2- باب: كەچۇرمۇش ۋە خىياللىرىم
ئىسىمنى بىلگىدەك بولغىنىمدا دادام بىلەن ئانام ئاجىرشىپ كىتىپتىكەن، باشلانغۇچ 2-يىللىقنىڭ 2- ماۋسۇمىغىچە ئانامنىڭ قىشىدا يىزىدا تۇردۇم، دادام خۇددى بالا ئوغىرسىدەك مەكتەپتىن ئۆيگە قايىتقۇچە، ئاكام ئىككىمىزنى شەھەرگە ئەكىرۋالغان ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، سەبىي قەلبىمدە ئىغىر بىر زەخمە پەيدا بولۇشقا باشلىدى، دادامنىڭ تەرسا، قاتتىق قول خۇي پەيلىدىن بەكلا قورقاتتىم، ئانامدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، خۇددى ئۆزۇمنى تۇرمىغا كىرىپ قالغاندەك، ئەركىنلىكىمدىن، شاتلىقىمدىن مەھرۇم بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ ئازاپلاندىم. ياۋاش-جىمغۇرلۇق، يىڭى مەكتەپ مۇھىتىغا كۆنەلمەسلىك، ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە ئويناپ ئەركىن، خۇشال ھالەتتە يۇرەلمەسلىك، دىققىتىمنى مەركەزلەشتۇرەلمەي دەرىس ئۇگىنىشتە قىيلىنىپ، تاپشۇرۇق ئىشلىيەلمەي، سىناق بىرەلمەي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەيىپلىشىگە، ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچۇراش، ھىچ كىمگە ئارلاشماي يالغۇز يۇرۇش...مىنى قىيناپ بىئارام قىلاتتى.
سەككىز-توققۇز ياش ۋاقىتلىرىمدا ئۆيدە ھەپتىيەك ئۇگەندىم، دادام دىن ئۇگۇنىشنى چىڭ تۇتاتتى، ئۆزى ساۋاتسىز، كىتاپ ئوقىيالمايدۇ، لىكىن كىتاپقا بولغان ئىشتىياقى كۇچلۇك، قۇللاق موللىسى ئىدى، مىنى تولا كىتاپ ئوقىغىنى سالاتتى. مىنىڭ كىتاپ ئوقىغان ۋاقىتتا ئاۋازىم تۆۋەنلەپ، ئۇنىم تىشغا چىقماي قالىدىغان ئادىتىم بار ئىدى. بۇنداق ۋاقىتتا دادامنىڭ سەپراسى ئۆرلەپ دەسلەپتە تەربىيە قىلىپ، ئاخىردا ئەدەپلەپ چۇشۇپ كىتەتتى، نەچچە تەستەك يىگەنلىرىم ھازىرمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ.
شۇ چاغلاردا دادام بىلەن چوڭ دادامنىڭ ئوتتىرسىدا ئايغى چىقماس جىق تالاش-تارتىشلار بار ئىدى، دادامنىڭ گىجىڭ، جاھىللىقى، چوڭ دادامنىڭ سەپرالىقى ئۆي ئىچىنى تولا پاراكەندە قىلىپ تۇراتتى، ئۇ توغرا بۇ خاتا، ئۇ ساۋاپ بۇ گۇناھ، بۇنى قىلسام ئاللاھ خالىمايدۇ، ئۇنى قىلسام ئاللاھ خالىمايدۇ... دىگەندەك دادامنىڭ گىجىڭ گەپلىرى، چوڭ دادامنىڭ قايناپ سۆزلەشلىرى قەلبىمدا بىر زىدىيەت پەيدا قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى تالاش تارتىش پەقەت تۇگىمەيتى. قارىم، موللام، قاراجىم دىگەندەك كىشىلەرنى تولا ئارىغا سالاتتى، ھەر ئىككىلەيلەننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق داۋلىسى بار، ئارىغا چۇشكەنلەر ئۇنىمۇ راس توغرا دەپ، بۇنىمۇ راس توغرا دەپ، ئاخىردا كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتالىقىنى بىلەلمەي توختاپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تالاش-تارتىش تىخىمۇ كۇچىيىپ كىتەتتى.
10 نەچچە ياش ۋاقتىمدا، چوڭلارنىڭ ئارىغا چۇشىشى بىلەن دادام بىلەن ئانام يارشىپ قالدى. ئۇلارنىڭ يارشىپ قالغانلىقىدىنمۇ كۆڭۇل خوشلىقى تاپالماي يۇردۇم.
داۋامى بار.... |