- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4515
- نادىر
- 0
- يازما
- 292
ئۆسۈش
83.83%
|
زىرەك يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 22:56
مىنىڭ مۇھىم بىرقانچە سۇئالىم بار :
سىرىق ئۇيغۇرلار ...
قىرىندىشىم ئەمىسە مەن ئۆزەمنىڭ چۇشەنچەمنى سۆزلەپ باقاي سىرىق ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ھالىتىگە قايتىپ كىلىش مۇمكىنچىلىقى بەكلا تۆۋەن سەۋەبى 1. ئۇلارنىڭ دىنى ئىتقادى لاما دىنى بىزنىڭ بولسا ئىسلام دىنى شۇڭا دىنى پەرىق مۇھىم سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مۇمكىن 2.ئۇلارغا خەنزۇ تىلىنىڭ ،مەدىيىتىنىڭ تەسىرى بەكلا چوڭقۇر شۇنداقلا بىزنىڭمۇ خەنزۇ تىلىنىڭ تەسىرىگە بارغانسىرى ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا ئۇلارنى چوڭ ئۇيغۇر ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كىلىش مۇمكىنچىلىكى بارغانسىرى تۆۋەنلەيدۇ .3 .سىرىق ئۇيغۇرلار ئۆزى چىن دىلىدىن چوڭ ئۇيغۇر توپىغا قىتىلىشنى خالاش خالىماسلىقىمۇ بىر سەۋەپ
قالغان سۇئاللىرىڭىزغا كەلسەك ئۇلار ئۇيغۇر دىگەن نامدىن نۇمۇس قىلمايدۇ شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنى سارى ئۇيغۇر دەپ ئاتايدۇ . سىرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ھالىتىگە قايتىشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقى ماڭا نامەلۇم شۇڭا بۇ سۇئالدىن ئۆتۇپ كىتەي ئەمدى ئىككىنجى سۇئالىڭىزغا كەلسەك مەن جاۋاپ بىرىپ باقاي :ئالدى بىلەن بىز تەشەببۇسكار بولىشىمىز كىرەك ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىسىگە قايتىشنى خالاش ياكى خالىماسلىقىدىن قەتئى نەزەر ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن سىرىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۇچەيتىش كىرەك بۇنۇڭدا ئۇيغۇر زىيالىلىرى تەشەببۇسكار بولۇشى كىرەك . مۇشۇنداق قىلىپ سىرىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرلار زىيالىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش كىرەك يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر سودىگەرلىرى سىرىق ئۇيغۇر يۇرتىغا مەبلەغ سىلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن سىرىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئۇچرىش پۇرسىتىنى كۆپەيتكەندە (بۇنۇڭدا ئاساسلىقى ئاشخانا مەدىنىيتى كۆزدە تۇتىلىدۇ ) سىرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر چوڭ ئائىلىسىگە قايتىش ئۇمۇدىنى پەيدا قىلالىشى مۇمكىن بۇنۇڭدىكى يەنىلا ئاساسلىق ئامىل يەنىلا سىرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىسىگە قايتىشنى خالاش خالىماسلىقى ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ جيەن فامىلىك ئۇيغۇرلار لىيۇ فامىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتۇرۇپ كىلىشى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقى ئۇيغۇرلارنى سىغىندىغانلىقىدەك ئىچكى ئامىلى سەۋەپ بولغان شۇڭا ئۇيغۇرلار سىرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئامىلىنى قوزغىتالىسىلا ئاندىن ئۇلارنى ئۇيغۇر ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ ئەگەر سىزنىڭ سۇئالىڭىز بويىچە ئۇلار قانداق قىلسا ئۇيغۇر ھالىتىگە قايتىدۇ دىسىڭىز پەقەت ئۇلارغىلا قويۇپ بەرسىڭىز ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ھالىتىگە قايتىپ كىلىشنى كۇتكەنلىك كۆتەك تۇۋىدە توشقان كۇتكەنگە باراۋەر بولۇپ قالىدۇ. |
|