- تىزىملاتقان
- 2014-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2701
- نادىر
- 0
- يازما
- 223
ئۆسۈش
23.37%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ilqi62 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-30 15:29
مەن قارىشىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقسام. تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ بېقىشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن.
بۇ تىمىدا تۈۋەندىكىدەك ئۈچ خىل خاتا قاراش شەكىللىنىپ قالغان،
1.<<روھ، ئاڭ، ئاللاھ>> بۇ ئۇچ خىل ئۇقۇم ئارىلاشتۇرۋېتىلگەن. ھەممىمىز بىلىمىز<< ئاللاھ>> ياراتقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئاللاھ پۈتكۈل كائىناتنى، بارلىق مەۋجۇداتنى، روھنى ياراتقۇچىدۇر. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.
روھنى بولسا ئاللا ئىنسانغا ئاتا قىلغان. ئۇ تىرىك ئادەمدىمۇ، ئۈلۈك ئادەمدىمۇ مەۋجۇت.
ئاڭ بولسا جانلىقلارنىڭ ماددىغا بولغان تۇنجى سىزىمگە قارىتىلغان. ئاڭ تىرىك جانلىقلاردا بۇلۇدۇ. ئۆلگەندە ئاڭ بىرگە يۇقايدۇ. ئەمما ئاڭ تەپەككۇر بىلەن بىرلەشسە بىلىمگە ئايلىنىدۇ.
2. بەزىلەر ئاڭ بىلەن روھنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش ئۇرۇنغا قويغان.بىلىش كىرەككى ئاڭ بىلەن روھ ھەرگىز ئاللاھ بىلەن تەڭداش ئەمەس.
3. بۇ تىما ۋە ئالدىنقى تىمىدىكى پىكىرلەر ھېسسىياتقا تايانغان ھالدا بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ قالغان. يەنى << ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى>> دىگەن بۇ قاراشنى <<ماركىس>>تەك بىر ئاتىزىمچى ئوتتۇرغا قويغانلىغى ئۈچۈنلا ئۇ دىن نوختىسىدا تۇرۇپ << ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى>> دىگەن قاراشقا باھا بىرىلگەن.
مىنىڭ قارىشىم مۇنداق:
(1) روھ ھېچقاچان ئاڭ بىلەن تەڭداش ئەمەس.
(2) ئاللاھ بىلەن ماددىئى مەۋجۇدىيەتنى بىرگە ئويلاشقاندا ئاللاھ مادىئى مەۋجۇدىيەتنى يارتقان. بۇ يىمىرىلمەس قانۇنىيەت.
ئەمدى ماددا بىلەن ئاڭنى بىرگە ئويلاشقاندا ماركىسنىڭ << ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى>> دىگەن كۆز قارىشىنى توغىرا دىيىشكە تامامەن بۇلىدۇ. چۈنكى مەيلى ئىنسان ياكى ھايۋانلار بولسۇن بىرەر ماددىنى كۆرمەي تۇرۇپ ياكى باشقا سەزگۈ ئەزالىرىمىزدا سەزمەي تۇرۇپ ئۇ ماددىنىڭ سانى، سۈپىتى، رەڭگىگى، ھالىتى، ئىشلىتىش قىممىتى قاتارلىقلارنى بىلگىلى بولمايدۇ.
<<يىڭى تۇغۇلغان مۇزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ>> . بۇ تەمسىلدە دىيىلگىنى دەل بۇ مۇزاي يىڭى تۇغۇلغاچقا يولۋاسنى ۋە ئۇنىڭ يىرتقۇچ ھايۋان ئىكەنلىگىنى كۆرمىگەن. شۇڭا ئۇ يولۋاستىن قورقمايدۇ. بۇنىڭدا شۇ ۋاخىتتا مۇزايدا يولۋاسقا نىسبىتەن ئاڭ پەيدا بولمايدۇ.
بىر ئادەم ئۆمۇردە كۆرمىگەن نەرسىنى بىرسى ئېلىپ كىلىپ بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى سورىسا جاۋاپ بىرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ ماددىۋى نەرسىنى كۆرمىگەچكە ئۇنىڭغا قارىتا ئاڭ يوق.
دىمەك ماددانى كۆرگەندىلا ئۇنىڭغا قارىتا ئاڭ پەيدا بۇلىدۇ. بۇ ماددىنى تەكرار-تەكرار كۆرگەنسىرى بۇ ئاڭ تەپەككۇر بىلەن بىرلىشىپ شۇ ماددىغا قارىتا بىلىم پەيدا بۇلىدۇ. بۇ بىلىمدىن پايدىلىنىپ ئەسلى ماددىنى فىزىكىلىق ياكى خېمىيىلىك ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يىڭى ماددا ھاسىل قىلىشقا بۇلىدۇ.
يۇقارقىلا مىنىڭ قارىشىم. خاتالىقنى كۆرسۈتۈپ قويساڭلا مەن تۈزۈتەلەيمەن.
|
|