- تىزىملاتقان
- 2013-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14682
- نادىر
- 0
- يازما
- 1541
ئۆسۈش
11.71%
|
ahm0996 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 01:25
بۇلار ھازىرمۇ سىز دىگەندەك مائارىپ ، پەن تېخنىكىنى ج ...
مىڭ يىل دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئامىركىنىڭ ئايپالتىسى بولسا دۆلىتىمىزدىمۇ ھىچ بولمىسا كەكە بار...
ئەسلى باشقا تىمىدىكى ئىنكاسىمنى يۈتكەپ چاپلىمىسام بۇلاتتى. سەل تۇغرا كېپ قالىدىكەن.
بىر يىلى روسيەنىڭ سۇ ئاستى كىمىسى ئامىركا دىڭىز ساھىلىغا بېرىپ قايتىپ كەلگەننىڭ خەۋىرىنى كۆرگەندىم، چوڭ بىر ئايرۇپىلان چۈشۈپ كەتسە تاپقىلى بولمايۋاتسا ش ئا ئە ت مۇ ھازىر روسيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلېرىنىڭ قەيەرلەردە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە روسيەگە ئېھتىياتچان بۇلىۋاتمامدۇ؟ ئۆتكەندە روسيەنىڭ سۇ ئاستى كىمىلېرىنىڭ نەلەردە بارلىقىنى بىلمەيمىز دەۋاتقان...
بۇ جىدەلنىڭ مەقسىدى پەن-تەتقىقاتتا زور بۇسۇش ھاسىل بولمايۋاتقان شارائىتتا شۇ يىڭى گۈللىنىۋاتقان ئەللەرنىڭ تەرەققىياتىنى چىكىندۈرۈپ ئاكىلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەشتىن باشقا ئىش ئەمەس، تەرەققى قىلىۋالغان ئەللەر يامىنى كەلسە تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەرگە ئىكىسپورت قىلىدىغان تېخنىكىلارغا بولغان قامالنى سەل ئىلگىرلەتسىلا(80-يىللاردىكى ئاسارە-ئەتىقىلېرىنى ئىكىسپورت قىلىشقا يول قويسىلا) بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ كىتىدۇ. بولغۇلۇقنىڭ ھەممىسى تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەرگە بۇلىدۇ. روسيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يادرو ئەسلىھەلېرىدىن باشقا باشقا دۆلەتلەرگە ئاشلىق ئىكىسپورت قىلالىغۇدەك ھالى بار بولغاندىكىن يەنىلا نۇپوسىنى ئۆزى بىقىپ كىتەلەيدۇ. ئىقتىسادى ھۇجۇملار ۋاختىنچە دۆلىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغىنىدىن قارىغاندا ئامىركىنىڭمۇ ھازىر قىيىنچىقى يوق ئەمەس، ئۇندىن باشقا ئامىركىنىڭ مەقسىدى روسيەگە تاينىۋىلىشچان دۆلەتلەرنى ۋاختىدا روسيەدىن ئايرىپ يىڭى چىقىش يۇلى تاپقۇزۇش، بۇنىڭ بىلەن روسيەنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىنى تۇسۇپ تۇرۇپ، كەلگۈسىدە سۇ 35نى ۋە سىكونتىغا 20 كىلومىتىر ئۇچىدىغان ئوقلارنى تەييارلىۋالغاندا ئاندىن پوتىننى ئاكا دىگۈزۈپ تۇرۇپ ياشاش. قانچە يىلدىن تەرەققى قىلغان ئەللەرمۇ ئىقتىسادى مەنپەئەت يىتەكچىلىكىدىكى تەتقىقات يۇلىغا سەل قىيىپ كەتكەچكە تەرەققىيات ۋە يىتىم قالدۇرىدىغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بىپەرۋالىق قىلىپ ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەرنى روسيەدىن ئايرىلالماس قىپ قويدى.
بىز بۇ يەردە ناۋادا بىزگە مۇشۇنداق جازالاشنى يولغا قۇيۇپ قالسا ئۆتكەلدىن قانداق ئۈتىمىز؟ دىگەننى كۆپرەك ئويلىشىمىز كېرەك. مائارىپ، پەن-تەتقىقاتنى قۇيۇپ تۇرىلى، دۆلىتىمىز پۇخرالېرىدىكى ساپا تىخىمۇ چىكىنىپ نەگە بارىدۇ؟ ھەممە ئادەم ئەتىكى ئۆپكىدىن بۈگۈنكى ھىسىپ ياخشى دىگەن مۇقامغا توۋلىغان ھالەت شەكىلىنىپ قالسا ئۇنداق جەمىيەتتە قايتا ساپا يىتىلدۈرۈشكە ئالما-ئۆرۈكنى تىكىپ مىۋىگە كىرگۈزگۈدەك ۋاقىت ئەسلا يەتمەيدۇ. چۇنكى تەربىيلىگۈچىلەرمۇ شۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئىچىدىنلا چىقىدۇ ئەمەسمۇ!...
