شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىدىكى يېڭى نۇرلىنىشلار كىچىك سابىرى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار، سىلەر بىلەن بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم پىكىرلىشىش پۇرسىتىگەئېرىشكىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن . ئۆزۈم تېلېۋىزىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقاچقىمۇ ۋە ياكى بۇ كەسىپكە بەك ئىشتىياقىم بارلىقىدىنمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ تېلېۋىزىيە ئىشلىرىغا ئائىت پاراڭ بولسا، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمايمەن . بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيانقى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىدە يۈز بېرىۋاتقان يېڭىلىقلار مېنى يەنە بۇھەقتە ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى بايان قىلىشقا مەجبۇر قىلدى . شۇڭا ئويلىغانلىرىمنىدادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلاپ، دوستلار بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلەشسەك دېگەن ئۈمىدتىمەن . ھەممىمىزگەمەلۇم 1970 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى قۇرۇلغاندىن بۈگۈنگەقەدەر، بۇ ئورگان خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجىن – سىياسەتلىرىنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزىدىغان مۇھىم تەشۋىقات ۋاستىسى بولۇپ كەلمەكتە . شىنجاڭ تېلېۋىزىيەئىستانسىسى ئۇيغۇرچە قانىلىمۇ ئەڭ دەسلەپ ھەپتىدە بىر قېتىم ئىككى سائەت ئەتراپىدائۇنۋېرسال پىروگىرامما كۆرسىتىشتىن، بۈگۈنكى ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى .مەن ئېسىمنى بىلسەم (1995-يىللىرىغۇ دەيمەن) كىشىلەر بەكرەك ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە پىروگىراممىسى «سەنئەت ئەلبومى» پىروگىراممىسى ئىكەنتۇق . ياش تالانتلىق رىياسەتچى مۇنىرە غوپۇر ھەدىمىزنىمۇ ئەينى چاغدا مەن دەل ئەنە شۇ پىروگىراممىدىن تونىغان ۋە قايىل بولغان . ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا يولغا قويۇلغان «تېلېۋىزوركۆرگۈچىلەر دوستى»، «كېلەر ھەپتىلىك ئېكراندا»، «تەڭرىتاغ گۈلزارى»، «ئالتۇن كۆزنەك»، «مۇنبەت تۇپراق»، «كۆڭۈلدىكى سۆز»، «قانۇن ۋە پۇقرا»، «پەن ۋە مائارىپ»،«ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار»، «سەنئەت گۈلزارى»، «مەشرەپ»، «شادلىق سەيناسى»، «تەلەي يۇلتۇزى»، «مەدەنىيەت بوستانى»، «شىنجاڭ تەنتەربىيىسى»، «ناۋا» ... قاتارلىق پىروگىراممىلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ مەيدانغا كېلىپ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى . يېقىنقى بىر قانچەيىلدىن بۇيان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا يولغا قويۇلغان «بىر كىتاب بىرئالەم»، «ئېكران»، «يېڭى ناۋا»، «ھايات جىلۋىسى»، «ئىستىمال ۋە ساغلاملىق»، «ئىستىقبال سەھنىسى»، «گۈزەللىك سىزدە»، «دېھقانلار شادلىقى»، «ئېچىل داستىخىنىم»، «يېپەك يولى ساداسى» قاتارلىق بىر قىسىم ئۆزگىچە يېڭى پىروگىراممىلار كىشىنى تېخىمۇ خوشالقىلىدۇ . گەرچە بۇ پىروگىراممىلار يەنىلا دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس، پىروگىراممىدايەنە بىر قىسىم چوڭ – كىچىك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما، دادىللىق بىلەنبېسىلغان بۇ قەدەملەر ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە تارىخىدا ئۆزىگە مۇناسىپ يېڭى سەھىپەئاچتى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ . بۇ پىروگىراممىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئاپتونومرايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پارتىكومىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ۋە كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ – ئەلۋەتتە . ھەممىمىزگەمەلۇم ھازىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇيغۇرچە قانالدىن 6 سى بار . بىزدائىم كۆرىدىغانلىرى 2 -، 5 -، 9 – قاناللار . شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى بۇ ئۈچ غوللۇق قانالدا ھازىر رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولىۋاتىدۇ . رىقابەت قانچە كەسكىنلەشكەنسېرى ھەر قايسى قاناللار ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق يېڭى – يېڭىنادىر تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە . بۇ جەھەتتە بولۇپمۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى ئىقتىساد - تۇرمۇش قانىلىنىڭ (9-قانال) قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك . دېمىسىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ھازىر «9-قانال كۆرۈش قىزغىنلىقى» يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . بۇ قىزغىنلىق 2013 – يىلى 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 9 –قانىلىدا «يېڭى ناۋا» پىروگىراممىسى يولغا قويۇلۇشى بىلەن باشلانغان ئىدى . كېيىن ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلغان «ئىستىقبال سەھنىسى»، «گۈزەللىك سىزدە»، «ئېچىل داستىخىنىم»، «يېپەك يولى ساداسى» قاتارلىق نادىر پىروگىراممىلار ھەم تېخى يېقىندىلا قويۇلۇشقا باشلىغان ئابدۇكېرىم ئابلىز، خاسىيەت قۇربان قاتارلىق داڭلىق ئاكتىيورلار رول ئالغان «بۇ ئائىلىگە قاراڭ» ناملىق ئۇيغۇرچە چوڭ تىپتىكى كومىدىيىلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن بۇ قىزغىنلىق تېخىمۇ كۈچىيىپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد – تۇرمۇش قانلىنىڭ (9-قانال) ئىناۋىتى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلى (2 – قانال) «بىر كىتاب بىر ئالەم» (ھازىر كۆرۈش نىسپىتى ئۆلچەمگە يەتمەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى)، «كۆزنەكتىن كۆڭۈللەرگە» (ھازىر كۆرۈش نىسپىتى ئۆلچەمگە يەتمەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى)، «مائارىپ» (ھازىر كۆرۈش نىسپىتى ئۆلچەمگە يەتمەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى)، «بايقاش» ۋە «دېھقانلار شادلىقى» پىروگىراممىسىنى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو-تېلېۋىزىيە-تىياتىر قانىلى (5-قانال) بولسا «ئېكران» ۋە«جەلىپكار شىنجاڭ» پىروگىراممىسىنى ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق يېڭىدىن تەسىس قىلىپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نەتىجىلەر ئىقتىساد – تۇرمۇش قانىلى(9-قانال) قولغاكەلتۈرگەن نەتىجىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئارقىدا تۇراتتى . ئۇنداقتا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد – تۇرمۇش قانىلى (9-قانال) قانداق قىلىپ بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىدى؟ ئىگىلىشىمچە، ئىقتىساد– تۇرمۇش قانىلىدا يولغا قويۇلغان بۇ پىروگىراممىلار شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى2012 – يىلى «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى كىنو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» ۋە «كىنو –تېلېۋىزىيە خىزمىتى ئىشخانىسى» تەسسىس قىلىپ، بازارلىشىش يولىغا ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن يولغا قويۇلغانىكەن . دېمەك بۇ ئەمەلىيەت بىزگە بازارلىشىش يولىغا مېڭىشنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم بىر يول ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەردى . چۈنكى بۈگۈنكى بازار دەۋىردە تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلرىنى سەۋىيىلىك ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ كۆرگۈدەك قىلىش ئۈچۈن ئىقتىساد ۋە ئىقتىساسلىقلار كېرەك . ھازىرقى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدابار بولغان چەكلىك مەبلەغ ۋە ئاز بىر قىسىم ئىقتىساسلىقلار بىلەن ئىش تاڭ ئاتمايدۇ- ئەلۋەتتە . شۇڭا چوقۇم بازارلىشىش يولىغا مېڭىش ھەم جەمئىيەتتىكى ئىقتىساسلىقلارنى قېزىش كېرەك . ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى ئاللىبۇرۇن بۇ يولغا مېڭىپ بولدى . شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە يارىتىۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمى ئۇلار ئۆزلىرى ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى بولىۋاتىدۇ . بۇ تەرىپىنى تونۇپ يەتكەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پارتكومىدىكى رەھبەرلەر 2012 –يىلى بايا مەن دەپ ئۆتكەندەك تەدبىر قوللىنىپ، ئەڭ مۇھىمى بازارغا يۈزلىنىپ مانا بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە مېۋىسىنى كۆرۈۋاتىدۇ . بۇ جەرياندا ئۈرۈمچىدە بارلىققا كېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى تازا دېگەندەك جارى قىلدۇرۇپ كېتەلمەيۋاتقان بىر قىسىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركەتلىرى باشقىدىن جانلىنىپ، بۇ جەھەتتە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى . شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد – تۇرمۇش قانىلى (9-قانال) ئىستانسىسا رەھبەرلىرى بىلەن ماسلىشىپ بۇ خىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركەتلىرىگە ياخشى سەھنە ھازىرلاپ بەردى . يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد –تۇرمۇش قانىلى (9-قانال) شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى باشقا ئۇيقا ھالىتىدە ياتقان ئۇيغۇرچە قاناللارغا بۇ جەھەتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى چالدى . ئەنە شۇسەۋەپتىن يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلى(2–قانال) ئۈرۈمچى LB مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى پىلانلاپ ئىشلەۋاتقان، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان ئۇنۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش پىروگىراممىسى «شېرىن چۈش»پىروگىراممىسىغا، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو-تېلېۋىزىيە-تىياتىر قانىلى(5-قانال) بولسا شىنجاڭ دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى پىلانلاپ ئىشلەۋاتقان ئۇنۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش پىروگىراممىسى «تالانت سەھنىسى» پىروگىراممىسىغا ئورۇن بېرىشكە مەجبۇربولدى . ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ئىككى قانالنىڭ كۆرۈش نىسپىتى تەسىرگە ئۇچىراپ، كۆرۈرمەنلەر توپىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. «شېرىن چۈش»، «تالانت سەھنىسى» قاتارلىق بۇ يېڭى پىروگىراممىلارمۇ پات يېقىندا كەڭ كۆرۈرمەن دوستلاربىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ، ھازىر تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددى ئىشلەنمەكتە. ئىشقىلىپ ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسىدىكى ھازىرقى ئادىل رىقابەت، پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئىستانسىسا رەھبەرلىرىنىڭ دانا تەدبىرلىرى ئۇيغۇرتېلېۋىزىيە ئىشلىرى تەرەققىيارتىغا ئۆچمەس ئىزلارنى، يېڭى نۇرلىنىشلارنى ئېلىپ كەلمەكتە . بۇنى يەنىلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللاپ – قۇۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ – ئەلۋەتتە . شۇڭا ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ئىنتايىن مۇھىم، بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى بولسا يەنىلا قوللاش ۋە مەدەت بېرىش ! ئاخىرىدا بارلىق دوستلاردىن كۈتىدىغىنىم، ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسىدە بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى پىروگىراممىلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايلى ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرەيلى ! ئۇلارمۇمەدەت ۋە قوللاشلىرىمىز ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، جەمئىيىتىمىزگە ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشسۇن ۋە كەڭ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرسۇن !
2014 – يىلى 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى مەنبە : ئۆزۈم
(ئەسكەرتىش : ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا سالون ۋە تور بەتلەر قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ !)
|