- تىزىملاتقان
- 2014-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6294
- نادىر
- 0
- يازما
- 202
ئۆسۈش
25.88%
|
يولداش جاڭ شۈجى، نۇر رەئىس، ياخشىمۇ سىلەر؟
مەن كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسى نامىدىن مۇھىم بىر ئىشنى سىلەردىن تەلەپ قىلىمەن، چۈنكى بۇ ئىش سىلەرنىڭلا قولۇڭلاردىن كىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ ئىژتىمائى ئۈنۈمى بەلكىم ناھايىتى چوڭ ۋە ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۈمكىن. شۇڭا بۇ تەكلىپكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەل قىلىش توغرىسىدا ئويلىنىپ ۋە ئىزدىنىپ بېقىشىڭلارنى بەكمۇ ئۇمۇت قىلىمەن. ھەم سىلەرنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقىدىغانلىقىڭلارغا ۋە ھەل قىلىدىغانلىقىىڭلارغا ئىشىمەن.
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم شۇكى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىلىمىز ۋە رايۇنىمىزدا ئىقتىزاد بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ لىكىن كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنىڭ ماس ھالدا ئۆسمەسلىكى، جەمىيەتتىكى چىرىك ئىددىيەلەر، كىرىم پەرقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ھەر خىل زىددىيەتلەر، ئىدىلوگىيە جەھەتتىكى ئوخشىمىغان قاراشلار، مەدەنىيەت پەرقى ... قاتارلىق نۇرغۇن مۇرەككەپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن جەمىيەتتە ھەر خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار، يەنى ئامانلىق دىلولىرى، ئىقتىزادى تالاش-تارتىش، ئائىلە-نىكاھ ماجرالىرى، چىرىكلىك، بىئوگىراتلىق، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، خۇراپاتلىق، يالغان خەۋەر، ساختا مۆجىزە تارقىتىش، باشقىلارنىڭ دىنى ئېتىقادىغا ئارىلىشىپ بىرەر دىنغا ياكى بىرەر مەزھەپكە ئىشىنىشكە ياكى ئىشەنمسەسلىككە مەجبۇرلاش، ھەتتا زوراۋانلىق ، تىرۇرلۇق ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ يولسىز ياكى يوللۇق مەخسەتلىرىگە يىتىشكە ئۇرۇنۇش... قاتارلىق ۋەقەلەر كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە.
يۇقارقى مەسىلىلەرنى مەن دىمىسىەممۇ بەلكىم نۇرغۇن ئالى مەلۇماتلىق، ئالى ئۇنۋانلىق، ئالى تەمىناتلىق نۇرغۇن مۇتەخخەسىسلەر مەخسۇس تەتقىق قىلىۋاتقان، بۇ مەسىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە كىچە-كۈندۈز ئىزدىنىۋاتقان بولىشى مۈمكىن، لىكىن شۇنداق بولسىمۇ بىر ئاددى پۇخرالىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىش، جەمىيەتنىڭ تىنىچلىقى ، تەرەققىياتىغا ئاز بولسىمۇ ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بۇ توغرىلىق بىر تەكلىپنى يەنى، شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا قانۇن قانىلى تەسىس قىلىشنى سىلەرگە ئىلتىماس قىلماقچىمەن.
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، تېلىۋىزىيە ھازىر ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان، ۋە كىشىلەرنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان بىر خىل تاراتقۇ بولۇش سۈپتى بىلەن تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ بىزنىڭ ھەر بىر سۆز ھەتتا ھەر بىر ھەرىكىتىمىزگىمۇ تەسىر قىلىدىغان دەرىجىگە يەتتى. شۇڭا بۇ مۇھىم تاراتقۇنىڭ ئىژتىمائى پىكىرنى توغرا يۆلىنىشكە باشلاش رولىدىن پايدىلىنىپ قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلغاندا كىشىلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنى تەبىئى ھالدا ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، بۇ نۇرغۇن قېتىملىق قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىىدىن، نۇرغۇن يازمىچە ماتىرىيال تارقىتىش، ئىمتىھان ئىلىش، نۇتۇق سۆزلەش...لەردىن ئۈنۈملۈك بولىشى مۈمكىن. جەمىيەتنىڭ تىنىچ ئىناقلىقى، تەرەققىياتىغا ھەرقانداق بىر مەمۇرى ھەرىكەتتىنمۇ كۆپرەك تۆھپە قوشىشى مۈمكىن.
شۇڭا مەن ئاپتۇنۇم رايۇن رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئىشنى ئويلىشىپ كۆرۈپ ، بۇ مەخسۇس قانالدا ھەر خىل قانۇن بىلىملىرى، دىلۇ مىساللىرى ، قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتنى قوغداش توغرىلىق بىلىملەر، پاش قىلىش مەخسۇس پىروگىراممىسى، تەربىيە ئەھمىيىتى بار شۇنداقلا قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فلىم، ھىكايە فىلىملەر... قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پىروگىراممىلار ئارقىلىق خەلىق ئاممسىىنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتىرىشى ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرىشىنى ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن تەلەپ قىلىمەن.
بەلكىم بۇ ئىش بەلگىلىك ئىقتىزادى كۈچ، ئادەم كۈچى تەلەپ قىلشىى مۈمكىن، بىراق يۇقارقى ئىزگۈ مەخسەتلەرگە يىتىش ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلشقا ئەرزىيدۇ. ئەلۋەتتە بۇ قانال ئۈچۈن پىروگىرامما مەنبەسى مەسىلىسى بىرىنچى مەسىلە بولىشى تۇرغان گەپ، مىنىڭچە ئالدى بىلەن قانۇن لىكسىيەسى، مەخسۇس پىروگىرامما ئەترىدى قۇرۇش ، مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قانۇن ۋە جەمىيەت قانىلىنىڭ پىروگىراممىلىرىنى تەرجىمە قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بۇ ئىشنى ئاددىلىقتىن باشلاپ بارا بارا تەرەققى قىلدۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
بەلكىم سەۋىيە سەۋەبىدىن ئارتۇق گەپ قىلىپ تاشلىغان بولىشىم، كۆڭلۈمدىكىنى توغرا ئىپادىلىيەلمىگەن بولىشىم مۈمكىن، بىراق يازمامنى تۈزۈتۈپ ئوقۇپ ۋە دىمەكچى بولغانلىرىمنى تۈزۈتۈپ چۈشۈنۈپ مۇشۇ ئىشنى ھەل قىلىپ بەرگەن ۋە تور يۈزىدە مۇشۇ ئىش توغرىلىق بىر جاۋاپ بىرىشكە تىرىشقان بولساڭلار.
سىلەرنىڭ جاۋابىڭلارنى كۈتۈپ ۋە جاۋاپ بىرىدىغانلىغىڭلارغا ئىشىنىپ ، ھۆرمەت بىلەن:
ئاددى تورداش.
2014-يىلى 3-ئاۋغۇسىت
|
|