قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: mijityimit

دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە قىيىن دەپ قارىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋا...

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

361

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32867
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 16:46:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuxlanئەپەندى : سىزنىڭ 150-قەۋەتتىكى «يازمىڭىزنى كۆرۇپ دەسلەپتە يەر ئاستدىن يېڭىدىن تېپلغان بىرەر قەدىمى ئەسەر ئوخشايدۇ،سىزنى بولسا شۇنىڭ يېشمنى بېرىۋاتقان كىشىكەن دەپ قاپتىمەن. باشقىلار ئۇنى بۇنى دەيدۇ،مېنڭچە سىزلەردەك شارائىت بولسۇن بولمسۇن تەتقىقاتنى ئىلىپ بارالىغان كىشلىرىمىز ماختاشقا ئەرزىيدۇ،سىلەر بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە دەپ قارايمەن.» دېگىنىڭىز بۇ تېما ھەققىدىكى باھالار ئىچىدە بىر قەدەر توغرىراق قاراش. بۇ خىل ئەسەرلەر «يەر ئاستدىن يېڭىدىن تېپلغان بىرەر قەدىمى ئەسەر» ئەمەس ، بەلكى يىراقنى سۆزلىسەك مىلادىدىن بۇرۇنقى ئەفلانتۇن ، مىلادىدىن كېيىنكى بىرونىي، ئىبن سىنا، يېقىنقى سۆزلىسەك قاغىلىقتىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ، ئاسترونۇم ، خېمىك، ھازىق تېېىب ئۇستاز ئەزەم ھەزىرىتى تەجەللىي قاتارلىقلار يازغان ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونۇمىيە ئىلمى)ھەققىدىكى ئەسەرلەردۇر. مەن ھازىرلا بۇ ئەسەرلەرنىڭ 7-8 ىىڭ نامىنى دەپ بىرەلەيمەن . بۇخىل ئەسەرلەرنى قۇمۇل ، تۇرپان، غۇلجىلاردىن بىر ئىككىنى ، خوتەن، قەشقەر، كۇچارلاردىن 8-7نى  تاپقىلى بولىدۇ. مېنىڭدىلا 3-4سى ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدا 10نەچچىسى بار. پارس-ئەرەب مەدىنىيەت سىستېمىسىدىكى مىسىر، ئىران، ئىراق ۋە سەئۇدى قارتارلىق ئەللەردە بۇھەقتە چوڭ-چوڭ ئەسەرلەر يېزىلغىلى نەچچە ئەسىرلەر بولدى. بۇ ئەللەردە بۇ ئىلىمدىن ئادەتتىكى خەت ساۋادى بار ئادەملەرمۇ خەۋەردار ، يېڭىلىق ئەمەس. پەقەت ھىنىدى-يارۇپا مەدىنىيەت سىستمىسىدىكى (ھىندىستاندىن باشقا)  ياۋرۇپا ئەللىرىدە ئېنگىلىز-پەرەڭلەرنىڭ  ۋە ئۇتتۇرا ئاسىيا شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئەرەب-پارسچە ۋە چاغاتايچىدىن  خەۋىرى يوق كشىلەنىڭلا ئانچە خەۋرى يوق. جۇڭگو مەدىنىيەت سستمىسىدىكى جۇڭگو، كورىيە، ياپۇن قاتارلىق ئەللەربۇ ئىلىمىدن خەۋەرسىز ، ئەمما ئۇلارنىڭ  ئۆزىگە خاس ئىلمىي نۇجۇمى بار(كۇرىيەنىڭ بايرىقىدەك شەكىللەردەك ).  
مىجىت ئەپەندىدىكىسى دەل قۇمۇلدا بار بولغان بىرەرسىدىن ئىبارەت، شۇنىسى ئېنىقكى مىجىت ئەپەندى 30-40يىلدىن بۇيان بۇ ئىلىمنىڭ چاغاتايچلاشتۇرۇلغان نۇسخسىنى قېترقىنىپ ئۈگىنىپ ، جىق ئىزدىنىپ، يۇقىرىقى مەزمۇنلىرىنى ئالدىدىن جاپالىق ئۆتكۈزۇپ ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندۇر، خالاس. بۇنى مۇنتىزىم تەتقىقات دېگىلى بولمايدۇ، ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. چوقۇم تەتقىقات دېسە پەقەت پارتىزانچە تەتقىقات دېسەك بولىدۇ.  مۇشۇنچىلىك ئىزدىنىشمۇ پەقەت خېلى مېڭىسى ئىشلەيدىغان ، ئىرادىلىك كشىلەرنىڭ ئىشى . شۇڭا ، مىجىت ئەپەندىنىڭ بۇ ئىزدىنىش روھىغا ئاپىرىن ئېيتىشىمىز ، ئەمگىكىگە كۆز يۇمىۋالماسلىقىمىز لازىم ، ئەلبەتتە. ئەپسۇس، ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۇ سەۋىيە بىلەن ئۇيغۇر ئالىملىرى شۆھرەت مۇتەللىپ، ئەركىن سىدىق، خالمۇرات غۇپۇر، رىشات ئابباس، تۇرسۇنجان مەمەتلەرەك دۇنيانى زىل-زىلغا سالغىدەك ، ئەجنەبىيلەرنى ئالاچەكمەن قىلغىدك ئالەمشۇمۇل تەتققىقاتلارنى قىلغىلى بولمايدۇ! گەپنىڭ پوسكاللىسى «ئاق مۈشۈك قارا مۈشۈك  چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك! »  
مىجىت ئەپەندىنىڭ سەۋەنلىكى ئاز دېگەندىمۇ پايدىلانغان مەنبە ھەققىدە قىلچە گەپ ئاچماي ئۆزى ئىجات قىلىپ چىققان تەتققاتتەك ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدا.
مەن ئىشىنىمەنكى، مىجىت ئەپەندى بۇ سەۋەنلىكىنى چوقۇم تۇزىتىدۇ! چۇنكى ، ئۇستازىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش شاگىرىتلاردىكى ئىسىل ئىىلمىي پەزىلەتلەرنىڭ بىرى! ئۇلۇغ ئىگمىز ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇ، قىلغىنىمىزغا قاراپ ياخشى - يامان مۇكاپات بەرگىچىدۇر!         
   

0

تېما

0

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 00:15:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئايگاڭ ئەپەندى ؛ سىز مېنىڭ تەتقىقاتلىرىمنى ناھايىتى كۆپ كىشىلەر يازغان دەپسىز. سىزنىڭ ھېساۋىڭىزچە بۇنداق ئەسەردىن 20نى كۆرسۇتۈپسىز ، ھەتتاكى يازغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىغىچە يېزىپسىز .بۇنى مۇنتىزىم تەتقىقات دىگىلى بولمايدۇ ، بۇلار ئىلمى نۇجۇم (ئاستىرنومىيە ئىلمى )ھەققىدىكى ئەسەرلەردۇر . بۇ كىتاپنى يازغان قەدىمقى ئادەملەردىن 5نى،ھازىرقى ھايات بارلاردىن 5نىكۆرسۈتۈپسىز . بۇ ئەسەرلەر يېزىلغىلى نەچچە ئەسىر بولدى ،خەت ساۋادى بار ئادەملەرمۇ  خەۋەردار،بۇ يېڭىلىق ئەمەس دەپسىز .بۇ ھۆكۈملەرنى قىلغىنىكەنسىز مەن سىزدىن ئىسپات تەلەپ قىلىمەن .
     1.سىز دىگەن 20 پارچە ئەسەردىن مەن تەتقىق قىلغاندەك ھازىر ھەممە ئىتىراپ قىلىۋاتقان ئىلىم- پەن نەزىرىيىلىرى بىلەن تەدبىقلاپ ئىلمى چۈشەندۈرگەن ئىسپاتدىن بىر نەچچىنى كەلتۈرۈڭ ؟.
    2-مۇنبەردىكى ئالاھىدە كالىندارنى كۆرۇپ بۇنداق تەتقىقاتنىڭ قاچان قايسى سىز دىگەن كىتاپلاردا بارلىقىنى ئىسپات بىلەن يېزىڭ ؟
     ياش ئالىملار ئەجنەبىلەرنى ئالا چەكمەن قىلغان بولسا مەن دۇنيادىكى كىشىلەرنى ئالا چەكمەن قىلماقچى ، ياش ئالىملارنىڭ ئالەم قانونىيىتى بىلەن تەدبىقلاپ ئىشلىگەن تەتقىقات ئىسپاتىدىن كۆرسۈتۈڭ ؟ ( بۇ ئالىملار ئۆزى ئوقۇغان ساھەدە ئالىم )
      4- 20 پارچە كىتاپنىڭ ئىلىم -پەن ئالىملىرى ئىتىراپ قىلىدىغان بەتلىرىدىن چۈشۈرۈڭ ،بولۇپمۇ كالىنداردىكىدەك ؟ .
     5-  مەن ئۈگەنگەن چاغاتايچىلاشتۇرۇلغان نۇسخە كىتاۋىنىڭ ئىچىدىنمېنىڭ تەتقىقات تېمامغا ئوخشاش بولغان مەسىلىلەردىن بىر نەچچىنى كۆھۈتۈڭ ؟.
    6- شۇ 20 پارچە كىتاپنىڭ قايسىدە ئالاھىدە كالىنداردا  خېمىيە ئىلمىنىتلىرىنى رىئاكسىيە لەشتۇرۇپ ، ئۇنى پورمۇلالار بىلەن قانۇنىيىتى بىر ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىسپاتلار بولسا كۆرسۇتۇڭ ؟.
      ئىلىم- پەن بىلەن شوغۇللۇنۇۋات ئىلمى ئادەملەر ئىسپاتى يوق سۆزلەرگە ئىشەنمەيدۇ .ئىسپاتى بولمىسا ئىككىنچى بىر ئادەمنى خەلقى ئالەم ئالدىدا شەرمەندە قىلغان بىلەن تەڭ . ئوخشاش تېما مەزمونى بىلەن ئىسپات چىقىرالمىسىڭىز سۆزلىرىڭىزگە ھېچ كىم ئىشەنمەيدۇ .
     سىزگەبۇ سۆزلۇرۇمنى تەۋسىيە قىلاي ؛ ‹‹86-يىلى ئالىملار ئۈرۈمچىدە ‹‹تىببى قامۇس›› ناملىق 12تومكىتاپ يېزىپ 4زات نەزىرىيەسىنى ئاران 4بەت يازالىغانئۇلار سىز دىگەن كىتاپلارنى كۆرمىگەندۇمۇ ؟ خوتەن ئالى تېخنىكۇم تىببى مەكتەپكە ئالاھىدە ئوقۇتۇش مۇدىلى ياساپ بەردىم خوتەندىكى زور ئالىملار ئۇ كىتاپلارنى كۆرمىگەندۇمۇ ................بۇلارغىمۇ جاۋاپ بىرىشىڭىزنى سۇرايمەن ؟ بىر كىشىنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا ھۆكۇملىرىڭىز بەك كەسكىن بوپتۇ  .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 00:05:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            

                6-سۇئالدىكىئالاھىدە سائەت ھەققىدە قىسقىچە


    ئالاھىدە سائەت يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتىراپىدا ئوربىتادا ئايلىنىشى ، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ، 24سائەتلىك ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىت ، 32 سائەتلىك تەبىئەتتىكىتەبىئى ۋاقىت، 32سائەتنىڭ مىنۇت ۋە سىكۇنۇتلىرىنى بىلدۇرگۇچى رەقەملەر، پۇرمۇلالار،24سائەتلىك مىنۇت 60قىلىنسا، 32 سائەتلىك مىنۇت 64 ، 24سائەتلىك سىكۇنىت 60 قىلىنسا ، 32 سائەتلىك سىكۇنىت 64 (24سائەتتىكى سائەت ، مىنۇت ، سىكۇنىتلارغا كەتكەن ۋاقىت بىلەن32 سائەتتىكى سائەت، مىنۇت ، سىكۇنىتلارغا كەتكەن ۋاقىت ئوخشاش بولۇدۇ). قىلىنىپ تۈزۇلگەن. ئاستىرنومىيە ،جۇغراپىيە، پەسىل ۋاقىت ......قاتارلىق بىر نەچچەخىل يەر شارىنىڭ ئەمىلىيىتىگە تەدبىقلىنىش ئاساس قىلىنغان .
    1-بىرىنچى سائەت گەۋدىسىدىكى ئوق ئوتتۇرىسىغا كىچىك چىراق ئورنۇتۇلۇدۇ . بۇچىراق قۇياشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ .
     سائەت ئوقى ئەتىراپىغا قۇياش سېستىمىسىدىكى بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ بۇ سېستىمىدىكى ئىكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاۋاتقان 16 پىلانىتنىڭ(قۇياش بىلەن)  شەكىللىرى قويۇلغان .
    3- قۇياشتىن سانىغاندا 4-ئارىلىقتىكى يەر شارىنىڭ شىمالى يېرىم شارى خەرىتە شەكلىدە 8كەڭلىك 32 مېردىئان سىزىلىپ سائەتنى كۆرسۈتۈدىغان ئىستىرىلكىغا (جەنوبى يېرىم شاردا جەنوبى يېرىم شارنىڭ چاپلىنىدۇ) چاپلاپ قويۇلغان . سائەت ئىستىرىلكىسى ئوڭدىن سولغا ئايلىنىدىغان بولغاچقا يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتىراپىدا ئوربىتادا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈدۇ .
    4- سائەت رەقەملىرى 24 ۋە 32 قىلىپ 2 قۇرغا يېزىلغان . بۇنىڭدىكى 24 سائەتتىن داۋاملىق پايدىلىنىۋىرىمىز. 32 سائەتنى ئىلىم- پەن نەزىرىيىسى ۋە ئەمىلىيەتلىرىدە پايدىلىىنىمىز . مەسىلەن ؛ پورمۇلالار 16 ئۇنى ✖️2 =32قىلىپ ئىلىم پەندە ئىشلىتىمىز . ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى دورىگەرچىلىكىدە دورىلار ھەر تۆتتىن 16 دەرىجىلەردە بولۇدۇ .16 ✖️2 = 32 دەرىجىلەرگە كۆپۈيۈدۇ .....دەك ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاپ ئىشلىتىمىز
    5- سائەت گەۋدىسىدىكى 2- سائەتكە شىمالى يېرىم شارنىڭ  يېرىم گۇلۇبۇسى ئورنۇتۇلغان. بۇ گۇلۇبۇس يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئوڭدىن سولغا ئايلىنىشى بويىچە ئايلىنىدۇ . بىر كىچە - كۈندۈزدە بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ . سائەت رەقەملىرى 32 قىلىپ يېزىلغان ھەر2 رەقەمگە بىر پورمۇلا بىرىلگەن . ئۇيغۇر تىبابەتتە پورمۇلالار خىلىتلارغا تەدبىقلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن مەسىلەن؛ بۇ كۈنى شۇ سائەتتە تۇغۇلغان بالا قايسى پورمۇلاغا تەئەللۇق ، ئۇ پورمۇلا قايسى خىلىتقا تەئەللۇق ئەندى بۇ بالىنىڭ دۇنياغا كەلگەندىنكىيىنكى تەغدىرى نىمە بولۇدۇ ؟...........
      6- ئالاھىدە سائەتنى دۇنيادىكى قايسى دۆلەت ، رايۇنلاردا ئىشلەتكەندە شۇ جايغا ئىستىرىلكىنى توغرىلاپ تاقىۋالىدۇ (ئىستىرىلكا يۆتكەپ ئىشلىتىلىدۇ) .مەسىلەن؛ ياپۇنلار ئۆز دۆلىتىنىڭ مېردىئانىغا تاقىۋالىدۇ ، سائەتكە قاراپ ھازىر ياپۇنىيە قۇياشقا نىسبەتەن كىچە ۋە كۈندۈزنىڭ قايسى ۋاقتىغا توغرا كەلدى ، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر قۇياشقا نىسبەتەن قايسى ئورۇنلاردا .......لاربى بىلىپ دۇنيادا بىر دانە سائەت بىلەنلا دۆلەت ، رايۇنلارنىڭ ۋاقتىنى بىلگىلى بولۇدۇ ......
     7- سائەت گەۋدىسىدىكى 3- سائەتكە 2- سائەتنىڭ قانچە مىنۇت ، قانچە سىكۇنىت  ئۆتكەنلىكىنى بىلگىلى بولۇدۇ .......  
     دۇنيا خەلقى 24 لىك سائەتنىڭ يەر شارىنىڭ ئوڭدىن سولغا ئايلىنىدىغان ھەركىتىگە ماس بولمىغان ئىستىرىلكىسى سولدىن ئوڭغا ئايلىنىدىغان 24 لىك قالاق ھالىتىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يەتكەندىن كىيىن ئۆزلۇكىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇدۇ .
      8- 1- سائەت گەۋدىسىدىكى16 پورمۇلالارنىڭ پىلانىتلاردىكى ئاستىرنومىيەلىك قانونىيەتلىرىنى ، سائەت شىكالە رەقەملىرىگە قويغان 16 پورمۇلالارنىڭ ۋاقىت بىلەن بولغان قانونىيەتلىرىنى ، گۇلۇبۇسلۇق سائەتتىكى پۇتۇن يەر شارىغا ماسلاشتۇرۇپ بەرگەن رەقەملەرنى ، گۇلۇبۇستىكى 16 كەڭلىك 32 مېردىئانلار نىڭ 16 پورمۇلالار بىلەن بولغان قانونىيەتلىرىنى ،ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدىكى خىلىت ، مىجەز ، ئەزالار .......نىڭ 16 پورمۇلالارغا ماس قانۇنىيەتلىرىنى، ھەر تۆتتىن 16 دەرىجىلىك دورىلار ........ قانونىيەتلىرىنى بىرلىك قانونىيەتكە مۇجەسسەملەپ ،جەۋھەرلەپ ،توپلاملاشتۇرۇپ چۈشەندۈرگەنلىكىمنى ئەقىللىق ئىنسان بالىلىرى چۈشۈنەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن . ئالاھىدە كالىندار يەر شارىنىڭ ئوربىتادا ئايلىنىش جەريانىدا قۇياشقا يېقىنلاپ ، يىراقلاپ سىلجىپ پەسىللەرنى پەيدا قىلىشىنى كۆرسۇتۇپ بىرىدۇ .سائەت ۋە ئالاھىدە كالىندار بىرلىشىپ ئىنسانلار تارىختىن بۇيان قىلالماي كىلىۋاتقان بوشلۇققا خاتىمە بىرىدۇ  .                شاھ مىجىت ھېمىت
                                     2015. 2- 11.

0

تېما

0

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 21:12:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      28- سۇئالدا ؛ ئايلانما داۋالاش ئۈستىلىدىكى ئۇسولدا كىسەللەر ئۆز ئالدىغا دىئاگنوز قويۇۋېلىپ ئەمىلى ئۈنۈمىنى كۆرالايدۇغان قىلىپ بىرىشكە بولامدۇ ؟ دىكى تەجىرىبىدىن ئۆتكەن 12-ۋە 14-پورمۇلاغا تەئەللۇق 2رىتسىپنى سىزلەرگە سۇندۇم .   
( بەك تەپسىلى چۈشەندۇرۇش قىسقارتىلدى )
     ئىنسانلاردىكى بارلىق تەتقىقاتلارنىڭ مەقسىتى 1-سىرىنى يىشىش ،2-ئىلمى چۈشەندۇرۇش ، 3- ئاسانلاشتۇرۇش ، 4- ئەمىلى ئۈنۈمىنى كۆرۇشتىن ئىبارەت .
           

           ئۈنۈملۈك 12-پورمۇلاغا تەئەللۇق رېتسىپ .

                             مەجونى كۇمۇنى

     تەركىبى ؛ زىرە ،ئارپا بېدىيان 33گىرامدىن ، قەلەمپۇر ، دارا پىلپىل، قارامۇچ ، زەنجىۋىل ، توربوت چىنى ھەر بىرى 5 يېرىم گىرامدىن . ياخشى ھەسەل3 ھەسسە .  
     تەييارلىنىشى ؛ دورىلارنى يانچىپ تالقانلاپ ، ئەگلەپ ھەسەلنى ئېرىتىپ (قاينىتىلمايدۇ ) دورا تالقىنىنى سېلىپ يخشى ئارىلاشتۇرۇپ ئەينەك قاچىغا قاچىلىنىدۇ .  مەنپەتى ؛ ئاشقازان ياللۇغى ،ھەزىم ئاجىزلاش ،ئاشقازان ، ئۈچەيلەر كۆپۈش ،ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدەش ھەركىتى ئاجىزلاشتىن  ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قەۋزىيەتتىن قۇرساق كۆپۇش ، ئۆت ياللۇغى ،ئۆتتىكى تاشنى پارچىلاپ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق سەپىرا سېستىمىسىدىكى بۇ كىسەللەرنى ساقايتىشتا ناھايىتى تەجىرىبىدىن ئۆتكەن ئادەم بەدىنىدە مەزكور ئەزالار 12- پورمۇلاغا تەئەللۇق بولۇدۇ .
مىقدارى؛ كۈندە 3 قېتىم ھەر قېتىمدا 5-10 گىرامغىچە تاماقتىن كىيىن .

                   ئۈنۈملۈك 14-پورمۇلاغا تەئەللۇق رېتسىپ

تەركىبى ؛ قورۇلغان يا خشى نوقوت 100 گىرام ، سۈپەتلىك سۈت پاراشوگى ، تاتلىق بادام مېغىزى 33گىرامدىن . ياخشى ھەسەل 3 ھەسسە .
   تەييارلىنىشى ؛ نوقوتنى يانچىپ ئەگلەپ تالقانلايمىز . بادامنى ھەم تالقانلايمىز . ئاخىرىدا سۈت پاراشوگىنى قوشۇپ ئۈچۈلىسىنى ياخشى ئارىلاشتۇرىمىز ھەسەلنى ياخشى ئېرىتىپ ( قاينىتىلمايدۇ ) دورا تالقىنىنى سېلىپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ ئەينەك قاچىغا ئېلىپ ساقلىنىدۇ .

مەنپەتى ؛ مۇھىم ماددا بولغان ئاقسىلنى بەدەنگە تولۇقلاش  ، يۈرەككە مىڭىگە ، كۆك قان تومۇرلارغا ، موسكوللارغا قان تولۇقلاش ،نېرىپلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ،ھارغىنلىقنى تۈگۈتۈش ، 1 ياشتىن 7ياشقىچە بولغان بالىلاردىكى كانەيچە ياللۇغى ،يۆتەل ، سوزۇلما يۆتەل ، كۆپ زۇكامداپ يۆتۇلۇش ، قىش كۈنلىرى كۆپ يۆتۇلۇش ، نەپەس سىقىلىش (چوڭلارغىمۇ بولىۋىرىدۇ ) ئىتىھاسىزلىقلارغا تولىمۇ مەنپەت قىلىدۇ تەجىرىبىدىن ئۆتكەن.ئوقۇغۇچىلاردىكى مىڭە ئاجىزلاشتىن رەرسكە يىتىشالماسلىق ، كۆپ كىتاپ كۆرگەندە باش كۆپ ئاغرىش قاتارلىق كىسەللەرگە ناھايىتى تەجىرىبىدىن ئۆتكەن       مىقدارى ؛كۈندە 3قېتىم 10 گىارمدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .

         شاھ مىجىت ھېمىت 2015.2.12

0

تېما

0

دوست

1083

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34244
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 20:00:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mijityimit يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 00:15
ئايگاڭ ئەپەندى ؛ سىز مېنىڭ تەتقىقاتلىرىمنى ناھايىت ...

مەن باشتىن ئ‍اياق ھېچنىمىنى چۈشەنمىدىم لىكىن خېلى قالتىس بىر ئ‍ىشتەك قىلىدۇ،بولۇپمۇ ئ‍استىرىنومىيە قىسىمىغا بەك قىززىقىۋاتىمەن،،،13. پىلانىتتا جانلىق بار دىگەن  يەر ئ‍الدىن ئ‍ىسپاتلىنىش بولۇپ قالسا ئ‍ەگەردە ئ‍اشۇ پىلانت  يەر شارىدىن باشقا  پىلانت  بولوپ  ئ‍ىسپاتلانسا بەكقالتىس بولاتتى، ئ‍اشۇ 13 پى لانت  قايسى  پىلانىتتۇ ؟

0

تېما

0

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 22:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               تەبىئىەتپپەلسەپەسى توغرىسىدا


        تەبئەت پەلسەپەسىنىڭ ھەقىقىتىنى يەرشارىنىڭ دەۋىرلىك قانۇنىيىتىگە تەدبىقلاپ ئەمىلى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئالاھىدە كالىندارنىڭ دەۋىرلىنىش قانۇنىىيىتىنى تەتقىق قىلىپ تەدبىقلاپ دەلىللەيمىز .
    يەر شارىنىڭ (33075 دىن 45 ئارىلىقىدىكى تۆت پەسىل دەۋىرلىنىشىنى بۇ دەلىلگە مىسال قىلىمەن )شىنجاڭ ئورۇنلاشقان رايۇندا 3-ئاينىڭ 21- كۈنىدىنتاكى 6- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە بولغان 90كۈنلۈك تەبىئەت تەدرىجى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ ئۆتىدۇ (بۇ بىر پەسلى 4 مەۋسۆمگە تەدرىجىلىك بىلەن بۆلۇنۇدۇ ) قۇرۇقلۇق بىلەن ئىسسىقلىق بىر - بىرىگە باغلىنىپ تۇرىدۇ (قۇرۇق-ئىسسىق ) .6-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى بولۇدۇ . يەنى كۈندۈز 15سائەت كىچە 9 سائەت بولۇشى ھەممىمىزگە مەلۇم .6- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن (6- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە تەبىئەت 5 كۈن بىر خىل بولۇدۇ ) باشلاپ كۈندۈزدىن ئەتتىگەندە 1مىنۇت كەچتە بىر مىنۇت تارتىلىپ كىچىگە قوشۇلۇپ كىچە ئۇزىراشقا باشلايدۇ بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم . دىمەك يەر شارىدىكى موشۇ كەڭلىككە كۈن ھەر كۈنى 2مىنۇتتىن كۈبدۈزدىن تارتىلىشى قۇرۇق ئىسسىقلىقدىكى قۇرۇقلۇقنىڭ كەمىيىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ، كىچە ئۇزارغانچە قۇرۇقلۇق كەمەيگەنچە بۇ پەسلى ھۆل ئىسسىققا ئۆزگۈرۈشكە باشلايدۇ ، ئىسسىقلىق بىردەك داۋاملىشىۋىرىدۇ . نەتىجىدە ئەتىيازدىكى قۇرۇق ئىسسىقلىق يازدىكى ھۆل ئىسسىققا ئۆزگۇرۇشى قۇياش بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئەت دەۋىرلىنىشىدىن قانۇنىيەتلىك ھالدا پەلسەپەلىك ئۆزگۇرۇدۇ
     9- ئاينىڭ 22- كۈنىگە بارغاندا كۈندۈزنىڭ قىسقىرىشى ، كىچىنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن ھۆللۇك تەبىئەت ئۆزگەرمەي ئىسسىقلىق تەبىئەت سوغاقلىق تەبىئەتكە ئۆزگۇرۇشكە باشلايدۇ . بۇنى كۈزدە ھۆل -ئىسسىققا باغلىنىپ تۇرسا ، كۈزدە ئىسسىق -سوغاققا ئۆزگۇرۇدۇ . ھۆللۇك سوغاقلىققا باغلىنىپ تۇرۇدۇ.  قىش ئۇزارغانچە كىچە ئۇزۇراپ كۈندۇز ئەڭ ئاخىرقى 12- ئاينىڭ 21- ئۈنىگە بارغاندا كىچە 15 سائەت كۈندۈز 9 سائەتبولۇپ چىللا كىرگەن كۈنىدىن باشلاپ كىچەدىن ئەتتىگەندە 1مىنۇت كەچتە 1 مىنۇت تارتىلىپ كۈندۈزگە قوشۇلۇشىدىنتەبىئەت تەدرىجى قۇرۇقلۇققا ئۆزگۇرۇشكە باشلايدۇ . سوغاقلىق ئۆزگەرمەيدۇ بۇنى كۈزدە ھۆل - سوغاققا باغلىنىپ تۇرسا ، قىشتا قۇرۇق سوغاققا ئۆزگۇرۈدۇ. قۇرۇق سوغاققا باغلىنىپ تۇرىدۇ دەپ ئاتايمىز  .بۇ تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ قىش ۋە ئەتىيازدىكى باغلىنىشدۇر .
  ئەندى قىشنىڭ قۇرۇقلۇقى ئۆزگەرمەي 3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن باشلاپ كىچىدىن 2 مىنۇت تارتىلىپ كۈندۈزگە 2 مىنۇت قوشۇلۇپ بارىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەتىياز كىرىپ كۈن ئىسسىشقا باشلايدۇ (بۇ كۈن نورۇز كۈنى ) . ئەتىيازدىكى قۇرۇقلۇق - ئىسسىقلىققا باغلىنىپ تۇرۇدۇ . مانا بۇ قۇياش بىلەن يەر شارىدىكى تەرتىپلىك دەۋرى قانۇنىيەتنى تەبىئەت پەلسەپەسى دەپ ئاتايمىز .
    تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ توغرا ئاتىلىشى ۋە ئەمىلىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەيمىز . بۇ باغلىنىپ دەۋىرلىنىشلەرنى ئوڭدىن سولغا ، ئۈستىدىن ئاستىغا ، سولدىن ئوڭغا ، ئايلاندۇرۇپ باغلاپ كۆرسىڭىز راۋان ئايلىنىشنى كۆرسۇتۇپ بىرىدۇ .

                       قۇرۇق - ئىسسىق
                       ھۆل - ئىسسىق
                       ھۆل- سوغاق
                       قۇرۇق-سۇغاق
  ئالاھىدە كالىندار بۇ پەلسەپەلىك قانۇنىيەتنى ئىسپات بىلەن دەلىللەپ تۇرۇپتۇ .
ئۇيغۇر تىبابەت ھۆكۇمالىرى ئەتىيازنى ھۆل ئىسسىق ، يازنى قۇرۇق ئىسسىق، كۈزنى ھۆل سوغاق ، قىشنى قۇرۇق سوغاق دەپ ئەسەرلەرگە يازغان ھەم شۇنداق دەرسلىك قىلىدۇ  . بۇ قاراش خاتا . بۇ خاتالىق تۆۋەندە تەبىئەتلەر باغلانماسلىق بىلەن دەلىللىنىدۇ .
   
                              ھۆل -ئىسسىق
                              قۇرۇق -ئىسسىق
                              ھۆل-ئسسىق
                              قۇرۇق-سوغاق

   ئەگەر تىبابەت ھۆكۇمالىرى دىگەن بويىچە بولسا بۇنى تەبىئەت پەلسەپە قايدىسى بويىچى ئايلاندۇرۇپ چۈشەندۇرۈشكە ئامالسىز قالىمىز . يەنى 1-قۇردىكى قۇرۇق ئىسسىققا باغلىنىدۇ  ، بۇ ئىسسىقلىق 2-قۇردىكى قۇرۇققا باغلىنىدۇ  ، بۇ قۇرۇقلۇق 3- قۇردىكى ھۆللۇككە باغلانمايدۇ  . 3- قۇردىكى ھۆللۇك سوغاقلىققا باغلىنىدۇ ، بۇ سوغاقلىق 4- قۇردىكى سوغاقلىققا باغلىنىدۇ بۇ سوغاقلىق قۇرۇقلۇققا باغلىنىدۇ بۇ قۇرۇقلۇق 1- قۇردىكى ھۆللۇككە باغلانمايدۇ . بۇ تەبىئەتلەر بىر - بىرىگە باغلىنىپ ئايلانمىسا  تەبىئەتلەر دەۋىرلىنىش ، باغلىنىش تەبىئەت پەلسەپەقانۇنىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ -دە خاتابولۇدۇ .

                    شاھ مىجىت ھېمىت      2015.2.15

0

تېما

0

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 02:23:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنى 1-قۇردىكى قۇرۇقلۇق ئىسسىقلىققا باغلىنىدۇ- نى 1-قۇردىكى ھۆللۇك ئىسسىقلىققاباغلىنىدۇ دەپ ئوقۇڭ .

0

تېما

0

دوست

127

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17444
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 20:49:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adilxah يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 00:46
مەن بۇ تېمىنى ئۇقۇپ ئىچىمدىن شۇنچە خۇرسەن بولدۇم لىكىن ...

ھاھاھا ئاجايىپ ئىنكاس بوپتۇ ماۋۇ ، ئەگەشتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )