- تىزىملاتقان
- 2014-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3658
- نادىر
- 0
- يازما
- 442
ئۆسۈش
55.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YOQSUL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-20 13:53
kitabhumar يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 17:02
بۇ تىمىنى ئوقوپلا چاغداش دىگەن گەپنىڭ ھازىرقى زامان دى ...
''جەدىد''ئاتالغۇسى ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن ئاتالغۇ بولۇپ ''يېڭىلىق''دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.ئەمدى ''جەدىتىزم ھەرىكىتى''دېگەن 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنىقىي يېرىمىدا غەرپتە قىرىمدىن تارتىپ تاكى ۋەتىنىمىزگىچە بولغان رايونلاردىكى تۈرك تىللىق خەلىقلەر ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك قانات يايدۇرۇلغان قالاق مەدرىسە مائارىپىغا قارشى يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.بۇنى دەسلەپتە قىرىملىق مەشھۇر پىداگوگ ،ژورنالېست ئىسمائىل غاسپارالى ئوتتۇرىغا قويغان.دەسلەپتە تاتار زىيالىلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە، قىرىم ۋە قازان تاتارلىرى(ھازىرقىي تاتارىستان تاتارلىرى)ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان.ئاندىن تىزسۈرئەتتە ئوتتورا ئاسىياغا كىرگەن.ئەمما بۇيەردەلەردە بولۇپمۇ ۋەتىنىمىزدە ئومۇملىشىش ئىنتايىن قىيىنغا توختىغان ۋە ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەرخىل ئەكسىيەتچى كۈچلەر( ھۆكۈمرانلار تەبىقىسى ۋە جەھالەتپەرەس موللىلار)تەرىپىدىن كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچراپ مەغلۇپ بولغان.بىزنىڭ مەنىۋېي يىتەكچىلىرىمىزدىن ئابدۇ قادىر دامۇللا(ئەزىزى)،مەمتىلى تەۋپىق قاتارلىق زىيالىيلىرىمىز تىپىك جەدىتىزم تەرەپتارلىرىدىن.ئالدىنقىسى شۇ تۈپەيلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى،شۋېتسىيە مىسسىئونىرلىرى(مەكتەپ ئېچىش باھانىسى بىلەن دىن تارقىتىدىغانلار) ۋە بىزنىڭ مۇتەئەسسسىپ موللا ۋە بەگلىرىمىزنىڭ بىرلىشىپ سۈيقەسەت تەشكىللەش نەتىجىسىدە ئەخمەت ئىسىملىك بىر مەزىن تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تاڭ سەھەردە قىرائەتخانىسىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن.(ئەخمەت مەزىن كېيىن ئۈرۈمچى،تۇرپانلاردا مۆكۈنۈپ يۈرۈپ ئاخىر ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان غالجىر كېسىلى بىلەن ئۆلگەن).
جەدىتىزىم ھەرىكىتى گەرچە ئورتا ئاسىيادا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ئەمما نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققان (بۇلار ئاساسەن قىرىم،قازان،ئىستانبۇللاردا تەربىيلەنگەن).ئۇلار يەنە تىل،ئىدىيە ،ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلەيلى،دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ ،بۇئاساستا تۈرك تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مىللىي تەقدىرىنى تەكىتلىگەن.شۇ ئاساستا ''تەرجۈمەن''دېگەن بىر ژۇرنالنى چىقارغان بولۇپ بۇرۇنقىي چاغاتاي تىلى ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىنغان بىرخىل تۈرك تىلىنى قوللانغان.بۇنى شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن تۈرك تىللىق خەلىقلەر پۈتۈنلەي چۈشىنىپ پايدىلىنالىغان. |
|