قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3494|ئىنكاس: 30

كىرورانلىقلار كىملەر؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

4389

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 1510
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 12:45:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

(ئەخمەت مۆمىن تارىمى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)

شىنجاڭ ئىجىتمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى 1979- يىلى لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى بىر قەبرىدىن  بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى تاپتى.بۇ ئايال كۆمۈلگەن قەبرە يەريۈزىدىن7-8مېتىر ئىگىز تۆپىلىككە جايلاشقان، ئۇزۇن تۆت چاسا تىك قۇدۇق شەكىلدىكى يالغۇزقەبرە بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى1مىتىر ،ئۇزۇنلىقى1.74مىتىر،كەڭلىكى 0.7مىتىر. قەبرىگەكۆمۈلگەن ئايالنىڭ يۈزى ئورۇق،بۇرنى ئىگىز ھەم ئۇچلۇق،كۆزلىرى ئورا  كەلگەن،چاچ،تېرە،تىرناقلىرى ساپمۇساق،ھەتتائۇزۇن كىرپىكلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.چېچى قوڭۇر رەڭدە،چېچىنىڭ ئۇزۇنلىقى20-25سانتىمىتىر بولۇپ، مۈرىسىدە ئەركىن تاشلىنىپ تۇرىدۇ. جەسەت قېزىلغاندا يۈزىگەئۇزۇن ياپىلاق سېۋەت يېپىلغان بولۇپ، تۆۋەنكى ئۇچى كۆكرەك قىسمىغىچە سوزۇلغان.سېۋەتنىڭ ئۈستىگە30سانتېمىتىر قېلىنلىقتىكى قۇرۇق دەرەخ شاخلىرى ، دەرەخ شاخچىلىرىنىڭ ئۈستىگە10سانتىمىتىر قېلىنلىقتىكى قۇمۇش ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنەقېلىنلىقى10سانتىمىتىر ئەتىراپىدا ئىنچىكە دەرەخ شاخلىرى بېسىلىپ، ئۈستى قۇم توپىلار بىلەن يېپىلغان. جەسەت يالىڭاچ ھالەتتە بولۇپ،بەلدىن يۇقىرى قىسمى قېلىن يۇڭ رەخت بىلەن ئورالغان. بەلدىن تۆۋەن قىسمى بىر پارچە ئاشلانغان قوي تېرىسى بىلەن ئورالغان.  بېشىغا كىگىز قالپاق، پۇتىغا ئۆرۈلگەن تېرىدىن قىلىنغان ئاياق كىيدۈرۈلگەن، پايپاق كىيگۈزۈلمىگەن. ئاياقنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى قىسمى قوي يۇڭىدىن ئىشىلگەن توم يىپتا تىكىلگەن ، جەسەت بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سېۋەتكە بۇغداي قاچىلانغان (1).

    بۇ قەدىمكى جەسەتنىڭ يىل دەۋرىنى بېكىتىش ئۈچۈن بۇجەسەت 1981- يىلى 2- ئايدا شاڭخەيگە ئېلىپ بېرىلدى. شاڭخەي 1- تىببى ئىنىستوتى،شاڭخەي تەبىئەت مۇزېيې قاتارلىق 19 دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات ئورنىدىكى خادىملار بۇجەسەتنى كاربۇن 14 ئارقىلىق ئىلمى ئانالىز قلىپ، ئۇنىڭ40-45 ياشلار چامىسىدا ئىكەنلىكىنى ، قېنى (0) تىپلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.بۇ جەسەتنىڭ... كەم ھېساپلىغاندىمۇ 4000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى،تېخىمۇ ئىنىقراق ئېيقاندا، 1- قېتىنملىق تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن 6470 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكى بېكىتىلدى»(2). بۇ ئايال جەسەت كىيىنكىلەر تەرپىدىن "كىروران گۈزىلى"دەپ ئاتالدى.

     بۇ ھازىرغا كەلگۈچە مەملىكىتىمىزدىن تېپىلغان ئەڭ قەدىمكى جەسەت بولۇپ، ئۇنىڭ بايقىلىشى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بولسىمۇ،لىكىن يەنىلانۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىدى. جۈملىدىن بۇ ئايال جەسەت ۋەكىللىك قىلغان ئاھالىنىڭ ـــــ قەدىمكى كرورانلىقلارنىڭ قايسى ئىرىققا تەۋە ئىكەنلىكى، ئىگىلىك شەكلىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە تېخىچە بىر ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىدى.

     نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردىكى نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ تارىم رايونىدا ياشىغان ئەڭ قەدىمكى ئاھالىلەر،جۈملىدىن كرورانلىقلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتىدا، بۇ رايوندىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىپلا،«تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاھالىسى ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا، يەنى قەدىمكى زاماندىكى ساكيان رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن ۋە شەرقىي ئىران تىل سىستېمىسىداسۆزلىشىدىغان ئايرىم ساك ئۇرۇقلىرى بىلەن قان- قېرىنداش بولغان ئارىيانلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدۇ» (3).ئەمما،تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل قاراشنىڭ تولۇق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى،ئارىيانلار ئەسلى ئوتتۇرا ئاسيا يايلاقلىرىدىكى ئاق تەنلىك ئىرىققا مەنسۇپ كۆچمەن چارۋىچى خەلق بولۇپ، «نەچچە قېتىم جەنۇپقا كۆچۈپ ياۋرۇپالىقلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ،ئىرانلىقلارنىڭ ۋە ئارىيان  مىللىتىگە   تەۋە ھىندىلارنىڭ ئورتاق ئەجدادى بولۇپ قالغان..... ئۇلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000- يىلنىڭ  دەسلىپىدە جەنۇپقا كۆچۈشكە باشلاپ، ئېران ئىگىزلىكىگە كەلگەن، يەنە مىلادىدىن بۇرۇنقى 1500- يىلى ئەتراپىلىرىدا ئوتتۇرائاسىيا ئارقىلىق ھىندىستانغا باستۇرۇپ كىرگەن،»(4) «دەل مۇشۇ كۆچۈشلەردەئارىيانلارنىڭ بىر تارمىقى مەركىزى ئاسىيا، يەنى رايۇنىمىزنىڭ تارىم ۋادىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان»(5). دېمەك، بۇنىڭدىن ئارىيان دەپ ئاتالغان بۇخەلقنىڭ كۆپ بولغاندىمۇ مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى تارىم ۋادىسىغا سىرىتتىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ رايوننىڭ ئەسلى ئاھالىسى ئەمەسلىكىنى  بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.

