تىزىملاتقان 2013-1-31 ئاخىرقى قېتىم 2015-4-23 ھوقۇقى 1 جۇغلانما 4476 نادىر 15 يازما 56
ئۆسۈش
82.53%
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: 14288
ahmatjantarimi يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 17:19
رەخمەت، بۇ توغرۇلۇق بەلكىم ئۇزاققا قالماي بىر كىتابمۇ ...
تۆۋەندىكى «قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي - سەنۇبەر تۇرسۇن» ناملىق ماقالىدىكى بۇ ئابزاسنى ئوقۇسىڭىز 1990ـ يىللاردىن كېيىنكى بۈيۈك بىرتانىيەدىكى (ئەنگىلىيە) ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ھەققىدە مەلۇم چۇشەنچىگە ئېرىشەلەيسىز:
شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق
بۈگۈن 19- ماي. سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم يېتەكچىلىكىدىكى بۇ ئۈچ كىشىلىك ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتلىرى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. مېھمانلارنىڭ سەپەردە كوپ چارچىغالىغىنى نەزەردە تۇتۇپ چۈشتىن بۇرۇن ئارام ئېلىش. چۈشكە يېقىن مېھمانخانىدا دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم بىلەن ئۇچرىشىش ۋە چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يېيىش، ئاندىن كېيىن كەچتە كونسېرت بولىدىغان بىرۇنېي تىياتىر خانىسىنى كۆرۈش، كېيىنكى سائەتلەردە "سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق ياۋروپا سەپىرى" نىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇت مۇزىكا فاكۇلتېتىدا داۋام قىلىدىغان تۆت كۈنلۈك پائالىيەتلەرنىڭ پروگراممىلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىش، چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن باشلاپ كەچ سائەت 7 دە باشلىنىدىغان سەنۇبەر تۇرسۇن سەنئەت كەچلىكىگە تەييارلىق قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن سەھنە مۇھىتى بىلەن تونۇشۇش، ئاۋاز تەڭشەش ۋە مەشىق قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق ياۋروپا سەنئەت سەپىرى ئاگاخان فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، لوندون، پارىس ۋە ۋېنىس قاتارلىق شەھەرلەردە سەنۇبەر تۇرسۇن سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە بۇ شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، تىياتىرخانىلاردا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا، چالغۇلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇقامىدىن جانلىق مەشىقلەر كۆرسىتىپ دەرس بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
مانا بۇ مەقسەتلەرنىڭ تۇنجى پروگراممىسى بۈگۈن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناس دوكتور رەيچېل تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتاتتى.
ئۇنداقتا بىز بۇرۇن ئاز-تولا ئاڭلىغان، بولۇپمۇ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان بۈيۈك بىرىتانىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىۋاتقان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى بۇ يېتۈك شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى قانداق ئورۇن؟
بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتەي: لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى لوندون شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 1836- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ تارمىقىدا 18 ئىنستىتۇت، 10 تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى بار. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئىنستىتۇتلار ئىچىدە توققۇز ئىنستىتۇت ئەڭ چوڭ ۋە مەشھۇر بولۇپ ئۇلار: پادىشاھلىق ئىنىستىتۇت (King's College London)، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىنىستىتۇتى (University College London)، شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى (SOAS)، ئالتۇنچىلار ئىنستىتۇتى (Goldsmiths)، بېرىكبەك ئىنستىتۇتى (Birkbeck)، لوندون سودا-تىجارەت ئىنستىتۇتى (London Business School)، ئايال پادىشا مەرىيەم ئىنستىتۇتى (Queen Mary)، خان جەمەتى ھوللوۋەي ئىنستىتۇتى (Royal Holloway)، لوندون ئىقتىساد ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى (London School of Economics and Political Science) .
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور سەھىپىسىدە http://www.lon.ac.uk كۆرسىتىلىشىچە 2005 - 2006 يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدە دۆلەت ئىچىدىن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 135،090 ، دۆلەت سىرتىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 000،50 دىن ئارتۇق دەپ بايان قىلىنغان.
“SOAS” - بۇ سۆز ئىنگلىزچە “School of Oriental and African Studies” دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇق تەرجىمىسى: شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتى دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىنستىتۇت 1916- يىلى قۇرۇلغان. ئۇ ياۋروپادىكى بىردىن بىر ئاسىيا، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، سىياسىي، ئىقتىسادىي قاتارلىق ساھەلەرنى ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىدىغان ۋە بۇ ساھەلەر بويىچە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى بېرىدىغان ئىنستىتۇت بولۇپ، ئۇنىڭ تارمىقىدا 60 تىن ئارتۇق فاكۇلتېت، تەتقىقات مەركەزلىرى بار.
http://www.soas.ac.uk
گەرچە بۈيۈك بىرىتانىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى قېدرىپ تەكشۈرۈش قىزغىنلىقى 1860- يىللىرىدىكى بىرىتانىيە ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زېمىن ئىشغال قىلىش ۋە تەسىر دائىرىلىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە "ئوتتۇرا ئاسىيا كاتتا ئويۇنى" نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ باشلانغان بولسىمۇ، ياقۇپ بەگ دەۋرىدە بۇ قىزىقىشلار يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ تاكى 1949- يىللىرىغىچە داۋام قىلغان ئىدى. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلاردا ۋېنگىرىيە – بىرىتانىيە ۋەتەندىشى بولغان، 1862- يىلى بۇداپېشتتا بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان مەشھۇر ئارخېئولوگ سىر مارك ئاۇرېل ستېىين (Sir Marc Aurel Stein) ئەپەندىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتى ۋەكىل خاراكتېرلىكتۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئارخېئولوگ ئاۇرېل ستېىين ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم بېرىپ ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئېرىشكەن قەدىمىي قول يازمىلار، تارىخىي بۇيۇملار قاتارلىق ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ بىرىتانىيە مۇزېيى ۋە بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا جەمئىيەتكە ئوچۇق كۆرسىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا قىزىققۇچى ئالىملارنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. بۇ ساھەلەردە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئىلمى ئەمگەكلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، تارىخىي، ئارخېئولوگىيىلىك كىتابلار يېزىلىپ نەشر قىلىنىدۇ.
دېمەك بۈيۈك بىرىتانىيەدە يېقىنقى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تەتقىقاتى ۋە قىزغىنلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ يىرىك ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن دەۋرىمىزدە يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن ئالىملاردىن دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تارىخشۇناس دوكتور مايكېل دىللون (Michael Dillon, Durham University)، شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىن مىللىي مۇزىكىشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى دوكتور رەيچېل ھاررىس (Rachel Harri, SOAS)، نىۋكاسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن (Joanne Smith Finley, Newcastle University) تىل ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى دوكتور جوئاننې سىمىس فىنلەي قاتارلىق ئاكادېمىكلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز.
جۈملىدىن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى 1990- يىللىرىدىن باشلانغان. بولۇپمۇ مىللىي مۇزىكىشۇناسلىق، ئۇيغۇر مۇزىكاسۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتى دوكتورى رەيچېل ھاررىس خانىم شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا خىزمەت قىلغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىگە، ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىسىغا بولغان قىزغىنلىقى نەتىجىسىدە بۇ ساھەلەردە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئىلمىي خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. بۇ بايانلىرىمنىڭ دەلىلى سۇپتىدە دوكتور رەيچېل ھاررىس خانىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە تەتقىقاتىغا ئائىت بىزگە مەلۇم بولغان ئەمگەكلىرىدىن بىر قانچىسىنى مىسال قىلىپ ئۆتىمەن.
- دوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2000- يىلى پاشا ئىشان يېتەكچىلىكىدىكى "شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى" نامىدا كەلگەن مۇساجان روزى، غىياسىدىن بارات، ھوسەنجان جامى، ياسىن مۇخپىل، تۇرسۇن ئىسمايىل، ئېزىز نىياز قاتارلىق پىشقەدىم سەنئەتكارلىرىمىز ئەنگلىيەنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر سەنئىتىدىن كونسېرت بەردى. بۇ ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنڭ مەخسۇس BBC رادىئو- تېلېۋىزىيىسىدە ئىجىرا قىلغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرى ئاۋازغا ئېلىنىپ، 2000- يىلى ئەنگىلىيەنىڭ "دۇنيا ئوسۇلۇبى" (Globestyle) ئۇن-سىن نەشىرىياتى شىركىتىدە "ئۇيغۇر مۇزىكانتلار: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بوستانلىق شەھەر مۇزىكىسى (شىنجاڭ)"
"Uyghr musicians: Music from the Oasisi Towns of Central Asia Xinjiang"
ناملىق CD پىلاستىنكىسى نەشىر قىلىندى.
- دوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2003- يىلى “شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى” نىڭ 15 نەپەر سەنئەتچىلىرى ئەنگلىيەدە بىر ئاي ئۇيغۇر سەنئىتىدىن كونسېرت بەردى.
- 2004 يىلى "ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو ئارسىدا قالغان ئۇيغۇرلار" ناملىق خەلقارالىق ئىلمىي يىغىن شەرىقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ برۇنېي يىغىن زالىدا ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىن يىتىلىپ چىققان ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكى ياش ئاكادېمىكلاردىن دوكتور راھىلە داۋۇت ۋە دوكتور ئەسەت سۇلايمانلار قاتناشتى. مەزكۇر يىغىندا ئوقۇلغان 10 نەچچە پارچە ماقالىلەردىن توپلانغان كىتاب دوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ تەھرىرلىكىدە ئىنگلىز تىلىدا
“Situating the Uyghurs Between China and Central Asia” (ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو ئارىسىدا قالغان ئۇيغۇرلار) نەشردىن چىقتى. ( http://www.amazon.co.uk/Situatin ... cific/dp/0754670414 )
- دوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ 2008- يىلى “The Making of a Musical Canon in Chinese Central Asia: The Uyghur Twelve Muqam” (جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ قېلىپلىشىشى) ناملىق كىتاب ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىندى.
( http://www.amazon.co.uk/Making-M ... ntral/dp/0754663825 )
- 2014 يىل 10- يانۋاردا “جۇڭگودىكى ئىسلامىي ئاۋازغا نەزەر” (Islamic Soundscapes of China) ناملىق ئىلمىي –مۇھاكىمە يىغىنى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بىرۇنېي تىياتىرخانىسىدا دوكتور رەيچېل ھاررىسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۆت نەپەر ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى قاتناشتى.
( https://www.soas.ac.uk/music/events/islamic-soundscapes-of-china )
ئەسلى ماقالىنى بۇ ئۇلنىشلاردىن كۆرەلەيسىز:
قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۇي - سەنۇبەر تۇرسۇن
1- قىسم
./thread-20139-1-1.html
2- قىسم
./thread-25657-1-1.html
3- قىسم
./thread-25677-1-1.html