- تىزىملاتقان
- 2011-8-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7443
- نادىر
- 0
- يازما
- 416
ئۆسۈش
48.86%
|
ئەمىليەتتە ، كۈچلەنگەن قەۋىملەرنىڭ كۈچلىنىشىدىكى ھالقىلىق ئامىللارنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىك ھەر ھالدا بىرەر قۇر چۈشىنىدۇغۇ دەيمەن. ئارتۇق سۆزلەش ھاجەتسىز. تەبىئەت ۋە تەبىئەت بىلىملىرى بولسا ھەقىقى تۈردىكى خۇدانىڭ كالامىدۇر .
مېنىڭچە بولغاندا خۇدا ھىچكىمگە ياردەم قىلمايدۇ. ئىشلار پەقەت قانونىيەت ئاساسىدا يۈرىشىدۇ .
خۇدا مەۋجۈتلۇقنى ئۇنىڭ ئايلىنىش قانونىيىتى بىلەن بىرلىكتە ياراتقان، دىمەك قانونىيەت بىكىتىلىپ بولۇنغان، گەرچە خۇدا قۇدرەتلىك بولسىمۇ، قانونىيەتلەرنى بۇزۇپ مەلۈم ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلالىسىمۇ بىراق مەۋجۈدىيەتنىڭ ئايلىنىش قانونىيىتى بولسا مەلۈم مەنىدىن ئالغاندا خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن ئىبارەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، شۇنداق ئىكەن ياراتقۇچىمىز ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ،ھەم بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىپ «ياردەم قىلىشى» ياكى « زىيانكەشلىك قىلىش» دەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى تامامەن مۈمكىن بولمايدىغان ئىش. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا خۇدا قانونىيەت بىكىتكەندە بەزى ئىھتىماللىقلارنى ئالدىن ئويلىيالماي قېلىپ ۋاقتى سائىتى كەلگەندە شۇ ئىشقا قارىتا مەلۈم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمايدۇ. دىمەك خۇدا مەۋجۈتلۇقنى يارىتىپ بولغاندىن كىيىن ھىچنىمىگە ئارىلاشمايدۇ. قانونىيەت بىكىتىلگەندە ھەر خىل سەۋەپلەردىن كېلىپ چىقىدىغان ھەر خىل نەتىجىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىھتىماللىقلىرى تولۇقى بىلەن نۇقسانسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان .
بىز خۇدانىڭ كالامىنى ئوقۇيدىغان ئىلىم پەن بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگەنسەك ئۇ ھالدا بۇ مۇقەددەس كىتاپنى ئوقۇيالايمىز، بۇ كىتاپنى ئوقۇيالىساق قانونىيەتنى چۈشىنىمىز، قانونىيەتنى چۈشەنسەك خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ھەقىقى مەنىدە ھىس قىلىمىز. خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ھىس قىلساق ھىدايەتكە ئېرىشىشكە ئىنتىلىمىز!!(سانغۇن-1)
____
بۇ ئىنكاسىڭىزنى مۇشۇ يازمىدەكلا قىممەتلىك دەپ قارىدىم.(بىراق ‹ مېنىڭچە بولغاندا خۇدا ھىچكىمگە ياردەم قىلمايدۇ.› دىگەن جۈملە ئۆز ئورنىغا قويۇلمىغاندەك تۇرىدۇ ) خۇدانىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ياردىمى ‹قۇرئان كەرىم›دە ئىنكاسىڭىزدىكى ئىدىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئىبارەت.(parangqi)
_________
سانغۇن-1 نىڭ يۇقۇرىدىكى ئىنكاسىنى پەن بىلەن ئىسلام دىنى، ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار جۈملىدىن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ خېلى يورۇق شەرھىيسى دىيىشكە بولىدۇ. 1. ئاللاھنى تونۇش تەبىئەت ۋە جەمئىيەت قانۇنىيەتلىرىنى تونۇش ۋە تەدبىقلاش ئارقىلىق ۋايىغا يەتمىسە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۇ دۇنيالىقى ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. رېئال بەختچۇ؟ ئۇ، قارىغۇلارچە ئۇرۇنۇشلار تۈپەيلىدىن مۇھتاجلىق ، خورلۇققا ئورۇن بەرمەي قالمايدۇ. 2. تەبىئەت ۋە جەمئىيەت قانۇنىيەتلىرىنى تونۇش ۋە تەدبىقلاش بىلەنلا بولۇپ، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنى ئېتىراپ قىلمىسا، بۇنداق كىشىلەرنىڭمۇ ئۇ دۇنيالىقى ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. 3. زامانىمىزدىكى بەزى تۈركۈم-توپلارنىڭ چېھرىدىكى بەختىيارلىق، تەبەسسۇم بىلەن بەزى تۈركۈم-توپلارنىڭ چېھرىدىكى بىچارىلىق، سۇلغۇنلۇقنىڭ سەۋەپلىرىگە قارىتا سانغۇن-1 نىڭ ئىنكاسىدىن ئورۇنلۇق، دەل جاۋاپ چىقىدۇ. دەپ قارىدىم . ‹كىتاپ›ئىمىزدىكى خاسلىققا ئىگە، شۇڭلاشقىمۇ تارىخىيلىقى شەكسىز بولغان نەسىھەت ۋە تەلەپلەرنى ئۆزىنىڭ شارائىتىغا-ماكانى ۋە زامانىغا ، ئوبېكتىغا قارىمايلا تەدبىقلاشقا ئۇرۇنۇش‹كىتاپ›ئىمىزنىڭ ھەقىقى روھىدىن ، ئەقىلدىن ئايرىلغان نادانلىق، كۈلپەتلەرگە سەۋەپ بولغان، بولغۇسى ئەجەللىك خاتالىق دىمەي تۇرالمايمىز.(parangqi) |
|