- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1825
- نادىر
- 0
- يازما
- 163
ئۆسۈش
82.5%
|
komandir2010 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 21:47
بۇ بىر ئىككى يىلنىڭ ياغى قۇڭىغا ئۇرۇپلا تېپىۋالغان گە ...
لېكىن بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ تارىختىن بۇيان ئاشۇنداق ئويۇن ئويناپ كىشىلەر جامائەت ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ پىتنە-پاسات تېرىپ زىددىيەت تېرىپ ئارىغا سوغۇقچىلىق سالغانلارمۇ ھەم ھازىرمۇ سېلىۋاتقان لەنەتگەردى بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس ، ھازىر خەقنىڭ تېشىغا قاراپلا باھا بەرگىلى بولمايدۇ ، ئىچىدە نېمە شۇملۇق ئويلاۋاتقان ھەم ئويلىغانلارنىمۇ ئاسانلىقچە بىلگىلى بولمايدۇ ، لېكىن بۇ تورداشلارغا قارىتىلغان گەپ ئەمەس جۇمۇ شۇڭا توغرا چۈشىنەرسىلەر .. شۇڭا مەن كۆرمىگەن بىلمىگەن ئىشقا ئانچە بەك ئىشىنىپ كەتمەيمەن ، بەلكىم بىر ئىشلار سەۋەبلىك بۇرمىلىنىپ كەتكەندۇ ، دېمىسىمۇ تارىخىنىڭ بۇرمىلىنىشى دەپ بارغۇ . بەلكىم يە سىزنىڭ دېگىنىڭىزنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى باردۇ ، ئاساسى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ئىش نېمە سەۋەبتىن يۈز بەردى نېمە ئىش تەسىر قىلدى دېگەنلەرنى ئالدىن ئويلىشىپ بېقىپ ئاندىن ئۇنىڭغا بىر مەنتىقىلىق ھۆكۈم چىقارساق قانداقكىن دەيمەن ، دېمىسىمۇ كىشىنىڭ دەردىنى كىشى چۈشەنمەيدۇ ، كىشىنىڭ ھالىغا كىشى يەتمەيدۇ ، شۇڭا ھەركىم ئۆزى باسقان يولنى توغرا دەيدۇ ، ئۆزى دەسسىگەن سەنەمگە دەسسەۋېرىدۇ ، لېكىن شەيئىيلەرگە نىسبەتەن پىكىرنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى خەققە زورلاپ تېڭىش ھەم يەنە بىر شەيئىدىكى ھەل قىلىش چارىسىنى يەنە بىر شەيئىينىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىگە ئەينەن كۆچۈرۈپ مەجبۇرى تېڭىلماسلىقى كېرەك ، شۇڭا مەنمۇ سىزنىڭكىنى خاتا دېمەيمەن ، ھەم مەنمۇ خەقنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلىپ كەتمەيمەن ، لېكىن ئۆزۈمىزنىڭ قارىشىنى بولسا ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويساق بولىدۇ ، شۇڭا پەقەت شۇ مەن بىلمىگەن ئىش بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھەيرانلىقتىن سورىشىم ، مېنىڭچىمۇ بۇ راس بولسىلا چېسىلا ۋاقتى بويىچە چۈشىنىشلىك قىلىپ يازغىنىڭىزدىن سىزدىن مىننەتدارمەن . لېكىن يەنىلا بىر گەپنى دېگۈم كىلىدۇ يەنى بىر شەيئىينى يەنە بىر تۈپتىن ئوخشىمايدىغان شەيئىي ئورنىغا قويۇش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەستەك ھېس قىلدىم ، مىسال ئالغان شاپتۇل داموللا دېگەن ئاپئاق خوجىدىن ئېشىپ چۈشكەن سېپى ئۆزىدىن دىنىي مۇناپىق ، ئۇنىڭ ‹‹ رەسۇلۇللادىن كېيىن پەيغەمبەر مەۋجۇت بولمايدۇ ، ناۋادا بولغان تەقدىردىمۇ شىڭ دوبەن پەيغەمبەر بولىدۇ ›› دېگەنىكەن بۇ مۇناپىق . ناۋادا بىرى بىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان دېگەن قاراش توغرا بولسا ئەمىسە نېمىشقا نۇرغۇن ئەدىبلىرىمىزنىڭ ۋاپاتى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بولىدۇ ، يەنى مېنىڭ بىلىدىغىنىم 95 - يىلى كۆپرەك ، زوردۇن سابىر بولسا 98 غۇ دەيمەن . |
|