- تىزىملاتقان
- 2012-12-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14233
- نادىر
- 0
- يازما
- 1118
ئۆسۈش
10.58%
|
مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا 25 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى
شىنخۇا تورى بېيجىڭ 1-نويابىر تېلېگىراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدا 1-نويابىر مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن بۇ قارارنى تارقاتتى.
بۇ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى 1989-يىلى تۈزۈلگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەمۇرىي دەۋا قانۇنى-پۇقرالار ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلسا بولىدىغان قانۇن بولۇپ، يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئىجابىي رول ئويناپ كەلدى. بىراق پۇقرالارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئەت ئېڭى، قانۇن ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، مەمۇرىي دەۋا دېلولىرىمۇ تەدىرىجىي كۆپەيدى. بىر قىسىم مەمۇرىي ئورگانلار ھەر خىل ئامال چارىلەرنى ئىشلىتىپ جاۋابكار بولۇشتىن قېچىپ نۇرغۇن دەۋا يولى بىلەن ھەل بولىدىغان ماجىرالارنى ئەرزىيەت يولغا تىقىپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، قىسمەن رايونلاردا ھەتتا « ئەرزىيەتتە قانۇنغا ئىشەنمەسلىك» ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى.
تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىدا پۇقرالار ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنىڭ قانۇنىي يولى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ھەم مەمۇرىي ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىرقى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىدىكى ئەرز قىلىش، قاراپ چىقىش، كېسىم چىقىرىش، ئىجرا قىلىش قاتارلىق مېخانىزملار ياخشىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەرز قىلسا بولىدىغان مەمۇرىي قىلمىشلارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشىگە بولغان نازارەت كۈچەيتىلدى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بۇ مەزمۇنلار-ئېلىمىزنىڭ مەمۇرىي دەۋا تۈزۈمىدە ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن ئەرز قىلىش، قاراپ چىقىش، ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەمۇرىي سوتلاش ھوقۇقىنى نىسبىي مۇستەقىل يۈرگۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدلىيە ئادىللىقى ۋە ئەدلىيەنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ.
تۈزىتىلگەن مەمۇرىي دەۋا قانۇنى 2015-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
http://www.nur.cn/news/2014/11/191867.shtml
|
|