قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2043|ئىنكاس: 11

[قانۇن]جاھاننى تارلاشتۇرغان ئىجازەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

2

دوست

4007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 17:58:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جاھاننى تارلاشتۇرغان ئىجازەت ئاپىتى



2009080112011482366.gif


      ئىجازەت قىلىش قانۇنى ئاتالغۇ بولۇپ،مەلۇم بىر قىلمىشنى سادىر قىلىش ئىمتىيازىنى كۆرسىتىدۇ.ئىجازەت مەمۇرى ئورگان تەرىپىدىن بىرىلگەن بولغاچقا، مەمۇرى ئىجازەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ.مەسىلەن:ئالاھىدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازىتى ،ئىشىكتىن كىرىش ئىجازىتى دىگەندەك.بەزى ئىجازەتلەر مەمۇرى ئورگان ھوقۇق بەرگەن، كەسپى ئورۇنلار تەرىپىدىن بىرىلىدۇ.مەسىلەن مەكتەپ قوروسىغا كىرىش ئىجازەتنامىسى دىگەندەك.ئىجازەتمۇ نۇرغۇن ئىجتىمائى ھادىسلەرگە ئوخشاش، مەلۇم تەڭپۇڭلۇق نىسپەتنى ساقلىشى كىرەك.جەمىيەتنىڭ كۆتۈرۈش نورمىسىدىن ئېشىپ كەتسە، چىڭ سۇلاسىدىكى چوڭ پارىخور ئاۋبەي دۆلەت يەرلىرىنى ئىگەللىۋېلىپ، دۆلەت كۈچىنى پارازىتتەك خورۇتۇپ دۆلەتنى ئېغىر كۈنگە قويغاندەك،دۆلەت ئاجىزلاپ پۇقرانىڭ جان كەچۈرۈشى ئىجازەتنىڭ پاخاللىشىشى بىلەن تەسلىشىدىكەن. بۇنداق دىيىشىمدە دوقمۇشتا بىر ئۇچراۋاتقان قانۇنلۇق-قانۇنسىز 、يوللۇق-يولسىز ئىجازەتلەر ،كىشىلىك ھايات بوشلۇقىنى قىستاپ ماماتقا يېقىنلاشتۇرىۋاتىدۇ.
     شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا كىرىپ ئەتىگەن- ئاخشامدا ئىجتىھات بىلەن ئۈگىنىۋاتقان سىتودىنتلار بىلەن بىللە كىتاپ كۆرۈش،ئۇلارنىڭ ئۈگۈنىش قىلغاندىكى ھالىتىدىن مىللەتنىڭ گۈزەل كىلىچىكىنى كۆرگەندەك ھۇزۇرلىنىش ،مەن ئۈچۈن ھەرقانداق داڭلىق چۆلپان ئورۇنلىغان ناخشا كىچىلىگى ياكى چاي –مەرىكىدىن مىڭ مەرتىۋە ئارتۇق لەززەت ئىدى.كىچىگىمدە تەسەۋۋۇرغا بايكەنمەندە،“ئۆينىڭ ئاستىغا چاق بىكىتىۋالسام”دەپ ئويلايتىم،ئەمدى ئارزۇيۇم رىياللىققا ئايلىنىپ ماشىنام《چاقى بار ئۆي》 بولغان ئىدى.مەكتەپ ئىچىگە ھەيدەپ كىرىپ ئارقا ساندۇقتىن ھەرخىل توپلارنى ئېلىپ بەدەن چېنىقتۇراتتىم、كىتاپ كۆرەتتىم 、كومپىيۇتېرىمنى يىنىمدىن ئايرىمايتىم 、ئىش قىلىپ بۇ ھەركەتچان ئۆيۈمدىن ئايرىلالماي كۆنۈپ قاپتىمەن.ھەپتە بولدى “ئىشىكتىن كىرىش ئىجازەتنامىسى بولمىسا ،ھىچقانداق سىرتنىڭ ماشىنىسى كىرىشكە بولمايدۇ” دەپ ،بۇ كۆڭۈللۈك ھاياتىم ئېغىر خەتەر ۋە تەھدىتكە ئۇچرىدى.مۇشۇ بىر ئادەتتىكى قىزىل توت چاسا يول يۈرۈش ئىجازەتنامىسى، جاھاننى تارلاشتۇرۇپ مىنى بەختىمدىن ئايرىغان ئىدى.
توققۇز بۇلاق ئارامگاھى جەنۇپ تەرىپى قانىتىنى كىرىپ ئۇچۇۋاتقان قارلىغاچتاغ باغرىغا چايلاشقان،جانغا لەززەت شىرىن بۇلاق سۇلىرىغا ناننى تاشلاپ ئېقىتىپ، قۇشلارنىڭ يېقىملىق  سايرىغان ئاۋازىنى تاماشا قىلىدىغان ئالامەت بىر دىلھوزۇر ماكان ئىدى.كىيىن بۇ يەرگە ئانچە –مۇنچە رىمىنۇت قىلدۇق دىگەن بىلەن توققۇز بۇلاق قاينىمايدىغان بولۇپ قالدى،دەرۋازا بىكىتىپ بىلەت ساتىدىغان قىلىپ پەۋقۇلاددە سىرتتىن كىلىدىغان ساياھەتچىلەر ياشلار بايرىمى كۈنىدەك بايراملاردا كىرمىسە،باشقا كۈنلىرى ئادەم كىرمەيدىغان、 بۇرۇنقىدەك تەبىئەت ئاتا قىلغان گۈزەللىكتىن بەھرى ئېلىش ھوقۇقى ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن ئىدى.ئويلاپ قالدىم، قۇياش نۇرى بىلەن ھاۋاغا قۇلۇپ سالغىلى بولىدىغان بولسا ،بازار ئىگىلىگىدە ئۇنىمۇ پۇلغا سېتىپ تۈگىتىپ، ئىنسان ئۆزىنى-ئۆزى ھالاك قىلىۋالاركەن-دە!
     مۇشۇ 《ۋاقىتلىق يول ئىگەللەپ ھەقلىق ماشىنا توختىتىش مەيدانى》دىگەن ئۇقۇم پەيدا بولۇشتىن سەل ئىلگىرى،بىزنىڭ قورونىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولنىڭ پىيادىلەر يولى ئەركىن ئازادە بولۇپ،توختايدىغان ماشىنىلارمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.بىر ئىككى يىلدىن بىرى ماشىنا قويغانغا ھەق ئالىدىغان قىلىۋىدى،قاتناش قىستاڭچىلىغى يۈز بىرىپ تىقمۇ-تىقماق بولۇپ كىتىپ،ئەركىن ئۆيگە كىرىپ چىقىشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.بۇنىڭدەك ۋاقىتلىق يول ئىگەللەپ ماشىنا توختىتىش مەيدانى ھەممە يەردە ئۇچرايدۇ، بۇنى تەسىس قىلىشنى كىم ئىجازەت قىلغان بولغىتى؟ۋاقىتلىق دىگىنى قىزىق ،ۋاقىتلىق دىگىنى قاچانغىچە ۋاقىتلىق بولىدۇ؟ بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.مۇشۇنىڭدەك خەلققە تەۋە ئەسلىھەلەرنى چىتلاپ-قورۇق سېلىپ،خەلقنى پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ھارامنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامان ھارام بولۇپ،ئاخىرى بىر يەردىن تېشىپ چىقماي قالمايدۇ.
    چىڭ خانلىغىنىڭ دەسلىۋىدىكى ئاۋبەي “يەر ئىگەللىدى”دىگەن تارىخنى ئۈگەنگەندە ، “بۇ نىمە دەيدىكىن؟” دەپتىمەن! ئەسلى تەبىئى بايلىق چەكلىك ،ئادەمنىڭ نەپسى تويماس بولغاچقا ،پۈتۈن يەرنى بىر ئادام ئىگەللىۋالسا، باشقا ئادەملەر ئاچ قالىدىغان گەپكەن ئەمەسمۇ؟مەمۇرىيەت ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى تەڭشەيدىغان مەمۇرى قانۇننىڭ باش پىرىنسىپى خەلققە قۇلايلىق يەتكۈزۈش بولسىمۇ،بۈگۈن ئەتىگەن بىكەتتە كۆرگەنلىرىم مىنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى.بىكەتكە مال ئالغىلى چىققان ئىدىم،ماشىنا توختىدىغان ئورۇن تاپالماي(ساقچىلار قويغۇزمىدى) بىر كىلومىتىر يىراققا ئاپىرىپ قويۇپ كەلدىم،بۇنداق بولسا مال كەلسە ئىككى ئادەمنى ياللاپ كۆتىرىپ ئاپارمىسا بولمايتى.توت سائەت ساقلاپ يولدا ماڭدامدا بىر تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ئاران كەلگەن ئاپتۇۋۇز بىكەتكە ھارغىن كىرىپ كەلدى! ئىككى سائەتتە تىزىملاش 、بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئاران ئۆتكەن بولسىمۇ، قاراپ تۇرۇپ ئۆزەمنىڭ مېلىنى قولۇمغا ئالالماي ،يەنە مال بىدىكلىرىنىڭ قولىدىن رەسمىيەت ھەققى تۆلەپ قايتۇرۇپ چىقتىم.راستلا ئاچچىغىمدا، بىر نەچچىسىنى تىللىۋىتىپتىمەن! ئاز قالدى جۇمۇ، بەزىلەر قولىدىن كەلسە ،ھاۋا بىلەن قۇياش نۇرىغىمۇ ھەق ئالغىلى!   

0

تېما

0

دوست

300

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29994
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 23:47:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ سۇلالىدە ساتقىدەكلا نەرسە بولسا ساتىدۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

http://www.xjsahra.com

13

تېما

10

دوست

7481

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4249
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 2285
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 00:47:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەككە سېلىنىدىغان تۈۋرۈك  نىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 300 يۈەندىن ئاشمايدىكەن، لېكىن دوختۇرخانىلارغا كىرگەندىن كېيىن باھاسى 38مىڭ يۈەنگە بارىدىكەن.
خەلق << ئاق خالاتلىق پەرىشتە>> لەرگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى لازىم ئوخشايدۇ.

32

تېما

2

دوست

4007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 00:58:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
generall يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 00:47
يۈرەككە سېلىنىدىغان تۈۋرۈك  نىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى  ...

ئىسەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا،سىز دىگەندەك دوختۇرخانىلاردىكى دورا-ئوكۇلنىڭ باھاسى نەچچە ھەسسىلەپ قايتىلىنىپ كىتىدىكەن.

0

تېما

0

دوست

1255

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10097
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 357
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 01:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
generall يوللىغان ۋاقتى  2014-7-7 00:47
يۈرەككە سېلىنىدىغان تۈۋرۈك  نىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى  ...

38مىڭغا ئەرزان سالدىكىنا سىلەرنىڭ يۇرتتا.

1

تېما

4

دوست

2367

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 20:28:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆنۈپ قاپتىمىز
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

1

دوست

2602

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15155
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 776
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 01:30:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوشقا جىق كۈچۈكلەيدۇ، شۇڭا تاش سىمونىت ئەينەك پارچىللېرىنىما يالماپ يۇتىدۇ، ئاللاھنىڭ بەزى موجىزىللېرىنى يالماشقا قۇدرىتى يەتمەي شۇڭا دائىم خورتىلدايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )