- تىزىملاتقان
- 2014-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 321
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
10.5%
|
سانائەتلەشكەن ھازىرقى دەۋرىمىزگە قارايدىغان بولساق ، مۇھىتىمىز تۈرلۈك پەن تېخنىكا يڭىلىقلىرى بىلەن ئۆزىنى بىزەپ تۇرمۇشىمىزغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ كىلىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئەھۋالدىن بىز : «ئىلىم پەن كىشىلەرنىڭ بىلىم قاتلىمىنى ئىگىلىدى » دىيەلمەيمىز، «ئىلىم پەن ھازىرغا نىسبەتەن ئالغاندا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا پەن تېخنىكا ئارقىلىق ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ كىلىۋاتىدۇ. » دىسەك بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىشى مۇمكىن. فىزىكا ، ماتىماتىكا، خىمىيە ياكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلمى نەزەرىيىلەر يەنىلا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە چۈشىنىكسىز سىرلىق نەرسىلەردۇر. مىسالەن كۆپىنچە كىشىلەر كومپىيوتىر ياكى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانغونلارنى نورمال ئىشلىتەلىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ توك يولى ئىشلەش پىرىنسىپى توغرۇلۇق ھىچنىمە دەپ بېرەلمەيدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش ھاياتلىق ، روھ تەتقىقاتى ، ئالەمنىڭ پەيدا بولىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىكى مۇھاكىمىلەرمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئىېيتقاندا ئەھمىيەتسىز ئىشلار قاتارىدىن ھىساپلانسا كېرەك، كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدىكى مۇھاكىمىلەرگە قانداق باھا بېرىشىدىن قەتئى نەزەر يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ھاياتلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ، روھ ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ، بۇ خىل ئىزدىنىش قىزغىنلىغى مەسخىرىگە ئۇچرىماسلىغى كېرەك، روھ ياكى ھاياتلىقنىڭ مەنىسى ئۈستىدە پىكىر قىلىش ياكى ئىزدىنىش مەلۈم مەنىدىن ئالغاندا كىشىلەردە ھاياتلىققا بولغان مەسئولىيەت تۇيغۇسى ، يۈكسەك ئەخلاق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە تويۇنغان ئالىجاناپ خارەكتىر يىتىلدۇرۈشتە تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن . بۇ مەسىلىلەرنىڭ مەيلى جاۋابى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ، جاۋاپقا ئېرىشىش بولسا نىشان ، ئىزدىنىشىمىز ۋە ھەركىتىمىز بولسا جەريان. بىز ئىگە بولىدىغان كۆپ بىلىم ۋە تەجرىبىلەر جەريانغا مۇجەسسەملەنگەندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن روھ توغرۇلۇق مۇھاكىمىلەر ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن .
ئىلگىرى يوللىغان «روھ مەڭگۈلۈك مەۋجۈتلۇقمۇ ؟» تېمىسىدا روھ توغرىسىدىكى ئۆزۈم بىلىدىغان بىر قەدەر نوپوزلۇق قاراشلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدىم ، تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ روھ توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچىمەن. ئەلۋەتتە ، بۇ قاراشلىرىم ئىلمى تەجرىبىلەردىن ئۆتكەن يەكۈن خارەكتىرلىك نەتىجىلەر ئەمەس، پەقەت شەخسى قاراش بولۇپ ئۇستازلار ۋە بىلىملىك تورداشلىرىمىزنىڭ سەمىمى تەنقىدىگە مۇھتاج.
روھ دىگەن نىمە؟
ھازىرغىچە بېرىلگەن بىر قىسىم تەبىرلەرگە قارايدىغان بولساق بۇ تەبىرلەردىن روھنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق دىگەندىن كۆرە روھنىڭ نىمە ئەمەسلىكىنى بىلىۋالدۇق دىسەك خاتالاشمىساق كېرەك، ھازىرچە بىزگە بىر قەدەر تونۇشلۇق بولغان چۈشەنچە بويىچە بولغاندا روھنى ئىدىيە ياكى ئاڭ دەپ قاراپ تۇرۇپ مۇشۇ قاراشنى تايانچ قىلىپ تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلساق ئەمىليەتكە ئۇيغۇن ، چۈنكى بىزگە ھازىرغا قەدەر بۇنىڭدىن باشقا يىپ ئۇچىمۇ يوق . دىمەك روھ بولسا ئاڭدىن ئىبارەتتۇر.
ماددىسىز ئاڭنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغانغا ئوخشاش ئاڭ بولمىغان ھالەتتىكى ماددىنىمۇ تەسەۋۋۇرغا سىغدۇرغىلى بولمايدۇ، ئىدىيالىزىمچلار ۋە ماتىرىيالىزىمچىلارنىڭ ئورتاق بىر خاتالىغى بولسا بۇ ئىككى خىل مەۋجۈتلۇقنىڭ «چوقۇم بىرى ئاۋال مەيدانغا كېلىدۇ» دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرغانلىغىدۇر. بۇ خىل قاراشلار ئارقىلىق ئاڭ ۋە ماددىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىغىمىز مۈمكىن. مېنىڭ قارىشىم بويىچە بولغاندا ئاڭ ۋە ماددىنىڭ قايسىدۇر بىرى ئاۋال يارىتىلغان بولماستىن بەلكى بۇ ئىككى مەۋجۈتلۈق تەڭ يارىتىلغان ، يەنى ئاڭ ۋە ماددا تەڭ يارىتىلغان.
ئەڭ ئىپتىدائى بىر تاق ھۆجەيرىلىك باكتىرىيەنى كۈزەتكەندە بۇ باكتىرىيەنىڭ ئوزۇقلۇنۇشتىن ئىبارەت بىر مەقسەتچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ، بۇ باكتىرىيە سىرتقى تەسىرلەرگە ۋە غىدىقلىنىشلارغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دۈشمەنلىرىگە ھوجۈم قىلىدۇ. مەيلى جانلىقلار بولسۇن ياكى جانسىز جىسىملار بولسۇن بۇلار مىليونلىغان ئاتوملارنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ، بىرىكىش ئەندىزىسى مۇرەككەپ جانلىقلاردا بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئاڭ شەكىللىنىدۇ، ئاتوملارنىڭ بىرىكىش ئەندىزىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئوبىيكتلاردا بولسا تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئاڭ مەۋجۈت بولىدۇ. ئۆمۈچۈك بىلەن ئىتنىڭ ئېڭى ئوتتورىدىكى پەرىق ، ئىت بىلەن مايمۇننىڭ ئېڭىدىكى پەرقلەردىن ئاڭنىڭمۇ دەرىجىگە بۆلىنىدىغانلىغىنى كۆرىۋالالايمىز، مەسىلەن ئۆمۈچۈكتىكى ئاڭنى 5 پىرسەنت دەپ قارىساق ئىتنىڭ ئېڭىنى 40پىرسەنت ، مايمۇننىڭ ئېڭىنى 70 پىرسەنت دەپ دەرىجىلەرگە ئايرىساق بولىدۇ. ئىھتىمال ئۈستەل ياكى ئورۇندۇقلاردا تولىمۇ تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئاڭ مەۋجۈت بولىشى مۈمكىن. دىمەك ماددا يارىتىلغاندا ئاڭمۇ بىرلىكتە يارىتىلىدۇ، پىروتون ياكى نېيترون بولسۇن بۇ زەررىچىلەردە ماس ھالدىكى ئاڭ مەۋجۈت بولۇپ . ماددىلارنىڭ تۈرلۈك فىزىكىلىق ۋە خىمىيىۋىلىك خۇسۇسىيەتلىرى بولغانغا ئوخشاش ئاڭمۇ ئۆزى تەۋە بولغان ساھەدە بەلكىم مەلۈم خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولىشى مۈمكىن، مەسىلەن ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈش ئەندىزىسى مۇرەككەپلىك جەھەتتە مەلۈم سەۋىيەگە يەتكەندە ئاڭنىڭ تۈزۈلىشىدىمۇ كولمىناتسىيە يۈز بېرىشى ، مۇنداقچە ئىيتقاندا ئىنسانلارنىڭ ئېڭىغا ئوخشاش تەپەككۈر قىلالايدىغان ھالەتتىكى ئالى ئاڭ شەكىللىنىشى مۈمكىن. ئالى ئاڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈش ئەندىزىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن . خۇلاسىلىغاندا ئاڭ ۋە ماددا تەڭ يارىتىلغان بولۇپ ، ئاڭ مەۋجۈت بولمىسا ماددا مەۋجۈت بولمايدۇ، ماددا مەۋجۈت بولمىسا ئاڭمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. ئاڭ ئەڭ ئاساسى زەررىچىلەرگە يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. ئالەمنىڭ جۈپ يارالغانلىغىدەك قانونىيەتتىن قارىغاندىمۇ بۇ قاراشنىڭ ئورنى بار بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن. كەلگۈسىدە ئىلىم پەن بۇ ساھەدە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىزگە ئىيتىپ بېرەلىشى مۈمكىن.
يۇقۇرقىلار بولسا پىقىرنىڭ روھ (ئاڭ ) توغرىسىدىكى دەسلەپكى پىكىر قاراشلىرىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، پىكىرنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۆز قاراش ۋە بىلىم بىلەن ئۇچرىشىشقا توغرا كىلىدۇ . تورداشلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تېخىمۇ كۆپ كۆز قاراشلار بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ يەنە بىرخىل پۇرسىتى بولسا كېرەك....
ئالەمنىڭ يارىتىلغانلىغىدەك بۇ بىر قېتىملىق بۈيۈك ھادىسىدە ئىنسانلاردىن ئىبارەت بۇ كۈزەتكۈچىنىڭ ئالەمدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىمىز ۋە تەتقىقاتلىرىمىز روھتىن ئىبارەت بۇ سىرلىق مەۋجۈتلۈق ئۈستىدە پىكىر ھەم مۇھاكىمە قىلىشتىن مۇستەسنا بولالمايدۇ ئەلۋەتتە. مەن ھەر بىر ئىنساننىڭ روھ ئۈستىدە پىكىر قىلىشى ۋە ئىزدىنىشىنى ياراملىق ئىنسان بولۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان جەريانلارنىڭ بىرى دەپ قارايمەن، روھنى ئىزدەش دەل ئۆزىمىزنى ئىزدىشىمىزدۇر.
تورداشلارنىڭ سەمىمى پىكىر ۋە تەنقىد بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىت قىلىمەن.
|
|