- تىزىملاتقان
- 2012-9-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 351
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
25.5%
|
نىچۈك ئەر سانالۇر مىڭلار دۈشمىنى،مىڭ غەيۋەت قىلمىسا ئۇنى ھەركۈنى.
كور،ئىتتىن قورققان بۆرە بولۇرمۇ،ئاڭلانسا كەينىدىن مىڭ ئىتنىڭ ئۈنى .
{يۈسۈپ خاس ھاجىپ}
ھەربىر زامان كەزگەن جەرياننىڭ ئۆز تارىخى بولغىنىدەك،ھەربىر ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدىن جۇغلانغان مىللىيەتلىك تارىخى بولىدىغانلىقى ھېچقانداق سىر ئەمەس.مۇئەييەن كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى قانداق مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە بولسا،ھەربىر مىللەت ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي روھىيەت ئەنئەنىسىنى بويلاپ كەزگەن ئۇزاق مۇساپىلىك تارىخى شۇنداق يېتىلدۈرگۈچى ئەھمىيەتكە ئىگە.كىشىش ھاياتىدا بەزى كەچۈرمىشلەر ئۇنتۇلىدۇ،بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،ئۆمۈر جەريانلىرى ۋە روھىيەت چەمبەرلىرىگە تامغا سالغان خاتىرىلەر ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلەردىن ئىبارەت.ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلەر بىلەن بۇ كەچۈرمىشلەر قوينىدا ياتقان تەپەككۇر مەنىدارلىقىنى يادىغا ئالالماسلىق بىر ئىللەت.ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى ئۇنتۇغان.شۇ سەۋەبلىك ئەپسانە ياكى تارىخىي مۇئەمما تەتقىقاتچىلىرى بۇ بوشلۇقنى ئۆز تەخمىنلىرى بىلەن تولۇقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،بىر پۈتۈن تارىخىنى ئۇنتۇپ كېتىش ۋە ئۇنى قايتا بىلىپ ئېلىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلالماسلىق! ئەگەر،غەيرىي،زوراۋان كۈچلەر تەرىپىدىن تۈپتىن بۇرمىلانغان تارىخنى ئۆز تارىخى دەپ قاراشقا مۇپتىلا بولغۇچىلار توغرىسىدا سۆز قىلىشقا توغرا كەلگەندە،ئېيتىش مۇمكىنكى،بۇ كەلگۈسى ئۈچۈن تارىخ يارىتىش ئىستىقبالىدىن مەھرۇم بولغان ۋە بېھوشلۇق ئۇيقۇسىدا ياتقان مىللەتنىڭ پاجىئەسىدۇر. بۇنداق مىسلىسىز پاجىئەگە غەرق بولغان ۋە ئۇنى نورمال تۇرمۇش رىجىسى دەپ بىلىشكە كۆنگەن مىللەت ھەمىشە ئۆز تارىخلىرى بىلەن مەرىپەت مەشئەلچىلىرى پاجىئەلىك دەپنە قىلىنغان لەھەت تۇپرىقى ئۈستىدە ئەمەل-مەنسەپ،يۇرتۋازلىق ۋە تۇرمۇش ھەشەمىتى ھاۋاسىدا قامغاقتەك دومىلاپ يىللارنى ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەستۇر.
ئۆتمۈش ئادىللىق نۇرى بىلەن يورۇتۇلمىغان جايدا نۇرانە كەلگۈسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
تارىخ- ئىنسانىيەت پائالىيىتى ۋە بىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلۇغ ھېكايىتى.ئۇنىڭ ھادىسىلىرى چىرىگەن تەندەك ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ،ئۇنىڭ ماھىيەتلىرى ئۆلمەس روھتەك مەڭگۈ كېيىنكى تارىخنىڭ ئۇلىنى تۈزۈپ،كېيىنكى ئەۋلادلار روھىيىتىنى چېنىقتۇرىدۇ.
تارىخنى بۇرمىلاش يەرلىك مىللەتنىڭ ئېتنىك مەدەنىيىتىنى ھاقارەتلەشتىن ئىبارەتتۇر.
ھەرقانداق مىللەت مىللىي تارىخىنى،ۋەتەن تارىخىنى بىلىش ۋە بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش ھوقوقىغا ئىگە.بۇ تولىمۇ نورمال ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن ئىنسانىي ھوقوق قارىشىدۇر.ھەرقانداق ۋاستىلەر بىلەن بۇ ھوقوقنى بوغماق،ھاقارەتلىمەك ۋە بۇرمىلىماق زېمىن كېڭەيمىچىلىكى ۋە مىللىي شوۋىنىزم ئالامىتى بولۇپ،ئومۇملۇق جەھەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيلىككە زىت زوراۋانلىقتۇر.مىللەتلەرنى مىللەتلەرگە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىر-بىرىگە قارشى قويۇش بىلەن مىللەتلەرنى،ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت تۈركۈملۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى،بۇلاردىن تەبىئىي يوسۇندا كېلىپ چىقىدىغان ھوقوقىي مۇمكىنلىكلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋىجدانسىزلىق،ئادالەتسىزلىك ۋە قەستكارلىق ھېسابلىنىشى لازىم.
مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرى ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ياشاپ گۈللەندۈرگەن ئېتنىك ماكان-ئەنئەنىۋى ۋەتەن-مەركىزىي ئاسىيادا مەيدانغا كەلدى.
مەركىزىي ئاسىيانى شىنجاڭ ۋە بايقال-ئورخۇن ۋادىسى،ماۋەرائۇننەھر ۋە غەربى جەنۇبىي سىبىر بىلەن يەتتە سۇ-قىپچاق دالالىرى دائىرىسىدە تېخىمۇ ئىخچاملاش مۇمكىن.بايقال-يەنسەي،ئورخۇن-سېلىنگا،ئىلى-يەتتەسۇ،تارىم ۋە سىر-ئامۇ دەريالىرىنى باغرىغا بېسىپ ياتقان بۇ جۇغراپىيىلىك-ئېتنولوگىيىلىك زېمىن دەل مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىنىڭ يەنى مىلادىيدىن كېيىن ‹تۈرك›ئىبارىسىدە ئوموملاشقان خەلقنىڭ ئانا زېمىنىدىن ئىبارەت.بۇ تارىخىي ھەقىقەتنىڭ كېيىنچە قامال قىلىنىشىنى،بۇ خەلقنىڭ ئۆزىنى‹تەڭرىنىڭ ئەركە پەرزەنتلىرى›دەپ بىلگەن ئەجدادلىرى ئويلاپمۇ كۆرمىگەنىدى.
مەركىزىي ئاسىيا خەلقى ياراتقان‹ۋاقتى ئۇزۇن،سەنئىتى سەرخىل،قىممىتى يۇقىرى›مەدەنىيەت بىر تەرەپتىن خۇددى دوكتۇر ئالبېرت رېگېل ئېيتقاندەك؛‹خۇددى رىم خارابىسى سىياقىدىكى خارابە›گە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ يەرلىك بولمىغان يىراق ئەللەر ۋە خەلقلەر تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ خاھىشى بويىچە ئىزاھلىنىپ كەلدى.سىۋىن ھېدىن ئىزىنى بويلاپ سىتەين،گرۇنىۋىدىل،لېكوك ۋە پىللىئوتلار تارىم تەڭرىتاغ مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى ياۋرۇپاغا يۆتكەپ،ئۇنى ‹گرېك-رىم ئۇسلۇبىنىڭ ئاسىياچە تەقلىدى›دېيىشسە،شاڭدا قاتارلىق تەتقىقات نوپوزلۇقلىرى‹تارىملىقلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى بولمىغان،ئاتالمىش تارىم مەدەنىيىتى ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ ئېشىندىلىرىدىن ئىبارەت›دېيىشتى.خارابىلەر ئىچىدە خارابىدەك خارلىقتا قالغان يەرلىك خەلقتىن ھېچقانداق ئۆز-ئۆزىگە ھامىيلىق قىلغۇچى ئېتىرازلىق ئەكس سادا چىقمىغاندىن كېيىن،1936-يىلى پۈتۈن كىشىلىك ياپون سامۇرايلىرى ۋە گېرمان ناتسىستلىرى قوزغىغان فاشىزم پاراكەندىچىلىكىگە قارشى پۈتۈن دۇنيا ھەمدەملىك تۈزگەن ۋاقىتتا زېڭ ۋېنۋۇ ‹غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى›ناملىق كىتابى بېسىلىپ تارقالدى.ياپون باسقۇنچىلىرىغا بولغان مىللىي غەزىپىنى زۇلمەت ۋە خارلىقتا ياشاۋاتقان مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىگە قارىتىپ تارىخىي قىساسكارلىق چۇقانلىرىنى كۆتۈرگەن.
يۇقارقى بۆلەكلەر مەلۇم بىر كىتاپتىن كۆچۈرۈلگەن.ئىسمىنى ئاتاپ يۈرمەي كىتاپخانىلاردا بار .
بۇلارنى يوللاشتىكى مەقسەت يېقىننىڭ ياقى تاراتقۇلاردا كاتتىلار، تەتقىقاتچىلار ھەم جىسمى ئۇيغۇر دېكتورلار تارىخنى ئۆزى بىلگەنچە سۆزلەپ ،بۇ زېمىندا نەچچە ئون مىڭ يىللاردىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇردەك بىر قەۋمنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ، ياكى ئۇيغۇرلار نى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەمدۇ بىلمىدىم. دەپتەرگە قاراپ سۆزلەپ ئىچىمنى قاينىتىپ قويدى.شۇڭا مۇنداقلا كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويدۇم،مەخسۇس بىر ماقالە يازاي دېسەم تۈزۈك ئوقۇماپتىكەنمەن.
بالا-ۋاقىلىرىمىزغا ،كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ ئابا-ئەجدادلىرىنىڭ ئەسلىگۈدەك بىرەر تارىخى بولىشى كېرەكقۇ ئەسلى.ھەرقانداق مىللەت ئۆز تارىخىنى ئۆزى سۆزلىشى كېرەك ياتلار سۆزلىگەن تارىخ چىن بولمايدۇ،پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ بۇنچىلىك ئىشنى بەزىلەر بىلمىگەن بىلەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنىدا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ چوڭ مىللەتچىلكىك قىلىشىغا بولمايدۇ ،دەپ بەلگىلەنگەن.
|
|