- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
9.02%
|
مەنمۇ يىتۈك ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ۋاپات بولغان كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ئىدىم، دەرس بېرىدىغان مۇئەللىملىرىمىزدىن مەلۇم بىرى بىزگە مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ: «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى ۋاپات بولۇپ كەتتى، ھايات ۋاقتىدا تىللاپ، قەدرىنى قىلمىغانلار ئەمدى قانداق قىلاركىن، تىللايدىغانغا ئادەم چىقماي ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان بولدى ئۇ بىچارىلەرنىڭ...» دېگەنلىكىنى ئۆز قولۇقۇم بىلەن ئاڭلىغان ۋە ھەممىمىز ھەيرەتتە قالغان ئىدۇق. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تاكى ھازىرغىچە ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان، ئىنتايىن يوقۇرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان، ئۆتكۈر پەلسەپىۋىي مەزمۇنغا تويۇنغان ئەسەرلىرىنى ھەر بىر كۆرگىنىمدە شۇ ۋاقىتلار ھەم شۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە قالغان ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كېلىدۇ ھەم ھازىرمۇ شۇنچە ھەيران قالىمەن.
بىزدە «ياندىكى كاسىپنىڭ ئەتىۋارى يوق» دېگەن سۆز بار، يېنىمىزدىكىنى قەدىرلىمەيدىغان، يوق بولغاندا ۋاي ئىسىت دەيدىغان پىسخىك ئاجىزلىقىمىز- نادانلىقىمىز قاچانمۇ تۈگەر ھە!
مەرھۇم ئالىمىمىز كۆپلىگەن ئەل سۆيەر خەلقىمىز قەلبىدە ئاللىقاچان مەڭگۈلۈك ئابىدە بولۇپ تىكلىنىپ بولغان ئەلۋەتتە. |
|