قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1451|ئىنكاس: 32

[تەرجىمە ماقالە] تۇرفان (تۇرپان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

2161

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 23:01:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرفان
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش



تۇرفان
(تۇرپان) ياكى تورفان، جۇڭگو مەملىكەتىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىدىكى، تۇرفان ۋىلايەتنىڭ مەركەزى ۋە سەھرا بوستانلىقى شەھىرىدۇر.

ئۆتمۈشتە
     تۇرفان رايونى قەدىم زامانلاردىن تارتىپ، ھەم مەغرىب ۋە چىن ئارىسىدىكى سودا-سېتىق جەھەتتىن ۋاسىتە ئىدى، ۋە ھەم سىياسىي نۇقتىلاردىنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. مىلادىيەدىن ئاۋۋالقى ئىككىنچى ئەسىردە بۇ رايون ئەمىرنېشىن (ئەمىر ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈدىغان دەۋلەت) ئىدى ۋە مىلادىيەدىن ئاۋۋالقى ئاتمىشىنچى يىلدا چىنلىقلار بۇ ئەمىرنېشىننى ئاغدۇرۇۋېتىشكەن. مىلادىيە مىڭ يىللار ئىلگىرى، تۇرفان رايونى پورقۇدرەتلىك مەدەنىيەت مەركەزى بولۇپ، ھىندىي ۋە ئىرانىي ئاناسىر ئۇنىڭدا ئۆئارا بىرىككەن ئىدى. جۇڭگوچە مەنبەلەردە تۇرفان نامى (تۇلۇفەن ئاتىقى بىلەن) تۇنجى قېتىم مىلادىيە بىر مىڭ ئۈچ يۈز تەتمىش يەتتىنچى يىلى؛ ۋە فارسىي مەنبەلەردە گويا تۇنجى قېتىم ‹ھودۇدۇلئالەم (توفقان ئاتىقى بىلەن) ۋە ھەم كېيىچە جامېئۇلتەۋارىخ (تارىخى رەشىدىي) دە زېكىر بولغان ئىدى.

      تۇرفاننىڭ تارىخىي ئەھمىيەتى، ئاساسەن ئۇنىڭ ئىسلامدىن ئاۋۋالقى دەۋرىگە يانىدۇ. تۇرپارننىڭ مەۋقىييەتى، قەدىمقى زاماندىن تاكى ئوتتۇرا ئەسىرلەرگىچە، غەرب ۋە ھىندىستان ۋە چىن ئارىسىدا مەدەنىيەت ۋە تېجارىي ئالماشتۇرۇش ئورناتقان يىپەك يولىدادۇر. بۇ رايون ۋە شەھەر جەمئىيەتىنىڭ ئىسلامىيلىشىشى، دارۇلئىسلامنىڭ باشقا بۆلەكلىرىنىڭ ئەكسىچە، كېيىن ۋە تەدرىجىي ھالدا مىلادىيە ئون تۆتىنچى ئەسىرنىڭ پايانىدىن، تاكى مىلادىيە ئون ئالتىنچى ئەسىرنىڭ ئاۋۋاللىرىغا قەدەر ۋۇجۇدغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسقا بىر دەۋر ئون ئالتىنچى ئەسىر، ئون يەتتىنچى ئەسىرنىڭ ئاۋۋاللىرى ۋە ئون توققۇزىنچى ئەسىردىن ئىبارەت يەنىمۇ قىسقىغىنە دەۋردىن سىرت، ئىسلامىي تۇرفان غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ تىزگىنىدە؛ ئاۋۋال بۇددايى جۇنگار (جۇڭغار) لارنىڭ ۋە ئاندىن چىنلىقلارنىىڭ تىزگىنىدە بولدى. بۇ رايون ۋەسىقەشۇناسلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى خىلمۇخىل مەملىكەتلەرنىڭ ئارخېئولوگلىرى، بولۇپمۇ نېمىسلار ئۇ جايدا ‹توخارىي› ۋە ئۇيغۇر تۈركىي يازمىلىرىنى تېپىۋالغان.


ئېچىلغان پۈتۈكلەر
     مەركەزىي ئاسىيادىكى ‹سەھرايى گوبىي› دا، نەچچىلىغان شەھەر پۈتۈنلەي مەخسۇس بوران نەتىجىسىدە قۇم ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن ۋە ئۇ شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرى ئۆز زېمىنلىرىنى تاشلاپ كېتىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خانەلىرى ھېلىھەم قۇم ئاستىدا تۇرىۋاتىدۇ. مىلادىيە ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ، مۇساپىرلاردىن بىر قىسمى قۇملۇق تېگىدىن گاھىدا پارە قەغەزلەرنىڭ چىقىپ قېلىۋاتقانلىغىنى بايقاپ قالغان بولۇپ، يەرلىكلەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەينەك ئورنىدا ئىشىك ۋە دەرىزىلەرگە ئىشلەتكەن ئىكەن ۋە ئۇلارنىڭ خەتلىرى بار ئىكەن. سان پېتېربۇرگ جۇغراپىيەۋىي ئەنجۇمەنى، بىر مىڭ سەككىز يۈ توقسان ئۈچۈنچى يىلدىن تاكى بىر مىڭ سەككىز يۈز توقسان بەشىنچى يىلىغا قەدەر شۇ جايدا ئىلمىي قېزىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. ۋە ئۈچ يىل، روسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەۋەتكەن دوكتۇر كىلېمېنتىز ئىشنىڭ ئايىغىنى داۋاملاشتۇردى. كېيىن روسىيە دانىشمەنلىرىدىن يەنە نەچچە نەپەر كىشى شۇ جايدا خىزمەت قىلدى. ئۇلار قېزىش قىلغان جاي تۇرپاننىڭ شىمالىدا، يەنە ئىلگىرى كۇشان دېيىلىدىغان، يەرلىكلەر بولسا ‹قۇچۇ› دەپ ئاتايدىغان ۋە چىن خەلقى ‹گاۋچاڭ دەيدىغان بىر شەھەرنىڭ جايگاھىدا ئىدى. ئۇزاق ئۆيمەيلا، گېرمان دەۋلەتى ئۆز دانىشمەنلىرىدىن بىر بۆلىكىنى، ئۇ جايغا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم ئەۋەتتى. بىر مىڭ توققۇز يۈز ئىككىنچى يىلىدا بىر ھەيئەت ئۆمىكى، ‹گىرونۋېدېل نىڭ رىياسەتچىلىكىدە، مونىخ تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئېئانەسى بىلەن؛ بىر مىڭ توققۇز يۈز تۆتىىنچى يىلىدا يەنە بۆلەك بىر ھەيئەت ئۆمىكى، بېرلىن ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇلى ‹ئالبېرت فون لۇكوك› نىڭ رىياسەتچىلىكىدە؛ ۋە بىر مىڭ توققۇز يۈز بەشىنچى يىلى، ئۈچۈنچى ھەيئەت ئۆمىكى گىرونۋېدېلنىڭ رىياسەتچىلىكى ھەم ئالبېرت فون لۇكوك ئەزالىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇ جايغا باردى. ئاخىرىدا فىرانسىيەدىن بۆلەك بىر ھەيئەت ئۆمىكى ‹پول پولېيۋ› نىڭ رىياسەتچىلىكى بىلەن، مۇشۇ خىزمەتنىڭ مەمۇرى بولدى  ۋە مۇھىمراق نەتىجىلەرنى قولغا كەلدى. جۈملىدىن ‹تون-ھوانگ› دىكى پىنھان بىر جايگاھدىكى غار ئىشىكى بايقالدى ۋە ئۇ جايدىن تولىمۇ قىممەت باھالىق خەتلىك پۈتۈكلەر تېپىلغان بولۇپ، ھازىر پارىژ كىتابخاناسىدادۇر. قولغا چۈشكەن ماتېرىياللار ئارىسىدىكى بىر نەچچىسى مانەۋىي (مانىيچە) تېكىست  بولۇپ، روسىيەنىڭ مەشھۇر دانىشمەندى ‹كارېل زالمان› ۋە گېرمانىيەنىڭ دانىشمەندى ‹ف.ۋ.ك موللېر› ئۇنىڭ دەررىي (پارسىي) چە تېكىسلىرىنى؛ ۋە روسىيە ئالىمى ‹رادولوف› ھەم گېرمانىيە ئالىمى ‹ئالبېرت فون لۇكوك› ئۇلارنىڭ تۈركىي تېكىستلىرىنى نۇرغۇن مۇشەققەت بىلەن ئوقۇپ چىققان. تۈركىي تېكىسلەرنىڭ ئارىسىدا، كۆپىنچە ھىندىستاندا ياشىغان، ماجار (ۋېنگىر) نىڭ مەشھۇر ئارخېئولوگى ‹سېر مارك ئاۋرېل سىتەيىن› قولغا كەلتۈرگەن، مانىي دىنىدىكى ‹گۇناھنى ئېتىراپ قىلىش› ھەققىدىكى بىر كىتاب بار بولۇپ، رادولوف ۋە ئالبېرت فون لۇكوك ئۇنى تەدرىجەن ئۇقۇپ چىققان بولۇپ، بۇ كىتاب ‹خواس توانيفت› نامى بىلەن مەشھۇردۇر. ‹توئن ھوانگ› (مەنبەدە بۇ نام ھەققىدە مەخسۇس يازما مەۋجۇد ئەمەس بولغانلىقىدىن، ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشىنى ئۇققىلى بولمىدى) دا تېپىلىپ، ياۋروپالىق مۇساپىرلار ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېتەلمەي، چىن دەۋلەتى ئۇلارنى بېيجىڭغا ئاپىرىپ، شۇ جايدا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان مەخسۇس كىتابخانادا ساغلاغلىق پۈتۈكلەر ئارىسىدا، كاتتا بىر پۈتۈك بار بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك كامىل؛ ۋە ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە نابۇد بولماغلىق ئىكەن. فىرانسىيە دانىشمەندلىرى ‹شاۋان› ۋە پولېيۋ بۇ پۈتۈكنى مانەۋىي كىتابلاردىن بىرى، دەپ بىلگەن ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى پارىژ ئاسىيا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۆلەك ھۆججەتلەر ئۇيغۇر تۈركىي تىلى، قەدىمقى پارسىي تىلى، سوغدىي تىلى ۋە چىن تىلى بىلەندۇر.      

