- تىزىملاتقان
- 2014-5-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 933
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
86.6%
|
قۇمۇل 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر ئاپتۇنومىيە رايونى دائىرىسىدىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ ،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى،ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى ۋە سۇپىتى ئاپتۇنوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.بۇ مەكتەپكە قومۇل ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن تاللانغان ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار تاللاپ قوبۇل قىلىنىدۇ.پىلاندىن سىرت قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ باشقا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ نومۇر چېكىدىن يۇققۇرى ئۆلچەم قويۇلغان بولۇپ،ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆتكىلى تولىمۇ چىڭ تۇتىلىدۇ.يىلىغا تەخمىنەن 30 سىنىپ ئەتراپىدا تەخمىنەن 2000ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.بۇ مەكتەپتىن يىلىغا بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى،چىڭخۇا ئۇنۋېرستېتى،فۇدەن ئۇنۋېرستېتىغا 8دەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ.بۇ يىل بۇ مەكتەپتىن 18 ئوقۇغۇچى يۇققۇرقى 3 ئالې مەكتەپكە قوبول قىلىندىن.جۈملىدن يېققىنقى بىر نەچچە يىلنىڭ ياقى بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن يىلىغا 2 نەپەر ئوقۇغۇچى يۇققۇرىقى 3 ئالې مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ.بۇلتۇر ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى فۇدەن ئۇنۋېرستېتىغا قوبۇل قىلىنغان ،بۇ يىل گۇلنەزەرئاي بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتىغا،ئىليارجان (ئۆز ئارزۇسى بويىچە) فۇدەن ئۇنۋېرستېتىغا قوبۇل قىلىندى.بۇ يىل ھەر قايسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن تاللانغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 2-ئوتتۇرىنىڭ تەجرىبە سىنىپىغا(تولۇق نومۇرلۇق ئوقۇغۇچىلار سىنىپى دىسەك بولىدۇ) ئەنسارجان،ئەلئېكرام،ئېلشاتجان قاتارلىق يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئادىل رىقەبەت ئارقىلىق قوبۇل قىلىندى.2- ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەخمىنەن %0.5 نى ئىگەللىسىمۇ نۇقتىلىق 3 ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسپىتى%12-%35 بولۇپ كەلگەنلىكتىن (باشقا سەۋەپلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن) بۇ يىل 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان بالىلارغا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىپ ئۇلارغا ئالاھىدە نومۇر چېكى بەلگىلەپ قوبۇل قىلىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى كۆپەيتتى.
مەن بۇ يازمام ئارقىلىق بارلىقىنى ئۈگۈنۈشكە بېغىشلىغان دۆلىتىمىزنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلىرىدە جاپالىق بىلىم ئېلىۋاتقان 2-ئوتتۇرىنىڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۈرمىتىمنى بۈلدۇرۇش يۈزۈسىدىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئازراق چۈشەنچە بېرەي.مەن ئوغلۇمنىڭ تەجرىبە سىنىپقا قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن ئالەمچە خۇش بولغان ئىدىم،بىراق دەرس باشلاش بىلەن تەڭ بالام تەمتىرەپ قالدى،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى سۇسلاشتى،چۈنكى بۇ سىنىپتىكى كۆپىنچى بالىلار يازلىق تەتىلدە بۇ مەۋسۇملۇك دەرسلەرنى ئالدىن ئۆگۈنۈپ بولغانكەن(كۇرسلارغا بارىدىكەن)،ھەتتا بىر ئوقۇغۇچى بېيجىڭغا بېرىپ بىر ئايلىق ئېڭگىلىس تىلى كۇرسىغا قاتنىشىپتۇ.(بىر ساۋاقدىشىنى ياپونىيەگە ئېچىقىپ تېز سىزما كۇرسىدا ئوقۇتۇپ كەلدى )..........................شۇڭا ئوغلۇم كۇنىگە كۆپ ئۇخلىسا 5-6 سائەت ئۇخلايدۇ،ئاز ئۇخلىغان كۇنلىرى 2 سائەتلا ئۇخلايدۇ،چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ تاماق يەپ بولۇپلا تەكرار قىلىدۇ.بۇرۇنقىدەك كومپىيوتوردا ئويۇن ئوينايدىغان،كارتون فىلىم كۆرىدىغان ئىشلار يوق.بۇ مەكتەپ پەقەت يەكشەنبە كۇنىلا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدۇ.دەل مۇشۇ يەكشەنبە كۈنى بالام دوستلىرى بىلەن 2-3 ساەت ۋاسكىتبول ئوينىغىلى بارىدۇ.مەن مەلۇم سەۋەپ بىلەن 2-ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىغا كىردىم بۇ دەل بالىلارنىڭ تەكرار قىلىش ۋاقتىكەن ،كارىدوردا ماڭغان بالىلار خۇددى جىنلاردەك ئاۋاز چىقارماي ماڭىدىكەن،بارلىق سىنىپلاردا بىرەرمۇ پاراڭ سېلىپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن،بارلىق ئوقۇغۇچىلار خۇددى كىتاپقا مىخلاپ قويغاندەك پۇتۇن دىققىتى بىلەن ئۈگۈنۈش قىلىدىكەن،تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمىغانلار ،تېكىسنى يادلاپ بولالمىغانلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەيدىكەن ياكى مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە تېكىسنى يادلايدىكەن.سىنىپتا سورالغان سۇئالغا جاۋاپ بېرەلمەيدىغان،تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدىغان ئىشلار بولمايدىكەن،شۇڭا بالام بۇ كەسكىن رىقابەت ئىچىدە تاۋلىنىشقا باشلىغان ئىدى. مانا بۇ 2-ئوتتۇرىدىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئاددى كۆرۈنۈش.
شۇڭا دەيمەنكى غەيرەتلىك بولۇڭلار بالىلىرىم،بارلىق ئاتا-ئانىلار سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ!ئىلىم-ئىرپان نۇرلىرى سىلەردىن تارايدۇ!سىلەر ئىلىم ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىق بېرىۋاتىسىلەر ،ئەرزىيدۇ !! بالام .ئىلىم ئىگەللىگەن كىشى بىلەن ئىلىمسىز كىشى ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ مىسالى! سىلەرگە ئامانلىق ،ئاق يول ،بەخت تىلەيمىز ،بارلىق ياخشى تىلەكلەر بىلەن سالىمىمنى تاماملاي.
مەنبە:2-ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشى
|
|