بىر دۆلەت تەرەققى قىلىمەن، ئاڭلىق، ساپالىق پۇخرالارغا ئىگە بۇلىمەن دىسە ئەسلى تەسمۇ ئەمەس، قانوننى قاتتىق ئىجرا قىلسىلا، قانونغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا يەڭ سودىسى قىلمىسىلا پۇخرالار ئۆزلىكىدىن قانونغا بوي سۇنىدىغان بۇلىدۇ. يەڭ سودگەرلېرىگە پۇرسەت بولمىغاندىكىن تەبئىلا تەقسىمات ئادىل بۇلىدۇ، خەلىق بىيىيدۇ، بىيىغانكەن لازىم بولغاندا دۆلەت ئېھتىياج تۈپەيلى يۇقىرى باج يىغىشقا تۇغرا كەلسىمۇ يانچۇقتا بارنى بېرىش تەسكە تۇختىمايدۇ. بىر ئاران جان بىقىۋاتقان كىشىنى باج تاپشۇر دىسە ‹‹ئىسسىق جىنىمنى ئال›› دىيىشى تۇرغان گەپ، ئەمما يۇقىرى كىرىملىك بىرىدىن كىرىمنىڭ يېرىمىنى تۆلە دىسىمۇ بېرەلەيدۇ. مىڭ ئادەمدىن ھەر-قانچە بولسىمۇ كۆپ بىرنىمە يىغىلمايدۇ، ئەمما بىيىغان مىليارت ئادەمدىن يىغسا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك يىغىلىدۇ. شۇڭا شى رەئىس دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ پۇخرالارنى بىيىتىش ئۈچۈن پۇرسەتپەرەسلەرنى جازالاۋاتىدۇ، گەرچە پۇرسەتپەرەسلەر نارازى بولسىمۇ يەنىلا خەلىق شى رەئىسنىڭ چىرىكلىككە قارشى تەدبىرلېرىنى قوللاۋاتمامدۇ؟!...
دىمەك ھازىر دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ھەر-ھالدا ساپاسى بار، ‹‹بۇ زىمىن كەلگۈسى ئەۋلاتلېرىمىزغا يەنە لازىم بۇلىدۇ›› دەپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار بار. سىزنىڭ سەۋىيڭىز قانچىلىك بولسۇن نىيەتلا بولسا سىزمۇ جەمىيەتكە چوڭ تۆھپىلەرنى قۇشالايسىز، ئەڭ ئاددىسى قانوندا قانونسىز دەپ بەلگىلەنگەن قىمارخانىلارنىڭ ئىشىكلېرىنى داغدام ئىچىپ تىجارەت قىلىۋاتقىنىنى كۆرگىنىڭىزدە 110نى بىسىپ تاكى تاقالغىچە مەلوم قىلسىڭىزمۇ تۆھپە دىگەن گەپ. ‹‹ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا رەڭگى-رويۇڭ سامان بولماس›› دەپ ئەجداتلېرىمىزدىن قالغان بۇ ئىبارىلەر بىكار ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا قالمايدۇ. دۆلىتىڭىز نامرات ھەم قالاق بولسا ئاز ساندىكى ئادەم پۇلنى كۆپ تاپسىمۇ تەرەققى قىغان ئەللەرگە بارسا يەنىلا سۇغۇق نەزەردىن قىچىپ بۇلالمايدۇ. پۇرسەتنىڭ يىتىشىچە ئۆزىمىزنى تەربىيلەيلى، ئۆزىمىزدە بولسا باللېرىمىزغا بېرەلەيمىز، باللېرىمىز ئۈگەنگىنىنى بىزنىڭكىگە قۇشۇپ باللېرىغا ئۈگەتسە نەۋرىلېرىمىز خېلى ئىلگىرلەپ قالىدۇ.
يىزىۋەرسەم ئۇزىراپ كەتكۈدەك، باشقا ئىشلېرىم قېپ قالمىسۇن...
|
|