- تىزىملاتقان
- 2014-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1352
- نادىر
- 0
- يازما
- 81
ئۆسۈش
35.2%
|
tengrikut يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 16:53
مىنىڭ تولۇق بايان قىلمىغىنىم راست.
چوقۇم ئۈنۈملۈك ئى ...
قارىغاندا نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى تازا ياخشى چۈشەندۈرەلمىگەندەك قىلىمەن.
«روھ ھاياتلىق بەخش ئەتكۈچى ئىنىرگىيە» دىگەن قاراشنى ئىلىگىرى سۈرىۋاتقان مەن ئەمەس سىز . سىز كەلتۈرگەن مىسالغا قارايلى:
قورساقتىكى ھامىلىگە جان(روھ) كىرگەندە تېخى ئاڭ شەكىللەنمىگەن بولىدىكەن. ئۇنداقتا ھامىلىدىكى بۇ روھ قانداق روھ، ئاڭ شەكىللەنمىگەن پەيتلەردىكى روھ قانداق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ؟ ناۋادا ھامىلە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندىن كىيىن ئاڭ شەكىللەنمىسە ئۇ ھالدا ئۇنىڭ جىسمىدىكى ھېلىقى روھ پەقەت ھاياتلىق بەخش ئەتكۈچى ئىنىرگىيەلىك رولىدىن باشقا يەنە قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە بولسۇن. ئەگەر ئاڭ روھتىن ئۇچۇر قۇبول قىلىدۇ دەپ قارىساق ئۇ ھالدا روھنىڭ ئۆزىدە يەنە بىر ئاڭ بولامدۇ؟ بۇ قانداق چۈشەنچە. تېمىدا ئىلگىرى سۈرۈلگىنى بولسا ھەربىرئاساسى زەررىچىدە ئاڭ(روھ) مەۋجۈت بولىدۇ. ئاساسى زەررىچىلەر تۈرلۈك شەكىللەردە بىرىكىپ ئوخشمىغان ماددىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ، زەررىچىلەرنىڭ بىرىكىش ئەندىزىسى قانچە ئاددى بولسا بۇ خىل بىرىكىش ئەندىزىسىدىن ھاسىل بولغان ئوبىيكتتىكى روھمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك بولىدۇ. بىرىكىش ئەندىزىسى قانچە مۇرەككەپ بولسا بۇ خىل مۇرەككەپ بىرىكىش ئەندىزىسىدىن ھاسىل بولغان ئوبىيكتتىكى روھ شۇنچە يۇقىرى دەرىجىلىك بولىدۇ. بەزى ئىپتىدائى جانلىقلارنىڭ تا ھازىرغىچە نەسلى قۇرۇماي ياشاپ كېلىشىنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇ جانلىقلارنىڭ بەدىنىدە تەبىئى شارائىتقا ماسلىشىشتەك ئۆزگىرىشنىڭ بولغانلىغىنى بىلەلەيمىز، ئۆمۈچۈكنىڭ 160مىليون يىل ئىلگىرىكى ھالىتى ئۇنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن شۇ خىل ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۇرمەيدۇدە، يەرشارىنىڭ يېشى تەخمىنەن 450مىليون يىل ئەتراپىدا بولسا ئۇ ھالدا 260 مىليون يىل ئىلگىرى ئۆمۈچۈك قايسى خىل ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىزدە. ئۆمۈچۈكنىڭ 160مىليون يىل ئىلگىرىكى ھالىتى بىلەن ھازىرقى ھالىتىنىڭ ئوخشاش ھالەتتە بولىشى بۇ 160مىليون يىل مابەينىدە يەر شارىدا ئۆمۈچۈكنىڭ ياشاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولمىغانلىغىنى كۆرسىتىشى مۈمكىن، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا 160 مىليون يىل مابەينىدىكى يەر شارىدىكى كىلىمات ۋە باشقا ئۆزگىرىشلەر ئۆمۈچۈكتە كۆرىنەرلىك روشەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىغان. |
|