ئىلىم ساھەسىگەمەلۇم بولغىنىدەك، «ئوتتۇرا ئاسيا كۆپ ھاللاردا تارىخشۇناسلار، ئارخېئولوگلارتەرپىدىن ئىنسانىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ »(6). «بۇ كەڭ كەتكەن زىمنىدا ئەڭ دەسلەپ كونا تاش قوراللار دەۋىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە ئادەملەرئولتۇراقلاشقان. يېڭى تاش قوراللار دەۋىرىگە كەلگەندە، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا كىشلەر تەرپىدىن ئېچىلىپ بۇلۇنغان»(7). جۈملىدىن تارىم ئويمانلىقىدىمۇ مۇشۇ دەۋرلەردىلا ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئارخېئولوگلار لوپنۇر كۆلى رايۇنىدا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بارغان دەۋرىنى ئون مىڭ يىلدىن ئىككى مىڭ يىلغىچە دەپ قارايدىغان بولۇپ (8)، «كروران گۈزىلى» بۇنىڭغا ئېنىق ئىسپات بولالايدۇ. بۇنىڭدىن ئارىئانلار كېلىشتىن ئىلگىرىلا تارىم رايونىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ياشىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ.
ئەمدى بۇ قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئىرقى،ئىگىلىك شەكلى توغرىسىدا  «كروران گۈزىلى» ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تېپىلغان نەرسىلەردىن بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ ئايال جەسەتتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ۋە جەسەتنىڭ  ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، بۇ ئايال ئېگىز بويلۇق، گەۋدىلىك،ئۇستىخانلىق، ئاق يۈزلۈك، ئورا كۆز، قاڭشارلىق، قىزغۇچ سېرىق چاچلىق، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان گۈزەل ئايال بولۇپ، نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلارئۇنى تىپىك ئاق تەنلىك ئىپتىدائىي پاۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ دەپ  قارىشىۋاتىدۇ  (خەن كاڭشىن ئەپەندىنىڭ «ھازىر بىزگە مەلۇم بولغان شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئىرىق مىس قورال دەۋىرىكى ئىپتىدائى ياۋرۇپا ئىرقىدۇر» دېگەن بايانىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىش مۇمكىن ) (9). ئىپتىدائىي ياۋرۇپا ئىرقى ھازىرقى ياۋرۇپا ئىرقىدىن پەرىقلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇ قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ھازىرقى ياۋرۇپا ئىرقىغىمۇ ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان ، سېرىق تەنلىك ئىرىققىمۇ مەنسۇپ بولمىغان، بەلكى ئەينى دەۋىرىدكى تارىم رايونىنىڭ كىلماتىغا ماسلاشقان ھالدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككەئىگە بولغان ئاق تەنلىك ئىرققا مەنسۇپ  ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. «بۇ جەسەت بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سېۋەتكە بۇغداي قاچىلانغان بولۇپ، بۇ بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرى مۇشۇ جايدا ياشىغان خەلىقلەرنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدىن ۋە تاللانما ئۇرۇقلارنى ئىشلەتكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ»(10). بۇ جەسەت بىلەن بىللە تېپىلغان يۇڭدىن ئىشلەنگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى بۇ رايۇندا يەنە قىسمەن چارۋىچىلىقنىڭمۇ بولغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. باشقا بەزى بويۇملار ئۇلارنىڭ يەنە  تاش ۋە ياغاچ قوراللارنى،ھەتتائوقيالارنى ئىشلىتىپ،كېمە ياساپ،ئۆي سېلىپ ياشىغانلىقىنى، قوشۇمچە بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ(11). ئابدۇقەييۇم خوجا ئەپەندىنىڭ «غەربى يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت» دېگەن ئەسىرىدىكى «ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئون نەچچە يىللق ئارخېولوگىيلىك تەكشۈرۈشلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بۇ دەۋىردە تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى، شەرقى ۋە جەنۇبى ئېتەكلرى، ئالتاي تاغلرى، قارا قۇرۇم (كۇئىنلۇن) ۋە پامىر تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرى،بىپايان تەكشىلىكلەر ۋە دەريا ۋادىلىرى، تارىم ۋادىسى، تۇرپان ۋادىسى،يارىش(جۇڭغار) تۈزلەڭلىكى ۋە ئىلى ۋادىلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇقداش قەبىلەرنىڭ ياشىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا... ئۇ دەۋىرلەردە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دېھقانچىلىق بىلەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئاساس، چارۋىچىلىق قۇشۇمچە ئۇرۇنداتۇرغان بولسا، شىمالى ۋە شەرقى شنجاڭدىكى تاغلىق رايونلاردا چارۋىچىلىق بىلەن ئوۋچىلىق، دەريا ۋادىلىرى ۋە مۇنبەت تۈزلەڭلىكلەردە دېھقانچىلىق بىلەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئاساسى ئۇرۇندا تۇرغان»(12) دېگەن بايانىمۇ بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ ئىسپاتلايدۇ.
  ئەمدى بۇ خەلقلەر بىلەن  ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدا، كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ ئىرقى، ئىگلىك شەكلى،مەدەنىيىتى، ماكانلىشىشىنى نۇقتا قىلىپ، ئۇلارنى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا ئىرق، ئىگلىك شەكلى، مەدەنىيەت، ماكانلىشىش جەھەتتە كۆپ ئۆزگىرىش ياسغانلىقتىن، بۇ قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭداDNA تېخنىكىسىغامۇراجىئەت قىلماي تۇرۇپ، بۇ ھەقتە كەسكىن بىر نېمە دېيىش قىيىنغا تۇختايدۇ. DNAتېخنىكىسى تەتقىقاتچىلارنى ئادەملەرنىڭ ئېرسىي گېنىدىكى DNA (ئازۇتسىزلانغان شېكەر مالېكولىلىق نوكلىئېن كىسلاتاسى ) ماددىسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىرقى  تىپىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى ئۈستىدە تامامەن توغرا خۇلاسىگە كەلگىلى بولىدۇ. جۈملىدىن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سى بىلەن تارىمدىن، مۇنداقچە ئېيتقاندا كىروراندىن تېپىلغان مۇمياجەسەتلەرنىڭ DNA سىئۈستىدە سېلىشتۇرما ئانالىز ئېلىپ بېرىلسا، ئۇلارنىڭ ئېتنىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدائېنىق بىر خۇلاسىگە كەلىگىلى بۇلاتتى. ئەپسۇسكى، ھازىرغىچە بۇ خىزمەت ئىشلەنمىدى.ئەگەر مۇشۇنداق خىزمەت ئىشلەنگەن بولسا، بىزنىڭ بۇ ھەقتە كۆپ باش قاتۇرۇشىمىزنىڭ مۇھاجىتى قالمايتتى. ئىشنىمىزكى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىزمەت ئىشلىنىپ كرورانلىقلاربىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداد – ئەۋلادلىق مۇناسىۋىتى ئىلمىي ھالدائىسپاتلانسا ئەجەب ئەمەس.
ئىزاھات:
[1] [8] [11] ياڭشىنسەي: "شىنجاڭدىكى سىرلار"، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەتنەشىرىياتى 2004-يىلى خەنزۇچە نەشىرى.
[2] «خەلقگېزىتى» نىڭ 1981- يىلى 2- ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان كروارندىن تېپىلغانقەدىمكى جەسەت توغىرىسىدىكى خەۋەرگە قارالسۇن.
[3] ئەنۋەربايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەرلەرنىڭ تارىخى» ، مىللەتلەرنەشرىياتى1991 –يىل ئۇيغۇرچە1-نەشرى 58-، 59- بەتلەر.
[4] چيەنداۋ شىنسى (ياپونىيە) : «يىپەك يولىدىكى99سىر»، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1986-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشرى  22-23-178-، 179- بەتلەر.
[5] ئابدۇشۇكۈر بەسىرى:«قەدىمكى قىياتاش سىزمىلىرىدىكى ئىلمەكلىك كرېسىت ھەققىدە»، «شىنجاڭ ياشلىرى»ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە) 1995- يىللىق 1-سان.
[6]ئەسئەتسۇلايمان: «تۇران بىلەن ئىراننىڭ دىئالوگى»، «شىنجاڭ مەدەنىيتى »ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە) 1998- يىللىق 1- سان.
[7]لىياڭ جىڭجى:«خەن دەۋىرىدىكى تارىم رايۇنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىرقى ۋە تارقىلىشى» ، «جۇڭگومىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتى» (2-قىسىم)، مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى1989 –يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى 35- بەت.
[9] خەن كاڭشىن:«شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان ئاھالىسى توغرىسىدىكى ئىرقىي ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەن قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى»، «شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىلمىژۇرنىلى»(ئۇيغۇرچە) 1991-يىللىق 3- سان.
[10]  ھاجى نۇر ھاجى: «قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچەتارىخى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى83 19-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى 13-،14- بەتلەر.
[12] ئابدۇقەييۇمخوجا: «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىلىئۇيغۇرچە 1-نەشرى 4-، 5- بەتلەر.


(ئىلاۋە : مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ تارىخ - مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان)

14

تېما

1

دوست

4389

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 1510
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 12:51:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنىڭ خەتلىرى يوللىغاندا يەنە  قوشۇلۇپ چىقىپ قاپتۇ، ئەسلى ئۇنداق ئەمەس  ئىدى، تەھرىرلەرنىڭ ئوڭشاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

129

دوست

772

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29870
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 19:49:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي سىزدىن سوراپ باقسام كىروران گۈزىلى ئۇيغۇرمۇ؟

2

تېما

3

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 959
توردىكى ۋاقتى: 453
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 20:37:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-21 20:40  

جۈملىدىن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سى بىلەن تارىمدىن، مۇنداقچە ئېيتقاندا كىروراندىن تېپىلغان مۇمياجەسەتلەرنىڭ DNA سىئۈستىدە سېلىشتۇرما ئانالىز ئېلىپ بېرىلسا، ئۇلارنىڭ ئېتنىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدائېنىق بىر خۇلاسىگە كەلىگىلى بۇلاتتى. ئەپسۇسكى، ھازىرغىچە بۇ خىزمەت ئىشلەنمىدى.ئەگەر مۇشۇنداق خىزمەت ئىشلەنگەن بولسا، بىزنىڭ بۇ ھەقتە كۆپ باش قاتۇرۇشىمىزنىڭ مۇھاجىتى قالمايتتى.

نىمە ئۈچۈن بۇ خىزمەت ئىشلەنمەيدىغاندۇ؟ بىرەر ئەنسىرىشى بارمىدۇ يا؟ ياكى جەسسەتنىڭ ساقلانغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولغاچقا قۇرۇق جەسسەتنى تەكشۈرۈشكە قىيىن توختامدىغاندۇ؟

0

تېما

1

دوست

1881

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28269
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 23:55:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagdaxmunbiri يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 19:49
ھەي سىزدىن سوراپ باقسام كىروران گۈزىلى ئۇيغۇرمۇ؟

كرورانلىقلار بىزنىڭ ئەجدادىمىز

0

تېما

1

دوست

1881

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28269
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 00:03:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق تەرەققىي قىلغان مىللەت بىرنەچچە ئېتنىك قەبىلىنىڭ ئۆز ئارا بىرلىشىشى مەدىنيەت ئەندىزىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ.ئۇيغۇرلار ئەتراپتىكى يايلاق قەبىللىرگە ئوخشاش بىرلا كىچىك قەبىلىدىن ھازىرقى ھالەتكە كىلىپ قالمىغان.
ئۇزاق ئەجدادىمىز ھون قەبىلىسىدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار كۆپ تەرەققىيات بارلىققا كەلتۇردى. مەسىلەن ئەتراپىمىزدىكى يايلاق قەبىلىلىرى كۆچمەن چارۋىچىلىقتا تۇرۋاتقاندا ئۇيغۇرلار شەھەردە كىيىم تىكىپ كىيىشنى بىلىپ بولغان ئاتا بوۋلىرمىزنىڭ ئىزلىرى ھازىرغىچە تۇرۇپتۇ.بىز بۇ زىمىننىڭ ئىگىلىرى بولىمىز، بۇنى ھىچكىم ئىنكار قىلمايدۇ.كرورانلىقلار بىزنىڭ ئەجدادىمىز.

0

تېما

0

دوست

247

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   82.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24008
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 09:35:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەتتە قەۋەت ئاسمىنى ۋە يەتتە قەۋەت يەر ئاستىغىچە ئۇيغۇرنىڭدۇر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )