- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51317
- نادىر
- 0
- يازما
- 5380
ئۆسۈش
0%
|
bulaksuyi يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 19:00
قاسىم قارى ما دوئىلدىن قاشمىسىلا
ئەركىن سىدىق -جىك-قۇن ...
كاللا دېسە پاقالچەك دەۋەرمەي،ماۋۇ مەسىلىنى نىيوتۇن تارتىش كۈچى مەيدانىدا تۇرۇپ چۈشەندۆرەلمەيدىغانلىقلىرىنى تەن ئالسىلا.سىلىنىڭ ئاۋۇ تۆت سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە مەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئېغىرلىق كۈچى ئارا تۇرىدۇ. 9.8مىتىر سىكونىتتىن ئىبارەت ئېغىرلىق كۈچ تېزلىنىشى ئالما ئۇزىگە تەئەللۇق مىقدار بولۇپ قالىۋىرىدۇ.مەن بۇ نۇقتىنى تېمىدىمۇ،ئىنكاسلىرىمدىمۇ ئەسكەرىتكەن.سۈنئى ھەمرالار ئالاقىدار تەڭلىمە ،ھېساپلاشلار ئارقىلىق قويۇپ بېرىلىۋىرىدۇ.مەن ئىنكار قىلىۋاتقان نەرسە پىرىنىسپ،ئاساسى ئىدىيە.ھەرگىز پارامىتىر ئەمەس.دۇتتار كىمنىڭ دېسە ئالما ئۇزىنىڭ دېسەك بولىدۇ،ھەرگىز ئاتالمىش تارتىش كۈچىنىڭ ئەمەس!.
ئۇزلىرىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئۇزلىرىگە قايتۇرۇپ سوئال سورىسام شۇ ئالاقىدار مەسىلىگىلا جاۋاپ بەرمەي ياكى بېرەلمەي ماڭا ئاچچىقلىنىپ كەتكەنلىرى نىمىسى؟!.تارتىش كۈچى ئىدىيىسى يا سىلىنىڭ يا مىنىڭ خۇسۇسى مۆلكىمىز ياكى غۇرۇر-ئىپتىخارىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مۇقەددەس نەرسە ياكى دىن ئەمەس.ئۇنىڭدا گۇمانلىق نۇقتىلار بولسا ئوتتۇرىغا قويۇمىز،مۇھاكىمە-مۇنازىرە ئارقىلىق ھەل قىلالىغانچە ھەل قىلىمىز.خاتا بولسا توغرىسىنى تاپىمىز.ئىلىم-پەن مانا مۇشۇنداق نەرسە.ھازىر سىلى ئوتۇررىغا قويغان تەشەببۇسلارنىڭ ئۇزى نىيوتۇن تارتىش كۈچىنى ئىنكار قىلىۋەتتى.ئۇزلىرى بۇنى تېخى ھېس قىلالمايۋاتىلا.ياق مەن نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى ئىنكار قىلمىدىم،مەن ئۇنىڭغا ئىلاھى نەرسىدەك چوقۇنۇمەن دېسىلە،ئۇنداقتا ماۋۇ مەسىلىنى چۈشەندۇرسىلە:
بۇ سىلىنىڭ دىگەنلىرى:
سىلى ئىككى خىل يۆلىنىشتە دەپ ئېيتىپتىلا، لىكىن تەپسلى ئىنچىكە تەقتىق قىلىدىغان بولساق ئىككى خىل ئەمەس يەنە بىر نەچچە يۆلىنىشتە ھەركەت قىلىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بۇلىدۇ. مەسىلەن:1. ئالما يەر يۈزىگە قاراپ ھەركەت قىلىدۇ، 2. ئالما يەر شارى بىلەن تەڭ ئۆز ئۇقىدا ھەركەت قىلىدۇ. 3. ئالما يەرشارى ئوبىتىسىدا يەرشارى بىلەن تەڭ ئوربىتا ھەركىتىگە قاتنىشىدۇ. 4. قۇياش سېستىمىسى بىلەن تەڭ ھەركەت قىلىدۇ. ئىزدەنسەك يەنە بار. لىكىن بۇ مۇرەككەپ مەسلىگە قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ھىساپلاشتا ئالى ماتىماتىكا بىلىملىرى ۋە ئالى فىزىكا بىلىملىرى لازىم بۇلىدۇ. بۇنى سىلىگە دىسەممۇ ھەرگىز ھىس قىلىپ يىتىپ بۇلالمايدىلا...........
............
مەن ئەلۋەتتە ئىنكار قىلىۋەتمىدىم. يەرگە نىسبەتەن چوقۇم تۇپتۇز سىزىق بۇيىچە يەرگە چۈشىدۇ. مەن قانداق ئىنكار قىلىۋەتكۈدەكمەن؟
___________
بۇ مىنىڭ دىگىنىم:
سىلى خۇددى بىر تال ئالمىنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا 30كىلومىتىر سىكونتلىق تېزلىك بىلەن شەرىققە قاراپ ماڭىدۇ.يەنە شۇ ۋاقىتتا ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى بىلەن جەنۇپقا قاراپ ماڭىدۇ،دەۋاتىلا.يەنە ئىنكار قىلمىدىم دەيدىلىغۇ؟.يۇقۇرقىلارسىلىنىڭ گەپلىرىغۇ _ئەينا!.
سىلى بۇ بىر تال ئالمىنى ئوخشاش بىر پەيىتتە ھەم ۋېرتىكال يۆنىلىشتە ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشىدە ھەركەت قىلىدۇ،ھەم 30كىلومىتىر سىكونىت تېزلىك بىلەن گورزېنتال يۆنىلىشتە ئۇربىتىدا ھەركەت قىلىدۇ،دەۋاتىدىلا.سىلىنىڭ دىگەنلىرى بۇيىچە بولسا ئالمىنىڭ تىرايىكتورىيىسى يەنىلا يەر مەركىزىگە تىك بولغان تۆز سىزىق بولامدۇ؟.تورداشلارمۇ مۇھاكىمە قىلىپ باقسۇن.بۇ بىر تاللا ئالما جۇمۇ!.سىلى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ھەم غۇلجىدا ھەم قەشقەردە پەيدا بولالاملا؟!.
ئالمىنىڭ چۈشۈش جەريانىدا ھەر بىر كونكىرىت پەيىتلەردىكى ئورنى زادى قەيەرلەردە؟.
مەن ئوتتۇرىغا قويغان سوئال سىلىنىڭ يۇقۇرقى تەشەببۇسلىرىدىن تۇغۇلغان سوئال.ياكى خاتا دەپ قويۇپتىمەن،دەپ تۇغرىسىنى تېپىپ كەلسىلە ۋە ياكى ھېچبولمىغاندا نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىدە ھەقىقەتەن بەزى مەسىلىلەر باركەن دەپ تەن ئالسىلا.شاختىن شاخقا قونۇۋەرمەي،ئاۋال ماۋۇ ئاساسى مەسىلىنى پاكىزە يوغۇشتۇرۇپ ئاندىن باشقىسىغا ئۆتكەيلا!.
|
|