زىيالىيلارنىڭ بىلەرمەنلەرگە ئايلىنىشى ئەڭ قورقۇنچلۇق
«بيدۇ» دەۋرىدە پەقەت ساۋاتلىق بولۇش، تورغا چىقالايدىغان بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى شەرتنى ھازىرلىغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەرمەنگە ئايلىنىۋاتىدۇ، لېكىن زىيالىيغا ئايلىنىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.
ئادەتتىكى كىشلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ۋە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش زىيالىيلارنىڭ بىلەرمەنلەردىن روشەن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى. زىيالىيلار شۇنىڭ ئۈچۈن زىيالىي بولالىدىكى، ئۇلار كەسپچانلىق، ئومۇمىيلىق، مۇستەقىل قاراش، ساپ روھ ۋە ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان رولغا ئىگە. زىيالىيلارنىڭ سالاھىيەت بەلگىسى ۋە رولىنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئېتىراپ قىلىدۇ، مەدەنىيەت تارىخى ئىسپات بولىدۇ، بىلەرمەنلەرگە بۇ جەھەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئىگە بولغان بىلىم ۋە ئۇچۇرنىڭ تۈرتكىسىدە، زىيالىيلار ئورتاق نىشانغا ئىگە بولىدۇ، بىلەرمەنلەر پەقەت باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەشكە موھتاج. بىلەرمەنلەر زىيالىيلارغا سېلىشتۇرغاندا، سۆز قىلىشقا ماھىربولۇپ، كۆچمە دىسكىغا ئوخشايدۇ.
زىيالىيلار بىلەن بىلەرمەنلەرنىڭ پەرقى زور، لېكىن بىلەرمەننىڭ زىيالىيغا تەرەققىي قىلىشى تولىمۇ مۈشكۈل، زىيالىينىڭ بىلەرمەنگە ئايلىنىشى بىر قەدەملىكلا ئىش. نۆۋەتتىكى تالاش-تارتىش قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت شۇكى، بىر قىسىم بىلىملىك، قابىلىيەتلىك كىشىلەر تاللاش خاراكتېرلىك «قارىغۇ»، ئۇلار بىر كىچىك كوللېكتىپ ياكى ئالاھىدە مەنپەئەتكە ئىگە گۇرۇھنىڭ جارچىسى بولۇش بىلەن قانائەتلىنىۋاتىدۇ: بىر قىسىم زىيالىيلار ھەقىقىي ۋىجدانىنى يوقاتقان، خاتىرجەم ياشاشقا چۆكۈپ كەتتى. مېنى ھەممىدىن بەك ئەپسۇسلاندۇرغىنى، بىر قىسىم تالانتلىقلار جامائەت ئەقىل بۆلۈنمىسى ۋە تەپەككۇر چېكى ئاستىغا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ.«بەيدۇ» نى خالىغانچە ئاچساقلا، توردىكى «تالانتلىقلار سۆزلىرى» مۆلدۈردەك يېغىپ كېتىدۇ، يەنى، جۇڭگودا باي بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ئانچە زور ئەمەس، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرق زور بولغاندىلا، جەمئىيت ئالغا ئىگىرىلىيەلەيدۇ: تاماكىنى چەكلىگەنلىك دۆلەتنى ساتقانلىق: ئۆي سېتىۋالغانلىق دۆلەتنى ساتقانلىق: ئۆي سېتىۋالغانلىق دۆلەتنى سۆيگەنلىك: ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى نامراتلارغا پايدىلىق: ئۆي باھاسى قانچە تۆۋەن بولسا، شەھەر شۇنچە شەرمەندە بولىدۇ: ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى توسۇشتا خەلقتىن نەپەسلىنىش ھەققى ئېلىش كېرەك: ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئالماستىن، ياشانغانلار مۇلازىمىتىگە يېقىندىن قاتنىشىشى كېرەك...دېگەندەك. نۇرغۇن تورداش بۇنداق مەسىلىلەر ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ كېتىدۇ، بەزى كاللىسى ئوچۇق زىيالىيلارمۇ بىر-بىرىنى تىللىشىپ، بىر-بىرىنىڭ ئەپت-بەشىرىسىنى ئېچىشىدۇ. بەزىلەر يالغاندىن ساراڭ بولۇۋېلىپ، «مەستلىكىنى ھاراقتىن كۆرۈپ» كۈن ئۆتكۈزىدۇ.
زىيالىيلار تەبىئىي خاسلىققا ۋە ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي رولغا ئىگە، ئۇلارغا جەمئىيەت روھىنىڭ تۈۋرۈكلۈك ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يول باشلىغۇچىلىق ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن، ئەكسىچە، ئاممىۋى ئىشەنچىلىكلىككە ئىگە بولغان ئاممىۋى زىيالىيلار بىردىنلا بىلەرمەنلەرگە ئايلىنىپ قالسا، ئۇلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ زور بولىدۇ. بىلەرمەنلەر ئابرۇيىغا داغ تەگكۈزۈۋالماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ، «ئۆزۈم ياخشى بولسام بولدى، ئۆزگە بىلەن نېمە كارىم» دەپ ئويلىشى مۇمكىن، زىيالىيلاردىن ئۆزگەرگەن بىلەرمەنلەر «جاھانغا زىيان سالىدۇ». ئەسلىدە ئەلە سۈپەتلىك، تەبىئىتى ساپ زىيالىيلار ھوقۇقلۇق گۇرۇھلار چەمبىرىكىدە تەربىيەلىنىپ، كەسپىي مەسلىھەتچى، بىلىم ۋە كاپىتال دەللاللىرىغا ئايلىنىپ، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ياشاش ھالىتى ئۆزگىرىدۇ، شۇنداقلا لۇشۇن ئەپەندىنىڭ «ھازىرقى ئەمەلدارلار ئۆتمۈشتىكى تالىپلار» دېگىنىگە بارغانسېرى يېقىنلىشىدۇ.
ئەرگە بىز زىيالىيلارنىڭ بىلەرمەنلەرگە ئايلىنىش دەرىجىسى ۋە سۈرئىتىنى توسۇشقا ئامالسىز قالساق، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىنى يوقىتىشقا تېخىمۇ ئامالسىز، لېكىن بىز چوقۇم قىلىشىمىز كېرەك بولغان ھەمدە قىلالايدىغان ئىشىمىز شۇكى، كۆزىمىزنى يوغاپ ئېچىپ، «ساختا ئەجنەبىيلەر»نىڭ كۆزىمىزنى ئالا چەكمەن قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز، ھېچبولمىغاندا، باشقىلار بىزنى سېتىۋەتسە، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن پۇللىرىنى ساناپ بەرمەسلىكىمىز كېرەك.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.
http://www.nur.cn/news/2014/09/183394.shtml
|