- تىزىملاتقان
- 2013-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3928
- نادىر
- 1
- يازما
- 225
ئۆسۈش
64.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ebrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-24 11:20
سىتالىننىڭ مىللەت چۈشەنچىسى بىلەن بىرى «ئۇيغۇر» بىرى «ئۆزبېك» دەپ ئىككى خىل ئاتىلىپ، بۆلۈنۈپ كەتكەن بۇ قەۋمنىڭ ھالىغا ئېچىنماي تۇرالمايمىز. «ئالىم تالىشىش كېسىلى» بۇنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىدىن بىرى. بۇنداق گۆدەكلەرچە تەپەككۇرنىڭ زەھىرىگە بىز ئەمەس تۈركىي مىللەتلەر ئومۇمىيۈزلۈك دېگۈدەك ئۇچرىدۇق. شۇنداق دېسەك بولىدۇكى، بىزمۇ «ئۇيغۇر ئالىمى» دەپ پەخىرلەنسەك، ئۇلارمۇ «ئۆزبېك ئالىمى» دەپ پەخىرلەنسە بۇنىڭ نەرى يامان؟ بەزىلەرچە بولسا، بىزگە تەۋە بولغاندىن كېيىن، چوقۇم باشقىلارغا قالماسلىقى كىرەك. بۇ نېمىدىگەن بىمەنە چۈشەنچە. خۇددى بىر بالىنى ئانىسى «مېنىڭ بالام» دەپ تالاشسا، دادىسى «مېنىڭ بالام» دەپ تالاشقاندەكلا ئەقىلدىن يىراق، جاھالەتكە يېقىن تالاش-تارتىش.
ئالىملارنى تالىشىش ۋە پەخىرلىنىشتىكى مەقسەت نىمە؟ يەنىلا ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىزىدىن مېڭىپ، شۇلارنىڭ روھىدىن ئىلھام ئېلىش ۋە ئۆگىنىش ئەمەسمۇ؟ ئالىملارنىڭ جەسىتىنىڭ بىزگە نېمە كېرىكى؟ ئۆزبېكلەر نەۋائىيدىن ئىلھاملىنىپ ئۆز ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرسا ۋە ساپلاشتۇرسا، بىزمۇ شۇنداق قىلساق بۇنىڭ بولمايدىغان نېمىسى بار؟ بىزگە شەكىلدىن مەزمۇن مۇھىم، قۇرۇق داۋراڭدىن ئەمەلىي ئىش مۇھىم، جەسەتتىن روھ مۇھىم. نەۋائىينى نېمىشقا خەنزۇلار بىزنىڭ دېمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىز بىلەن مىللىي قانداشلىق ياكى مەدەنىيەت ئورتاقلىق مۇناسىۋىتى يوق دېيەرلىك. ئۆزبېكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى تالاشقانلىقى ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە مىللىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۆزى ياخشى ئەھۋال. ھېچبولمىسا بىز ياۋروپادىكى سىگانلارنىڭ نەگىلا بارساق يېتىم ئەمەس، بىزنىڭ تونۇيدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغانلار بار.
نەچچە يۈز يىلنىڭ مابەينىدە ئۆزبېك دېگەن نام بولمىغىنىدەك (بەزىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا)، ئۇيغۇر دېگەن ناممۇ ئەلۋەتتە بولمىغان. تېخى يېرىم ئەسىرنىڭ ئالدىدا «ئۆزىمىزنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتايمىزمۇ؟ ياكى «تارانچى»، «قەشقەرلىك» دەيمىزمۇ؟» دەپ تالاشقان خەق بىز شۇ. شۇڭلاشقا، ئۆزبېكلەرنى چەتكە قېقىشنىڭ ئۇنچىۋالا زۆرۈرىيىتىمۇ بولمىسا كېرەك. ناۋادا، ئۆزبېكلەرنىڭ ھەممىسى «بوپتۇ، نەۋائىي ئۇيغۇرلارنىڭ» دېگەن تەقدىردىمۇ، نەۋائىي روھىي بىزگە بىرەر ئىلھام ۋە يۈكسىلىش ئاتا قىلالمىسا، ياكى بىز شۇنىڭغا يېتەلمىسەك، بۇنداق نەۋائىينىڭ بىزگە يەنە نىمە كېرىكى؟ |
|