- تىزىملاتقان
- 2012-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4072
- نادىر
- 1
- يازما
- 174
ئۆسۈش
69.07%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قەيسەر ئاكا!
ئايالىڭىز 97-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولسا، سىزمۇ مەندىن خېلىلا چوڭ ئىكەنسىز، مەن 2002-يىلى شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كەسىپىنى پۈتتۈرگەن ئىدىم.
ماقالىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ، ھەقىقەتەن بەكلا ئىلھاملاندىم، ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن ياشلىرىمىزمۇ بۇ ماقالىڭىزنى ئوقۇپ، زور ئىلھاملارنى ئالدى.
ئېسىمدە قېلىشىچە، 2004-يىلىمۇ ياكى 2005-يىلىمۇ، ئېسىمدە قالماپتۇ، مەن توردا ئامېرىكىدا ئىشلەۋاتقان ئەكبەر ئىسىملىك بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، قولۇمدىكى ئۇيغۇرچە ئەيدىز ماتېرىياللىرىنى ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدىم، شۇ ۋاقىتتا مەن ئەيدىز توغرىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتاتتىم، ئەكبەر ئۆزىنى لوس- ئانجىلىس CDC (كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى) دە ئىشلەيمەن دېگەن ئىدى، ئۆزىمۇ يېڭى يېزىقتا ئەيدىز ھەققىدە مەلۇم بىر تور سەھىپىسى ئېچىپ يوللاۋاتقان ئىكەن، كېيىن مەن بەرگەن ماقالىلارنىمۇ شۇ سەھىپىگە يوللىغىنى ئېسىمدە. شۇ چاغلاردا، ئاشۇ يوللانمىلار تور دۇنياسىدىكى بىردىنبىر ئەيدىز ھەققىدىكى ماتېرىياللار ئىدى، لېكىن خۇداغا شۈكرى، ھازىر بۇنداق ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار توردا ئىنتايىن كۆپ....
ھېلىقى گۈلقىز دېگەن قىز 2001-يىلى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن بولسا، ئۇنى تونۇشۇم مۇمكىن.
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالدىنى ئېلىش كەسىپىنى ئوقۇغانلىقىمدىن كۆپ پۇشايمان قىلدىم، بۇ كەسىپتىكىلەر پەقەت ۋە پەقەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىلا ئىشقا چۈشەلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر يۇرتتا پەقەت ۋە پەقەت بىرلا شۇنداق ئورۇن بولغاچقا، باشقا تاللاش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رەسمىي بولۇپ كىرىش ئۈچۈن بىر مۇنچە ئارقا ئىشىك، پۇل خەجلەشلەر زۆرۈر بولىدىكەن. ئىشقىلىپ، دىيارىمىزدىكى بۇنداق ناچار ئىشلاردىن بەكلا تويۇپ كەتتىم. قىزىققان بىرەر ئىشڭىزنى قىلىپ كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلمىسىڭىز، چۈشكۈنلەشكىنىڭىز چۈشكۈنلەشكەن.
شۇڭا قوشۇمچە تەرجىمانلىق قىلىپ ھاياتىمنى ساقلاپ قېلىۋاتىمەن، ئۆزەمنىڭ قىزىقىشىمۇ دەل شۇ تىل- يېزىق ئىكەنلىكىنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاندىن ھېس قىلىپ يېتىۋاتىمەن. بىكار ۋاقتىمدا تەرجىمە قىلىپ ئازراق پۇل تاپىمەن، ۋاقتىم تېخىمۇ ئاشسا تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلى دېگەندەك ژورناللارغا ئانچە- مۇنچە ماقالە يوللاپ قويىمەن. بۇ ئىشقا تېخىمۇ كىرىشىپ، چاغاتاي تىلى، ئاندىن كونا تۈركىي تىللارنى ئۆگىنىۋاتىمەن. ئەمدى چوڭقۇرلاپ كەتسە، بارلىق تۈركىي تىللارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ۋە يىلتىزىغا بېرىپ كېتىشى مۇمكىن....
ئىشقىلىپ، بۇ يەردىكى كۈنلەر ھەم مەنىسىز ھەم مەنىلىك ئۆتىۋاتىدۇ.
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭىلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ مەكتەپداش ۋە كەسىپداشلىرىمىزنىڭ تېببىي ساھەدە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە يېتىشىگە تىلەكداشمەن! |
|