- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 808
- نادىر
- 0
- يازما
- 41
ئۆسۈش
  61.6%
|

(باھادىر يىگىت)
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى جەنۋەگە جايلاشقان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يەنى داۋۇس مۇنبرى 2014-2015-يىللىق دۇنيادىكى رىقابەت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ دۇنيادىكى 144ئىقتىسادى گەۋدىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتتا شىۋىتسارىيە ئۇدا ئالتىنچى قېتىم بىرىنچى بولغان.سىنگاپۇر ئۇدا 4يىل ئىككىنچى بولغان. بىرقىسىم يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدە يەنى جەنۇبى ئافىرىقا،بىرازىلىيە،ھىندىستان،مىكسىكا قاتارلىقلارنىڭ رەت تەرتىپىدە چىكىنىش بولغان. دۆلتىمىز بۇلتۇرقى 29-ئۇرۇندىن 28-ئۇرۇنغا ئۆتكەن. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا تۇرغان.
دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئېلان قىلغان يىللىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رىقابەت كۈچى سېلىشتۇرمىسى بولسا جەمىيئەت تۈزۈمى،ھۈكۈمەتنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ۋە ئاشكارىلاش دەرىجىسى،ئۇل ئەسلىھەلەر،ئەمگەك كۈچى بازىرى ئۈنۈمى،تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش،سەھىيە ۋە مائارىپ،بازار كۆلىمى ۋە ماكرولۇق ئىقتىساد مۇھىتى قاتارلىق 12 تەرەپتىن باھالىنىدىغان بۇلۇپ بىر دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرش كۈچى سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان بىرپۈتۈن تۈزۈلمىە ،سىياسەت ۋە سەۋەب ئامىللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.بۇ سلىشتۇرما دەرىجە بولسايەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە 144ئىقتىسادى گەۋدىدىكى 14مىڭدىن ئارتۇق چوڭ كارخانىلارنى تەكشۈرش نەتىجىسىدىن تۈزۈپ چىقىلىدۇ.
بۇيىلقى سېلىشتۇرما تىزىملىكىدە شىىۋىتسارىيە ،سنگاپور،ئامرىكا ئايرىم ئايرىم ئالدىنقى ئۈچۈنچىلىكنى ئالغان.غەرپ دۆلەتلىرى ئاساسلىق ساننى ئىگەللىگەن بۇلۇپ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىلا 6غەرب دۆلتىى بار.قالغىنى ئامرىكا ۋە ئاسىيادىكى ئۈچ ئىقتىسادى گەۋدە يەنى سىنگاپۇر،ياپۇنيە ۋە شىياڭگاڭ. ياپۇنيە بۇيىل شىياڭگاڭدىن ئېشىپ 6-ئۇرۇنغا ئۆتكەن.دۆلتىمىزنىڭ ئورنىمۇ ئالدىغا بىررەت ئىلگىرلىگە بۇلۇپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.دۆلتىمىزنڭ ماكرۇ ئىقتىساد مۇھىتى ناھايتى مۇقىم بۇلۇپ بۇ ماختاشقا تىگىشلىك ئىشكەن.لىكىن دۆلتىمىزنىڭ كەمچىللىكى بولسا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئاجىز.بۇ جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدىكەن.روسسىيە بۇيىل ئوكرائىنا ۋەزىيتىنىڭ سەۋەبىدىن 71-ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالغان.تۈركىيە يەنىلا 40- ئۇرۇننى ساقلاپ قالغان .ئىسپانىيە39 ،پورتىگاليە43 ،ئىتالىيە 46ئۇرۇندا تۇرغان.
تۆۋەندە ئالدىنقى 30دۆلەتلەر تىزىملىكى بىرىلدى.
1.شىۋىتسارىيە
2.سىنگاپۇر
3.ئامرىكا
4.فىللاندىيە
5.گىرمانىيە
6.ياپۇنىيە
7.شىياڭگاڭ
8.گوللاندىيە
9.ئەنگىلىيە
10.شىۋىتسىيە
11.نورۋىگىيە
12.ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى
13.دانىيە
14.تەيۋەن
15.كانادا
16.قاتار
17.يېڭى زىلاندىيە
18.بېلگىيە
19.لىيۇكسىنبۇرگ
20.مالايسىيە
21.ئاۋىستىرىيە
22.ئاۋىستىرالىيە
23.فىرانسىيە
24.سەئۇدى ئەرەبىستانى
25.ئېرلاندىيە
26.كورىيە
27.ئىسرائىلىيە
28.جۇڭگو
29.ئەزەربەيجان
30.ئىسلاندىيە
|
|