قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6166|ئىنكاس: 17

ھۇنلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە شەكىللىنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4137

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1355
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 18:09:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھۇنلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە شەكىللىنىشى



     ئېلىمىز تېررىتورىيىسىدىكى چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى يايلاق رايۇنلىرى ناھايتى قەدىمدىن تارتىپلا ئېلىمىز تارىخىدىكى شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سەھنىسى، شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز- ارا ئالاقە قىلىشىدىغان، جەڭ قىلىشىدىغان، قوشۇلدىغان سورۇنى ئىدى.
تارىخىي ماتېرىياللاردا خۇاڭدىنىڭ شۇنيۈلەرنى (ھۇنلارنى) شىمالغا قوغلىغانلىقى خاتىرلەنگەن①. خۇاڭدى جۇڭگونىڭ ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى دەۋرىدىكى ئەپسانىۋىي شەخس بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئالتە، يەتتە مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ياشىغان. بۇ مەلۇمات شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ناھايتى يىراق قەدىمكى زامانلاردىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خۇاشىيا مىللىتى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىدەك پاكىتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شىيا سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 22 ~ 18- ئەسىرلەر) شۈنيۈلەر (ھۇنلار) شىيا مىللىتى بىلەن قوشنا ئولتۇراقلاشقان ۋە زىچ ئالاقىدە بولغان. شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 22 ~ 18- ئەسىرلەر) گۇيفاڭلار (ھۇنلار) ئۇلارنىڭ كۈچلۈك دۈشمىنى بولۇپ قالغان. شاڭ پادىشاھى ۋۇدىڭ ئۈچ يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان. غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 12- ئەسىردىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 771- يىلغىچە) شىيەنيۈنلەر (ھۇنلار) جانلىنىشقا باشلىغان. تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، شيەنيۈنلەر (ھۇنلار) داۋاملىق غەربىي جۇ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئىچكى رايۇندىكى خەلقلەرگە نۇرغۇن بالايىئاپەت ۋە ئازاپ ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈرگەن. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى شائىرلار مۇشۇ ئىشلارنى تەسۋىرلەپ:
ئۆي- ماكاندى، ئائىلىدىن قالدۇق ئايرىلىپ،


دەھشەت سېلىپ كەلگلاەن ۋەھشىي ھۇنلار دەستىدىن.

يۈردۇق تىنماي كۆچكۈپ دائىم تېنەپ- تەمتىرەپ،
دەھشەت سېلىپ كەلگەن ۋەھشىي ھۇنلار دەستىدىن ②.

دەپ يازغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8- ئەسىردە جۇسۈەنۋاڭ كۆپ قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ شيەنيۈنلەر (ھۇنلار) نىڭ تاجاۋۇزچىلىرىغا تاقابىل تۇرغان ۋە «سۇفاڭ» دا قەلئە ياساتقان. شائىرلار ئەينى چاغدا شيەنيۈنلەرگە (ھۇنلار) تاقابىل تۇرۇغان ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ:

چۈشۈرۈپ بۇيرۇقنى ماڭا ئۇلۇغ خان،
شىمالىي چېگىرىغا سالدۇردىر قورغان.
ئاتاقلىق نەنجۇڭغا بولدىغۇ نېسىپ،
ھۇنلارنى قوغلانى بەرمەستىن ئامان③

دەپ يېزىشقان.
ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرلىرى ئارلىقىدا، بۇرۇنقى يۈنيۈ، گۇيفاڭ، شۈنيۈن قاتارلىق خەلقلەرنىڭ نامى تارىخ سەھپىسىدىن يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «رۇڭ» ۋە «دى» دېگەن ناملار ئالماشتى. بۇ «رۇڭ» ، «دى» لارنىڭ قەبىلىلىرى چوڭ- كىچىك بولۇپ يۈزدىن ئاشاتتى④. بۇلار ئۆزىچىلا پەيدا بولۇپ قالغان بولماستىن، بەلكى شيەنيۈڭ قاتارلىق خەلقلەرنىڭ (ھەم تارىختا ئىسمى كۆرۈلمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ) ئۇزۇن مۇددەت ئارلىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەنىدى. مىلەت نامىنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز- ئارا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، جۈملىدىن نۇرغۇن ئۇرۇق ياكى قەبىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، بىرلىشىشى، توپلىشىشى ۋە تارقىلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ «رۇڭ» ۋە «دى» لارنىڭ بەزىلىرى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا، يەنە بەزىلىرى چوڭ چۆلۈكنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا جايلاشقان. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقانلارنىڭ بەزىلىرى خۇشيا مىللىتىنىڭ شىمالىدا ئولتۇراقلاشقان، بەزىلىرى خۇاشىيا مىللىتىنىڭ ئارىسىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. شۇڭا، ئۇلار خۇاشىيا مىللىتى بىلەن كۆپلەپ ئارىلىشىپ، بەزىدە تىنچ ئالاقە قىلسا، بەزىدە ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى خەلقلەرمۇ بەزىدە ئۇرۇش قىلسا بەزىدە تىنچ ئۆتكەن. بۇ خىل ئۆز- ئارا ئۇرۇش ئالاقە ۋە ئۇرۇش ئۇلارنى ئۆز- ئارا قوشۇلۇشقا يۈزلەندۈرگەن. ئۇزاق مۇددەتلىك ئارىلىشىش جەريانىدا بەزى «رۇڭ» ۋە «دى» لارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى بىر قەدەر تېزلىشىپ، كۈچى زورىيىپ، ئاساسلىق رول ئوينىدى. (باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتىسىيە قىلدى)، يەنە بەزى «رۇڭ» ۋە «دى» لار قوشۇمچە رول ئوينىدى. (باشقىلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتىسىيە قىلىندى) يېغلىق دەرۋىگە كەلگەندە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 476 ~ 221- يىللار) خۇئاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا تارقالغان «رۇڭ» ، «دى»لارىدن ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسى ئىچىدە «جۇڭشەن بەگلىكى» نى قۇرغان شيەنيۈلەردىن باشقىلىرى خۇاشىيا مىللىتى ۋە ئۇلار قۇرغان كۈچلۈكلەر بەگلىكلەر تەرىپىدىن قوشۇۋېلىندى. يەنە بەزىلىرى چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كۆچۈپ كېتىپ، بۇرۇندىن شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان «رۇڭ» ، «دى» لار بلەن بىرلىشىپ كەتتى. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا جەمئىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۆز- ئارا بىر- بىرىگە تەۋە بولمىغان نۇرغۇنلىغان ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەر پەيدىنپەي توپلىنىشقا باشلىدى ھەم بەلگىلىك تېرروتورىيىدە قەبىلە ئورتاق گەۋدسىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى. بۇلاردىن بىر ەدەر ئىلغارراقلىرى مەدەنىيەت بوسۇغىسىغا قەدەم قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇردى (مەسلەن، ھۇنلار)، ئارقىدىراق قېلىپ قالغانلىرى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلدى (مەسلەن، ھۇنلار بىلەن تەڭ باش كۆتۈرگەن تۇڭگۇسلار) ياكى ئۇرۇق، قەبىلە تارىخىي باسقۇچىدا توختاپ قالدى.
ھۇنلار مانا مۇشۇنداق قوشۇلۇش جەريانى ئارقىلىق مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردە پەيدىنپەي ئۆزىنىڭ «قابىلىيىتى» نى ئاشكارىلاپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىردە تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويدى. ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى يۈنيۈلەر، گۇيفاڭلار، شيەنشۈنلەر، «رۇڭ» ، «دى» «غۇر» لار قاتارلىق بۇرۇندىن چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياشىغان ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۇنلارنىڭ ئېتنىڭ مەنبەسىنى يەككە ھالدىكى بىرەر ئۇرۇق ياكى قەبىلىدىن كېلىپ چىققان دەپ ئېيتىش ناھايتى تەس. لېكىن، ھۇن مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا «ھۇن» دەپ ئاتالغان ئۇلۇس ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بىر قەدەر ئىلغار، كۈچى بىر قەدەر زور بولغانلىتقىن باشلامچى ئورۇندا تۇرغان. مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجىلىنىشىغا ئەگىشىپ «ھۇن» دېگەن ئۇلۇسنىڭ نامى پۈتۈن مىللەتكە ۋەكىللىك قىلغان. ئەمىلىيەتتە، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مىللىي تەركىبىمۇ بىر خىل ئەمەس ئىدى. مەسلەن: توغا، يۈۋېن، دوغۇ، قۇچاي، قانقۇي قاتارلىق قەبىلىلەرمۇ ھۇنلارنىڭ تەركىبىىي قىسىمى ئىچىدە ىدى. شۇنداقلا ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ تۆۋىنىدە نۇرغۇن ئۇرۇقلار بار ئىدى. مەسلەن: لاندى، قۇيان، لان، سۈبۈ، چيۇلىن، جىئو، داڭيۈ، خەن، لاڭ، سۇجى، جورجى دېگەندەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاتالمىش «باشقا ئۇرۇق» ياكى «باشقا قەبىلە» دىكىلەرنىڭمۇ ھىسابى يوق ئىدى⑤. بۇنداق مۇرەككەپ مىللىي تەركىب ھۇنلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەرنىڭ ئارلىشىشى ۋە بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ھۇنلار بىلەن بىللە باش كۆتۈرگەن توڭگۇس ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ- شىمالىدا باش كۆتەرگەن ئوغان، سىيانپى، جۇرجان، تۇرا، تۈرك، ئۇيغۇر، قىتان، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى تەركىبىدىكىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق مۇرەككەپ ئىكەنلىگىنى بۇنىڭغا قوشۇمچە ئىسپات قىلىشقا بولىدۇ.
14- ئەسىردىكى ئىلخانلار خانلىقىدىكى تارىخچى راشىددىن ئۆزىنىڭ «جامىئۇل تاۋارىخپ» (1- جىلىد) ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان : «تاتارلار ناھايتى < ئۇلۇغ> ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغاچقا، تاتار بولمىغان باشقا ئۇرۇق، قەبىلىلەرمۇ تاتار نامى بىلەن دۇنياغا تونۇلۋاتىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۇلۇس نامى تاتار بولسىمۇ، يەنىلا تاتار ردەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. تاتار بولمىغان بۇ ئۇلۇسلار ئۆزىمىزنى تاتار نامى بىلەن ئاتاپ، تاتارلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇلساق < ئۇلۇغ> ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئورۇنغا ئىگە بولالايمىز، دەپ قارىشىدۇ. ھازىرقى تاتار، جالايىر، ئويرات، كېرەي، ئونغۇت، تاڭغۇت قاتارلىق موڭغۇل بولمىغان قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇقىنىڭ «سائادىتى» گە تايىنىپلا موغۇل بولۇپ قالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلىدە ئۆز ئىسىمى ۋە نامى بار ئىدى. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنى موڭغۇل دەپ ئاتىشىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى «موڭغۇل» دىگەن بۇ نامنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس. ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۆزلىرىنى بۇرۇندۇن «موڭغۇل» لارغا تەۋە دەپ قارىماقتا، ھەم موڭغۇل نامىنى قوللانماقتا. ئەمىليەتتە ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، قەدىمكى موڭغۇللار نۇرغۇنلىغان يايلاق مىللەتلىرى ئارىسىدىكى بىر قەبىلە خالاس» (يۇقىرقىلار مەنە تەرجىمىسى بولۇپ، قىسمەن سۆز – ئىبارىلەر قوشۇلغى ياكى چىقىرۋېتىلدى – ئاپتوردىن).
راشىددىننىڭ بۇ بىر ئابزاس سۆزى ھۇنلارنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان ھەر قايسى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئېتنىك مەنبەسىنىڭ ھەرگىزمۇ بىرلا خىل ئەمەسلىكىنى ھەم مىللىي تەركىبىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشىنىشىمىزدە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
«شۇنيۈ»(荤粥)، «شىيەنيۈن»(猃 狁)، «ھون»(匈奴 ) دېگەن ئىسىملارنى تەتقىق قىلغاندا، بۇ ئۈچ خىل نام بىر خىل تاۋۇشنىڭ كۆپ خىل ئۆزگىرىشى بولۇشى مۇمكىن، بۇلۇپمۇ «شۈن»(荤)، «شىيۇڭ»، (猃) دىن ئىبارەت ئۈچ خەت بىر خىل تاۋۇشنىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ خىل ئوقۇلۇشى بولۇشى مۇمكىن (پەقەت ئىشلىتىلگەن خەتلا ئوخشاش بولمىغان ـــ ئاپتوردىن) ھۇندىكى «شىيۇڭ» خېتى بىلەن يېغىلىق ۋە چىن، خەن دەۋرىلىرىدە مەخسۇس ھۇنلارنىڭ نامى بولغان غۇزىدىكى «خۇ» خېتىنى تېزراق ئوقۇغاندىمۇ ئوقۇلۇشى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. بۇلار بىلەن ئىنگىلىزچە ھۆججەتلەردىكى Huns دىكى « Hunنىڭ Xouos ( ياكى Xouw) ھەم كېيىنكى Huns دىكى « Hun» نىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئاھاڭ. شۇڭلاشقا مەن ھۇن مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق قىسىم ــ «ھۇن» ئۇلۇسى ئەڭ دەسلەپتىكى سۇنيۈ، گۇيفاڭ، شيەنيۈن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەدىرجىي ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىن كەلگەن، دەپ قارايمەن.
ھۇن مىللىتى بارلىققا كەلگەن «بۆشۈك» ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خېتاۋ رايۇنى ۋە چوغاي تاغلىرى ئەتىراپىدۇر. «خەننامە» 28- جىلد «جۇغراپىيە تەركىرىسى» دە خاتىرلەنگەن ۋۇيۈەن ئايمىقى گۇياڭ ناھىيىسىنىڭ (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتو شەھىرىنىڭ شەرقى) غەربىي شىمالدىكى «تۈمەن بالىق» ھۇنلارنىڭ تۇنجى تەڭرىقۇتى ــ تۈمەن تەڭرىقۇتىنىڭ ۋە ئۇ باشچىلىقىدىكى ھۇن قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرۈنلىق مەركىزى ئىدى. غەربىي خەن پادىشاھى يۈەندى دەۋرىدە چېگرىغا مەسئۇل كاتاۋۇل خۇيىڭ: «چوغاي تېغىنىڭ شەرقىدىن غەربىگىچە مىڭ چاقىرىم ئارىلىقتا ئوت- چۆپلەر، مول، ياۋايى ھايۋالار كۆپ. بۇ يەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئوقيا ياساپ قوشۇن توپلايدىغان، بۇلاڭ- تالاڭغا چىقاس، مال- چارۋىلىرىنى يايلىتىدىغان يېرى»⑥دېگەن. دېمەك، ھازىرقى ئىچى موڭغۇلدىكى چوغاي تېغى ئەتىراپى ھۇنلارنىڭ ياشاپ كۆپىيدىغان ماكانى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەربىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك بازىسى ھەم سىرتقا تاجاۋۇز قىلىشتىكى تايانچ بازىسى بولغان. «تارىخىي خاتىرىلەر، ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ھۇنلار بىلەن چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى بەگلىكلەرنىڭ چېگرا ئايرىمىسىنى بايان قىلغاندا «شۇ چاغدا يەتتە بەگلىك (يەن، جاۋ، چىن) ھۇنلار بىلەن چېگىرداش ئىدى» دېيىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ھۇنلارنىڭ «بۆشۈك» ى ھازىرقى خېتاۋ رايۇنى ۋە چوغاي تېغى ئەتىراپىدا بولغاچقا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى يەن بەگلىكى، جاۋ بەگلىكى، چىن بەگلىكى بىلەن چېگىرلانغان.
ئىچكى مۇڭۇلنىڭ خېتاۋ ۋە چوغاي تېغى ئەتىراپىنىڭ ھۇنلار كېلىپ چىققان يەر ئىكەنلىكىنى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئىچكى موڭغۇل رايۇنىدىن بايقالغان نۇرغۇنلىغان ھۇن قەبرلىرىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. مەسلەن:
1972- يىلى ئىكىجاۋ ئايمىقى كاڭمىيەن خوشۇنىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاۋخڭبالا كەنتىدىن يېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنسۇپ ئالتە ھۇن قەبرىسى بايقالغان⑦.
يەنە شۇ يىلى كاڭمىيەن خوشۇنىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئالۇچەيدېڭ رايۇنىدىن (تاۋخوڭبالانىڭ تۆت كىلومېتىر شەرقىي شىمالىدا) يېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە تەۋە ئىككى ھۇن قەبىرىسى بايقالغان⑧.
1975- يىلى جۇڭغار خوشۇنىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى يۈلوڭتەي كەنتىدىن يېغىلىق دەۋرى بىلەن خەن سۇلالىسى ئارىلىقىغا مەنسۇپ بولغان بىر ھۇن قەبرىسى بايقالغان⑨. 1979- يىلى باينىغول ئايمىقى ئويرات ئوتتۇرا ئارقا بىرلەشمە خوشۇنىنىڭ غەربىي قىر ئۇستاي دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىن يېغىلىق دەۋرىگە مەنسۇپ ئۈچ ھۇن قەبرىسى بايقالغان⑩.
يەنە شۇ يىلى ئىكىجاۋ ئايمىقى جۇڭغار خوشۇنىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى شىگۇپەندىن يېغىلىقى دەۋرىدىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگە مەنسۇپ ئۈچ ھۇن قەبرىسى بايقالغان⑾. چىن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221- يىلى) كېيىن قوشۇن ئەۋەتىپ «دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەر» نى (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى خېتاۋنىڭ جەنۇبىدىكى ئىكىجاۋ ئايمىقى ئەتىراپى) تارتىۋالغان ھەم يەنە خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ چوغاي تېغى (ھازىرقى داچىڭشەن تېغى)، بېيجىيا (ھازىرقى خېتاۋنىڭ شىمالى، داچىڭشەن تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى جىلغىلىق رايۇن) قاتارلىق جايلارنى ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە «سەددىچىن سېپىلى» نى ياساپ، ھۇن ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشىنى توستى. تۈمەن تەڭرىقۇت چىن سۇلالىسىگە تەڭ كېلەلمەي شىمالغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. خەن سۇلالسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە باتۇر تەڭرىقۇت تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209 ~ 174- يىللار) ھۇنلارنى كۈچەيتىپ، خېتاۋنىڭ جەنۇپ- شىمالىدىكى رايۇنلارنى قايتىدىن تارتىۋېلىپ، ئوڭ قول بىلىكخاننىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە قىلدى. «دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەر» دە ھۇنلارغا قارام بولغان ئالوبان خاننىڭ قەبىلىسى بىلەن بايان خاننىڭ قەبىلىسى چارۋىچلىق قىلدى. خەن ۋۇدىنىڭ يۈەنسۇ 2- يىلى (مىلادىيە 127- يىلى) خەن سۇلالىسى سەركەردىسى ۋېي چىڭ ئالوبان خان بىلەن بايان خاننى مەغلۇپ قىلىپ قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەردىن يەنە بىر قېتىم ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى. خەن سۇلالىسى دەريانىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلاردا سۇفاڭ ئايمىقىنى تەسىس قىلىپ، شەھەر- قەلئەلەرنى سېلىپ مۇداپىئە قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلار بۇ يەرلەرنى تارتىۋېلىشق ئامالسىز قالدى. يۈەنسۇ 5- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 124- يىلى) ۋېي چىڭ سۇفاڭنىڭ گاۋچۆ دېگەن يېرىدىن يەنە زور قوشۇن باشلاپ شىمالغا 600 ~ 700 چاقىرىم ئىچكىرلەپ كىرىپ، كېچىدە ئوڭ قول بىلىك خاننىڭ ئوردىسىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئوك قول بىلىك خان ئۆزى يالغۇز قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، ناھايتى زور چىقىم تارتتى. كېيىنكى يىلى (يۈەنسۇ 6- يىلى) سېي چىڭ يەنە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ نۇرغۇن ئادەمنى ئەسىرگە ئالدى. بۇ چاغدا ھۇن ھۆكۈمرانلىرى چۆللۈكنىڭ جەنۇبىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ناھايتى يېقىن ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە خەن سۇلالىسىنىڭ ھەربىي بېسىمىنىڭ ناھايتى زور ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ يەردە تۇرۇشنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۆڭكۈ تۆرە جاۋشىننىڭ (ھۇنلارنىڭ كىچىك خانى) «چوڭ چۆللۈكتىن ئۆتۈپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچەشىمالغا يۆتكىلىپ، خەن قوشۇنلىرىنى ئازدۇرۇپ، ئۇلار چارچىغاندا پەم بىلەن يوقىتىش، جەنۇپقا چۈشۈپ چېگىرىغا يېقىنلىشىشتىن ساقلىنىش» پەنتى قۇبۇل قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلارنىڭ ئاساسىي كۈچى شىمالغا چېكىندى. لېكىن خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئۇلارنىڭ چۆللۈكنىڭ شىمالىغىچە قوغلاپ باردى. يۈەنشو 4- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 119- يىلى) چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇشتا تەڭرىقۇت «خىللانغان قوشۇنلىرى بىلەن چۆللۈكنىڭ شىمالىدا ساقلاپ تۇرغان» بولسىمۇ، يەنىلا ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېچىپ كەتتى. ۋېي چىڭ تاكى بۇيان تېغىدىكى جاۋشىن قەلئەسىگىچە (بۇيان تېغى ھازىرقى موڭغۇلىيىدىكى خانگاي تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر بۆلىگى، جاۋشىن قەلئەسى بولسا بۇيان تېغى ئەتىراپىدا) قوغلاپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خۇچۈبىڭمۇ چۆللۈكنىڭ شىمالىدا سول قول خاننىڭ مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى تاكى لاۋجۈيۈشەن تېغى (ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ جاۋۋۇدا ئايمىقى كېشىكنىڭ خوشۇنىنىڭ غەربىي شىمالىدا) ۋە قۇيان تېغىغىچە (لاڭجۈيۈشەن تېغىنىڭ ئەتراپى) قوغلاپ باردى. «شۇنىڭدىن كېيىن ھۇنلار يىراققا قېچىپ كېتىپ، چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدا ئوردىسى قالمىدى» ⑿. شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلارنىڭ سىياسىي مەركىزى ئۇلارنىڭ بۆشۈك ماكانىدىن مەڭگۈگە چېكىنىپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىغا يۆتكەلدى.
چۆللۈكنىڭ شىمالىمۇ ئەسلىدىلا ھۇنلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇن ئىدى. ھۇنلارنىڭ سىياسىي مەركىزى شىمالغا يۆتكىلىشتىن ئىلگىرى ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، سىياسىي مەركەز شىمالغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، چۆللۈكنىڭ شىمالىي قىسىمى ھۇنلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنىڭ پائالىيەت مەركىزى بولۇپ قالدى. مىلادىيىدىن ئىلگىركى 1- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قوغۇشار تەڭرىقۇت جىخۇشان غەربىي خەن سۇلالىسىغا ئەل بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ھۇنلار ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ توقتۇ ناھىيىسى ئەتراپى سول قول لەۋ خان شانىنىڭ چارۋىچىلىق قىلىدىغان رايۇنىغا ئايلاندى⒀؛ شەرقىي خەن سۇلالسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھازىرقى شىلىنغول ئايمىقى سول قول ئىجىز خاننىڭ چارۋىچىلىق قىلىدىغان رايۇنىغا ئايلاندى⒁؛ ھۇنلارنىڭ ئىككىسىگە بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوڭ ئۈكەن باتىس خاننىڭ ئەسلىدىكى چارۋىچىلىق رايۇنىمۇ ھازىر ئىچكى موڭغۇلدىكى كونا سەددىچىننىڭ شىمالىدا بولۇپ، غەرپتە خېتاۋغىچە، شەرقتە خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىمالدىكى نەنياڭ دەرياسىنىڭ غەربىدىكى رايۇنلارغىچە ئىدى⒂.


ئىزاھلار:



① «تارىخىي خاتىرىلەر» 1- جىلىد «بەش چوڭ ئاقساقال ھەققىدە خاتىرە» ②«نەزمىنامە. شەيۋېي نەزمىلىرى» ، «سەپەر نەزمىلىرى».

③«سەپەر نەزمىلىرى».
④«تارىخىي خاتىرىلەر» 110- جىلد «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە« «......... قىلغىلارغا تارقالغان. ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاقساقىلى بار. كۆپىنچە توپ- توپ بولۇپ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ،لېكىن بىرلىشىپ كېتەلمەيتى» دېيىلگەن. ⑤ «خەننامە» 94- جىلد «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ؛ «كېيىنكى خەننامە» 89- جىلد «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»؛ «جىننامە» 97- جىلد «شىمالىي دىلار ــ ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ، 129- جىلد «جۇرچى مۇنسۇن ھەققىدە خاتىرە»؛ «ۋېينامە» 23- جىلد «ليۇكۇرېننىڭ تەرجىمھالى»؛ «سوڭنامە» 98- جىلد «رى غۇزلىرى ھەققىدە قىسسە». ⑥ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
⑦ تيەن گۇاڭجىن: «تاۋخوڭبالادىكى ھۇن قەبرىلىرى»، «ئارخېئولوگىيە ئىلمىي ژورنلىرى» 1976- يىلى 1- سان.
⑧تيەن گۇاڭجىن، گوسۇشىن: «ئىچكى موڭغۇلدىكى ئالوچەيېڭدىن بايقالغان ھۇن قەبرىلىرى» ، «ئارخېئولوگىيە ئىلمىي ژورنىلى» 1980- يىللىق 4-سان. ⑨ ئىچكى موڭغۇل مۇزېيى ئېلان قىلغان: «ئىچكى موغۇل جۇڭغار خوشۇنىدىكى يۈلوڭتەيدىن بايقالغان ھۇن قەبرىلىرى»، ئارخېئولوگىيە ئىلمىي ژورنىلى» 1977- يىللىق 2- سان. ⑩ تالا، لياڭ جىڭمىڭ: «قىرئۇستايدىكى ھۇن قەبرىلىرى»، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژورنىلى 1980- يىللىق 7- سان.
⑾ ئىكىجاۋ ئايماقلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەت پونكىتى ئېلان قىلان قىلغان: «شىگۇپەندىكى ھۇن قەبرىلىرى» ،«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژورنىلى 1980- يىللىق 8- سان.
⑿ «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 111- جىلد «ۋېي چىڭ ۋە قىران چەۋەنداز سانغۇننىڭ تەرخىمھالى».
⒀ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
⒁ «كېيىنكى خەننامە» 20- جىلد «جەي رۇڭنىڭ تەرجىمھالى».
⒂ «كېيىنكى خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».

«ھونلارنىڭ ئومومى تارىخى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.





0

تېما

0

دوست

1065

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25952
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 00:05:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تۇران ئەپەندىم-ماقالىڭىزنىڭ بۆكى چوڭ بولۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ،يانا كېلىپ كونا گەپلەر ئىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

18

تېما

10

دوست

4137

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1355
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 01:01:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurosman يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 00:05
تۇران ئەپەندىم-ماقالىڭىزنىڭ بۆكى چوڭ بولۇپ كەتكەندە ...

ئالدىرمايلى، مەن يازسام ئۆزەمنىڭ دەپ ئەسكەرتىپ قۇياتتىم.

0

تېما

0

دوست

745

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27791
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 01:16:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپ رەخىمەت،جاپا شىگىپسىز

56

تېما

3

دوست

9085

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   81.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  724
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1837
تۆھپە : 1538
توردىكى ۋاقتى: 266
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 09:43:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىياسىي ئۈگۈنۈشتىن تەسىرات ماقالىسى يېزىپ بولدۇم .ھارمىغايسىز .

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 11:45:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
diwa يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 09:43
سىياسىي ئۈگۈنۈشتىن تەسىرات ماقالىسى يېزىپ بولدۇم .ھار ...

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 16:50:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تارىخى يازمىللىرى كىتاپخانىلاردا كۆپ ، مۇمكىن بولسا باشقىلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى يازمىللىرىنى كۆرسەك بۇلاتتى .

8

تېما

2

دوست

2407

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 730
توردىكى ۋاقتى: 185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-6 17:28:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تورداشلار تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر گەپنى سوراپ باقاي؟

تورداشلار بۈگۈن 2014-يىلى11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 12دىن باشلاپ ‹‹تاۋباۋ››،‹‹تىيانماۋ›› قاتارلىق مال سىتىۋىلىش تور بىكەتلەر مىنىڭ كومپىيۇتېرىمدا نۇرمال ئىچىلمايۋاتىدۇ  باشقا‹‹جۈخۇاسۈن››،‹‹پەي-پەي›› قاتارلىق مالسىتىش توربىكەتلىرى ئوچۇقكەن سىلەرنىڭ كومپىيۇتىرڭلاردىمۇ شۇنداق بولدىمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )