قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ALIP2

ھون تۈرۈك موڭغۇل مۇناسىۋەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 10:24:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ماۋۇ يازمىدا دەماللىققا ھۇن ، تۈرك ، ئۇيغۇر .................لارنىڭ ھەممىسىنى مۇڭغۇللارغا باغلاپ چۈشەندۈرگەندەك ھىس قىلىپ قالدىم . تۈركلەرنى ئۇيغۇرلار ئوردوس ئىگىزلىكىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كىيىن 100 يىل دەۋران سۈرۈپ 840-يىلللىرى ئۈچ يولغا بۈلۈنۈپ ھازىرقى دىيارىمىزغا كەلگەن . بۇ بۈيۈك ئۈچ مىللەتنىڭ كۆپەيگەن جايى بولمىش ئوردۇس ئىگىزلىكى ( يەنى ھازىرقى مۇڭغۇللار ، تاشقى مۇڭغۇل ، ئىچكى مۇڭغۇل ......) نىڭ 840-يىلىدىن تارتىپ چىڭگىزخان دەۋرىگىچىلىك بولغان تارىخى قاراڭغۇ نوقتا ، بۇ جەرياندىكى تارىخى كىتاپلاردا كۈرۈلمەيدۇ . دىمەك مۇڭغۇللار ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇرلار كۈچۈپ چىققاندىن كىيىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى قىلىپ قالغان ئۇيغۇر ، تۈرك قەۋمىنىڭ قايتىدىن جۇغلۇنۇپ ،سىياسى كۈچ بۇلۇپ تارىخى سەھنىگە چىقىشىدۇر .

0

تېما

0

دوست

1096

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31292
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 00:20:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق تارىخى تىمىلارغا مەنمۇ بەك قىزىقىمەن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

13

تېما

1

دوست

4342

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1496
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 23:53:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرغىچە بىلگەن ئەھۋاللىرىمدىن قارىغىنىمدا ،ھۇن _ ئەسلى خەنزۇچە «匈奴“ دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن ياسالما ئىسىم. ئەينى زاماندا ،  يەنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2000 يىللار بۇرۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەر  ئۇلارنى  مۇشۇنداق ئاتىغان. كېيىن بۇنام باشقىلارغىمۇ شۇ تەرىقىدە مەلۇم بولۇپ ،  ئۇلارنىڭ نامى بولۇپ قالغان. ھازىر ئىلىم ساھەسىدە مۇشۇنداق ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.  ئەمەلىيەتتە تەخمىنەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن بەشبالىق (جىمىسار) لىق سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى » دېگەن تەرجىمە ئەسىرىدە ئۇلارنى  «تۈرك يۇچۇن بۇدۇن» ، يەنى ئايرىم تۈرك خەلقى دېگەنىكەن، بۇ ھازىرغىچە  مەلۇم بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەرلەردىكى  بۇ توغرىدىكى تۇنجى مەلۇماتتۇر،  بۇنىڭدىن ھەممەئايدىڭ بولىدۇ. ئەمما ھازىر بۇنام تېخى ئىلىم ساھەسىدە قوللىنىلىشتىن يىراقتا تۇرماقتا

0

تېما

0

دوست

362

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12553
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 93
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 14:05:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇنلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار  تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى سۇلالىرى دەپ چۈشەنسەك بولغۇدەك.

0

تېما

21

دوست

1837

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28130
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 14:00:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALIP2 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-7 21:18
مەيلى ھۇن ،سپىيانىي،تۈرۇك  ھىچقايسى ئايرىم بىر مىللە ...

