قۇرئان كەرىمىنى تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلدى (BBC تور ژۇرنىلى 2014- يىلى 23- مارتتىكى نەشىرى)
سابىق ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى، پودپولكوۋنىك ئابدۇل ئەھەد موھمەند سوۋېت - ئافىغان ئۇرشىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يەنى 1988- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ "Sayuz TM-6" ناملىق ئالەم قاتناش گۇرۇپىسىغا سوۋېت ھوكۇمىتى تەرپىدىن تاللىنىدۇ. ئابدۇل ئەھەد مومەند ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت قازاقىستان رېسپۇبلىكىسىنىڭ بايكونۇر (باي قوڭۇر-مۇنبەت يەر) ئالەم قاتناش مەركىزىدىن سوۋېت ئالەم ئۇچقۇچىللىرىدىن Vladimir Lyakhov ۋە Valery Polyakovlar لار بىلەن بىللە 3 كىشىدىن تەركىپ تاپقان "Sayuz TM-6" ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن 1988- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۇنى گرىنۋىچ ۋاقتى 04:23 ئوتكەندە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا يەرشارى ئوربىتىسىدىن ئايرىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ Mir EP-3 ئالەم بوشلۇقى بېكىتىگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇ ئالەم بوشلۇقىدا جەمى 8 كۇن، 20 سائەت 26 مىنۇت تۇرۇپ، "Sayuz TM-6" ئالەم كەمىسى بىلەن 7- سېنتەبىر گرىنىۋىچ ۋاقتى 00:50 دە قازاقىستاننىڭ جەزقازغان دىگەن يەرىگە بىخەتەر قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ 1988- يىلى 7- سەنتەبىر كۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالى مۇكاپاتى بولغان "لېنىن مېدالى" بىلەن تەقدىرلىنىپ، "سوۋېت قەھىرمانى" شەرپىگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇل ئەھەد موھمەند دۇنيا بويىچە ئۆزىدىن بۇرۇن ئالەم بوشلۇقىغا چىققان سۇلتان بىن سالمان ئەل سەئۇد، مۇھەممەد فارىس ۋە مۇسا ماناروۋلاردىن كېيىنكى 4- مۇسۇلمان ئالەم بوشلۇقى ئۇچقۇچىسى بولۇش شەرپىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ يەنە تۇنجى قېتىم مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتاۋى قۇرئان كەرىمنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ ھېسپلىنىدۇ. ئۇ قۇرئانى كەرىمنى ئۆزى بىلەن بىللە ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىپ، Mir EP-3 ئالەم بوشلۇقى بېكىتى "Sayuz TM-6" ئالەم كېمىسى ئىچىدە ئوقۇيدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا غەرب ئەللىرى ئابدۇل ئەھەد موھمەندنىڭ سوۋېت "سايۇز تم-6" ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشى سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە دەپ قارىغان. سوۋېت - ئافغان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى كۆلەڭگىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئالەم سەپىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغان خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بىر سىياسىي مۇددىئادىكى ئالەم بوشلۇقى سەپىرى دەپ قارىلىدۇ.
پودپولكوۋنىك ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئابدۇل ئەھەد موھمەند ئافغانىستاندىكى ئەڭ كوپ نوپۇسقا ئىگە بولغان پەشتۇ مىللىتىدىن بولۇپ ئۇ 1959- يىلى 1- يانۋار ئافغانىستاننىڭ سارداھ غازنى ئۆلكىسىدە موھمەند قەبىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كابۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتىدە ئۇقۇغان ۋە كېيىن ئافغان ھاۋا ئارمىيە ئاكادېمىيىسىنى پۇتتۇرگەن. ئابدۇل ئەھەد موھمەند 29 يېشىدا ئافغانىستاندىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم قاتناش پروگرامىسىغا كاندىدات قىلىپ تاللانغان 400 ھەربىي خادىملار ئارسىدىن تاللىنىپ، موسكىۋا ئالەم ئۇچقۇچىللىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىدە مەخسۇس تەربىيەلىنىدۇ. 1989- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا 15 مىڭ سوۋېت ئارمىيەسى ۋە 1 مىليۇن 200 دىن ئارتۇق ئافغان خەلقى (ئافغان سوۋېت تەرەپ ئارمىيىسى، ئامېرىكا ۋە پاكىستان قوللىغان مۇجاھىدىن ھەربىي پىداىيلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئولۇشىدەك تىراگېدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان، 9 يىل داۋام قىلغان سوۋېت-ئافغان مۇجاھىدىن ئۇرۇشى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈپ ئېلىپ كېتىشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ ئەمما سوۋېت ھامىللىغىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ (ئافغان شىمالىي ھۆكۇمەت) پرېزىدېنتى دوكتور مۇھەممەد نەجىبۇللاھ ئەھمەدزاى باشلىقىدىكى كوپ ساندىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئافغانىستان مۇجاھىدىنلىرىنىڭ غەربىنىڭ بىۋاسىتە ھەربىي ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن تىزدىن ئىلگىرىلەپ ئافغانىستاننىڭ شىمالنى ئىشغال قىلىشقا باشلىشى بىلەن غەرب ئەللىرىگە پاناھلىق تىلەپ قېچىشقا باشلايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئالەم بوشلۇقى چىقىش سەپىرىنى تاماملاپ ئافغانىستانغا قايتقان ئابدۇل ئەھەد موھمەند ئافغان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ياش ئوساما بىن لادىننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافغان مۇجاھىدىنلىرىنىڭ كابۇلنى ئىشغال قىلىشىدىن بۇرۇن ئۆز ھاياتى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 1992-يىلى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن ئافغانىستاندىن قېچىپ كېتىدۇ ۋە گېرمانىيەنىڭ ستۇتتگارد شەھىرىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەيدۇ. ئۇ 2002- يىلى گېرمان ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتىدۇ. ئابدۇل ئەھەد موھمەند ھازىر ستۇتتگارد شەھىرىدىكى بىر شىركەتتە بوغالتىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ 1992- يىلىدىن باشلاپ ئايالى، ئىككى قىزى ۋە بىر ئوغلى بىلەن تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلمەكتە.
ئابدۇل ئەھەد موھمەند ئافغانىستاندىن ئايرىلىپ 22 يىلدىن كېيىن BBC مۇخبىرلىرى بىلەن بىرگە 2014- يىلى ئافغانىستانغا زىيارەتكە بارىدۇ. ئۇ ئافغانىستانغا يېتىپ كېلىشىگىلا ئافغان پرېزىدېنتى خەمىد كارزاي ئىشخانىسى ئۇنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇ بىر قانچە كۈندىن كېيىن خەمىد كارزاي بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ 8 كۈنلۈك ئالەم بوشلۇقى سەپىرىدە ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى تەقدىرى توغرىسا يازغان بىر خاتىرە دەپتىرىنى ئافغانىستان دۆلىتىگە تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ خامىد كارزاي گە تاپشۇرىدۇ.
ئابدۇل ئەھەد موھمەند ئەينى يىللارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئالەم بوشلۇقىدا سوۋېت ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن ئۇچۇۋاتقاندا خەمىد كارزاي مۇجاھىدىنلار بىلەن بىللە سوۋېت ئارمىيىسىنى ئافغانىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى... " . ئابدۇل ئەھەد موھمەند بۇ قېتىمقى سەپىرىدە كابۇلدىكى بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى زىيارەت قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزنىڭ يۈرەك سۆزنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئافغانىستان زېمىنى ئالەم بوشلۇقىدىن ناھايىتى گۈزەل ۋە تىنچ كۆرۈنىدۇ... بىز ئافغانىستانلىقلارغا ئۇرۇش كېرەك ئەمەس، بىز ھەممىمىز بىرلىشىشىمىز، ئۆز-ئارا ئۇرۇشماسلىقىمىز ۋە بۇ ئايىغى چىقمايدىغان بۇ ئۇرۇشۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك... "
(BBC تور ژۇرنىلىنىڭ 2014- يىلى 23- مارتتا ئېلان قىلغان "ئافغانىستاننىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋەتىنىگە قايىتتى" ناملىق ماقالە ئاساسىدا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)
|