- تىزىملاتقان
- 2013-9-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4541
- نادىر
- 0
- يازما
- 152
ئۆسۈش
84.7%
|
بۇ تىمىنى يوللاپ ياخشى قىپسىز.دىمىسىمۇ بازار ئىگىلىگى ،پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ ئورنىنى ئالغاندىن كىيىن ،جەمىيەتتە تىخى ئىختىسات ئىڭى تولۇق يىتىلمىگەنلەرگە نىسبەتەن بىر قاتتىق سىناق بولدى. مەيلى 20-30 ياشلاردىكى ئەمدى جەمىيەتكە قەدەم باسقان نەۋقىران ياشلىرىمىزدا بولسۇن ، مەيلى چىچىغا ئاق سانچىلغان 50-60ياشتىكى مويسۈپەتلەردە بولسۇن بۇخىل ئەھۋال كۆپۈيۈپ قالدى. مىنىڭچە بۇ بىر خىل ئىجتىمائى ھادىسە دەپ قارايمەن. بەلكى بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبىيى كۆپتۇر .لىكىن مەن مۇنداق بىرقانچە نۇختىدىكى سەۋەپمىكى دەيمەن.
1. ئىتىقادنىڭ سۇسلىشىشى.
2. قانۇن تۈزۈمنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ، يۇقۇردا بىرقىسىم تورداشلار ياۋروپا - ئامىرىكا قاتارلىق تەرەققى قىلغان ،ئىچىۋىتىلگەن ،دەرجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەرنىڭ بەزى گەپىنى قىپتۇ . مىنىڭچە بۇ دۆلەتلەرنى، كىنولاردىكى بىرقىسىم كۆرىنىشلىرىگە قاراپلا بىرىلگەن ، يۈزەكى قاراش دەيمەن .ئەگەر شۇ دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ، بولۇپمۇ نىكاھ قانۇنى ،باللانىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى دىگەنگە ئوخشاش قانۇنلىرىنى بىلسە، ئۇنداق دىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئاجرىشىشقىمۇ پىتىنالماسلىقى تۇرغان گەپ.
3 . ئىجتىمائى ئەخلاق كىرزىسى . بىزھازىر بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار تۆت يول ئىغىزىغا كىلىپ قالدۇق. ئوڭغا ماڭامدۇق سولغىمۇ؟ياكى تەۋەلكۇل قىلىپ ئالدىمىزغا مىڭىۋىرەمدۇق؟
4. قۇرامىغا يەتكەن قىز ئوغۇللارنىڭ نىسبىتى بۇزۇلدى.
5 .كىملىكنى ئۇنتۇش . كىمنىڭ ئەۋلادى، قايسى جەمەتكە تەئەللۇپ بولۇش، پەرزەنتىنىڭ شۇ جەمەتنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىگىنى ، ئۆزىنىڭ بۇ جەمەت ئۈچۈن قانداق تۈرۇكلۈك رول ئوينايدىغانلىقى، ۋە قانداق ۋارىسلىق قىلىپ جەمەتنىڭ نام ئابرويىنى ساقلاش. تەدرىجى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ كەتتى.
6.شەخسىيەتچىلىك . ئۆزىنى مەركەز قىلىش ئىدىيىسى ئىغىر، قۇربانلىق قىلىش ئىدىيىسى يوق.
يۇقۇرقىلاردىن باشقا ئاتا ئانىلاردىمۇ مەسئۇلىيەت بار. باللارنىڭ تويىنى ھەشەم دەرەم قىلىپ ، داغۋازلىق قىلىپ بىرىدۇ .ئاخىرىغا ئىگە بولماي دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ،كىرپىدەك تۈگىلىۋىلىپ ، باللارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى كۈزىتىپ تۇرمايدۇ، بۇ ئىككى ياش مەلۇم قىززىقچىاىقلار ئۆتكەندىن كىيىن ،تىخى ئىدىيىسى بىر ئۆي ،بىر ئائىلە ئۇقۇمى تولۇق يىتىلمىگەن ،قىززىق قان باللا ئۇنى بۇنى دڭيىشىپ چوڭ ئۆيگە يامانلاپ قارشى تەرەپنىڭ يامان گىپىنى قىلىپ بەرسە ،چوڭ بولغۇچى ھىلىقى ‹‹داغۋاز››لىقنىڭ دەردىدە بالىلىرىغا توغرا تەربىيە قىلىپ ،ئۆيىگە ياندۇرماق تۈگۈل ئوت ئۈستىگە ياغ چاچىدۇ. ياكى ئۆيىدە تۇرغۇزىۋىلىپ ، يەنە كونا پەتىگە داپ چىلىپ ،بىرنەرسىلەرنى ئىلىپ كىلىپ ئەكىتىڭ دىگەندەك گەپلەر بىلەن سوغاقچىلىق سالىدۇ. بۇنىڭغا ھازىرقى كىشىلەر ‹‹ئۆزەڭ كەتكەن يارىم ، ئۆزەڭ كەلگەن يارىم ››دەپ ،بۇلۇڭ پۇشقاقتا كۆرىشىۋىرىدۇ. تەرەققىياتى نىمە بولىدۇ ؟ شۇ ‹‹غىرىپ قىز ،غىرىپ يىگىت››پەيدا بولىدۇ .!
|
|