- تىزىملاتقان
- 2012-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7629
- نادىر
- 1
- يازما
- 369
ئۆسۈش
52.58%
|
گۈلپىيە ئابلىز
ئەگەر بۈگۈن ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى بولسا، ئۇنى قانداق ئۆتكۈزەتتىڭىز؟ نېمە ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىراپ، كىملەرنى باغرىڭىزغا بېسىپ، كىملەرگە نېمىلەرنى دېيىشىڭىز مۇمكىن؟
ھايات تولىمۇ قىسقا، نۇرغۇن كىشى بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشايدىغاندەك، ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە ۋە ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە بىلىپ – بىلمەي سوغۇق مۇئامىلە قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قىلغانلىرىنى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى دەپ، ئۇلاردىن مىننەتدار بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا بىھۇدە ئازار بېرىشىدۇ ياكى ئۇلاردىن بىزارلىق ھىس قىلىشىدۇ. سىز قانچە ياشقا كىرگەن بولۇڭ، بۈگۈن ھاياتىڭىزدىكى ئاخىرقى بىر كۈن بولسا، كىمنى ئىزدەپ، كىمدىن ئەپۇ سوراپ، كىمنى رازى قىلغان، كىمگە قىيمىغان بولاتتىڭىز؟
بىز قاچان، قانداق ھالەتتە، قەيەردە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز. شۇڭا بىز ئۈچۈن مۇھىم ئادەم ۋە مۇھىم ئىشلارغا شۇنچە سەل قارايمىز، قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىمىز. بىز ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم ئادەملىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىمىز، ئۇلارغا ۋاقتىمىزنى ئاجراتمايمىز، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ياشنى كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سالىمىز، ئۇلاردىن ئەپۇ سورىمايمىز، ئۇلارغا كۆڭلىمىزدىكى راست گەپلىرىمىزنى دېمەيمىز، ئۇلارنى باغرىمىزغا باسمايمىز... قىسقىسى ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم ھەم ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىمىزنى ئەڭ ئاخىرقى رەتكە تىزىپ قويىمىز.
ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىگە قاچان يېتىمىز بۇنىسى نامەلۇم. رىقابەت كەسكىن، مۇناسىۋەت مۇرەككەپ، تەرەققىيات تېز دەۋردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، بۇنداق مۇھىت ئەتراپىمىزدىكى بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئادەملەر ۋە ئەڭ مۇھىم ئىشلارغا بولغان مۇھەببىتىمىزنى، قىزغىنلىقىمىزنى، مۇامىلىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويمىسۇن! سۇسلىشىپ قالدىما ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدە راستىنلا ئالدىراپ قالىمىز. شۇڭا ئەتراپىڭىزدىكى ھەر بىر شەيى، ھەر بىر ئادەمگە مئېھىر – مۇھەببىتىمىز بىلەن چىن دىلدىن مۇامىلە قىلايلى، ئۇلارغا كۈلۈپ باقايلى، قولىمىزدىن كەلسىلا ئۇلارغا ياردەم قىلايلى، بىزگە موھتاجلاردىن، بىزنى سۆيىدىغانلاردىن مېھرىمىزنى ئايىمايلى!
سىزگە خۇش خەۋەر ئېيتاي! بىلىڭ، بۇ ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئەمەس، شۇڭا سىز تېخى كېچىكمىدىڭىز، ئالدىراش تويلىرىڭىزنى، قاتار چايلىرىڭىزنى، تۈگىمەس قۇسۇر ئىزدەشلىرىڭىزنى تاشلاپ، سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئادەملەرنىڭ قېشىغا بئېرىڭ – دە، رەنجىتكەن بولسىڭىز ئەپۇ سوراڭ، سېغىندۇرغان بولسىڭىز مېھرىڭىز بىلەن قۇچاقلاڭ، يىغلاتقان بولسىڭىز، ئۆز قولىڭىز بىلەن يېشىنى سۈرتۈپ قويۇڭ... ھايات شۇندىلا ھەقىقىي مەنىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.
|
|