ۋاڭ لېي(تەرجىمە قېلىندى) يېقىندىن بىرى، جۇڭگۇنىڭ بايلىرى ئامرىكىنىڭ «مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بېرىش تۈرى» نى بەس-بەس بىلەن تالىشىپ، 5EB ۋېزا(مەبلەغ سالغۇچىلارغا قۇيلىدىغان تىز سۈرەتلىك ۋېزا) نۇرمىسىنى ئالدىنئللا تۈگۈتىۋەتكەنلىك خەۋىرى قىززىق بەس مۇنازىرە قوزغىدى. ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ياۋرۇپا ۋە ئامرىكىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تاپشۇرۋالغان مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بېرىش ئىلتىماسى ئىچىدە، جۇڭگۇلۇق بايلار مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگەللەپ كەلدى. 1. ئامرىكا 2014-يىللىق «مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بېرىش» تۈر ئىلتىماس سانى يۇقۇرى پەللىگە يەتتى،بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇلۇقلار %85 نى ئىگەللەپ، تۇنجى قېتىم شۇ يىللىق نۇرما ئالدىنئاللا ئىشلىتىلىپ بۇلۇپ، ئامرىكا ئىلتىماس قۇبۇل قىلىشنى ۋاختىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولدى (ئامرىكىغا كۈچۈپ بېرىشقا مەبلەغ سېلىش سوممىسى 3 مىليۇن بۇلۇپ، نۇرمىسى ۋاقتىنچە تۇشۇپ بولدى ).
2. كاناداغا مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بېرىشنى كۆپلىگەن جۇڭگۇلۇق بايلار ناھايتى ياخشى كۈرۈدىغان بۇلۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئىلتىماس سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ، 2010-يىلى پۈتۈن ئىلتىماس سانىنىڭ %81 نى ئىگەللەپ، ئامرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئىلتىماس ئۇمۇمي سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن (كاناداغا كۈچۈپ بېرىشقا مەبلەغ سېلىش سوممىسى 4 مىليۇن 400 مىڭ بۇلۇپ، نۇرمىسى تۇشۇپ بولدى ).
3 . بۇ يىل 7-ئايغىچە، ئاۋىستىرالىيە «زوركۈلەمدىكى مەبلەغ سالغۇچى كۈچۈپ بېرىش تۈرى» ئىلتىماسىنىڭ %90 جۇڭگۇدىن كەلگەن بۇلۇپ، تەستىقلانغان ۋېزالار ئېچىدىمۇ جۇڭگۇلۇقلار %88 نى ئىگلىگەن (ئاۋىستىرالىيەگە كۈچۈپ بېرىشقا مەبلەغ سېلىش سوممىسى 5 مىليۇن 740 مىڭ بۇلۇپ، يەنە نۇرمىسى بار ).
4. ئەنگىليەگە كۈچۈپ بېرىشتىكى 1 مىليۇن فوندستىرلىڭلىق يۇقۇرى تەلەپمۇ جۇڭگۇلۇقلارنىڭ قىزغىنلىقىنى تۇسۇپ قالالمىغان، يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ، جۇڭگۇ «ئەنگىلىيە مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بېرىش تۈرى» دىكى بىرىنجى چوڭ دۆلەت بۇلۇپ قالغان.
5. پورتىگالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرمۇ جۇڭگۇلۇق بايلارنىڭ مەبلىغىنى جەلىپ قىلىدىغان قاتارىغا قېتىلىپ، بۇ يىل 7-ئايغىچە پورتىگالىيەنىڭ مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بېرىش ۋېزاسى ئېچىدىكى جۇڭگۇلۇق ئېرىشكۈچىلەر %81 نى ئىگلىگەن (پورتىگالىيەگە كۈچۈپ بېرىشقا مەبلەغ سېلىش سوممىسى 4 مىليۇن بۇلۇپ، نۇرمىسى قىس ).
نەتىجىدە، جۇڭگۇلۇق مەبلەغ سېلىپ كۈچۈپ بارغۇچىلار سانىنىڭ تىز سۈرەتتە ئېشىشى چەتئەلدىكى ئۆي سودىگەرلىرگە پۇرسەت ئېلىپ كىلىپ، دۇنيا ئۆي باھاسىنىڭ مەلۇم دەرەجىدە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، يەرلىك كىشلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغۇماقتا. |