سىز قانداق تارىخچى ، گەپلىرىڭىزگە تۇرۇپلا كۈلگۈم كېلىۋاتىدۇ ، تۇرۇپلا ئاچچىقىمدىن ئولتۇرۇپ قېلىۋاتىمەن . سىز نېمىگە ئاساسەن مۇڭغۇللارنىمۇ تۈرۈكلەرنڭ تارمىقى دەيسىز ، يەنە تېخى گەپنىڭ قىزىقى پارىس تۈرىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇر ئۆزبەكلەرنى ئارىلاشما ھالەتتە كۆرسىتىسىز ، بۇ نېمىگە ئاساسەن . بىزنىڭ ئەسلى ئىرقىمىز قانداق مۇشۇلارغىمۇ ئالامەت توغرا جاۋاب بېرىۋېتىپسىز ، يارايسىز قېرىندىشىم ، قول قويدۇم ، بولسا ھەممىمىز سىزدىن قاتتىق ئۆگەنسەك بولغىدەك ........ ساپ ھالەتنى تېخى قازاق قىرغىزلار بەكرەك ساقلاپ قاپتۇ ، بىز ئەسلى چاڭلىشىپ كەتكەن خەقكەنمىزدە . كۆزۈڭىز بەك روشەن ئۆتكۈركەن ، چەتئەلدىكى مورگا قاتارلىق داڭلىق تارىخچىلارنىڭ ، ھەم ئۆزۈمىزدىكى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، ئەسئەت سۇلايمان قاتارلىق ئالىملىرىمىزنىڭ كىتابلىرىنى ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۇلاردىن ئېشىپراق ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپسىز . ھە توغرا چەتئەلدىكى غەيرىي مەقسەت ئارىلاشمىغان تارىخچىلارنىڭ تەتقىقاتى مۇھىم ، لېكىن سىز شۇنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ ، ئەسلى نەشىرىنىمۇ يە ، ئېنگىلىزچە ساۋادىڭىز باردىمۇ ، مېنىڭغۇ يوق ئەمدى شۇڭا بۇنىڭغا جىق پو ئاتقۇم يوق . لېكىن گۇنانلىق نۇقتا بولغاچقا دېدىم قېرىندىشىم ، بۇنى توغرا قاراسىز ، توغرا تەنقىدىي پوزىتىسىيە دەپ چۈشۈنۈپ تۇرارسىز ، گەپلىرىمنى ئېغىر ئالمىغايسىز . بۇ مۇنبەر دېگەن ئەلۋەتتە مۇشۇنداق بوپتۇرغىنى ياخشى تەكلىپ پىكىرلەر بىلەن دەپ قارايمەن .......

0

تېما

0

دوست

1093

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23951
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 22:28:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ھەرقايسىڭلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم .ئالدى بىلەن بۇ بىر تەرجىمە،شۇڭا ماقالىدىكى بەزى نۇقتىنەزەرلەرنى قۇللىساممۇ بەزىلىرىنى  قۇلىمايمەن .مەن تارىخچى ئەمەس پەقەت بىر تارىخقا قىزىققۇچى، ماقالىدە بەزى سۆز ئاتالغۇلار `مۇۋاپىق قۇللۇنمىغان بۇلۇشى مۇمكىن .تارىخ يىللار ئچىگە كۆمۈلگەن ئالتۇن ئۇنى ھەر قېتىم قازغاندا يىڭى بىر بايلىققا  ئىرىشىمىز ،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ھىسياتقا تايىنىپ سۆزلىمەي ،بىلىدىغانلىرىنى ئىلمىي ئسپاتلىق  ئوتىرىغا تاشلاڭلار.  

14

تېما

3

دوست

1927

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 101
تۆھپە : 530
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 11:16:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALIP2 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 22:28
مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ھەرقايسىڭلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا ۋا ...

مەركىزى ئاسىيادا تۇركىي خەلقلەرنىڭ شەكىللىنىشى

ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن



مەركىزى ئاسىيادا تۇركىي خەلقلەر تەخمىنەن تۆمۇر قوراللىرى ئومومىيۈزلۇك قوللىنىلغان دەۋىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللىنشكە باشلىدى . بۇجەريان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاندىرنوپ (ئارىلار) -ساكلار ئاساسىدابىخ سۈرىشى ،تۇركى خەلقلەرنىڭ ئۆز ئارا تېخىمۇ زىچ بىر گەۋدىگە يۈزلىنىشىنڭ بىر ئۈزۇلۇپ بىر داۋام قىلىپ بېرىشىدىن ئىبارەت بىر قانچە قاتلام بويىچە ئىزچىللاشتى.
  تۈركىي خەلقلەرنىڭ شەكىللىنىشى دىگەندە بىز مەركىزى ئاسىيادا بىرلەمچى ئېتنىك ئالامەتلىرى مۇئەييەنلەشكەن ئىنسان تۇركۇمى -ئاندىرنوپ-ئارىلار(ئارىيانلار)دىن كېينكى ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۇمى بولغان خەلق -تۈركىي خەلقلەرنىڭ تەدرىجى شەكىللىنىشىنى نەزەردە تۇتىمىز.
  ئېيتىش كېرەككى ،تۈركىي خەلقلەرنىڭ شەكىللىنىشى،   بىرىنچىدىن ،ئارىيانلار نوپوسىنىڭ كوپىيىشى ،شەرق،غەرپ،جەنوپقا بىر تۇركۇم ئارىلارنىڭ يۆتكىلىشى ،تەدرىجى يەرلىك ئالامەتلەرنى قوبۇل قىلىپ ئەسىلىدىكى ھالەتتىن ئۆزگۇرۇپ كېتىشى- ئىرانى،ھىندى ئامىللىرىنى،جۈملىدىن سېرىق موڭغۇلوئىد ئامىللىرىنى ئۆزلەشتۇرىشى ،ئىلگىرىكى ئاندىرنوپ -ئارىلاردىكى تارىخى خاراكتىرلىك پارچىلىنىش ئاساسىدا يۈز بەرگەن. ئاندىرنوپ -ئارىلارنىڭ قالغان قىسمى -ئېنىقراقى ساك تۇركۇمى شەرقى ئاسىياغا سۈرۈلۈپ ،بۇيەردىكى ئاسىيا سېرىق جىنىسى(پەندە ئېيتىلغان موڭغۇلوئىدلار ) بىلەن قىسمەن ئۇچىرىشىپ ،تەدرىجى تۈركىي خەلقلەرنى شەكىللەندۇرگەن.
ئىككىنچىدىن، ئاندىرنوپ -ئارىلارنىڭ ئەڭ تىپىك ۋە مەركىزى ئورنى ھازىرقى ئەنقار دەرياسى(بايقالنىڭ غەربى -يەنسەي-ئېرتىش ۋادىلىرى بولۇپ ،بۇ ھازىرقى تاغلىق ئالتاي ،شەرقى شىمالى قازاقىستاندىكى قەدىمقى شىمالى تۇران رايونىنى كۆرسىتىدۇ) خۇددى ھازىرمۇ تۇران قاتارلىق يەر ناملىرى بولغاندەك (بۇ جاي جۇڭگو يىلنامىلىرىدىكى شىمالى دىڭلىڭ ئىبارىسىگە توغرا كېلىدۇ)، يەتتە سۇدىن كوپىت تاغلىرىغىچە بولغان ئارىلىق قەدىمقى مەنبەلەر بىلەن ھازىرقى جۇغراپىيەلىك نام جەھەتتىمۇ <تۇران تۈزلەڭلىكى > ،تۇران دىيىلىدۇ.ئاندىرنوپ -ئارى -ساكلارنىڭ بۇ ماكانلىرىنىڭ نامى خەنزۇ يىلنامىلىرىدىكى غەربى دىڭلىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. موڭغۇلوئىدلار خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالى ۋە شەرقىدە،موڭغۇل دالاسىنىڭ شەرقى شىمالىدا،ھىڭگان تاغلىرىدا ياشايىتتى. پائالىيەتچان ئاندىرنوپ -تۇرانىيلارنىڭ شەرققە ،شەرقىي جەنوپقا سۈرۇلىشى ،بىر قىسىم توڭغۇس قەبىلىلىرىنىڭ موڭغۇل دالاسى ئارقىلىق ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنوبىغا يۆتكىلىشى بىلەن ئارىلاردا تەدرىجى موڭغۇلوئىد تەسىرى كېلىپ چىقتى .  
ئۈچىنچىدىن ، موڭغولوئىد تەسىرى تاكى چىڭگىزخان ۋە جۇڭغارلارنىڭ قوراللىق كەڭ كۆلەملىك يۆتكىلىشىگىچە ،ئاساسلىق ساك تۇرانىيلارنىڭ جەنوبى بايقالدىن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىغا قاراپ ئىچكىرلەپ كىرىشى بىلەن يۈز بەردى. شۇ چاغدا ساك -تۇرانىيلار ئىرقى (ئېتنىك) ئۇستۇنلۇكتە ئىدى .شۇنداق بىر قانچە قېتىم تەكرار تەسىر ئارقىلىق ساك -تۇران ئارىيانلىرىدا ئىككى ئالاھىدىلىك كۆرۇلدى.بىرىنچى، موڭغۇلوئىد تەسىرى ئەزەلدىن قىسمەنلىكتىن ھالقىمىدى،ساك -ئارىلارنىڭ بۇ ئەۋلاتىلىرى يەنىلا ئاق جىنىس ئۈستۇنلىكىنى،سېرىق جىنىستىن پەرقىنى ئىزچىل تاكى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلدى. بۇ تەسىرگە ھەممىدىن كۆپرەك چىڭگىزخان ۋە جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ جەنوبى ئالتاي -قازاقىستاندىكى يۇرۇشلىرىنىڭ چۆكمىسىگە ئۇچىرىغان تۇركىي خەلقلەر ئۇچىرىغانلىقى روشەن . ئۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇل شايبانىخان تەسىرى ماۋەرا ئۇننەھىر دە بۇ تەسىرنى سۇسراق بولسىمۇ كۈچەيتتى. تارىم -پامىر ئەتراپىدا بۇ تەسىر كىدانلار ۋە فەرغانە چاغاتايخان ئۇلۇسلىرى تەسىرى ئارقىلىق يۇز بەرگەن.   
توتىنچىدىن ،<تۇرك> ئىبارىسى بىر قاتلامىلىق تارىخى ئىبارە دەپ قارالماسلىقى كېرەك.
مىنىڭچە ،ئۇچ قاتلام -ئۇچ كاتىگورىيە بويىچە بۇ نامنى پەرقلەندۇرۇش كېرەك . بىرىنچى، <تۇرك> ئىبارىسىنى ھازىرقى زامان تۇركىيلوگلىرى ئورخون ئابىدىلىرى قاتارلىق يازما مەنبەلەر بىلەن تۇركىي خەلقلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتى ئۇستىدىكى تەتقىقاتتىكى <تۇرك>،<تۇركىي> ئىبارىسى مەسىلىسى. ماھىيەتتە بۇ تىل .مەدەنىيەت ،تارىخى قانداشلىق ۋە نومۇس -ئىپتىخار ئورتاق چەمبىرى مەسىلىسىدىن ئىبارەت. ئىككىنچى، <كۆك تۇرك خانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارىخ سەھىپىسىگە كىرىپ كەلگەن تۇركىي خەلقلەرنىڭ بىرلەشكەن ھاكىميەت شەكلى.بۇ ھاكىمىيەت تۇركىي خەلقلەرنىڭ تۇنجى خانلىقى ئەمەس،ئەلۋەتتە. ھۇنلارمۇ تۇركىي خەلقلەرنىڭ ھاكىميىتى ئىدى. ئۇچىنچى ، ئەڭ قەدىمقى تۇرانىيلار نى - ئاندىرنوپ ساكىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كېرەك .ئۇلار ھۇن ھاكىميىتىدىن ئىلگىرى <دى>،<زەي>،<تۇفاڭ>، <جىن> ،<جۇلى>،<لىن لى> نامىلىرىدا،جۇملىدىن ئەپراسياپ نامىدىكى <تۇران> نامىدا ئەپراسياپ ھاكىميىتى شەكلىدە ساقلانغان.
  بەشىنچىدىن ، ئارىيان-ئاندرونوپ -ساكلار بىلەن موڭغۇلوئىد ئىنسان تۇركۇملىرى ئاساسلىق ئانتىروپولۇگىيەلىك پەرقلىرى يالغۇز قەدىمى جەسەتلەر تەتىقىقاتىدىلا ئەمەس ،يەنە ھازىرقى ئۇيغۇر-ئۆزبىك -ئەزەربەيجان قاتارلىق تۇركىي خەلقلەر ،جۇملىدىن ھەممە تۇركىي قان سېستىمىسىدىكى خەلقلەر نىڭ تەن تۇزۇلمىسىدىمۇ ئۆز ئىزچىللىقىنى ساقلىغان.
ئامرىكىلىق پروفىسسور سىمىت: كوپلىگەن ئانتروپولوگىيە كىتاپلىرىدا موڭغۇل ۋە تۇركىي مىللەتلەر ئارلاشتۇرۋىتىلىدۇ.... تۇركلەرنىڭ يۇز شەكلى سىلىق -تۇز بولۇپ مۇڭغۇللاردىن كۆرىنەرلىك پەرقلىندۇ. تۇركلەرنىڭ چېچى دولقۇنسىمان ،يۇزى سوقىچاق بولسا ،موڭغۇللارنىڭ چېچى تىك ،يۇزى دومىلاق كېلىدۇ.تۇركلەر ساقاللىق مويلۇق كەلسە ،موڭغۇللارنىڭ مويى ئاز دىگەنىدى.مۇشۇ ئاساستا مىكگوۋېرن <ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى مەملىكەتلەر>نامىلىق كىتابىدا :موڭغۇليىدىكى قەدىمقى ئاھالىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان ھونلار تۇركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ بولۇپ ،مۇڭغوللاردىن يىراق ئىكەنلىكى روشەن ھەم شۇبھىسىز. باشقىچە ئييىتقاندا ھونلار ئەسلى مەنبئە جەھەتتىن ئاق جىنىسلىقلار غا يېقىن بولۇپ ،سېرىق جىنىسلىقلاردىن يىراق ئىدى .>دەپ يازىدۇ.
ئالتىنچى، تۇركىي خەلقلەر تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىركى مىڭىنچى يىللارنىڭ بېرىقى تەرىپىدىن باشلاپ ئىككىلەمچى تۇران -مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۇركۇمى بولۇپ ئۆزگۇرۇشكە كىرىشكەن بولۇپ ، ئۇنى ئىلىك ئارسلان تۇمەنخان تەرپىدىن مىلادىيە 552-يىلى ھازىرقى موڭغۇل -تاتار دالاسىدا بەرپا بولغان كۆك تۇرك خانلىقى زامانى بىلەن بەلگىلەش گۆدەكلىكتۇر.   
يەتتىنچى، تۇركىي خەلقلەرنىڭ قەيەردە موڭغۇلوئىد تەسىرىگە ئۇچىراپ ،تۇركى ئانتىروپولۇگىيەلىك ھالەتكە ئۆتكەنلىكى مەسىلىسى ھەرخىل ئىزاھلانماقتا. مېنڭچە ئومومەن بۇ جەريان قەدىمقى دىلار،تۇفاڭ ،گۇيفاڭلارنىڭ موڭغۇلوئىدلار -توڭغۇز تاتارلىرى ۋە خۇا-شىيا قەبىلىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن تاكى جۇڭغارلارنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىشىگىچە بولغان ئۇچ مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بايقالدىن كاسپى دېڭىزىغىچە بولغان جايلاردا تەدرىجى يۇز بەردى.
سەككىزىنچى ،تۇركى خەلقلەرنىڭ كونكىرىت شەكىللەنگەنلىكىنىڭ قانداق بولغانلىقى كوپ قاتلاملىق، مۇرەككەپ ،قىيىنراق ۋە يىڭى مەسىلىدۇر. بىزچە ، بىرىنچى،   تۇركىي (جۇملىدىن ھون) قەبىلىلىرى موڭغۇلوئىد تەسىرىگە ئۇچىرىغان غەيرى موڭغۇلوئىد خەلق ؛ ئىككىنچىدىن ،تۇركى خەلقلەرنىڭ ئاتا -بوۋىلىرى بىلەن موڭغۇلوئىد خەلقلەرنىڭ ئارلىشىشى كوپرەك تۇركىي خەلقلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ شىمالى قۇملۇق ۋە سېرىق دەريانىڭ شىمالى قىسمىغا يېقىنلاپ كېلىشى ئاساسىدا يۇز بەرگەن ؛ ئۇچىنچىدىن ، موڭغولوئىد تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بۇقەبىلىلەر مۇنداق تەسىرگە يولۇقمىغان يىلتىزى بىر ئانتروپولۇگىيەلىك قېرىنداشلىرى ئارسىغا (جۇملىدىن ئالتاي ، يەتتەسۇ ،شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ) مۇنداق تەسىرنى ئېلىپ بېرىشتا ۋاستىچىلىك رولىنى ئۆتىگەن؛ تۆتىنچى،   قەدىمقى ئاندرونوپ -ئارىيانلارنىڭ تۇركلەشكەن ئەۋلاتلىرى موڭغولوئىد تەسىرىگە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ئۇچۇرىشى ،مۇنداق تەسىرگە ئۇچىراشىنىڭ كۆپىيىپ ياكى سۇسلاپ بېرىشى تۇپەيلى ئۆز ئىچىدىن ئېتنىك پەرقلەرگە ئاجىرالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇركلىشىشى ۋە تۇركلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سوغدى ۋەساقىلىنىپ قالغان ساك قەبىلىلىرىنى تۇركلەشتۇرۇشى شۇ چاغلاردا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى زامانلاردا تەدرىجى ئەمەلگە ئاشتى.
يۇقىرىقى بايانلاردىن مەلۇم بولدىكى : 1) تۇركىي خەلقلەر مەركىزى ئاسىيادىكى ئارىيانلارنىڭ ئۇزگەرگەن -موڭغولوئىد ئالامەتلىرى ئىپادىلەنگەن ئانتروپولوگىيەلىك شەكلىدىن ئىبارەت؛ 2) تۇركلەر ئىرق تىپى جەھەتتىن موڭغولۇئىد خەلقلەرگە ئەمەس ئارىيان -ساكلارغا،شەرقى جەنوبى ئاسىيا ئىرقىغا ئەمەس ،كاۋكاز تىپىدىكى خەلقلەرگە يېقىن تۇرىدۇ؛ 3) تۇركلەر ھونلاردىن ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن ،مەركىزى ئاسىيادىن كەڭ بولغان پۇتكۇل تۇران -مەركىزى ئاسىيا ،سېرىق دەريا نىڭ يۇقىرى رايونلىرىدا ،يەنى شىمالى ،غەربى ساھىلنىڭ كۆپچىلىك رايونلىرىدا ياشىغان؛ 4) ھونلار تۇركىي خەلقلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مەركىزى ئاسىيادىكى ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقى شەكلىدىن ئىبارەت. 5) موڭغۇلوئىد تەسىرى بارلىق ئارىيان-قەدىمقى تۇركىي قەبىلىلەردە بىردەك ئىپادىلەنگەن ئەمەس . تۇركلەشكەن موڭغۇلوئىد بولۇشىنى چەتكە قاقمىغان ھالدا ،بىز توقبات ۋە قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ شەرقى تەرەپتە) كوپرەك ۋە بىۋاستە ئۇچىرغانلىقىنى ،ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ غەرپ تەرەپتە) ئازراق ئۇچىرغانلىقىنى كۆرىمىز؛ 6) قەدىمقى دىڭلىڭلار ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئارىيان-ياۋروپا جىنىسىنى نىسپى ساقلىغان ھالدا تۇركىي تىل سېستىمىسىدىكى بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن؛ 7) ئەڭ قەدىمقى ئاندرونوپ -قاراسۇق -تاغار-تەڭرىتاغ-تارىم-تاشىتىك مەدەنىيەتلىرىنىڭ ۋارىسى دىڭلىڭ-گۇشى(خۇجىيە) ئۇيغۇرلىرى تۇركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتى ۋە سىياسى ھاياتىدا،تۇركى ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا ئۇلگىلىك رول ئوينىغان.
شۇنداق قىلىپ تۇركىي خەلقلەر ئاندرونوپ -ئارىيانلارنىڭ ئورنىنى باستى .ئەۋلادلىرى ئەجداتلىرىنىڭ مەۋقەيىنى ئىگىلىدى،تۇركى قەبىلىلەر قەدىمقى رىۋايەتلەردە زىكرى قىلىنغان <تۇران>رايونىنىڭ ئاساسىي پېرسۇناژلىرى بولۇپ قالدى.     
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي،تۇركى خەلقلەر ھازىرقى زامان بىر پۇتۇن (بىر گەۋدە)مىللىتى بولۇپ چىقمىدى.بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئىچكى پارچىلىنىشى، تولا يۆتكىلىشى،شۇنداقلا قاراخانىيلار زامانىدا <تۇرك>ئىبارىسى ئىشلىتىلىپ ،<تۇرك تىلى>(تۇركى تىل ئەمەس)شەكللەندۇرۇش ھەركىتىنىڭ قىتان،چىڭگىزخان،جۇڭغارلار تەرپىدىن بىر قانچە قېتىملىق پارچىلىنىپ كېتىشى،ئوغۇز سالجۇقلىرىنىڭ كۆچىشى سەۋەپ بولدى.ھازىرمۇ تۇركىي خەلقلەر يەنىلا ئانتروپولوگىيەلىك مەنبەداشلىق-قانداشلىققا،ئورتاق تارىخى ئالامەتلەرگە ۋە قىسمەتلەرگە،تىل،مەدەنىيەت،ئۆرپ-ئادەت بىرلىكىگە،ئېتىقاد بىرلىكىگە ئىگە قېرىنداش مىللەتلەر تۇركۇمى ئىكەنلىكى شۇبھىسىز.

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 18:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ezimet7102 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 00:18
تۈركلەر بىلەن موڭۇللارنىڭ تارىخى ئالاقىسى قويۇق ھەمدە ...

تىلشۇناسلار تۈرك تىللىرى بىلەن موڭغۇل تىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىقنى پەقەت 5%دەپ كۆرسەتكەن.ۋە بۇخىل ئاتالمىش ''ئورتاقلىق ''يىلتىزداشلىقتىن بولماستىن بەلكى،تارىخىي مۇناسىۋەت جەريانىدا تۈرك تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر،دەپ كۆرسەتكەن.
تۈركلەرنىڭ موڭغۇل ئېرقىغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا غەرپ ئالىملىرى بىلەن جۇڭگو،رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشى ئاساسەن بىردەك ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )