- تىزىملاتقان
- 2012-8-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1232
- نادىر
- 1
- يازما
- 55
ئۆسۈش
23.2%
|
كىچىك سابىرى ئەپەندىم تېمىنى يوللاپ قويۇپ ئۆزى تېما ئارقىسىدىن بىر قېتىممۇ قوغلاپ قويمىغاندك. لېكىن كۈنىگە ۋاقتى يار بەرسىلا قاراپ قويىۋاتقانلىقىنىمۇ پەرەز قىلىمەن. دېمەك كىچىك سابىرى ئەپەندىم ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان تېما بولغاندىن كېيىن تېمىنىڭ بوغاز بولغان بولمىغانلىقىغىمۇ دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
بىرى، كىچىك سابىرى ئەپەندى مۇشۇ تېما مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ ‹‹بىر كىتاب بىر ئالەم›› پۇراگىراممىسىنىڭ قەتئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى لازىملىقى ھەققىدە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىغا تەلەپ قويىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشى ھەم مۈمكىن بولسا مەسئۇللارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى بىلەن بىزنى ۋاقىپلاندۇرسا دېگەن ئۈمىدتە بىز. ھازىر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قاتتىق تەكىتلىنىۋاتىدۇ. 200مىڭدىن ئارتۇق ئەرش سەر لەشكەرلىرىمۇ تەڭرىقۇتنىڭ يارلىقى بىلەن پەرشكە چۈشۈپ خىزمەتلەرنىمۇ قانات يايدۇردى. بىز كۆرۈرمەنلەرمۇ خەلقنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ‹‹بىر كىتاب بىر ئالەم››نىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى، مەسئۇللارنىڭ بۇ پىراگىراممىنى ئىسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىزدەك خەلققە تېخىمۇ ھەقىقىي رەۋىشتە نەپ يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىمىز. كۆرۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ قالدى، دېگەن گەپنى زادى تىلغا ئالماسلىقىنى سورايمىز. ئاددىي بىر مىسال، چېلىقى كىچىك زېرەك دېگەن يانفۇنچاق ئىشلىتىلىپ توختاش ئالدىدا بىزنىڭ يۇرتتا كىچىك زېرەكچاقنى ئىشلىتىۋاتقان بىرلا ئابۇنت قاپتىكەن. بۇ شىركەت شۇ بىر ئادەمنى دەپ بۇ شىركەتنى ئۈچ يىل بىر ئادەم ئۈچۈن ئېچىپ بەرگەن. ئىشلىتىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتتى، دەپلا دۇكاننى تاقاپ كەتمىگەن.شۇڭا ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ بۇ ھەقتە چوقۇم دانالىق بىلەن ئاخىقر قارار چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
يەنە بىرى، دۆلەت ئالدىنقى يىلى مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، ھۆججەت روھىنى شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئەڭ نۇقتىلىق ئاخپارات نۇقتىلىرىدا ئېلان قىلىپ، شۇ كۈندىن تارتىپ كىنو، تېلىۋىزيە تىياتىرى، سەنئەت پىراگىراممىسى قاتارلىق بىر پۈتۈن نومۇر ئىچىدە ئېلان قىستۇرۇپ بېرىلىشنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ بولۇپ، دەرھال توختىتىلغانلىقى ھەم قايتىلاپ قىستۇرۇپ بېرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغان ئىدى. ئامما ئارىدىن مانا ئىككى يىل بولا-بولمايلا ئىستانسا فىلىم ئىچىگە يەنە ئېلان قىستۇرۇپ تارقاتقىلى تۇردى. شۇڭا ئىستانسىنىڭ قانۇننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشنى، قانۇننىڭ نوپۇزىنى ساقلاشنى، قانۇننى شامالنىڭ يۆلۈنىشى بويىچە ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋىسىيە قىلىمەن. چۈنكى پۈتۈن خەلق، پۈتۈن جەمىيەتكە قانۇندىن ئۇچۇر بېرىپ، ئۆزى تەشۋىق قىلىپ يەنە ئۆزىنىڭ خىلاپلىق قىلىشى كىشنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى دۆلەت يولغا قويغان قانۇن، نىزاملارنى ئۆزى تەشۋىق قىلىپ، يەنە ئۆزى خىلاپلىق قىلدى، دېسىمۇ ھەجەپ بىر تۇرىدىكەن.
كىچىك سابىرى ئەپەندىمنىڭ بۇ ئىنكاسلارنى دوقمۇش پاراڭلىرى دەپ قارىماي يەتكۈزۈپ قويىشىنى سورايمىز. |
|