ئابدۇشۈكۈر مۇھەتتئىمىن مەڭگۈ بىزنىڭ قەلبىمىزدە
قامۇسى قىسمەت ھاياتنىڭ ھەر بېتى راھەت ماڭا، مەيلى قايغۇ مەيلى شادلىق كەلگىنى ئامەت ماڭا. بولسا گەر قەلبىمدە ھېكمەت قىلغۇسى جۇتنى باھار، بولمىسا قەلبىمدە ھېكمەت ئامىتىم ئاپەت ماڭا.
ھەر قېتىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئالىمى، مۇتەپەككۇر ئەدىب، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ھاياتلىق ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىپ يازغان مۇنۇ رۇبائىيىسىنى ئۇقىغان ۋاقىتىمدا، ھاياتلىق ھەققىدە تۇلۇق ئىشەنچىگە تۇلۇپ يېيىدىن ئۈمۈدكە كىلىمەن. شائىر ياشىغان شۇ دەۋىرلەر بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ. شۇ يىگىرمە نەچچە ييللىق قارا كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك خاتا چۈشىنىش، تەنە-ھاقارەتلەرگە چىداپ، تىرىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىر، نەسىر، رۇبائىي تۈرلىرىگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر مۇقاملىرى، پەلسەپە، ئىستىتىكا ساھەسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ماڭا يېڭىدىن ئىشەنچ، ئۈمۈد، ئىرادە ئاتا قىلىدۇ. ھەر قېتىم ئۇ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن شۇ بىباھا ئەسەرلەرنى ۋاراقلاپ چىققىنىمدا، خىياللىرىم ئاللىقاچان ئالىم بىلەن تۈگىمەس پاراڭلارغا كىتىدۇ. ئالىم قىسقىغىنە 62 يىللىق ھاياتىدا بىر مىنۇت، بىرسىكونىت ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىباھا ئەسەرلەرنى يېزىپ بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ۋە تەتقىق قىلىشىمىزغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئەپسۇس، تۇلىمۇ مىڭ ئەپسۇس، كونىلار، ئۆز مىللىتىنى تەتقىق قىلىپ،« ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارا، كىشى شۇ ياندا يوقنىڭ ئىنتىزارى» دېگەن مەشھۇر ھېكمەتنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق، بىز ئۇيغۇرلار شۇنداق ئوخشايمىز، بەلكىم ئۈزىمىزدىكى تەپەككۇرلۇق، چوڭچىلىق تۈپەيلىدىن ئەتراپىمىزدىكى بىر مىللەتتىن چىققان كىشىلەرنى كۆرەلمەيدىغان، ئۇلارنىڭ كەينىدىن گەپ تاپمىساق خاتىرجەم ئولتۇرالمايمىز. ھەتتا ئەجەل كىلىپ، ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان كىشىلەرنى خاتىرجەم ئولتۇرغۇزمايمىز. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالمىدى. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇچرىغان شۇ خورلۇقلارغا بىز ئۇچرىغان بولساق، بەلكىم چىداپ تۇرالمىغان بولغۇيتۇق. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەتتئىمىن، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى ئۇلۇغ ئالىمى « مەھمۇد كاشغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ» توغرىسىدا يازغان شۇ ئەسىرى تۈپەيلى يىرگىرمە نەچچە يىللىق قارا كۈنلەر ئۇنى زىندانغا ھەمراھ قىلدى. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئمىن قاتتىق قاتتىق خورلاندى، ھاقارەتكە ئۇچرىدى. ئەمما ئالىم ھەممىگە چىدىدى. قارا كۈنلەر مىڭ تەسلىكتە ئۈتۈپ كىتىپ، ئالىم ئاران يۇرۇقلۇققا چىقىپلا يەنە مۇنبەرگە قاراپ يول ئالدى. ئۈزى بىر قانچە كىتابلارنى تۈزۈپ، ئىستىتىكا، لېكسىكا پەنلىرىدىن دەرىس ئۆتتى. ئالىم 20 نەچچە يىل شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كۈتۈپخانىسىغا سۇلانغان ۋاقىتتا، تۈرلۈك ئېسىل كىتابلار بىلەن ئۇچراشتى، ئۇقىدى ۋە تەتىقىق قىلدى. نەتىجىدە نۇرغۇن ئېسىل خاتىرىلەرنى يېزىپ چىقتى. دېمەك مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغان ئالىم، يۇرۇقلۇققا چىقىپلا تەتقىقاتقا كىرىشىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر پەلسەپىسى، فارابى پەلسەپىسى، قاتلاملىق ئىستىتىكا، لىكسىكا، ئۇيغۇر مۇقاملىرى، قاتارلىق ساھالەردە توم توم كىتابلارنى نەشىر قىلدۇردى. ئەپسۇس، ئۇ يازغان ئەسەرلەرنى نەچچە ئونىمىز بىرلىشىپ يازالمايدىغان، نەچچە كۈن توم-توم لۇغەتلەرنى كۈرۈپ ئاندىن ئاران چۈشىندىغان تۇرۇپ، ئۇنى كۆزگە ئىلمىدۇق. ھەتتا بۇ ئادەم ھەممە ساھەگە ئېسىلىۋالماي، بىرلا ئىشنى قىلسا بۇلاتتى دەپ پەس كۆردۇق. قىسقىسى، ئالىم ھايات ۋاقتىدا، ھەقىىقي مۇئەيلەنلەشتۈرۈشكە ئىرىشەلمىدى. بىز ئۇنىڭ يىگەن ئىشىنى ھارام قىلىپ، كۆرگەن كۈنىنى كۈلپەتكە ئايلاندۇرۇپ، دەسسىگەن يېرىنى چوغ قىلىپ، ئەزرايىل ئۇنى ئېلىپ كىتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئاخىرەت ھارۋېسىغا چىقىرىرىپ قويدۇق. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى ئالىملىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئالىمى ئىدى. يەنە 20 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار چوقۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ چىقىدۇ. ئالىم كەتتى، مەڭگۈلۈك كەلمەسكە كەتتى. ئەمما ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەس سىماسىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۆزنىڭ بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ، تەتقىق قىلىپ چىققان بىباھا ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئەڭ مۇھىمى بىزگە ئۇ يېزىپ قالدۇرغان شۇ ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشتەك يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى قالدۇرۇپ كەتتى.
ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن 2014-9-27
|