ھاياتىنى مەنالار بىلەن بېزەيدۇ، زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ھاياتلىق ئالبومىدىكى سەمەرىلىك مەزمۇنلار ھەربىرىمىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا ۋە ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.
(ئاپتور: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىجتىمائىي تېمىلار مۇلاھىزىچىسى، ئىلىم چېيىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى.)
2014.7.1  ئۈرۈمچى شەھىرى

7-.jpg

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 4091
توردىكى ۋاقتى: 1236
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 01:43:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-2 01:46  

ئەلسۆيەر  قېرىندىشم ئۆز باش ئەپەندى كەچۈرمىشىنى يېزىش ئارقىلىق بىزگە خېلى كۆپ ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپسىز. سىزگە تەشەككۇر.ئۆز باش ئەپەندى چەتئەلدىكى ۋاقىتتا خېلى كۆپ يازمىلارنى يېزىپ ،تورلارغا يوللاپ تۇراتتى.دىيارىمىزغا قايتىپ كەلگەندىن بىرى تورلارغا يوللىغان يازمىسنى ئۇچراتمىدۇق.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

307

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   3.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29994
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 09:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iltebir107 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 01:43
ئەلسۆيەر  قېرىندىشم ئۆز باش ئەپەندى كەچۈرمىشىنى يېزىش  ...

چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەر تورغا ئازراق چىقىپ ئادەم باريەرگە ئازراق بارغان ياخشى،بۇ دىگەن ‹جۇڭگۇ›.

19

تېما

1

دوست

3553

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 934
توردىكى ۋاقتى: 168
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 10:55:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xmt يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 09:58
چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەر تورغا ئازراق چىقىپ ئادەم با ...

10

تېما

12

دوست

2253

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 740
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 11:11:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iltebir107 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 01:43
ئەلسۆيەر  قېرىندىشم ئۆز باش ئەپەندى كەچۈرمىشىنى يېزىش  ...

زۇلپىقار مۇئەللىم يېقىندا سەل ئالدىراش بولۇپ قالدى، قولىدا يېزىۋاتقان كىتابلار بار، شۇڭا تورغا كۆپ ئەسەر يوللاپ بولالمايۋاتىدۇ، بىراق ئۇ دائىم تورغا چىقىپ تۇرىدۇ، كېيىنچە ياخشى يازمىلارنى تورلارغا يوللاپ تۇرۇش خىيالىمۇ بار،  مەن سىلەرگە زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ «تەپەككۇر» ۋە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا چىقىۋاتقان ماقالىلىرىنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

10

تېما

12

دوست

2253

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 740
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 11:15:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xmt يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 09:58
چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەر تورغا ئازراق چىقىپ ئادەم با ...

بۇ پىكىرىڭىزگە مەن قوشۇلمايمەن، چەتئەلدە ئوقۇپ كاللىسى ئېچىلغان زىيالىلار كۆپرەك تورلارغا چىقىپ، مۇنبەرلەرگە جەمئىيەتكە يېتەكچى بولغىدەك يازمىلارنى يوللاپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقى ۋە جەمئىيتى ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ تۇرۇشى لازىم،  نۆۋىتى كەلگەندە كوللىكتىپ سورۇنلارغا قاتنىشىپ، شۇ سورۇننىڭ ئىلىم ھاۋاسىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشى، چەتئەلدە ئوقۇشنىڭ ئىنسانىي كامالەتتە يۈكسىلىشتىكى مۇھىم بىر يول ئىكەنلىكىنى جار سېلىشى لازىمدۇر، شۇندىلا خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئىلىم مەشئىلىنى تېخىمۇ لاۋۇلداتقىلى، تېخىمۇ كۆپ ياش بۇغۇنلارنى ئاۋانگارت زىيالىلار قوشۇنىغا قوشقىلى بولىدۇ.

10

تېما

12

دوست

2253

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 740
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 11:33:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ چەتئەلدە ئوقۇغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىش كېرەكمۇ ياكى چەتئەلدە قېلىپ قېلىش كېرەكمۇ دېگەن مەسلىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى بولۇشى مۇمكىن، شۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىڭلارنى قويۇپ باقساڭلار؟؟؟

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 4091
توردىكى ۋاقتى: 1236
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-2 11:49:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-2 12:26  

ئىنسان قەيەردە ئۆزىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرالىسا شۇ يەردە تۇرغىنى ياخشى .ھازىر كىشىلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ئىستىكى بارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ.خەلقئارا مائارىپقا بولغان كۆز قارىشىمۇ چۇڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.قەيەرنىڭ مائارىپ سۈپىتى ياخشى بولسا  شۇ يەرگە بېرىپ بىلىم ئېلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )