- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1699
- نادىر
- 0
- يازما
- 110
ئۆسۈش
69.9%
|
ئەمۋاي شېركىتىنىڭ باشقا ئالدامچىلىقىنى دىمىگەندىمۇ باھاسى ۋە مەھسۇلاتىنى چەتنىڭ دەپ سېتىشى.
ئەمەلىيەتتە ئەمۋاي گۇۋاڭجۇدا ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ، خام ئەشيامۇ جۇڭگونىڭ، باھاسى بەكلا يۇقۇرى، نىمىشقا بۇنچە قىممەت دەپ سورىسىڭىز چەتئەلدىن كىرگۈچە بىرمۇنچە تاموژنا بېجى تۆلەيدىغان گەپ ،شۇڭا قىممەت دەپ قويۇشلىرى بار.
باشقا ماركىدىكى، تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ ئەسلى زاۋۇت باھاسى 2-3 يۈئەنلىك ماللار قولدىن قولغا ئۆتۈپ شۇ تاللا بازىرىغا تىكلەنگۈچە بىرمۇنچە باھا قېتىلىدۇ.
بىۋاستە سېتىشتا بولسا زاۋۇتتا قانچە بولسا خېرىدارنىڭ قولىغا شۇنچە باھاسى بويىچە بارىدۇ،ساتقۇچىلارنىڭ پايدىسىنى شېركەت ئۆزى ئايرىپ بېرىدۇ، ئەمۋاينىڭ كۆپ پايدا ئېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئەڭ تۆۋەندىكى مال ساتقۇچى ئايدا ئاز دىگەندە 1200يۈەنلىك مال سېتىپ بولمىسا مۇشۇ ھالەتتە ئۇدا ئۈچ ئاي مال سېتىپ بولمىسا جاپاسى بىكار كېتىدۇ،پايدىنى شېركەت ياكى ئۇ مال ساتقۇچىنىڭ ئۈستىدىكىلەر ئالىدۇ، 100مىڭ يۈۋەنلەرچە پۇلىنى ئەمۋايغا مەبلەغ سېلىۋېتىپ ئاشۇنداق بېسىم ئىچىدە مالنى سېتىپ بولالماي سارغايغان، ھەتتا ئاجىرشىپ كەتكەن ئەر -ئاياللارمۇ خېلىلا كۆپ. بىر خەنزۇ تونۇشىمىزنىڭ ئامبىرىدا ئايلىق مۇدىرلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر ئايدا ۋازىپىنى توشتۇرۇش مەقسدىدە ئالغان نەچچە ئون مىڭ يۈرەنلىك مەھسۇلات توپا بېسىپ ياتقان ئىكەن، ............دەپ كەلسەك گەپ جىق،
باي غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇللار بىلەن ئىشى يوق دەپ، يۇقىردىكىلەر ئامال قىلىپ يىڭى ئەزالىرىغا مال سېتىش بار ئاماللار بىلەن ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىركىشىش ، چارچاش................نىمىدىگەن بېسىم بۇ؟ ئۇ كۈچنى ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىزغا بەرگەن بولساقچۇ كاشكى،يەھۇدىينىڭ يىمەكلىكىگە ئۇنچە ئاشىق بولغۇچە تۇتقان يولىغا نەزەر سەپ باققان بولساقچۇ؟ نىمىدىگەن ئىتتىپاق، نىمىدىگەن قوللاش ئۇلاردىكى، ئۆزىمىزنىڭ كارخانلىرىنى قوللاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.............. |
|