- تىزىملاتقان
- 2014-4-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 840
- نادىر
- 0
- يازما
- 49
ئۆسۈش
68%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مەن ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسى بۇيىچە ئاددىي قىلىپ روھ تۇغرىسىدا بايانىمنى سۆزلەي.
مىنىڭىچە روھ دىگەن تۇتقىلى بولمايدىغان كۆرگىلى بولمايدىغان بىر خىل نەرسىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمدى ئەمەلىيتىمىزدە ئاددىي قىلىپ ئىيتقاندا روھ مەۋجۇت ئەمما ئۇ مەڭگۈلۈكمۇ دىگەندە بۇنىڭغا بىر نەرسە دىمەك تەس. مەسلەن ماۋزىدۇڭ ئۆلگىلى نەچچە ئون يىل بولدى يەنى مەن تۇغۇلماستا ئۈلۈپ بولغان ئەمما جۇڭگودا يەنىلا ماۋزىدۇڭ روھىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. يەنى ئۇ جوڭگونى ئۆزىگە-ئۆزى خۇجا بولغان كۈچلۈك بىر دۆلەت بۇلىشىغا ئاساس سالدى كىشىلەر مۇشۇنداق چوڭ ۋە تەرەققىي قىىلىۋاتقان كۈندىن-كۈنگە باشقا باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان جوڭگونى تىلغا ئالغاندا چۇقۇملا ئۇنڭغا ئاساس سالغۇچى سوتسىيالىزىم ئىديسى ئارقىلىق جوڭگونى قۇرغان ماۋزىدۇڭنى ئەسكە ئالىدۇ.
تۈركلەر بولسا مۇستاپا كامالنى ئەسكە ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىش ئىزلېرى، سۆزلېرى ئىدىيسىنى ئۆگىندۇ توۇرمۇشىدا مۇستاپا كامال كەم بولسا بولمايدۇ.
يەنى دىمەك ئادەمىنىڭ روھى پەقەت ئۇ قىلغان ئۇلۇغۋار ئىشلار مەيلى ئۇ ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن ھايات دىيش مۇمكىن. مەۋھۇم ھالەتتە ئارىمىزدا ياشايدۇ. بەزىلەرنىڭ بولسا ئىز-دىرەكسىز روھى مەڭگۈلۈك بۇ دۇنيادىن غايىپ بۇلىشى مۇمكىن. مەسلەن مەن ئۆزۈمنىڭ 7-ئەۋلاد ئەجدادىمنى ئۇقمايمەن. شۇنداقلا تارىخقىمۇ يىزىلمىغان بۇلىشى مۇمكىن. دىمەك بۇ ئادەمنىڭ تىنى ۋە روھىمۇ ئۈلۈپ بولدى.
ئەمدى روھ مەڭگۈلۈكمۇ دىگەندە بۇنىڭغا بىر نەرسە دىمەك تەس يەنى بۇ يەردىكى مەڭگۈلۈك ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقىنى كۆرسىتەمدۇ ياكى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھاياتلىقىنىمۇ ؟
ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىقى دەپ قارىساق كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارنىڭ ياكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ماۋزىدۇڭنى يەنە ئەسكە ئالامدۇ ياكى ئۇنىڭ ئىش -ئىزلېرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلامدۇ ئۇنى بىر نەرسە دىمەك تەس. يەنە نەچچە يۈز يىلدىن كىيىن جۇڭگودا يىڭى بىر تۈزۈم يىڭى بىر خىل دۆلەت قۇرۇلسا ئۇنداقتا ماۋزىدۇڭ روھى ياكى ئۈلىدۇ ياكى ئاجىزلايدۇ. باشقا داڭلىق كىشىلەرنىڭ روھىنىمۇ ھىچكىم مەڭگۈلۈك دىيەلمەيدۇ شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ئەمەسمۇ دىيەلمەيدۇ.
ئەمدى مۇھەممەد ئەلەيسىلام ( خاتا سۆزلەپ قويسام ئاللاھ گۇناھىمدىن كەچكەيسەن) غا كەلسەك 1400 يىلدىن بۇيان مۇھەممەد ئەلەيسالام نىڭ روھى كىشىلەرنى تەبىئەتنىڭ ۋە ئىنسىانىيەتنىڭ قانونىيتىگە ماس بولغان ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلېرى بىلەن كۈرمىڭلىغان، ساناپ تۈگۈتكۈسىز ئىنسانلارنى بەخىت ئىچىدە ياشاشقا يول كۆرسىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق بولغۇسى ئەمما بۇنىڭدىن كىيىنىكى ئىدىيە ۋە ئىنسانلارنىڭ كۆز قاراشلېرى ،تۇرمۇش شارائىتى قايسى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ، ئىنسانلار بۇ ھاياتنى قانداق بىر ئىدىيە قىلىپ ئىچىدە ياشايدۇ بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.
دىمەك بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك روھ نىڭ بارلىقىنى ھىچكىم ئالدىن پەرەز قىلىلالمايدۇ. بەلكىم مەڭگۈلۈك روھ مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن. |
|