- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
13.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-5 22:04
tewelgha يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 19:39
ئىككىمىزنىڭ مەسىلىگە قاراش نوقتىمىزدا پەرىق باركەن ، ...
توغرا دەيسىز.پىكىرلىشىش ئاساسىدا ئورتاقلىق شەكىللىنىدۇ. مەنمۇ بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ياسىر قارىنىڭ لىكسىيەسىدىكى ۋەقەدىن چىقارغان خۇلاسىسىگە ئىشىنىمەن.بىزدە كام نەرسىمۇ شۇ تىرىشچانلىق.ئەمدى شۇ تىرىشچانلىقنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ ماددى شەرت شارائىت بۇلىشى كېرەك.مەملىكىتىمىز مائارىپىغا كەلسەك ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيسىنى بۇغۇپ قويدىغان مائارىپ.مائارىپ مىنىستىرلىكى بۇنى ھېس قىلغان بولغاچقا ئىسلاھات قىلىۋاتىدۇ. دۆلىتمىز سىز ئېيتقاندەك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساناقلىق تەرەققى تاپقان دۆلەت ئەمەس. بەلكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت.مەملىكىتىمىز دۇنيادىكى 2- چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە.لىكىن پەنتېخنىكا دۆلىتى ئەمەس. مەملىكىتمىز مائارىپى 60يىلدىن بېرى مەملىكىتىمىزگە كۆپ ئالىملارنى يىتىشتۈرۈپ چىقالمىدى.چۈنكى مائارىپ ئۇقۇتشنى ئاساس قىلغان ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەپەكككۇرىنى ئېچىشنى ئەمەس.شۇڭا 1999-يىلدىن باشلاپ ساپا مائارىپىنى يولغا قويدى.لىكىن بۇ مۇ شەكىل بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.شۇڭا مائارىپ مىنىستىرىلىكى بۇيىلدىن باشلاپ چوڭ ئىسلاھاتنى باشلىدى. مەملىكىتىمىز دۇنيادىكى جىسمانى كۈچلۈك دۆلەتكە كىرىدۇ.ئەقلى كۈچلۈك دۆلەت ئەمەس.چۈ نكى دۆلتىمىز باشقىلارنىڭ تېخنىكىسغا ئاساسەن مەھسۇلات ياسايدىغان زاۋۇت.شۇڭا دۇنيا زاۋۇتى دەيدۇ.ھەرگىزمۇ يېڭىلىق يارىتىدىغان زاۋۇت ئەمەس.مەملىكىتىمىزنڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ھەتتا كورىيەگىمۇ يەتمەيدۇ. تېىخنىكىدا چەتئەلگە بېقىنىپ قالغان.ھەرگىزمۇ ئامرىكىدەك تېخنىكىسىنى دۇنياغا ساتمايدۇ.بەلكى شۇ ئامرىكىا قاتارلىق ئەقلى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە مەھسۇلات ياساپ بېرىدۇ. ئەمدى 60يىلدىن بۇيانقى مەملىكىتىمىزنڭ ھەرقايسى رايۇنلىرىدىكى تەرەققىياتنىڭ ئوخشىماسلىقىدىكى سەۋەب ھەرگىزمۇ بىر مىلەتنىڭ ئىدىيە سېستىمىسىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس .دۆلىتىمىز قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئاۋال بىرقىسىم رايۇنلارنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلىشىغا يول قۇيۇش سىياسىتىنى چىقاردى .شۇنىڭ بىلەن دېڭىز ياقىسىدىكى رايۇنلارنى ۋە بىۋاستە قاراشلىق مەركەزلەرنى ئاساس قىلغان ئاساستا تەرەققىيات يۇلىنى باشلىدى.تاكى 1997-يىلىغا كەلگەندە غەربىنى ئېچىۋىتىشتىن ئىبارەت مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە غەربى شىمال قىسمىدىكى ئۆلكە ئاپتۇنۇم رايۇنلارنى ئاساس قىلغان رايۇنلارغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلپ بۇرايۇنلارنىڭ تەرەققىيىغاتىغا تۈرتكە بۇلۇشقا باشلىدى.بۇرايۇنلارمۇ ئاستا ئاستا تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. 2000-يىلىدىن كىيىن (ئېنىق ۋاقتى ئىسىمدە قالماپتۇ) ئېغىر سانائەت كونا ماكانى بولغان شەرقى شىمالنى ئېچىش پىلانىنى يولغا قويدى.شەرقى شىمالنىڭ تەرەققىياتىمۇ ھازىر تىز يۈكسىلىۋاتىدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن ھەرقايسى رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى تەرەققىيات پەرقى يلسىرى ئازىيىۋاتىدۇ. دىيارىمىزنىڭ ئارقىدا قېلىشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن قېرىندىشىم.دۆلتىمىز قۇرۇلۇپ ھەرگىزمۇ ھەممە يەرگە ئوخشاش مەبلەغ سالمىغان.بەلكى باسقۇچلۇق تەرەققىياتنى يولغا قويغان.80-يىلدىن بۇرۇن ئۇمۇمىيۈزلۈك سىنىپى كۆرەش باسقۇچىدا تۇرغان.80-يىلىدىن كىيىن ھەقىقى تۈردە ئىقتىساتقا كۈڭۈل بۆلگەن.شۇنڭ بىلەن گۈللەنگەن دېڭىز ياققىسى شەھەرلىرى بارلىققا كەلدى.ھازىر بولسا بىزنىڭ دىيارىمىزدا تەرەققىيات بۇلىۋاتىدۇ.مەن گەنسۇ نىڭشىيا،چىڭخەي لەرگە بارغان.ئۇيەرنىڭ تەرەققىياتى بىز بىلەن پەرقسىز ياكى بىزدىن ناچار. شۇڭا بۇ ھەرگىزمۇ 60يىلدىن بېرى دۆلەت مەبلەغ بەرسىمۇ بىز پاسسىپلىق قىلىپ تەرەققىياتقا قارشى تۇرغان ئىش يوق.بەلكى دۆلەتنىڭ تەرەققيات مەبلەغ سېلىش سىياستى كەلگىلى ئەمدى ئوننەچچە يىل بولدى. ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىغا كەلسە ك سىزمۇ قورسىقىڭز راسا تويسا ئاندىن كىتاپ كۈرۈشنى ئويلاسىز.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىش.تېخنىكا ئۆگىنىمەن دەپ ئالى مەكتەپكە باردىمۇ دەيلى،مەملىكىتىمىزدە ئەمدىلا شەكىللىنىۋاتقان كەسپى مائارىپنى چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسىز.تېخنىكنى ئەنە شۇنداق كەسپى مائارىپ مەكتەپلىرىدە ئۆگىنىدىغان گەپ .ئەنئەنىۋى ئالى مەكتەپلەر بولسا نەزىيىە ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللنىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ ئالى مەكتەپلىرى ھەرگىزمۇ ئامرىكىنىڭ ئالى مەكتەپلىرىدەك ئەمەس. شۇڭا دۇنيا دۆلىتىمىزدىكى فۇدەن ئونۋېىرسىتى بىلەن دۆلىتىمىزنڭ ئايغا چىقىش تېخنىكىسىدىكى باشلامچى خاربىن تەبىئى پەنلەر ئونۋېرسىتىنى ئېتراپ قىلىدۇ. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق ئىزدىنش روھىنىڭ بولماسلىقى دەل مائارىپ يىتىشتۈرۈپ چىققان مەسىلە.ئەگەر2يىل مۇئەللىم بۇلۇپ باقسىڭىز چۈشىنىسىز.دۆلىتىمىز ئۆزىنىڭ بۇ تېخنىكا جەھەتتىكى ئىچكى يادرولۇق ئاجىزلىقىنى ھېس قىلغان بولغاچقا مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى.بۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ.ئامرىكىلىقلار 200يىلدا يىتىشتۈرگەن نەرسىنى بىز ئەلۋەتتە نەچچە يىلدا يىتىشتۈرەلمەيمىزدە. شۇڭا قېىرىندىشىم بىز ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تەرەققىيپەرۋەر مىللەت.دۇنيا سەھنىسىدە ئۇزۇن مەزگىل نامايان بۇلۇپ ياشىغان. بىزنىڭ مائارىپ تىكى بۇ ئىشلار دەل مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىلەن ئوخشاش. تەرەققىياتتىكى پەرق بەزى پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇ پەرقمۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئېتقادىمىز ئىدىيە سېستىمىمىز سەۋەبىمىزدىن ئەمەس بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات سىتىرادىگىيسىنىڭ مەھسۇلى. بۈگۈنكدەك مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ ئۇيغۇرلار نۇرغۇن ساھەدە خېلى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتىدۇ.ئىشنىمەن يېقىن كەلگۈسىدە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى،مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەپەككۇرغا ئەھمىيەت بىرىشقا ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە سىز ۋە ھەممەيلەن ئورتاق ئىنتىلگەن ئاشۇ مىنۇتلارمۇ يىتىپ كېلىدۇ. |
|