- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-30 20:51
دىققتىمىزنى قومۇللۇقلارنىڭ بالسىنى چاقىرىش ئادەتلىرىگە بۇراپ باقساق شۇنى بىللەيمىزكى ، قومۇللۇقلار باللىرىنى ئوغۇللىرىنى ئاخۇن ، گاڭ دەپ چاقىرىدۇ . قىزلىرىنى بولسا ئايلا خېنىم دىگەندەك سۆزلەر بىلەن چاقىرىدۇ ئىز رومانىدا سەپەرقۇل ئۆز ئوغلىغا ئامانبەگ دەپ ئىسىم قويغان بولسىمۇ كىشلەر ئۇنى ئامانقۇل دەپ چاقىرىدۇ ، ئامانقۇلنىڭ قازاق خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىغا ئارمانبەگ دەپ ئىسىم قويىدۇ .
قارىشىمچە قومۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدە كىشلەر باللىرىغا بەگ دەپ ئىسىم قويغانكى گاڭ (ۋاڭ)دەپ ئىسىم قويۇشقا پېتىنالمىغان ، ئازاتلىقتىن كىيىن بولسا قومۇللۇقلار ئۆز باللىرىنى پالانى گاڭ پۇستانى گاڭ دەپ ئاتاش بەك ئومۇملاشتى .
يوقۇرقىلاردىن قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ قومۇللۇقلارغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى جۇملىدىن قومۇللۇقلار نەزىرىدىكى مۇۋاپىقيەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايمىز .
قومۇلدا يەنە باللىرىنى ئاخۇن دەپ ئاتايدۇ . كامالەتكە يەتكەن دىنى ئۆلىمالارنى ئاخۇنلۇغۇم دەپ ئاتايدۇ . قومۇل شەھرىنىڭ جەنۇبى تۇمشىقىدىكى ئاخۇنلۇغۇم قەبرىستانلىغى قومۇل ئىسلامىيىتىنىڭ يالدامىسى سۇپۇتىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.
شۇنداق قومۇللۇقلار باللىرىنى يا دىنى ئىلىمدا يېتىشپ چىقىپ ئاخۇن بولۇشىنى ،يا بەگ گاڭ بولۇشىنى ئۇمۇت قىلىدىكەن ،
مۇھەممەت بىشىر چىڭۋاڭ زامانسىدىكى قومۇل مەرىپەتچىلىكى ، ۋە مۇڭدار خاتۇن ،مېھرىبانۇ ۋاڭ لار تەرىپىدىن يوقۇرى كۆتۇرۇلگەن قومۇلدىكى ئاياللارنىڭ ئورنى ، قومۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كونا يېڭى مەدىرسىلەرنى سېلىپ ئىشقا كىرىشتۇرىشى ,、، ئوردىنىڭ خەت يازالايدىغان ، ئەھلى ئىلىملەرنى ھۆرمەتلىشى ..........ھازىرقى زاماندىكى قومۇللۇقلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان ئامىللار قاتارىدا ساناشقا بولىدۇ .
يەنە قومۇلنىڭ ھەر قايسى يېزا قىشلاقلىرىدا شەكىللەنگەن ئۆزلىگىدىن ئۆگۇنۇش ئەنئەنىسى )بۇ ئۆزلىگىدىن ئۆگۇنۇش ئەنئەنىسى دىگەندە دىنى ئىلىممۇ ، تىببى ئىلىممۇ ، ۋە باشقا ئىلىملەرمۇ بار )
شەخىسلەردىن يولبارىسىنى ئالاھىدىرەك ساناشقا توغرا كىلىدۇ ، ئۇنىڭ قومۇلدىكى ھۆكۇمرانلىقى ، ھەر قايسى سىياسى كۇچلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە ئاخىرىدا قېچىپ جېنىنى قۇتقۇزىشى ، كىيىنكى خاتىرجەم ھاياتى تومۇر خەلىپە ، غوجىنىياز ھاجىلار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان ئاساستا قومۇلدىكى بىر قىزىغىن پاراڭ تىمىسىدۇر .
دىمەك قومۇللۇقلار قومۇل تارىخى بىلەن بىللە ھازىرقى زامانغا قەدەم باستى . ئەمدى بۇ زاماندا قومۇل ۋاڭلىرىمۇ ، يولبارىسىمۇ يوق ، پەقەت ھەر بىر قومۇللۇقتىن ئىبارەت يەككە بىرلىكلەرلا مەۋجۈت .
ئەمما پاراڭغا تەشنا قومۇللۇقلارنىڭ دىققىتىگە بىر ئىككى يىلدىن بۇيان خىلمۇ خىل لېكىسىيەلەر پەيدا بولۇپ ، پەرزەنىت تەربىيسى ، كارخانىچىلارغا لېكىسيە دىگەندەك نۇتۇقلار خېلىلا كۆپۇيۇپ قالدى .شۇنداق نۇتۇقلارنى بىرەر قېتىم ئاڭلاشنى ئويلاپ يۇرگەن چېغىمدا ئابدۇراخمان پەتتار ئەۋىف ئەپەندىمنىڭ قومۇلدىكى لېكىسىيە ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ قالدىم .
مۇۋاپىقيەت تېرنىرى ، تېرنىر دىگەن ياخشى گەپقۇ ، قومۇل ساغلاملىق مەيدانىدىكى لىككاڭشىپ رەتلىك تىزىلىپ گىمناستىكا ئويناۋاتقان تەتەيلەرنىڭمۇ ئەڭ ئالدىدا بىر ئۇستاز ئۆگەتكۇچىسى بارغۇ ، ئوڭ سولىمىزنى تاپالماي مەڭدەپ يۇرگەندىن ئاڭلاپ باقمايمەنمۇ |
|