- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1237
- نادىر
- 0
- يازما
- 73
ئۆسۈش
23.7%
|
مەسىلىلەرگە سىنىپىي نۇقتىدىن، ھەم سىياسىي نۇقتىدىن باھا بېرىش ۋە شۇنداق چۈشۈنىپ قېلىش دەۋىرنىڭ چەكلىمىسىدىن بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ يەنىلا تەپەككۈنىڭ قاتتىق تورمۇزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل قېلىپلاشقان تەپەككۈر شەكلى بىلەن ئىنسان مەنىۋىيىتىگە ئورتاق بولغان مەسىلىلەرنى ئۆز ئەينى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. قاتمال تەپپەككۈر شەخىسنىڭ مەنپەئەت ۋە شەخسىيىتىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. تەپپەككۈر ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا مۇھتاج.
ئەقىلگە مۇناسىپ چەكلىمىسىز بوشلىق بولمىسا، ئەقىل يەنە نىمە ئىشلارنى قىلالايدۇ. دوگما پىكىر ئېقىمى پەقەت چەكلىك دۇنيا قاراشقىلا خىزمەت قىلىدۇ. ئىنسان تەپەككۈرى ھامان زامان-ماكننىڭ تەقىبلىشى ئاستىدا تۇرىدۇ. بۇ ئەقىلنىڭ بىر تەرەپلىمە ئېغىشىنى كەلتۈرىپ چىقىرىدۇ. نوقۇل ئەخلىيەتچىلىك تار نەزەر دائىرىلىك زىددىيەتلىك بوشلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ، ھەقىقىي ئىنسان تەبىيئىتىگە ۋە ئىنسان مەنىۋىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. روھىيەتتىن ئايرىلغان ئەخلىيەت ھامان مەنپەئەت، شەخسىيەتچىلىك ۋە بىر تەرەپلىمە ئېغىش خاھىشى ئىچىدە گۇمران بولماي قالمايدۇ. |
|