ئۇيغۇر ناخشىچىلىقىغايېڭى تەرەققىيات ئېلىپ
مەن ناۋا پىراگىراممىسىنىڭ يىللىق چولپان تاللاش مۇسابىقىسىنى كۆرۇپ مۇسابىقەنەتىجىسىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم، چۈنكى بىزنىڭ باھالىغۇچىلىرىمىزنىڭ ناخشىچىلارغا بەرگەن باھالىرىنىڭ قويغان نومۇرلىرىنىڭ نامۇۋاپىقلىقىغا قاراپ ئۇيغۇر ناخشىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدىن تولىمۇ ئەنسىردىم، چۈنكى بۈگۈنكى بىلىم ئىگىلىكىدىكى دۇنيادا، باشقا ئەللەرنىڭ سەنئىتى ئىنتايىن تېخنىكىلىشىپ، ئىلمىيلىك ئاساسىدا ئۆزگە مىللەت، دۆلەتلەرنىمۇ مۇزىكا مىلودىيىسى، ناخشا ئىيتىشتىكى يۇقۇرى ئاۋاز تېخنىكىسى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرماقتا، بېتخوۋېن شۇنداق دىگەن:« دۇنيادا ئادەم ئاۋازىدىنمۇ ئەڭ يېقىملىق ساز يوق» دەپ، ياۋرۇپالىقلارمۇشۇنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتكەچكە ئاۋاز ئىلمىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن، شۇڭا ياۋرۇپادا دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرگىدەك سەنئەت،سەنئەتكارلار بارلىققا كەلمەكتە . بىزنىڭ ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىمىزمۇ ئەنە شۇنداق تەرەققىياتلارغائىنتايىن مۇھتاج، چۈنكى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى ئۇدار كۈي جەھەتتە بەكلا سەرخىل گۈزەل مىلودىيەلەرگە، ۋە ئىنتايىن خاس بولغان ئۇدارلارغا ئىگە، مۇشۇنداق كۆمۈلۈپ ياتقان بىر سەنئەت بايلىغىمىزنى رىياتتەك ئاۋاز ئىلمىي ئۈچۈن تىرىشقان، ئىزدەنگەن،ناخشا ئېيتىش ماھارىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاۋاز ئىلمىيتىنى ئىگەللەشتىن كېلىدىغانلىغىنى بىلىپ، ئاۋاز تېخنىكىسىنى ناھايىتى ياخشى ئىگەللىگەن، ئىلمىي تەرەققىي قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ تەرەققى قىلدۇرشىغا مۇھتاج. رىياتنىڭ ئاۋازنى كونتىرۇل قىلىشى بەكلا ياخشى،ئاۋازىنىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇقىم، قېيىش ئالامەتلىرى يوق، ئاۋاز تۈسى ئىنتايىن چىرايلىق ھەم يېقىملىق ھەقىقى ئەركەكلارگە خاس بولغان تورلۇق ئاۋاز، باش قېسىم، ئېغىز قىسىم،كۆكرەك قىسىمدىكى ئاۋازلارنى ئىنتايىن ياخشى تۇتاشتۇرغان، ئاۋازىنىڭ ئېلاستىكىلىغى بەكلا ياخشى، بۇ خىل ماھارەت ئىنتايىن كۈچلۈك ئاۋاز تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ، مەن ھازىرغىچە بىرەر ئۇيغۇر ئەر ناخشىچىلارنىڭ ئاۋاز كۈچىنى مۇشۇنداق ياخشى كونتىرۇل قىلىپ ئېيتىپ باققىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، ئاۋاز ئىلمىي بولسا ئىگەللەش ئىنتايىن تەس، كۆپ ئەقىل ئىشلىتىپ، كۆپ ئىزدىنىش تەلەپ قىلىدىغان بىر پەن، چۈنكى ئاۋازنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ، پەقەت ئۆز ئەقىل سېزىمىمىزگىلا تايىنىپ ئىگەللىگىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ناخشا كەسىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئىنتايىن زېرەك، تىرىشچان بولىشى كېرەك، رىيات ناخشا ئورۇنلاشتا يۇقۇرى ماھارەت ئىشلىتىپلا قالماستىن بەلكى ناخشىدىكى ھىسياتنى ئىنتايىن ياخشى ئىپادىلىگەن، ناخشىنىڭ مىلودىيىسى ھەر قانچە چىرايلىق بولسىمۇناخشا ئورۇندىغۇچىنىڭ ھىسياتى ياخشى ئىپادىلەنمىسە، بۇ ناخشا ئۆز قىممىتىنى تاپالمايدۇ.رىياتنىڭ ناخشا ئېيتىشتىكى ھىسياتى ئىنتايىن تەبىئي، ئازراقمۇ سۇنئىي ھىسيات ئارلاشمىغان، ئاۋازى بىلەن ھىسياتى شۇنداق ياخشى بىرلەشكەن، مەن بەكلا قايىل بولدۇم، مۇشۇنداق يۇقۇرى ماھارەتكە ئىگە بولغان، مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن تالانتلىق، ئىنتايىن زور ئىستىقبالغا ئىگە بولغان بىر ياش ناخشىچىمىزنىڭ بەزى بىر سەنئەنكارلىرىمىزنىڭ قايىللىغىغا، ئېتىراپ قىلىشىغا، ئېرىشەلمىگىنىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم، ئاۋاز جەھەتتەبىلىمى بار ھەر قانداق ئادەم ھىس قىلىدىغان، قايىل بولىدىغان تەرەپلىرنى كۆرۈپ تۇرۇپ، كۆزنى يۇمۇپ تۇرغىنىدىن بەكلا ئۆكۈندۈم، دۇنيا يەر شارىلاشتى، بىزسەنئىتىنىمىزنى ئۆز يۇرتىمىزنىڭ، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تاماشىبىنلىرىنىڭ سەۋىيەسى بىلەن ئۆلچىمەستىن دۇنيا سەۋىيەسى، دۇنيا تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ئۇيغۇرسەنئىتىمىزنىڭ تاماشىبىنلىرىنى رىياتتەك تالانتلىق ناخشىچىلىرىمىزنىڭ تالانتى ئارقىلىق كېڭەيتىشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئۇيغۇر سەنئىتى يۇقۇرى ئۈنۈم، يۇقۇرى ئابرويغا، يۇقۇرى ئىستىقبالغا ئىگە بولغان ھەم كەلگۈسىدە بىزگە يات بولغان دۆلەت، مىللەتلەرنىڭمۇ ئېغىزلىرىدىن ئاڭلايدىغان ھالغا كەلتۈرگىلى بولاتتى. رىيات ئىنىم،سىز نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىدە ھەقىقى چولپان، سىزنىڭ ناخشىدىكى تالانتىڭىز نۇرغۇن نەتىجە، ئۇتۇقلارنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ، بىز سىزگە ئىشىنىمىز، تېخىمۇتىرىشىڭ.!!!سىزنىڭ سەھنىدىكى ئاخىرقى سۆزىڭىزدىن ،سىزنىڭ ئىنتايىن ئىرادىلىك،غايىلىكلىگىڭىزنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . غەلبە ھامىنى سىزدەك تىرىشقانلارغا مەنسۇپ. |