- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5102
- نادىر
- 0
- يازما
- 493
ئۆسۈش
2.04%
|
QAGHAN يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 19:10
شەرقى تۇركىستان دېگەن ﻧﺎﻡقاچان قاناداق پەيدا بولغان ب ...
كەينىگە ‹ىستان› قويۇلغان ناملارنىڭ ھەممىسى پارىس تىلىدىن كىرگەن جۇغراپيەلىك يۇرت ناملىرنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: گۈلىستان، شەھرىستان دىگەندىكى ‹ىستان› شۇ مەۋجۇت ئىسىمدىكى شەيئىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ. ‹تۈركىستان› تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تۇرالغۇ ئورنى دىگەن جۇغراپيەلىك مەنانى چۈشەندۇردىغان بولۇپ پارىس تارىخچىلىرى ئوتتۇرا ئاسيانى تۈركىستان‹تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تۇردىغان ئورنى› دەپ ئاتىغان بولسا تۇرپان ، دۇڭخۇاڭ ۋە ئىلى رايۇنلىرىنى بەزى تارىخى مەنبەلەردە‹ئۇيغۇرىستان› دەپ ئاتىغان. بۇنى 20.ئەسىرنىڭ باشلىردا ئوتتۇرغا چىققان پانتۇركىزىم ئىدولوگيەسى تەسىرىدە جۇغراپيەلىك نامنى سىياسى مەنادىكى نامغا ئۆزگەرتكەن. بۇنىڭدا ئىنگىلىز ۋە فرانسوز سوتسىلوگلىرى ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ.چۇنكى شۇ دەۋىردە كۈچلىنىپ كىتىۋاتقان چار پادىشا ۋە سوۋىت ھاكىمىيتىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۇلۇق برىتانيە ئىمپىريەسى (ئەنگىلىيە)تەۋەلىكىدىكى ھىندىستان بىلەن سوۋىت دائىرسى ئوتتۇرسىدا سوۋىت كىڭەيمىچىلكىگە قارشى بىر كۈچ ھاسىل قىلىشنى پلانلايدۇ.ۋە تۈركىيەگە يەل بىرىپ ئوتتۇرا ئاسيە تۈركىي خەلقلىرى ئارىسىدا پانتۇركىزىم ئىدولوگيەسىنى تارقىتىشقا باشلايدۇ. بۇ ئىدولوگيەنى ستالىن قەتئىي ھالدا چەكلەيدۇ،ئوتتۇرا ئاسيەدىكى يايلاق خەلقلىرىدىنمۇ بەكرەك بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىڭىيىپ كىتىشنى قاتتىق توسقان.سەۋەبى ئوتتۇرا ئاسيە بويۇنچە تارىختىن بىرى ھون تەڭرىقۇتلىرىدىن باشلاپ چىڭگىزخان ئىستىلاسىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى كۈچى ئەڭ زور بولۇپ كەلگەن.چىڭگىز ئىمپىريەسىدە بىرنەچچە قەبىلە مۇڭغۇلدىن باشقا پۇتۇن ئاھالە خەلقى ئەسكەرى قىسىملىرى ئۇيغۇر ،تاتار قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەردىن تەركىپ تاپقان. بۇ ئۆتمۈشنى بىلىدىغان ستالىن ئوتتۇرا ئاسيادا ئۆزىگە قارشى يەنە بىر يىڭى ئىمپىريە قۇرۇلۇشنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە.
نىھايەت ستالىن قورققان ئىش ئاخىرى يۈز بىرىدۇ.1933.يىلى قەشقەردە سابىت داموللام بۆلگۈنچىلىك قىلىپ ئاتالمىش‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھورىيتى›قۇرۇلغانلىقىنى ‹جاكارلايدۇ›.بۇنى مۇسۇلمانلار ‹ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ئىسلامىي جۇمھۇرىيەت› دىسە، تۇركىي خەلقلەر ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۇنجى ‹جۇمھۇرىيەت› دەپ بىلىدۇ. ستالىن ، نەنجىڭدىكى مەركىزى ھۆكىمەتكە بوي سۇنماي ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمدار بولۋالغان جاللات شىڭشىسەيگە
بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇ ‹جۇمھۇرىيەت›نى ۋاقتىدا ئاغدۇرۋىتىدۇ. |
|