مەنبە:

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12052
توردىكى ۋاقتى: 4346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 04:18:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ھىساپتا موشۇ ئاسارەئەتىقە يازما ۋەىسقەدىگەنلەرنىڭ ياۋرۇپا ئەللىرىدە ئىلىمگە تارىخقا ئەمىليەتكە سادىق بولغان كىشلەر نىڭ قولىدا تۇرغانلىقى ياخشى بولغانمىكىن دىگۇم كىلىدۇ .

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئچكىردە مەخسوس ئاسارە ئەتىقە ياسايدىغان زاۋۇتلار كۆپمىش ، بۇيرۇتما بويىچە ياسايمىش  ، ھەتتا كاربونلۇق تەكشۇرشتىن چانمىغۇدەك ياساپ بىرەلەيدىغانلىرىمۇ بارمىش ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1881

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28269
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 09:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(مىلادىيە مىڭ يىللار ئىلگىرى، تۇرفان رايونى پورقۇدرەتلىك مەدەنىيەت مەركەزى بولۇپ، ھىندىي ۋە ئىرانىي ئاناسىر ئۇنىڭدا ئۆئارا بىرىككەن ئىدى. )

نىمانداق چولتا تارىخى مەلۇمات بۇ؟ نىمە دىمەكچى؟ تۇرپان ھىندى ۋە پارىسىلارنىڭ ئەزەلدىن ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى دىمەكچىمۇ؟
بۇ مەلۇماتتا تۇرپاندا ئۇيغۇرلار بەرپا قىلغان ‹ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى› ،قارا غوجا ئۇيغۇر خانلىقى توغرۇلۇق ئۇچۇر يوققۇ؟ بۇلارنى يوشۇرۇشتىكى مەقسىدىڭىز نىمە؟
تارىخىنى قالايمىقان بۇرمىلاپ بولماس! باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق چالا موللاملارنىڭ يازمىلىرىنى چىقارمىساڭلار بولمامدۇ.

4

تېما

2

دوست

2161

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 11:52:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tohotur يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 04:18
بىر ھىساپتا موشۇ ئاسارەئەتىقە يازما ۋەىسقەدىگەنلەرنى ...

تور نامىڭىزغا باققاندا تۇرپاندىن ئوخشايسىز. بولسا ماقالىدىكى «تون-ھوانگ» دېگەن يەر ئۇيغۇرچە نامىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز، ئىزاھلىۋېتەيلى. مەنبەدە ئۇنىڭ مەخسۇس تېمىسى مەۋجۇد ئەمەسكەن.

2

تېما

0

دوست

7134

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1672
توردىكى ۋاقتى: 965
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 12:25:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
syawush يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 11:52
تور نامىڭىزغا باققاندا تۇرپاندىن ئوخشايسىز. بولسا ما ...

دۇن خۇاڭ دېمەكچىدەك قىلىدۇ. دۈن خۇاڭ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ جۇڭگۇدىن تۇرپانغا كىرىشتىكى ئۆتەڭ.

2

تېما

0

دوست

7134

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1672
توردىكى ۋاقتى: 965
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 12:49:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 12:54  

بۇرادەر ئەناسىر دېگەننى تەركىپ دەپ ئالسىڭىز بولۇپتىكەن، يەنى ھىندىستان ۋە ئىران مەدەنىيتىنىڭ تەركىبلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن،فارىسچىكى تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان «ى»ئۇلانمىسىدىن قارىغاندا بۇيەردىكى ھىندى ۋە ئىرانى دېگەنلەر ھىندىستان ۋەئىرانغا خاس نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.يۇقارقى جۈملىدە دىيىلگىنى ئىسلام دىنى تۇرپانغا كىرىشتىن بۇرۇنقى دەۋرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،ھىندىستان بۇددا مەدەنىيتىنىڭ ئىران زۇررۇئاستىر دىنى(ئاتەشپەرەسلىك دىنى) مەدەنىيتىنىڭ تارقالغان جايى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەدەنىيەتكە خاس بولغان تەركىبلەر تۇرپانغا تارقالغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولسا كىرەك.   بۇ يەردە ئاساسلىقى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى ئاساس قىلىپ شۇنداق ئالسىڭىز ئۇقۇم بىر ئازئىنىقلىشىپ باشقىلاردا  خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئەمر نېشىيننى يەنىلا خانلىق دەپ ئالسىڭىز بىر قەدەر مۇۋاپىقمىكىن دەپ قارايمەن. يەنە بىرى دانىشمەند، پايان دېگەندەك پارىسچە ئاتالغۇلارنى ئالىم، ئاخىرى دەپ ئالسىڭىز. پور قۇدرەت دېگەننىڭ ئۆزى ئۇيغۇر تىلىدا قۇدرەتلىك دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان بولۇپ، پور دېگەن پارىسچە سۈپەت ياساش قوشۇمچىسىنى ئېلىۋەتسىڭىز. «موقعیت» نى ياكى تۇرپاننىڭ ئورنى دەپ ئالسىڭىز، ياكى پىئىللاشتۇرۇپ جايلاشقان دەپ ئالسىڭىز.باشقا جايلارنى ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز. اللە ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.

4

تېما

2

دوست

2161

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 13:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elkelem يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 12:25
دۇن خۇاڭ دېمەكچىدەك قىلىدۇ. دۈن خۇاڭ قەدىمكى يىپەك يو ...

تۇنجى ئوقۇغاندا «دۇنخۇرڭ» غا ئوىشۇتۇپ باققان ئىدىم. ئەمما مەنبەدىن «موگاۋ غارى» نامىدى ئاختۇرۇپ باقسام، دۇنخۇاڭ نامى ئۇ تېمىنىڭ بىر يېرىدە بولسىمۇ ئۇچراپ قالدى. بىراق ئۇنىڭدا «دان هوانگ» دەپ ئاتاپتۇ. يەنە «خەنزۇچە-پارسچە تۈرگە بۆلۈنگەن لۇغەت» تە «دۇنخۇاڭ» نى «دون ھوان» دەپ ئاتاپتۇ. ئاندىن «ئوردۇچە» ۋە «پەنجابىي» سەھىپىلەردىمۇ «دون ھوانگ» دەپ ئاتاغلىق ئىكەن. ھەممىدىن مۇھىمى «تۇرپان يازمىلىرىغا ئاساسەن دۇنخۇاڭدىن مەخپىي غارنى ئىشىنى قانداق تاپىدۇ» دېگەننى نەزەردە تۇتۇپ، ھازىرچە ئۆز پېتى قويۇپ قويدۇم. بۇنىڭ «دۇنخۇاڭ» ياكى ئەمەسلىگى ھەققىدە بۆلەك يازما ياكى ھوججەتلىك فىلىمدىن رەسمىي دەلىلگە ئىگە بولغاندا، ئاندىن قايتا ئەسكەرتىۋەتكىنىمىز تۈزۈك.

4

تېما

2

دوست

2161

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 14:16:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elkelem يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 12:49
بۇرادەر ئەناسىر دېگەننى تەركىپ دەپ ئالسىڭىز بولۇپتىكە ...

مېنىڭچە بۇ «ئاناسىر» نوقۇل مەدەنىي تەركىبلەرنى كۆرسەتمەسلىگى مۇمكىن. نېمىشقا دېگەندە مەملىكەت ۋە ياپونىيە تەرەپ ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، جۈملىدىن تۇرپاننىمۇ نەچچە رەت قېزىپ، نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارغا ئىگە بولدى ھەم شۇ ئىش ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلىدى. «يىپەك يولى» فىلىمىڭ بەزى بۆلۈمىنى فىلىمنى ئىككى دەۋلەت ھەمكارلىشىپ، بەزى بۆلۈمىنى خاس ياپونىيە ئىشلىگەن ئىدى. ئەمما ئىككى دەۋلەت ئەڭ يېڭى ھەمكارلىق ئېكىسپېدىسىيەسىدىن، ھەر ئىككىلىسى ئورتاق تېمىدا مۇستەقىل ئىككى فىلىم ئىشلەپ، ئۇلارنى تارقىتىپ بولغىلىمۇ خېلى بولدى. جۇڭگونىڭكىنى س س ت ۋ ؛ ۋە ياپونىيەنىڭكىنى ن خ ك تارقاتقان ئىدى. شۇلارنىڭ ئىككىلىسىدە تۇرپاندا ئىرانىيلارنىڭ، بولۇپمۇ توىارلارنىڭ جىقراق پائالىيەت قىلغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈگلۈك. مۇشۇ نۇقتىدىن بۇ «ئاناسىر» قەۋم ئامىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەمدى «پورقۇدرەت» كە كەلسەك، مۇ بىرىكمە سۆزدىكى ھەر ئىككىلىسى تىلىمىزدا مەرجۇد. «پور» نىڭ مەنىسى «لىق، توشاق» بولۇپ، ھازىرقى تىلىمىزدا «سېمىز» دېگەن مەنىدە جىقراق ئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ. «پورقۇدرەت» سۆز «قۇدرەت» نىڭ ئاشۇرما دەرىجىسى بولۇپ، «قۇدرەتكە تولغان» دېگەن مەنىدە بولىدۇ. يالغۇز «قۇدرەت» دەپ قويساق نەخ جايىغا چۈشمەيدۇ. يەنى سۈپەتنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مۇشۇ شەكىلدىكى ئاشۇرما سۈپەتلەردىن يەنە «پورھېكمەت»، «پوربەرىكەت»، «پورئىقتىدار» قاتارلىق نۇرغۇن سۆزلەر بار. بۇنى «قۇدرەتكە تولغان» دېسەك ئىككى نۇقسان پەيدا بولىدۇ. بىرىنچىسى شۇكى، بۇ سۆز «تولغان» دېگەندە روشەن زەمان چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئىككىنچىدىن تىلنىڭ ئىخچاملىقىغا كاشىلا بولۇپ، ئوقۇغان كىشىدە زېىكىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئىبارىلەر سوزۇلۇپ ئوقۇغىلى كېتىدىغان ۋاقت جەھەتتىن ئۇتتۇرۇپ قويىدىغان گەپ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )