قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1168|ئىنكاس: 15

چەي لى خې:شەكىل تەتقىقاتىدىكى بۆسۈش ۋە شەكىل ئىلمىنى تۇرغۇزۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 14:46:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەكىل تەتقىقاتىدىكى بۆسۈش ۋە شەكىل ئىلمىنى تۇرغۇزۇش ھەققىدە

   ئاپتۇرى: چەي لى خې

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار تەرجىمىسى
(تىيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى مۇھىت ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى ئىنىستىتۇتى)




فوند تۈرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپنى يۈرۈشلەشتۈرۈش،گۈللەندۈرۈش پىلان فوندى،نۇمۇرى:411703-0101 ؛ تىيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش فوندى،نومۇرىW20201؛مائارىپ مىنىستىرلىقى چەتئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان خادىملارنىڭ پەن-تەتقىقاتى
ھالقىلىق سۆزلەر: شەكىل ئىلمى   گىئومېتىرىيە  فىزىكا

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىسىملارنىڭ شەكىل ئۈستىدىكى تەتقىقات خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە قىزىق تېما بولۇپ قالدى. مەزكۇرماقالىدە شەكىل تەتقىقاتىنىڭ تارىخى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇپ،يېڭىچە بىر پەن شەكىل ئىلمىنى تۇرغۇزۇش ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شەيئىلەرنىڭ شەكلىدىن قول سېلىپ شەكىللەرنىڭ بارلىققا كېلىش سەۋەبى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ،شەكىل ئىلمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى،مىتودى ۋە ئۇنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىلدى.شەكىل ئىلمى گېئومىېتىرىيە ئىلمى(ئېۋكىلىد گېئومىتىرىيسى،غەيرى ئېۋكىلىتگېئومىتىرىيسى،دېففىرىنسىئال گېئومېتىرىيە قاتارلىق ماتېماتىكىلىق مەنىدىكىگېئومېتىرىيەلەر) دىن پەرقلىنىدۇ. شەكىل ئىلمى ئەنئەنىۋى پەنلەردىكى ماتېماتىكا،فىزىكا،خېمىيە،ئاسترونومىيە،جوغراپىيە،بىئولوگىيە،...بۇخىلسۈنئى تۈرگە ئايرىش ئەندىزىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە قاراش بىلەن دۇنيانى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا چۇقۇم مۇستەقىل بىر پەن سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

بىرىنچى،شەكىل تەتقىقاتىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشى
جىسىمنىڭ شەكلىنى شۇجىسىمنىڭ  ئاساسلىق خاسلىقى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەتنى تۇنۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۇقۇمى شەكىلدۇر(1). ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرنى ئىنچىكە كۆزەتسەك شۇنى بايقايمىزكى،مەيلى تەبىئەت دۇنياسىدا ئەسلىدىن بار بولغان شەيئىلەر بولسۇن ياكى ئىنسانلار ئىجاد قىلغان نەرسىلەر بولسۇن،ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا بەلگىلىك شەكىلگە ئىگە ياكى شەكىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك(2).مەسىلەن: گۈزەل قارگۈلى،ئالتە بۇلۇڭلۇق ھەرە كۆنىكى،شەكلى شۇنچە نەپىس بولغان ھايۋانلار-ئۆسۈملۈكلەر،يۇمىلاق بالون،شارشەكىللىك مېۋىلەر،چاسا شەكىللىك جوزا،ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدىكى تۇرۇسھەم تۈۋرۈكلەر،كۇنۇسسىمان قارىغايلار،سېلىندىرسىمان قۇرۇلۇشلار،تەرتىپلىك قاتناش تورى،...ۋەھاكازالار. يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ شەكلىنى ئادەملەر ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى،ئۇ شەكىللەر نىسبەتەن مۇرەككەپ بولۇپ، بىرقانچە شەكىلنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان.ئۇلار نېمىشقا بۇنداق شەكىلدە بولىدۇ؟ئەجىبا، بۇتاسادىپىلىقمۇ؟ بۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىلمىي قانۇنىيەت بارمۇ يوق؟
    كىشىلەر شەكىلگە قارىتا يۇقىرىقىدەك سۇئاللارنى سورىغاندىلا شەكىلنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇت ھەم شۇنچە مۇھىم تۇرۇقلۇقمۇ بىزنىڭ شەكىلنىڭ ھەقىقى فىزىكىلىق مەنىسىگە بولغان تۇنۇشىمىزنىڭ شۇنچىلىك تېيىز(3)ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.تارىختا،ماتېماتىكىنىڭ بىر مۇھىم تارمىقى بولغان گېئومىتىرىيە جىسىمنىڭ شەكلىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىش ئۇبيېكتى قىلغان ئىدى(4).ئەمما،ماتېماتىكىلىق مەنىدە گېئومىتىرىيە شەكىلنى بىرخىل قورال سۈپىتىدىلا ئىشلىتەتتى،شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مەنىسىگە ئانچە چېتىلمايتتى.كىرىستال ئىلمى،ئاناتومىيە،بىئومورفولوگىيە قاتارلىق ئاز بىرقىسىم ساھەلەردە شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مەنىسى ئۈستىدە مۇنازىرىلەر بولغاندىن باشقا جىسىمنىڭ فىزىكىلىق شەكىل ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس تەتقىقاتنى ئىنتايىن ئاز ئۇچراتتۇق.ئۇمۇمەن،ئىلىم-پەن تارىخىدا شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مەنىسىگە بولغان چۈشەنچە نىسبەتەن كەمچىل بولغان.ئەمما،يېقىنقى زامانغا ۋە ھازىرقى زامانغا كەلگەندە شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مەنىسى ئۈستىدىكى تەتقىقات بارغانسېرى مۇھىم تەتقىقات تۈرى بولۇپ قالدى.شەكىل تەدرىجى ھالدا ساپ گېئومىتىرىيدىن ھالقىپ باشقا پەنلەر بىلەن گىرەلىشىپ پەن ھالقىغان مۇھىم تېما بولۇپ قالدى.شەكىلنىڭ فىزىكىلىق قانۇنىيتىنى تەتقىق قىلىش ھەرقايسى پەنلەرگە ئۇمۇملىشىپ باردى.فىزىكا ساھەسىدە ،شەكىل فىزىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قالدى. يىللاردىن بىرى گېئومىتىرىك ئوپتىكىدا فىزىكىدا قوللانغان گېئومىتىرىك ئۇسۇللار مۇھىم رول ئوينىدى.قاتتىق جىسىم مىخانىكىسىدىمۇ شەكىل ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق بىرقىسىم يېڭى بۆسۈشلەر بولدى. خىمىيەدىمۇ شەكىل ئۈستىدىكى تەتقىقات مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى.خېمىكلار مالېكولا تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلغان ۋاقىتتا شەكىلدىن مۇستەسنا پىكىر قىلالمايدۇ.خىمىيلىك ماددىنىڭ شەكلى ماددىنىڭ خۇسۇسىيتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.خىمىكلار ماددىلارنى بىرىكتۈرگەندە شەكىل ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئويلىشىدىغىنىدۇر.كاربۇن 60،كاربۇنلۇق نانومىتىرنەيچە قاتارلىق نەپىس ماتېرىياللارنىڭ بايقىلىشى يۇقىرى مالېكولا خېمىيسى ۋە ماتېرىيال ئىلمى ساھەسىدىكى ئالىملارنىڭ شەكىل ئۈستىدىكى ئىزدىنىش قىزغىنلىقىنى كۈچەيتتى. بۇ ھەقتىكى قىزىقىش ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيە ساھەسىدىمۇ تېخىمۇ كۈچلۈك بولماقتا. يەرشارى ۋە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ شەكلى،يۇلتۇزلۇقنىڭ تارقىلىش شەكلى،ئالەمنىڭ شەكلى،قارا ئۆڭكۈرنىڭ شەكلى،يەرقىياپىتى،دەريا-ئېقىنلارنىڭ شەكلى قاتارلىقلاركىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بىئولوگىيدە چوڭ-كىچىكلىك ۋە ئۆلچەم ناھايىتى مۇھىم ئۇقۇملاردۇر.كىشىلەر جانلىقلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە نىسبىتىگەقاراپ بىر جانلىق بىلەن يەنە بىرجانلىقنىڭ نېمىشقا شەكىل جەھەتتىن ئوخشىمايدىغانلىقى ئۈستىدە قىزىق سۇئاللارنى سورىشىدۇ.ئوخشىمىغان سۈرئەتتە ئوخشىمىغان چوڭىيىش ئۆزگىرىشى ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات تېمىسىدۇر. قۇرلۇش ئىلمى ساھەسىدە بىناكارلىقتەك بۇنداق تىپىك شەكىلگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىن سىرت يەنە يېڭى،يۇقىرى تېخنىكا ھاسىلاتلىرى شەكىل تەتقىقاتى بىلەن مەيدانغا كەلمەكتە.فىلولوگىيە ۋە ئىجتىمائى پەنلەر ساھەسىدە كىشلەر يەنە شەكىل بىلەن ئۆزلۈكسىز ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ.مۇرەككەپ ئىجتىمائى تورنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى،ئىقتىسادىي سېستىمىنىڭ شەكلى،شەھەر سېستىمىسىنىڭ شەكىل تۈزۈلۈشى قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دېققەت ئىتىبارىنى قوزغىماقتا.
     يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بېرى،كىشىلەرنىڭ دېققەت نەزىرىنىڭ مىكرودۇنيادىن ماكرو دۇنياغا تەرەققى قىلىشىغا ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سىزىقسىز پەنلەر مۇرەككەپ پەنلەر نۆۋەتتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر بولۇپ بولۇپ قالدى.بۇ پەنلەرنىڭ يادروسى بولسا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مودېلى ۋە پاتتېرىنى (ماكان-زاماندا مەلۇم قانۇنىيەتلىك تەكشىسىز قۇرۇلمابولۇپ،سېستىمىدىكى مىكرو پارامېتىرلار بەلگىلىك ئۇسۇلدا ئۆز-ئارا تەسىرلىشىپ،مىكرو ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.تەبىئەتتە ھەرخىل پاتتېرنلار كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت.-ت)،قۇرۇلما،شەكىللەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىش،سىزىقسىز پەنلەر ۋە مۇرەككەپ پەنلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى شەكىلنىڭ فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى قايتىدىن گۈللىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن شەكىل تەتقىقاتى كىلاسسىك مەنىدىن ھالقىپ شەكىلنىڭ فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى شەكىلنىڭ ئۆزىدىن ئىزدەيدىغان فىزىكىلىق مەنىدىكى شەكىل تەتقىقاتى جەلپكار تېما بولۇپ قالدى.

ئىككىنچى،شەكىل ئىلمىنى پەيدىنپەي تۇرغۇزۇپ چىقىش
     شەكىلگە نىسبەتەن فىزىكىلىق مەنىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نۇرغۇن مۇھىم بايقاشلارنى بارلىققا كەلتۈردى(4).فىزىكا ساھەسىدە،تەبىئى مېنرال كىرىستاللارنىڭ سىرتقى شەكلى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتا سىتەنسېن ئوتتۇرىغا قويغان يۈز-بۇلۇڭ ئۆزگەرمەسلىك قائىدىسى؛ئاسترونومىيەدە،ئېللىپىس شەكىللىك ئاسمان جىسىملىرى ترايىكتورىيە شەكلى تەتقىقاتى كېپلىر ئوتتۇرىغا قويغان ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ قانۇنىنى ئىلگىرى سۈردى.يەرشارى ئىلمى ساھەسىدە،يەرشارىنىڭ شەكلىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ۋېگنات چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ يۆتكىلىش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.خىمىيەدە،خىمىيلىك ماددىلارنىڭ شەكلىگە قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىمىيلىك ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشى(مەسىلەن:بېنزول ھالقىسى)دە زور بايقاشلار قولغا كەلتۈرۈلدى.بىئولوگىيەدە،ئەڭ دەسلەپ گىئوتې جانلىقلارنىڭ شەكلى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ «مورفولوگىيە ئىلمى »دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتتى.كېيىنچە تەبىئەتشۇناس تومسون ماتېماتىكا ۋە فىزىكا نۇقتىسىدىن جانلىقلارنىڭ شەكلى ئۈستىدە مىقدارلىق  تەتقىقات ئېلىپ باردى.ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى«ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە مورفولوگىيە»كېينكىلەرگە تەسىرى ئىنتايىن زور بولغان ئەسەردۇر(15). كېيىنچە ماتېماتىك تۇرىن خىمىيلىك ماددىلارنىڭ كېڭىيىپ تارقىلىش نۇقتىسىدىن ھايۋانلارنىڭ سىرتقى ئېپىدىرمىسى (تېرە يۈزى) دىكى سىزىقچە شەكىللەرنىڭ شەكىللىنىشىنى تەتقىق قىلدى(16).بۇ خىل تەتقىقات مىتودى مۇناسىۋەتلىك پەنلەرگە كېڭىيىپ ئابىدە خارەكتېرلىك تۆھپىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
      شەكىلنى فىزىكىلىق مەنىدىن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن نەزەرىيلەر تۇرغۇزۇلدى.يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بېرى،جانلىقلار مورفولوگىيسنىڭ شەكىللىنىشى ئۈستىدىكى مۇنازىرىلەردىن ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش نەزەرىيسى بارلىققا كەلدى.بىنارد قارشى ئېقىمى،BZ رېئاكسىيسى قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن سېستىمىدىكى قۇرۇلما ۋە مورفولوگىيە مۇنازىرىسىدىن بىريوسسېل ئىلمى ئېقىمىدىكىلەر ئۇپرىغۇچى قۇرۇلما نەزەرىيسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.لازىر نۇرىنىڭ تۈزۈلۈش ئانالىزىدىن ئوچۇق سېستىما تۈزۈلۈشى مېخانىزىمىنىڭ شەكىللىنىشىدە بۇ ئۇمۇميۈزلۈك نەزەرىيىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈش كۆرۈلدى(19).تەبىئەت دۇنياسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان  ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغان شەكىللەر ئانالىزىدىن بىروئىت ماندېلبىروت فراكتال گېئومىتىرىينى ئىجاد قىلىپ،ئوخشاشلىققا ئىگە شەكىللەرنىڭ فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكىدىن قايتا رەتلەش (1982-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) ۋە كارلوس نەزەرىيسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە بىۋاستە سەۋەپ بولدى.شەكىل ۋە قۇرۇلمىنىڭ كېلىپ چىقىش مەسلىسىگە بىۋاستە يۈزلەنگەندە مۇرەككەپ ئىلمى نەزەرىيلەر پىشىپ يېتىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ئىمكانىيتى ھازىرلىيالىشى مۇمكىن.
     شەكىل ھەققىدىكى تەتقىقاتلار شۇنچە كۆپ ساھەدە يېڭى بايقاشلارنى ۋە نەزەرىيلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ،كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇنىڭ ئەھمىيتى زور.شەكىل تەتقىقاتىنىڭ تارىخىغا ،ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرنى ئويغاتساقلا،قارىشىمىزچە، شەكىل ئىلمىنى مۇستەقىل بىر پەن قىلىپ تۇرغۇزۇشنىڭ شەرت-شارائىتى پىشىپ يېتىلدى. شەكىل ئىلمى(شەكىلشۇناسلىق)دە شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مەنىسىنى ئاساس قىلىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم شۇنداقلا شەكىل ئىلمى مۇستەقىل پەن سۈپىتىدە ساپ گېئومىتىرىيلىك مەنىدىكى شەكىللەر بىلەن باغلىنىشنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا بىلەن باغلىنىشى بولىدۇ. مۇشۇ بويىچە قارىغاندا، شەكىل ئىلمى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: ئۇ ئەمەلىي ھادىسلەردە كۆرۈلگەن شەكىلنى  بىرتەرەپ قىلىدىغان  فىزىكىلىق مېخانىزم،ئۇقۇم،مېتودلار تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ئۇ ئەمەلىي ھادىسلەر ۋە ساپ گېئومىتىرىيە ئوتتۇرىسدا كۆۋرۈك بولىدۇ؛ئۇ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا بىلەن باغلىنىشنى گەۋدىلەندۈرىدۇ؛ئۇ نۇرغۇن پەنلەردىن ھالقىغان،پەنلەر سېستىمىسىدىكى مۇستەقىل بىر پەن بۇلۇشقا تىگىشلىك.
       شەكىل ئىلمىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنىنىمۇ بەلگىلەيدۇ:شەكىلنى تەسۋىرلەش ۋە مىقدارلىق ھېسابلاش؛شەكىلنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى فىزىكىلىق مىخانىزم؛شەكىلنى ئۆلچەش،بىرتەرەپ قىلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك گىرافىك تېخنىكىسى.

ئۈچىنچى،شەكىل ئىلمى(شەكىلشۇناسلىق)نىڭ ئاساسلىق تەتقىقات مەزمۇنى
رەسىم 1دە كۆرسىتىلگەندەك،شەكىل ئىلمى ئۈچ بۆلەك مەزمۇننى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.بۇلار تۆۋەندە ئايرىم ئايرىم تۇنۇشتۇرىلىدۇ:
شەكىلنى مىقدارلىق تەسۋىرلەش ۋە شەكىلنىڭ بوشلۇق سىتاتىستىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ـــ گىئومىتىرىيەگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە گىئومىتىرىينىڭ تەرەققىياتى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈردى.

(1)شەكىلنى مىقدارلىق تەسۋىرلەش
شەكىلنى مىقدارلىق تەسۋىرلەشتە ئاساسلىقى گىئومېتىرىيە،توپولوگىيە،تۈگۈنلەش نەزەرىيسى(ئالگېبرالىق توپولوگىيەنىڭ بىر تارمىقى.-ت)،گىرافىك نەزەرىيسى،شەكىلنى پارچىلاش،ئېنتروپىيە ئانالىزى،سپېكترلىق ئانالىز،قاتارلىق ئۇسۇللار بار.شەكىل ئىلمى بۇ جەھەتتىكى مەزمۇنلاردا ماتېماتىكا ۋە گېئومىتىرىيەگە بولغان ۋارىسلىقنى ئەكىس ئەتتۈردى.شەكىلنى ئىپادىلەش،تۈرگە ئايرىش،مىقدارلىق تەسۋىرلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كىلاسسىك گېئومىتىرىيە ۋە ھازىرقى زامان گېئومىتىرىيسى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.سەۋەبى،گېئومىتىرىينىڭ مېتودى بولسا ئوبيېكتىپ شەيئىنى گېئومىتىرىيلىك شەكىلگە ئابىستراكىتلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ،نۇقتا،تەرەپلەرنى تۇتاشتۇرۇپ،نۇقتا بىلەن نۇقتىنىڭ مۇناسىۋىتى،تەرەپ بىلەن تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى شەكىلنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە سېممىترىكلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ئانالىز قىلىدۇ.بىرقىسىم مۇھىم شەكىللەر (مەسىلەن:كومپيۇتېر تورى،بىنالار،جەمئىيەت باغلانما تورى)نىڭ بىرىكىش ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىشتا گرافىك نەزەرىيسى ۋە شەكىلنى بۆلۈش ئىلمى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.شەكىلنىڭ سىممېترىكلىكى،رەتسىزلىك دەرىجىسى،تەرتىپسىزلىكى قاتارلىقلارغا ئىنتروپىيە ۋە ۋېيۋلىت ئانالىزى قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئەكىرەلەيمىز. شەكىلنى مىقدارلىق تەسۋىرلەش ــ شەكىل ئىلمىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى.بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن پايدىلانمىلار بار.

(2)شەكىلنىڭ بوشلۇق سىتاتىستىكىلىق خۇسۇسىيتى
سىتاتىستىكىلىق تەسۋىرلەش شەكىلنى مىقدارلىق تەسۋىرلەشتىكى بىرخىل مۇھىم تەرەپ.شۇڭا،نوقتىلىق تەھلىل قىلىنىدۇ.شەكىل ھەمىشە بەلگىلىك بوشلۇقنى ئىگىلەيدۇ.كىرىستاللار،غەيرى كىرىستاللار،كۋازى كىرىستال،ھۈجەيرە تىزىلىشى،بىئولوگىيلىك تۈرتوپىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى،دەريا-ئېقىنلارنىڭ،تاغ تىزمىسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى،سۇ تورى،قاتناش تورى،جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ تۈزۈلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك بوشلۇقتا كۆرۈلىدىغان شەكىللەر.بۇ خىل شەكىللەرنى تەسۋىرلەشتە سىتاتىسكا ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.شەكىلنىڭ سىتاتىستىكىلىق خۇسۇسىيتىنى ئېلىپ ئېيتساق،كۆپىنچە تەتقىقات تەكشىلىك ۋە سېترىئو بوشلۇققا مەركەزلىشىدۇ.شار يۈزىدىكى شەكىل سىتاتىستىكىسى تەتقىقاتى نىسبەتەن ئاز،بۇ جەھەتتە نۇرغۇن قىيىن مەسلىلەر كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
     ئەمەلىيەتتە،شەكىلنى مىقدارلىق تەسۋىرلەش ـــ شەكىل ئىلمىنىڭ ئاساسى بولۇپ،يۇقىرىدا بىرقانچە خىل تىپىك ئۇسۇلنىلا تۇنۇشتۇردۇق.يېڭى مەسلىلەرنىڭ بايقىلىشىغا ئەگىشىپ،يېڭىچە تەسۋىرلەش ئۇسۇللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇقەررەر.مەسىلەن:يېقىنقى ئون يىلدىن بېرى زەررىچىلەرھەققىدىكى تەتقىقات ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېمىلىرى بولۇپ قالدى.ئۇلار ھازىر بار بولغان مىخانىكا نەزەرىيلىرى تەرىپىدىن سېستىمىلىق،مۇۋاپىق تەسۋىرلەنمىگەنىدى. مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھادىسىلەر ئۈنۈملۈك چۈشەندۈرۈشلەرگە ئېرىشەلمىگەن،بۇلارغا قارىتا يېڭىچە بولغان شەكىلنى مىقدارلىق تەسۋىرلەش ئۇسۇللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇشى زۆرۈر.

2. شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزمى تەھلىلى ـــ شەكىل ئىلمىنىڭ يادروسى
     بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر كۆرۈۋاتقان ھاياتىي كۈچكە تولغان تەبىئەتنىڭ شەكلىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇلارغا پەقەت تەسۋىرلەش ئېلىپ بېرىشلا كۇپايە قىلمايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەكىللەرنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزمىغا تەھلىل ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ شەكىل ئىلمىنىڭ يادروسى.شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزم تەھلىلى ئىككى تۈرلۈك: تىنچ شەكىللەرنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزم تەھلىلى ۋە ھەرىكەتچان جىسىملارنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزم تەھلىلى.


(1) تىنچ شەكىللەرنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزم تەھلىلى
     تىنچ شەكىللەر دېگىنىمىز، شۇ شەكىلنى تەشكىل قىلىپ تۇرغۇچى ماددىلارنىڭ تەقسىماتى تەكشى ھالەتنى ساقلىغان،سىرت بىلەن ماددا،ئېنىرگىيە،ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى بولمىغان،ئىچكى قىسمىمۇ تەڭپۇڭ ھالەتكە(ئىسسىقلىق تەڭپۇڭلۇقى،كۈچ تەڭپۇڭلۇقى،خىمىيلىك تەڭپۇڭلۇق قاتارلىقلار)ئۆتكەن شەكىللەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:كىرىستاللار ۋە ھەرخىل تەڭپۇڭ دىنامىك سېستىما قاتارلىقلار. تىنچ شەكىللەرنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزمىنى تەسۋىرلەشتىكى نەزەرىيلەر نۆۋەتتە خېلى پىشىپ يېتىلدى.تىنچ شەكىللەرنى شەكىللەندۈرىدىغان فىزىكىلىق مىخانىزمغا قارىتا چۈشەنچىمۇ ئايدىڭلاشتى.دىنامىك سېستىمىغا نىسبەتەن،تىنچ شەكىللەرنىڭ شەكىللىنىشىنى كونترول قىلىدىغان مىخانىزم بولسا ئېنىرگىيە(ئېغىرلىق كۈچ پوتنىسئال ئېنىرگىيسى،سىرتقى يۈز ئېنىرگىيسى،ئېلاستىك پوتنېسئال ئېنىرگىيە قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئەڭ ئاز بولۇش پىرىنسىپى.تېرمولوگىيلىك سېستىمىغا نىسبەتەن تىنچ شەكىللەرنىڭ شەكىللىنىشىنى كونترول قىلىدىغان مىخانىزم بولسا ھاسىلىۋى ئېنتروپىيە ئەڭ كىچىك بولۇش پىرىنسىپى(تەڭپۇڭلۇققا يېقىن سېستىما) قاتارلىقلار. خىمىيلىك رېئاكسىيە تۈرىدىكى سېستىمىلاردا
تىنچ شەكىللەرنىڭ شەكىللىنىشىنى كونترول قىلىدىغان مىخانىزم بولسا،خېمىيلىك پوتنېسئال ئېنىرگىيە ئەڭ ئاز بولۇش پىرىنسىپى قاتارلىقلار.

(2) ھەرىكەتچان جىسىملارنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزم تەھلىلى
    تەبىئەت دۇنياسىدا بىزنىڭ كۆپرەك ئۇچرىتىدىغىنىمىز ھەرىكەتچان شەكىللەردۇر.ئۇ ئېچىۋېتىلگەن سېستىمىدا شەكىللەنگەن ھەمدە ئۆزلۈكسىز «ئۆسۈپ يېتىلىدۇ».جانلىقلارنىڭ شەكلى،ئاقار جىسىملارنىڭ قاينام ھاسىل قىلىشى،چوڭىيۋاتقان دەل-دەرەخلەر،...بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتچان شەكىللەرنىڭ تىپىدۇر.
    ئېنىقكى،تىنچ شەكىللەرنىڭ شۇنچىلىك ئېنىقلىقتا تەھلىل قىلغىلى بولۇشىدىكى سەۋەب ــ ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا گۈزەل ئېكىستىرىموم قىممەت پىرىنسىپى تەرىپىدىن تىزگىنلىنىپ تۇرىدۇ.ئەمما،ھەرىكەتچان شەكىللەردە بۇ خىل ماس ئېكىسترىموم قىممەت پىرىنسىپىنى تاپقىلى بولمايدۇ.بۇ ھەرىكەتچان شەكىللەرنى تەتقىق قىلىشقا ناھايىتى زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.سەرپىياتچان قۇرۇلما نەزەرىيسى تەڭپۇڭ ھالەتتىن يىراقلاشقان
سەرپىياتچان قۇرۇلمىلىق
   شەكىللەرنىڭ تېرمولوگىيلىك ئېكىستىرىموم قىممىتىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇپ ناھايىتى زور ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈردى ھەم سۇپېرئېنتروپىيە ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قويدى.ئەمما، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ مۇۋەپپىقيەتنى پەقەت ئۇقۇمدىلا دېيىشكە بولىدۇ. سۇپېرئېنتروپىيە ئۇقۇمىدىن
ھەرىكەتچان شەكىلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نەتىجىسىز بولدى.ئۇنداقتا،ھەرىكەتچان شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزم تەھلىلىنى ئېلىپ بېرىشنى قانداق باشلاش كېرەك؟
    كىشىلەر شەكىلگە قارىتا يۇقىرىقىدەك سۇئاللارنى سورىغاندىلا شەكىلنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇت ھەم شۇنچە مۇھىم تۇرۇقلۇقمۇ بىزنىڭ شەكىلنىڭ ھەقىقى فىزىكىلىق مەنىسىگە بولغان تۇنۇشىمىزنىڭ شۇنچىلىك تېيىز(3)ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.تارىختا،ماتېماتىكىنىڭ بىر مۇھىم تارمىقى بولغان گېئومىتىرىيە جىسىمنىڭ شەكلىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىش ئۇبيېكتى قىلغان ئىدى(4).ئەمما،ماتېماتىكىلىق مەنىدە گېئومىتىرىيە شەكىلنى بىرخىل قورال سۈپىتىدىلا ئىشلىتەتتى،شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مەنىسىگە ئانچە چېتىلمايتتى.كىرىستال ئىلمى،ئاناتومىيە،بىئومورفولوگىيە قاتارلىق ئاز بىرقىسىم ساھەلەردە شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مەنىسى ئۈستىدە مۇنازىرىلەر بولغاندىن باشقا جىسىمنىڭ فىزىكىلىق شەكىل ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس تەتقىقاتنى ئىنتايىن ئاز ئۇچراتتۇق.ئۇمۇمەن،ئىلىم-پەن تارىخىدا شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مەنىسىگە بولغان چۈشەنچە نىسبەتەن كەمچىل بولغان.ئەمما،يېقىنقى زامانغا ۋە ھازىرقى زامانغا كەلگەندە شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مەنىسى ئۈستىدىكى تەتقىقات بارغانسېرى مۇھىم تەتقىقات تۈرى بولۇپ قالدى.شەكىل تەدرىجى ھالدا ساپ گېئومىتىرىيدىن ھالقىپ باشقا پەنلەر بىلەن گىرەلىشىپ پەن ھالقىغان مۇھىم تېما بولۇپ قالدى.شەكىلنىڭ فىزىكىلىق قانۇنىيتىنى تەتقىق قىلىش ھەرقايسى پەنلەرگە ئۇمۇملىشىپ باردى.فىزىكا ساھەسىدە ،شەكىل فىزىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قالدى. يىللاردىن بىرى گېئومىتىرىك ئوپتىكىدا فىزىكىدا قوللانغان گېئومىتىرىك ئۇسۇللار مۇھىم رول ئوينىدى.قاتتىق جىسىم مىخانىكىسىدىمۇ شەكىل ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق بىرقىسىم يېڭى بۆسۈشلەر بولدى. خىمىيەدىمۇ شەكىل ئۈستىدىكى تەتقىقات مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى.خېمىكلار مالېكولا تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلغان ۋاقىتتا شەكىلدىن مۇستەسنا پىكىر قىلالمايدۇ.خىمىيلىك ماددىنىڭ شەكلى ماددىنىڭ خۇسۇسىيتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.خىمىكلار ماددىلارنى بىرىكتۈرگەندە شەكىل ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئويلىشىدىغىنىدۇر.كاربۇن 60،كاربۇنلۇق نانومىتىرنەيچە قاتارلىق نەپىس ماتېرىياللارنىڭ بايقىلىشى يۇقىرى مالېكولا خېمىيسى ۋە ماتېرىيال ئىلمى ساھەسىدىكى ئالىملارنىڭ شەكىل ئۈستىدىكى ئىزدىنىش قىزغىنلىقىنى كۈچەيتتى. بۇ ھەقتىكى قىزىقىش ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيە ساھەسىدىمۇ تېخىمۇ كۈچلۈك بولماقتا. يەرشارى ۋە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ شەكلى،يۇلتۇزلۇقنىڭ تارقىلىش شەكلى،ئالەمنىڭ شەكلى،قارا ئۆڭكۈرنىڭ شەكلى،يەرقىياپىتى،دەريا-ئېقىنلارنىڭ شەكلى قاتارلىقلاركىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بىئولوگىيدە چوڭ-كىچىكلىك ۋە ئۆلچەم ناھايىتى مۇھىم ئۇقۇملاردۇر.كىشىلەر جانلىقلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە نىسبىتىگەقاراپ بىر جانلىق بىلەن يەنە بىرجانلىقنىڭ نېمىشقا شەكىل جەھەتتىن ئوخشىمايدىغانلىقى ئۈستىدە قىزىق سۇئاللارنى سورىشىدۇ.ئوخشىمىغان سۈرئەتتە ئوخشىمىغان چوڭىيىش ئۆزگىرىشى ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات تېمىسىدۇر. قۇرلۇش ئىلمى ساھەسىدە بىناكارلىقتەك بۇنداق تىپىك شەكىلگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىن سىرت يەنە يېڭى،يۇقىرى تېخنىكا ھاسىلاتلىرى شەكىل تەتقىقاتى بىلەن مەيدانغا كەلمەكتە.فىلولوگىيە ۋە ئىجتىمائى پەنلەر ساھەسىدە كىشلەر يەنە شەكىل بىلەن ئۆزلۈكسىز ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ.مۇرەككەپ ئىجتىمائى تورنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى،ئىقتىسادىي سېستىمىنىڭ شەكلى،شەھەر سېستىمىسىنىڭ شەكىل تۈزۈلۈشى قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دېققەت ئىتىبارىنى قوزغىماقتا.
      يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بېرى،كىشىلەرنىڭ دېققەت نەزىرىنىڭ مىكرودۇنيادىن ماكرو دۇنياغا تەرەققى قىلىشىغا ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سىزىقسىز پەنلەر مۇرەككەپ پەنلەر نۆۋەتتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر بولۇپ بولۇپ قالدى.بۇ پەنلەرنىڭ يادروسى بولسا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مودېلى ۋە پاتتېرىنى (ماكان-زاماندا مەلۇم قانۇنىيەتلىك تەكشىسىز قۇرۇلمابولۇپ،سېستىمىدىكى مىكرو پارامېتىرلار بەلگىلىك ئۇسۇلدا ئۆز-ئارا تەسىرلىشىپ،ماكرو ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.تەبىئەتتە ھەرخىل پاتتېرنلار كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت.-ت)،قۇرۇلما،شەكىللەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىش،سىزىقسىز پەنلەر ۋە مۇرەككەپ پەنلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى شەكىلنىڭ فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى قايتىدىن گۈللىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن شەكىل تەتقىقاتى كىلاسسىك مەنىدىن ھالقىپ شەكىلنىڭ فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى شەكىلنىڭ ئۆزىدىن ئىزدەيدىغان فىزىكىلىق مەنىدىكى شەكىل تەتقىقاتى جەلپكار تېما بولۇپ قالدى.
ئىككىنچى،شەكىل ئىلمىنى پەيدىنپەي تۇرغۇزۇپ چىقىش
     شەكىلگە نىسبەتەن فىزىكىلىق مەنىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نۇرغۇن مۇھىم بايقاشلارنى بارلىققا كەلتۈردى(4).فىزىكا ساھەسىدە،تەبىئى مېنرال كىرىستاللارنىڭ سىرتقى شەكلى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتا سىتەنسېن ئوتتۇرىغا قويغان يۈز-بۇلۇڭ ئۆزگەرمەسلىك قائىدىسى؛ئاسترونومىيەدە،ئېللىپىس شەكىللىك ئاسمان جىسىملىرى ترايىكتورىيە شەكلى تەتقىقاتى كېپلىر ئوتتۇرىغا قويغان ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ قانۇنىنى ئىلگىرى سۈردى.يەرشارى ئىلمى ساھەسىدە،يەرشارىنىڭ شەكلىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ۋېگنات چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ يۆتكىلىش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.خىمىيەدە،خىمىيلىك ماددىلارنىڭ شەكلىگە قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىمىيلىك ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشى(مەسىلەن:بېنزول ھالقىسى)دە زور بايقاشلار قولغا كەلتۈرۈلدى.بىئولوگىيەدە،ئەڭ دەسلەپ گىئوتې جانلىقلارنىڭ شەكلى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ «مورفولوگىيە ئىلمى »دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتتى.كېيىنچە تەبىئەتشۇناس تومسون ماتېماتىكا ۋە فىزىكا نۇقتىسىدىن جانلىقلارنىڭ شەكلى ئۈستىدە مىقدارلىق  تەتقىقات ئېلىپ باردى.ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى«ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە مورفولوگىيە»كېينكىلەرگە تەسىرى ئىنتايىن زور بولغان ئەسەردۇر(15). كېيىنچە ماتېماتىك تۇرىن خىمىيلىك ماددىلارنىڭ كېڭىيىپ تارقىلىش نۇقتىسىدىن ھايۋانلارنىڭ سىرتقى ئېپىدىرمىسى (تېرە يۈزى) دىكى سىزىقچە شەكىللەرنىڭ شەكىللىنىشىنى تەتقىق قىلدى(16).بۇ خىل تەتقىقات مىتودى مۇناسىۋەتلىك پەنلەرگە كېڭىيىپ ئابىدە خارەكتېرلىك تۆھپىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
     شەكىلنى فىزىكىلىق مەنىدىن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن نەزەرىيلەر تۇرغۇزۇلدى.يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بېرى،جانلىقلار مورفولوگىيسنىڭ شەكىللىنىشى ئۈستىدىكى مۇنازىرىلەردىن ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش نەزەرىيسى بارلىققا كەلدى.بىنارد قارشى ئېقىمى،BZ رېئاكسىيسى قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن سېستىمىدىكى قۇرۇلما ۋە مورفولوگىيە مۇنازىرىسىدىن بىريوسسېل ئىلمى ئېقىمىدىكىلەر ئۇپرىغۇچى قۇرۇلما نەزەرىيسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.لازىر نۇرىنىڭ تۈزۈلۈش ئانالىزىدىن ئوچۇق سېستىما تۈزۈلۈشى مېخانىزىمىنىڭ شەكىللىنىشىدە بۇ ئۇمۇميۈزلۈك نەزەرىيىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈش كۆرۈلدى(19).تەبىئەت دۇنياسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان  ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغان شەكىللەر ئانالىزىدىن بىروئىت ماندېلبىروت فراكتال گېئومىتىرىينى ئىجاد قىلىپ،ئوخشاشلىققا ئىگە شەكىللەرنىڭ فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكىدىن قايتا رەتلەش (1982-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) ۋە كارلوس نەزەرىيسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە بىۋاستە سەۋەپ بولدى.شەكىل ۋە قۇرۇلمىنىڭ كېلىپ چىقىش مەسلىسىگە بىۋاستە يۈزلەنگەندە مۇرەككەپ ئىلمى نەزەرىيلەر پىشىپ يېتىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ئىمكانىيتى ھازىرلىيالىشى مۇمكىن.
      شەكىل ھەققىدىكى تەتقىقاتلار شۇنچە كۆپ ساھەدە يېڭى بايقاشلارنى ۋە نەزەرىيلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ،كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇنىڭ ئەھمىيتى زور.شەكىل تەتقىقاتىنىڭ تارىخىغا ،ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرنى ئويغاتساقلا،قارىشىمىزچە، شەكىل ئىلمىنى مۇستەقىل بىر پەن قىلىپ تۇرغۇزۇشنىڭ شەرت-شارائىتى پىشىپ يېتىلدى. شەكىل ئىلمى(شەكىلشۇناسلىق)دە شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مەنىسىنى ئاساس قىلىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم شۇنداقلا شەكىل ئىلمى مۇستەقىل پەن سۈپىتىدە ساپ گېئومىتىرىيلىك مەنىدىكى شەكىللەر بىلەن باغلىنىشنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا بىلەن باغلىنىشى بولىدۇ. مۇشۇ بويىچە قارىغاندا، شەكىل ئىلمى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: ئۇ ئەمەلىي ھادىسلەردە كۆرۈلگەن شەكىلنى  بىرتەرەپ قىلىدىغان  فىزىكىلىق مېخانىزم،ئۇقۇم،مېتودلار تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ئۇ ئەمەلىي ھادىسلەر ۋە ساپ گېئومىتىرىيە ئوتتۇرىسدا كۆۋرۈك بولىدۇ؛ئۇ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا بىلەن باغلىنىشنى گەۋدىلەندۈرىدۇ؛ئۇ نۇرغۇن پەنلەردىن ھالقىغان،پەنلەر سېستىمىسىدىكى مۇستەقىل بىر پەن بۇلۇشقا تىگىشلىك.
     شەكىل ئىلمىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنىنىمۇ بەلگىلەيدۇ:شەكىلنى تەسۋىرلەش ۋە مىقدارلىق ھېسابلاش؛شەكىلنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى فىزىكىلىق مىخانىزم؛شەكىلنى ئۆلچەش،بىرتەرەپ قىلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك گىرافىك تېخنىكىسى.
ئۈچىنچى،شەكىل ئىلمى(شەكىلشۇناسلىق)نىڭ ئاساسلىق تەتقىقات مەزمۇنى

داۋامى بار...

形状的研究进展及建立形状科学的探讨--《自然杂志》2004年05期
http://www.cnki.com.cn/Article/CJFDTotal-ZRZZ200405011.htm

ئەسلى ماقالىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ:
«تەبىئەت ژۇرنىلى» خەنزۇچە2004-يىللىق5-سانىدىن ئېلىندى.

形状的研究进展及建立形状科学的探讨.pdf

199.67 KB, چۈشۈرۈش سانى: 5

ئەركيار

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4336
توردىكى ۋاقتى: 1724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 16:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق ئاكىمىزنىڭ شەكىل نەزىريىسى ئۇخشاشمىدۇ؟...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

8

تېما

2

دوست

2381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 17:34:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەرجىمە قىپسىز  مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى كۆپرەك تەرجىمە قىلاسىز.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13394
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 18:31:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 19:53  
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 16:23
قاسىم سىدىق ئاكىمىزنىڭ شەكىل نەزىريىسى ئۇخشاشمىدۇ؟...

بۇ تېمىدا ئوبىكتىپ دۇنيانى شەكىل نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشىنىڭ تەخىرسىزلىكى،مۇھىملىغى ،شەكىلشۇناسلىققا بىر يېڭى پەن قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشى لازىملىغى تەكىتلىنىپتۇ.بۇ نەق مەن مەشغۇل بولىۋاتقان ئەمگەكنىڭ قىممىتىنى دەڭسەشتە ياخشى پايدىلىنىش ماتىريالى ئىكەن.ئاپتۇرغا،تەرجىمە قىلىپ تورغا يوللىغۇچىغا ئالاھىدە رەھمەت ئوقۇيمەن.
سىزگىمۇ رەھمەت.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

*A B C D   - تۇت نۇقتا مۇناسىۋىتى
http://kayinat.com/bbs/forum.php ... mp;extra=#pid193428

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 19:29:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەلسەپە ما بۇ ؟

1

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9944
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 962
توردىكى ۋاقتى: 593
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 23:37:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن، رەخمەت.
مەزمۇن تەكرار كۆچۈرۈلۈپ قاپتۇ، «ئىككىنچى، ....»، «ئۈچىنچى، ...» دېگەن ماۋزۇلار تەكرار، مەزمۇنمۇ تەكرار. مۈمكىن بولسا تەھرىرلەپ قويۇلسا.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13394
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 13:23:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-20 13:27  

شەكىل نەزەريىسىدىكى ئاساسى ئوقۇملارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك شەكىل ۋە ھەجىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك.دەرۋەقە،بۇ تېما مىنىڭ خاتا تاللىمىغانلىغىمنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ.مەن 29-تىئورمىنى كەلتۆرۈپ چىقىرىشتىمۇ،نىيوتۇن ۋە ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرىدىن گۇمانلىنىشتىمۇ ھەركەت شەكلىنى تەتقىق قىلىشنى ئاساسى مېتۇت قىلغان ئىدىم.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13394
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 19:41:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 12:16  

سۇپېرئېنتروپىيە ئۇقۇمىدىن
ھەرىكەتچان شەكىلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نەتىجىسىز بولدى.ئۇنداقتا،ھەرىكەتچان شەكىلنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزم تەھلىلىنى ئېلىپ بېرىشنى قانداق باشلاش كېرەك؟
ـــــــــــــــــــــــــ

ھەركەت شەكلى ـــ مەن تەشەببۇس قىلغان شەكىل نەزەريىسىدىكى مۇھىم ئۇقۇملارنىڭ بىرى.كۇنكىرىت،يەككە جىسىمنىڭ ھەركەت شەكلىنى نۇقتۇلۇق تەتقىق قىلىش قىيىنچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتامۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.سېتاتىستىكا،ئېھتىماللىق قوراللىرى شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئاساسى قورالى ئەمەس.ھەرقانداق بىر جىسىم ئۇزىدىن نۇرغۇن فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )