- تىزىملاتقان
- 2014-10-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
4.33%
|
مەن ماۋۇ گەپكە ئاجايىپ قۈشۇلىمەن
1-سىتالىننىڭ مىللەت چۈشەنچىسى بىلەن بىرى «ئۇيغۇر» بىرى «ئۆزبېك» دەپ ئىككى خىل ئاتىلىپ، بۆلۈنۈپ كەتكەن بۇ قەۋمنىڭ ھالىغا ئېچىنماي تۇرالمايمىز. «ئالىم تالىشىش كېسىلى» بۇنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىدىن بىرى. بۇنداق گۆدەكلەرچە تەپەككۇرنىڭ زەھىرىگە بىز ئەمەس تۈركىي مىللەتلەر ئومۇمىيۈزلۈك دېگۈدەك ئۇچرىدۇق. شۇنداق دېسەك بولىدۇكى، بىزمۇ «ئۇيغۇر ئالىمى» دەپ پەخىرلەنسەك، ئۇلارمۇ «ئۆزبېك ئالىمى» دەپ پەخىرلەنسە بۇنىڭ نەرى يامان؟ بەزىلەرچە بولسا، بىزگە تەۋە بولغاندىن كېيىن، چوقۇم باشقىلارغا قالماسلىقى كىرەك. بۇ نېمىدىگەن بىمەنە چۈشەنچە. خۇددى بىر بالىنى ئانىسى «مېنىڭ بالام» دەپ تالاشسا، دادىسى «مېنىڭ بالام» دەپ تالاشقاندەكلا ئەقىلدىن يىراق، جاھالەتكە يېقىن تالاش-تارتىش.
ئالىملارنى تالىشىش ۋە پەخىرلىنىشتىكى مەقسەت نىمە؟ يەنىلا ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىزىدىن مېڭىپ، شۇلارنىڭ روھىدىن ئىلھام ئېلىش ۋە ئۆگىنىش ئەمەسمۇ؟ ئالىملارنىڭ جەسىتىنىڭ بىزگە نېمە كېرىكى؟ ئۆزبېكلەر نەۋائىيدىن ئىلھاملىنىپ ئۆز ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرسا ۋە ساپلاشتۇرسا، بىزمۇ شۇنداق قىلساق بۇنىڭ بولمايدىغان نېمىسى بار؟ بىزگە شەكىلدىن مەزمۇن مۇھىم، قۇرۇق داۋراڭدىن ئەمەلىي ئىش مۇھىم، جەسەتتىن روھ مۇھىم. نەۋائىينى نېمىشقا خەنزۇلار بىزنىڭ دېمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىز بىلەن مىللىي قانداشلىق ياكى مەدەنىيەت ئورتاقلىق مۇناسىۋىتى يوق دېيەرلىك. ئۆزبېكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى تالاشقانلىقى ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە مىللىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۆزى ياخشى ئەھۋال. ھېچبولمىسا بىز ياۋروپادىكى سىگانلارنىڭ نەگىلا بارساق يېتىم ئەمەس، بىزنىڭ تونۇيدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغانلار بار.
نەچچە يۈز يىلنىڭ مابەينىدە ئۆزبېك دېگەن نام بولمىغىنىدەك (بەزىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا)، ئۇيغۇر دېگەن ناممۇ ئەلۋەتتە بولمىغان. تېخى يېرىم ئەسىرنىڭ ئالدىدا «ئۆزىمىزنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتايمىزمۇ؟ ياكى «تارانچى»، «قەشقەرلىك» دەيمىزمۇ؟» دەپ تالاشقان خەق بىز شۇ. شۇڭلاشقا، ئۆزبېكلەرنى چەتكە قېقىشنىڭ ئۇنچىۋالا زۆرۈرىيىتىمۇ بولمىسا كېرەك. ناۋادا، ئۆزبېكلەرنىڭ ھەممىسى «بوپتۇ، نەۋائىي ئۇيغۇرلارنىڭ» دېگەن تەقدىردىمۇ، نەۋائىي روھىي بىزگە بىرەر ئىلھام ۋە يۈكسىلىش ئاتا قىلالمىسا، ياكى بىز شۇنىڭغا يېتەلمىسەك، بۇنداق نەۋائىينىڭ بىزگە يەنە نىمە كېرىكى،شۈڭا ئاقماس گەپ ئاخىرى چىقمايدىغان ھىساننى قىلمايلى !
2-مۇنداق ئويلاپ بېقىڭ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بىر ئالىم، ئەمما ئەرەبلەر ئۇنى «بىزنىڭلا ئالىم، باشقىلارنىڭ ئالىمى ئەمەس» دېگىنى يوق، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى شۇ زاتتىن ئۆگىنىدۇ، شۇ زاتنىڭ روھىدىن تەلىم ئالىدۇ. بىزمۇ « ئۇ ئۇيغۇر بولمىسا، بىز نىمە قېلىمىز ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ؟» دېمەيمىز، چۈنكى بىزگە بۇ يەردە مىللىي كىملىكتىن تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە مۇھىم بولغان باشقا بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ ئىسلامىي مەدەنىيەت ئورتاقلىقى ۋە ئىلىمنىڭ مىللەت ئايرىمايدىغانلىقى.
بۇ ئىككى نۇقتا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەردە ھەم ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس، بىز دىنداش، مەدەنىيەت ئورتاقلىقىمىز بار، بىزگە نىسبەتەنمۇ نەۋائىينىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇ يەردە تالىشىشتىنمۇ مۇھىم بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆگىنىش. نەۋائىي ئۇيغۇرلارغىمۇ تەۋە، ئۆزبېكلەرگىمۇ ھەم تەۋە، چۈنكى ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبېك بىر قەۋم (族群)، قەۋم ئۇقۇمىنى «مىللەت» (民族)كە سۇندۇرىۋىلىش ئەخمىقانە ئىش.
بىز «نەۋائىي ئۇيغۇر» دېگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئۆزبېك ئەدەبىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىنكار قىلمايمىز، قىلماسلىقىمىز كېرەك، ئۆزبېكلەرمۇ ھەم شۇنداق. ھازىرقى خەلقئارادىكى مىللەت ئايرىش ئىشى ئۇنچىۋالا ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس، مەسىلەن خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى بولغان تاڭزۇڭزا بايرىمىنى كورىيە ئۆزىنىڭ قىلىپ بدت غا ئىلتىماس قىلىدى ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇنىڭدىن خەنزۇلار ئومۇمىيۈزلۈك نارازى، شۇ يىللىرى بىر مەھەل نامايىشلار قاپلاپ كەتتى، قارىشى شوئارلا توۋلاندى، لېكىن يەنىلا جىمىپ قالدى، ئەمما خەنزۇلار ھازىرمۇ ئەشۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتىدۇ، ھەرگىزمۇ «ئەمدى بۇ بايرام كورىيىلىكلەرنىڭ بولۇپ كەتتى» دەپ قاراپ ئولتۇرغىنى يوق، بۇنداق ئەھۋاللار بەك كۆپ، چۈنكى جۇڭگو بىلەن كورىيە مەدەنىيەت ئاساسى ۋە يىلتىزى بىر دۆلەتلەر. شۇنىڭغا ئوخشاش نەۋائىينى ئۆزبېك دەپ ئىلتىماس قىلسا ھەم نىمە بوپتۇ؟ نەۋائىي ئوخشاشلا بىزگىمۇ تەۋەغۇ؟ بۇ ئىشقا شۇنچىۋالا ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
بۈنىڭدىن ئۇتە ياخشى گەپ بارمۈ! ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمىكەن-؟
3-ئەمەلىيەتتە ئۆزبىك ۋە ئۇيغۇر ھەممىسى ئۇيغۇر قەۋمى ھېسابلىنىدۇ. بۇلارلا ئەمەس بەلكى ئوغۇز تۈركلىرىدىن شەكىللىنىپ زامان سورىغان تۈركىيەلىك تۈركلەرمۇ ئۇيغۇر تائىپەسىگە كىرىدۇ.تارىخ سۈرىشتۈرىدىغان بولساق تۈركلەرنىڭ بېشى ئۇيغۇر دەپ ئېلىنىدۇ. شۇڭا تۈركيەدە ئۇنداق مىللەت يەنى تۈركىي مىللەتلەرنى ئايرىمايدىكەن.ھەممىسىنى بىراقلا تۈرك دەپلا ئاتايدىكەن.كىملىكىگىمۇ شۇنداق يازىدىكەن.ھەرگىز ئۇيغۇر،قازاق،ئۆزبىك دەپ ئاتىمايدىكەن. ئۆزبەكلەر تۈركلەر ئىچىدە ئۇيغۇرغا ئەڭ يېقىن كىشىلەر يەنى ئۇيغۇرلار دۇر. يېقىنقى زامان تارىخدا تۈركلەرنى پارچىلاش ئۈچۈن روسلار ۋە غەرپلىكلەرنىڭ تاپقان مىللەت ئۇقۇمى خالاس. يەنى خوتەنلىك ،قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنى ئۇيغۇر بىرىنى ئۆزبىك دەپ ئاتىغاندەكلا بىر ئىش. تۈرك دىگەن چوڭ ئاتالغۇنى دىمەيلا تۇرايلى.ئۆزبىك بىلەن ئۇيغۇرلار بىر قەۋ كىشىللىرىدۇر.بۇنى ئىسپاتلاشمۇ كەتمەيدۇ.چۈنكى قارىسىڭىزلا ھېس قىلىسىز: تىلى ئوخشاش،مەدەنىيتى ئوخشاش،ئەتلىسى ئوخشاش،دوپپىسى ئوخشاش،ئۆي ئىمارەت ئۇسلۇبى ئوخشاش ....... پەرقنى ئاساسەن تاپالمايسىز. تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئۆزبىك ئۇيغۇردەك ئەتلەسنى چوڭ بىلىدۇ،تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئۆزبىك ئۇيغۇردەك ھويلىغا باراڭ قىلىدۇ .تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئۆزبىك ئۇيغۇردەك دوپپا كېيىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ تەقى تۇرقىمۇ ئوخشايدىغان تۇرسا. شۇڭا غەربلىكلەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماي ئىتتىپاق ئۆتكەن ياخشى.
ئاپتۈرنىڭ بايانلىرنىنى ياقتۈرغانلىقىم ئۈچۈن كۇچۇرۇپ قويدۈم ؟ |
|