- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1837
- نادىر
- 0
- يازما
- 163
ئۆسۈش
83.7%
|
turan0991 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 00:22
ھونلارنىڭ كىلىپ چىقىشىنى مەرھوم تارىخچىلاردىن تۇرغۇن ...
توغرا دېدىڭىز تارىخىي مەنبەلەردە تۇر تۇرا تۇران تۇرانىي دەپ ئالىدۇ ، تارىخىي مەنبەلەردە شەرقىي ۋە غەربىي تۇرالار دەپ بۆلۈنگەن ، بۇ خەن تارىخچىلىرى تەمىنلىگەن ھەم ئۆز ئىچىمىزدىكى شۇنداقلا چەتئەلدىكى تارىخچىلار تەمىنلىگەن ئۇيغۇر ئىتنېكىنى بىلدۈرىدىغان دى دىڭلىڭ دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى . مەسىلەن : يۇغۇر تارىخچىسى داڭلىق جامائەت ئەربابى دۆمۈر يەنى تۆمۈر ئەپەندىمنىڭ ئۇزاق يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان ‹‹ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىىلىق تارىخى ›› دېگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە ، قەدىمكى تۈرۈك ناملىرىنىڭ كەينىگە ئۇلىشىدىغان خاس رەڭ ناملىرىنى تاشقى كۆرىنىشىنىڭ ئىپادىسى ياكى ئالتۇن ئۇرۇق ياكى يات ئۇرۇق مەنىسىدە ئەمەس ، بەلكى ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى رەڭ ئىپادىلىگەن بولغاچقا ھەر قايسى تەرەپلەرگە چېچىلىپ ياشىغان قەۋملەرنى ئاتىغاندا شۇ رەڭ ئاتالغۇلىرى خاس ئاتالغۇ بولغان دەپ چۈشەندۈرگەن . م : قىزىل دى ، قىزىل شەپەق نۇرىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان رەڭ بولغاچقا شەرق تەرەپكە سىموۋۇل قىلىغان ، شۇڭا مېنىڭ گۇنانىم ، ‹‹ دى ››نىڭ مەنىسى تۇرا بولغاچقا مەن بايا ئەسكەرتكەن شەرقىي تۇرا دېگەن ئۇقۇمنى كۆرسىتەرمىكىن ، چۈنكى سېرىق ئەينى چاغدا غەربنى بىلدۈرگەن بولۇپ ، غەربىي ئۇيغۇرلار دېگەننى بىلدۈرىدىكەن . يەنە بېي دى ، ئوتتۇرا ئوتتۇرا ھەم شىمال ، ھەرقانداق يايلاق سەلتەنىتىنى سۈرۈپ باققان مىللىەتلەر ئەڭ دەسلىپىدە ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئالتاي تېغىنى چۆرىدەپ ياشىغان ، شۇڭا شىمالىي دىڭلىڭلار ، بۇنى تەرجىمە قىلساق شىمالىي تۇرالار بولۇشى مۇمكىن . تارىمدىن غەربىي ئاسىياغا ئەڭ دەسلىپىدە كۆچكەن تۇنجى مىخ يېزىق تەسۋىرىي يېزىق ئىجات قىلغان سۇمېرلارنىڭمۇ دى دەپ ئوقۇلغان خېتى بىلەن چىغىناق تاغاق يېزىقىدىكى دى خېتى يېزىلىشى ھەم ئوقۇلۇشىمۇ ئوخشاشكەن ، خۇاڭ دى دېگەندىكى دى خېتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ، ئوخشاشلا مەنىسى ئوت قويۇپ بەلگە بېرىدىغان تۇر تۇرانى بىلدۈرىدىكەن . سەددىچىندىمۇ نۇرغۇنلىغان تۇرلار بولۇپ ، ئۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭدىكى خەنزۇ ئەمگەكچىلەر بىلەن بىر سەپتە بولۇپ پۈتتۈرۈپتىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر گەپ ، سېرىق رەڭ خەنزۇلارنىڭ قارىشىدا ئالتۇن ئۇرۇق ياكى ئىرقىي ھەم تاشقى ئالامەتلەرنى بىلدۈرمەي بەلكى جەنۇبنى ئىپادىلەيدىكەن ، بولىدىغان يېرى . مۇنداق دېسەم خاپىلىماڭلار ، ئاشۇ ئۇلۇغلىنىدىغان شەخسنىڭ نەلىكلىكىنى بەلكىم سىلەرمۇ بىلىپ بولغانسىلەر . |
|